نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 17:28:08

باشقىلار پالاكەتكە يولۇققاندا،ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك قىلماسلىق كېرەك

بىر چوشقا،بىر قوي،بىر ئىنەك بىر قوتاندا تۇرىدىكەن.ئادەتتە ئۇلار ناھايتى ئىناق ئۆتىدىكەن.بىر كۈنى پادىچى كىرىپ،چوشقىنى تۇتماقچى بوپتۇ.چوشقا ئۇياق-بۇياققا يۈگۈرۈپ،پادىچىنى يىقىن كەلتۈرمەپتۇ.لېكىن ئاخىرى تۇتۇلۇپ قاپتۇ.چوشقا پۈتۈن كۈچى بىلەن چىرقىراپ،تېپچەكلىگىلى تۇرۇپتۇ.چۈنكى ئۇ ئۆز تەغدىرىنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىپ بولغانىكەن.
قوي بىلەن ئىنەك چوشقىنىڭ چىرقىراق ئاۋازىدىن تولىمۇ بىزار بولۇپ:
-پادىچى بىزنىمۇ دايىم تۇتىدۇ.بىزمۇ چىقىرمائزغۇ!سەن نىمانچە چىقىرايسەن،دەپتۇ.
ئۇلارنىڭ گىپىنى ئاڭلاپ چوشقىنىڭ بەك ئاچچىقى كەپتۇ.ئۇ قوي بىلەن ئىنەكنىڭ ئۆزىنىڭ ئەھۋالىنى چۈشەنمىگەنلىكىدىن خاپا بوپتۇ ۋە:
سىلەرنى پەقەت يۇڭ ۋە سۈتۈڭلارنى ئېلىش ئۈچۈن تۇتىدۇ،مېنىچۇ?جېنىمنى ئىلىش ئۈچۈن تۇتىدۇ.ئەھۋالنى چۈشەنمەي تۇرۇپ قالايمىقان پىكىر قىلدىكەنسىلەر.سىلەر ئۈۋۈن مەن خىجىل بولىۋاتىمەن،دەپتۇ.


نەپرەت تەرجىمىسى

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 17:31:17

جەمىيەت چوڭ كوللېكتىپ.پەقەت ئۆز ئارا چۈشىنىشكەندە،ئىشىنىشكەندىلا باشقىلارنىڭ ياردىمى ۋە ئىشەنچىسىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ.
باشقىلار كېلىشمەسلىككە يولۇققاندا ئۇلارغا كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك.
بەت: [1]
: باشقىلار پالاكەتكە يولۇققاندا،ئۆلمەك ئۈستىگە تەپمەك قىلماسلىق كېرەك