ئارتۇقچىلىق ۋە كەمچىلىكنى ئىگىلىۋالغاندىلا ھايات گۈزەل بولىدۇ
بىر كۆلچەك بار بولۇپ،بۇ يەردە بىر چايان بىلەن بىر پاقا ياشايدىكەن.بىر كۈنى چايان كۆلچەكتىن ئۆتمەكچى بوپتۇ.بىراق سۇ ئۆزەلمىگەچكە،كۆلچەكتىن ئۆتۈشكە ئامالسىز قاپتۇ.ئۇ قانداق قىلسا كۆلچەكتىن ئۆتەلەيدىغانلىقى ئۈستىدە باش قاتۇرۇشقا باشلاپتۇ.
ئۇ بىردىنلا پاقىنىڭ كۆلچەك بويىدا دەم ئىلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ قاپتۇ دە،پاقىنىڭ ئالدىغا كىلىپ،ناھايتى سەمىمىي قىياپەتتە ئۇنىڭغا يالۋۇرۇشقا باشلاپتۇ:
-پاقا ئاكا،خاپا بولماي مېنى يۈدۈپ كۆلچەكتىن ئۆتكۈزۈپ قويامسىز?
-بولىدۇ،بىراق ھازىرقى ئەھۋالدا،ساڭا ماقۇل بولامايمەن.چۈنكى سەن مەن سۇ ئۈزىۋاتقاندا مېنى چېقىۋىلىشىڭ مۇمكىن!
-مەن پەقەت كۆلچەكتىن ئۆتمەكچى،ساڭا رەھمەت ئېيىتماي سېنى چېقىۋالامتىم?سېنى چاقسام،سەن ئۆلسەڭ مەنمۇ چۆكۈپ كېتىمەن ئەمەسمۇ?سېنى چېقىشىمنىڭ ھېچقانداق ئاساسى يوق،دەپتۇ چايان.
پاقا گەرچە چاياننىڭ ناھايتى زەھەرخەندە ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرسىمۇ،لېكىن چاياننىڭ گىپىنىڭ ئاساسى بار دەپ ئويلاپتۇ.شۇنىڭ بىلەن پاقا،چايان بۇ قېتىم ئۇنداق قىلماس،دەپ ئۇنىڭغا قوشۇلۇپتۇ.
چايان خۇشال بولۇپ،پاقىنىڭ دۈمبىسىگە چىقىپتۇ.ئۇلار كۆلچەكنى كېسىپ ئۆتۈشكە باشلاپتۇ.دەل كۆلچەكنىڭ ئوتتۇرىسىغا كەلگەندە،چايان تۇيۇقسىز پاقىنى چېقىۋاپتۇ.
ئېغىر يارىلانغان پاقا ۋارقىراپ:
نېمىشقا مېنى چاقىسەن?مەن ساڭا ياردەم بېرىۋاتقان تۇرسام.مەن ئۆلسەم،سەنمۇ سۇغا چۆكۈپ ئۆلىسەن،بۇنى بىلىسەنغۇ? دەپتۇ.
-ئۇنى بىلىمەن،دەپتۇ چايان چۆكۈپ كېتۋىتىپ:
بىراق ئامالىم يوق.مەن دىگەن چايان.چوقۇم سېنى چېقىشىم كېرەك.بۇ مېنىڭ تەبىئىي خۇسۇسىيىتىم.
نەپرەت تەرجىمىسى تۇرمۇشتا باشقىلارنىڭ ئارتۇقچىلىقى ۋە كەمچىلىكىنى كۆزىتىشكە ماھىر بولساقلا،باشقىلار بىلەن ياخشى ئالاقە ئورنىتالايمىز.
بەت:
[1]