HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 14:33:40

تولغاق

قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

      ئاچچىق تولغاق قىيناپ جېنىمنى،         
         مىڭ ئولۈپ بىر تىرىلگىنىمدە.
         ئەپسۇس بىلەن ياش تۆگكەن ئىدىم،
         ئايال بولۇپ تۆرەلگىنىمگە.

         
      «ئىڭڭە» بىلەن تولغاندا جىسمىم،
         ھاياجانغا، كۈچ ۋە غەيرەتكە،   
       شۇ دەقىقە سۆيۈندى دىلىم،
      بېلىق كەبى بالام ئۈزگەندە.


       ھېلى تۆگكەن ئاچچىق كۆز ياشلار،
      نەلەرگىدۇ شۇ دەم يوقالدى.
      ئازاپلىق شۇ ئىڭراشلار ئورنى،
      ئاجايىپ شات ھىسلارغا تولدى.

«    مانا كۈلدى،تىلى چىقتى» دەپ،
   ئۆتتى تالاي ياز ھەم سوغ قىشلار،
   مانا بۈگۈن سەپكە قېتىلدى،
   ئاڭا قاراپ سۆيۈندى دىللار.

   ھەر بىر قېتىم «ئانا» دىگەندە،
    چۆمىلىمەن ئىپتىخار ،زوققا،
    مەڭزىم سۆيۈپ تاتلىق كۈلگەندە،
   پەيدا بولار ئانام قارچۇققا.

    ئۈزۈپ بارار قوزغاپ ھاياجان،
   مەپتۇن ئەيلەپ بۈيۈك ئەجرىگە.
   ئانا دىگەن سۆيۈملۈك ئىنسان،
      ھىچ نەرسە تەڭ كەلمەس قەدرىگە.

    ئاھ جاپاكەش،مېھرىبان ئانا،
   باققان ئىدىڭ مېنىمۇ شۇنداق.
   كىرپىك قاقماي تاكى تاڭغىچە،
    قىينىغانتى سېنىمۇ تولغاق.

   قالغان ئىكەن «ھەۋا» ئانامدىن ،
    مىراس بولۇپ بۇ ئاچچىق تولغاق.
   ئەجداتلارنى ئەۋلاتقا ئۇلاپ،
داۋاملاشقان بۇ ھايات شۇنداق.

2014.    قاراماي

WOLKANI يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 23:27:20

ماۋۇ شئېرىڭىزنى ئەجەپ كۆرمەپتىمەن ،تولغاقتىكى تەسېۋىرلەرنى ياخشى ئىپادىلەپسىز ! مۇبارەك بولسۇن !

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-8-24 11:41:16

شېئىر چىن ھىسيات بىلەن يېزىلغاچقا، ناھايىتى ياخشى چىقىپتۇ. يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولۇڭ.
بەت: [1]
: تولغاق