ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 22:25:30

روھلان يانفۇن تېرمىنالى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، ھۆرمەتلىك تورداشلار، ئۇزۇندىن بېرى روھلان تورىنى قوللاپ كەلگىنىڭلارغا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ئېيتىمىز.
ئىلگىرىكى ئۇيغۇرچە تۇنۇمايدىغان يانفۇنلاردىمۇ ئۇيغۇرچىنى نورمال تۇنۇيدىغان قىلىپ ئىشلەنگەن يانفۇن تېرمىنالى مۇنبەر نەشرىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش سەۋەبلىك ئىشلىمىگەندىن كېيىن، تورداشلارنىڭ كۈچلۈك تەلىپىگە ئاساسەن كۆرۈنمە يۈزى خەنزۇچە بولسىمۇ ئۇيغۇرچە تۇنۇيدىغان يانفۇننلاردا نورمال ئىشلەتكىلى بولىدىغان تېرمىنالنى ھاسىل قىلىپ، تورداشلار ھوزۇرىغا سۇنغان ئىدۇق، كېيىن مۇنبىرىمىزدىن @ئەركيۇرت ئەپەندىنىڭ تەرجىمە قىلىشى ئارقىلىق ئۇيغۇرچىمۇ بولغان ئىدى، كېيىن بىر قانچە رەت نەشىر يېڭىلاپ، بەزىلەر ئۇيغۇرچىسىنى، بەزىلەر خەنزۇچىسىنى ئىشلىتىپ كېلىۋاتقان ئىدى، ئەمما تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ يانفۇن تېرمىنالىدا بېكەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان چوڭ يۇچۇقنىڭ بارلىقىنى ھېس قىلغان بولساقمۇ تورداشلارغا قولايلىق بولۇشى ئۈچۈن تەۋەككۈل قىلىپ ئىشلىتىپ كەلگەن ئىدۇق، شۇنىڭدىن بېرى ئورگان تەرەپ كۆپ قېتىم نەشىر كۆتۈرگەن بولسىمۇ بۇ يوچۇق داۋاملىق ئېتىلمىدى، شۇنىڭ ئۈچۈن بېكىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىياتى، ئەزالارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى، ... قاتارلىقلارنى كۆزدە تۇتۇپ، رەھىمسىزلەرچە ھازىر ئىشلىتىۋاتقان يانفۇن تېرمىنالىنى پۈتۈنلەي ئەمەلدىن قالدۇرۇشنى قارار قىلدۇق.
بۇ سەۋەبلىك تېرمىنال ئىشلىتىۋاتقان تورداشلارغا كەلتۈرگەن ئاۋارىچىلىقلىرىمىز ئۈچۈن كەچۈرۈم سورايمىز.
روھلان يانفۇن تېرمىنالى مۇشۇ تېما يوللانغان كۈندىن باشلاپ تاقىلىدۇ.

تورداشلارغا يانفۇندا تېرمىنالى ئىشلەتمەيمۇ بىۋاستە ئادرىس باسماي كىرىش ئۇسۇلىنى ئىلگىرى تۇنۇشتۇرغان بىر تېمىمىز بار، بۇنىڭدىن كېيىن شۇنىڭدىن پايدىلىنىشىنى ئۈمىت قىلىمىز.

پايدىلىنىش تېمىلىرى:
/down/uc.aspx
يانفۇندا روھلان تورىغا ئادرىس باسماي كىرىش ئۇسۇلى
/thread-29184-1-1.html
يانفۇن UC تور كۆرگۈدە تۇرسىز ھۆججەت چۈشۈرۈش
/thread-31027-1-1.html

يېقىنقى بىر مەزگىلدە بىخەتەرلىكى ياخشى، قولايلىق بولغان تېرمىنال ھاسىل قىلىشقا مۇمكىن بولمىغا شارائىتتا ئۇزۇنغىچە تېرمىنال ئىشلىتىلمەيدۇ.

روھلان تور بېكىتى
2014-يىل 7-ئاينىڭ 10-كۈنى

تايماس730 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 22:29:34

مەيلى بىكەت تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلكى ئۈچۈن بىز توغرا چۈشىنىمىز!!!!!!!!!!!!11

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 22:44:38

2013.10..ئايلاردا ئىشلىتۋاتقان تېرمىنال بەك ياخشىتى.قەدرى ئەجەپ ئۆتۈلدى دە.
يا ئىقىم توشىمىدى باشقا نەرسىدە.ا

altaxna يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 22:57:30

ھەي ئىسىت ئەمدى بىر مەزگىل تورداشلار بىلەن دىدارلىشىش مۇمكىن بولمامدۇ نىمە. بىر مەزگىل كومپىيوتىردا تورغا چىقىشقا شارائىت يوق. يانفۇن نۇسخىسىنى ئىشلىتىپ كۆنۈپ قاپتىكەنمەن
来自安卓客户端

Bilig يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 22:59:40

تايماس730 يوللىغان ۋاقتى2014-7-10 22:29
مەيلى بىكەت تەرەققىياتى ۋە بىخەتەرلكى ئۈچۈن بىز توغرا...

قوشۇلىمەن!!

1arman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 23:19:06

مەيلى، روھلان ۋە تورداشلارنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىگى ئۈچۈن بولسا قوللايمەن،مەن روھلانغا ئامراق.

saadatman يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 23:20:43

ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ، بولسا باشقىدىن ياسىغان بولساڭلار . چۈنكى يانفۇن تېرمىنالى نۇرغۇن جەھەتتە قولايلىق ئىدى .:L

yarkanboy يوللانغان ۋاقتى 2014-7-10 23:34:24

ھەممەيلەن ئۇ قولايلىقنى ئويلىغان بىلەن ....

قاچانكى تىمىنال ئىلان قىلىندى ..... روھلاندىكى نادىر تىمىلار ئازلاپ كەتتى ..........ھەممەيلەن روھلاندا ئىلان قىلىنغان تىمىنى كۆرۈپ بولغاندىكىن كومپىيۇتىرنى ئاچقىلى خوشياقمىغان، شۇنىڭ بىلەن قورساقتىكى نۇرغۇن بىلىملەر روھلانغا يوللانماي قالدى ....

بۇ تىرمىنالنىڭ توختىغىنى بەك ئىسىل ئىش بوپتۇ .......

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 00:24:25

نەپرەت يوللىغان ۋاقتى2014-7-10 22:44
2013.10..ئايلاردا ئىشلىتۋاتقان تېرمىنال بەك ياخشىتى.قەدرى ...

راست گەپنى قىلغاندا تېرمىنالدا ئېقىمنى ئاز خورىتىدۇ دېگەن سەپسەتە پۈتۈنلەي يالغان، روھلاننى تور كۆگۈدە زىيارەت قىلسىڭىز رەسىمسىز كۆرۈنىدۇ، تېرمىنالدا بولسا رەسىم چىقىدۇ.
تېرمىنال يەنە كېلىپ ئاشۇ تېرمىنالنى ئىشلىگەن ئورگان تەرەپنىڭ مۇلازىمىتىرىغا ئۇلىنىپ ئاندىن ئوتر بەتنى ئاچىدۇ، مۇشۇنى ھېسابلىسىڭىزلا تېرمىنلا ئېقىمنى ئاز خورىتىدۇ دېگەن سەپسەتىنىڭ پەقەت تېرمىنالغا باشقىلارنى كۆندۈرۈش ئۈچۈن چىقىرىلغانلىقىنى پەرەز قىلالايسىز، بىزمۇ ئىلگىرى شۇنداق سەپسەتىنى ئوتتۇرىغا قويغان، بۈگۈن ئاشكارىلاپ بېرەي.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 00:25:36

altaxna يوللىغان ۋاقتى2014-7-10 22:57
ھەي ئىسىت ئەمدى بىر مەزگىل تورداشلار بىلەن دىدارلىشىش...

تېمىنىڭ ئاستىدا كۆسەتكەن ئامالنى ئىشلىتىڭ.
بەت: [1] 2 3
: روھلان يانفۇن تېرمىنالى ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ