بەختلىك ئائىلىلەردىكى ھالقىلىق 26 سۆز
1.ماختاشئەڭ ياخشى گەپلەرنى ئائىلىڭىزدىكىلەرگە قالدۇرۇڭ.ئائىلىڭىزدىكىلەر ئوخشىتىپ تاماق ئەتكەندە،يارىشىملىق كىيىم سىتىۋالغاندا،ماختىسىڭىز ئەرزىيدۇ.
2ئىشىنىش
جورىڭىزنىڭ سىزنى سۆيىدىغانلىقىغا،پەرزەنتلىرىڭىزنىڭ ۋاپادارلىقىغا،تۇققانلىرىڭىزنىڭ ساداقەتمەنلىكىگە ئىشەنسىڭىز،بەختلىك تۇرمۇشىڭىزنىڭ بۇزۇلۇپ كېتىشىدىن ئەنسىرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
3 .كۆيۈنۈش
ئائىلىڭىزدىكىلەر سىرتقا چىققاندا،سىرتتا ئىھتىيات قىلىشنى تاپىلىسىڭىز،ئۆيگە كەلگەندە،بىر ئىستاكان قايناقسۇ قۇيسىڭىز،ئاغرىپ قالسا ھالىدىن كۆپرەك خەۋەر ئالسىڭىز،بۇ ئىشلىرىڭىز جورىڭىزنى تەسىرلەندۈرمەي قالمايدۇ.ھەمدە ئۇ سىزنى ھاياتىدىكى ئەڭ مۇھىم ئادەم دەپ بىلىدۇ.
4.مۇھىم كۈنلەر
ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ ھەر خىل مۇھىم خاتىرە كۈنلىرىنى يېزىۋىلىپ،ئىمكانقەدەر ۋاقىت چىقىرىپ،ئائىكىڭىزدىكىلەر بىلەن بىللە ئۆتكۈزۈڭ،چوقۇم قەدرېڭىزنى قىلىدۇ.
5.ئىپادىلەش
مۇھەببەت،نەپرىتىڭىز ئىنىق بولسۇن،ئائىلىڭىزدىكىلەرگە كۆڭۈل سۆزلىرىڭىزنى ئىيتىسىڭىز،ئۆز ئارا چۈشىنىش كۈچىيىپ،ئىددىيەدە بىردەكلىك ھاسىل بولىدۇ،بۇمۇ سىز ئۈچۈن پايدىلىق ئەلۋەتتە.
6.ئەپۇ قىلىش
كۆپلىگەن ئاتالمىش (يېتەرسىزلىكلەر) نى زىغىرلاپ كىتىشنىڭ ھاجىتى يوق.راسلا خاتالىق ئۆتكۈزۈپ قويغان تەغدىردىمۇ،ئۆزگەرتىش پۇرسىتى بىرىشىڭىز لازىم.
7.سوۋغات
سوۋغات ئارقىلىق خۇشاللىق ئاتا قىلىش،كىشىلەر ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى ياخشىلايدىغان ئامىللارنىڭ بىرى.سوۋغات قىممەت بولمىسېمۇ،سىز يەنىلا ئۇلارنىڭ قەلبىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىسىز.
8.ساغلاملىق
مەيلى قانچىلىك ئالدىراش بولۇڭ،چوقۇم ساغلاملىقىڭىزنى ئاسراڭ.شۇندىلا ئائىلىڭىزدىكىلەرنىڭ سىزدىن ئەنسىرىشىدىن خالىي قىلالايسىز.
9.قىزىقىش
ئەگەر ئۆي ئىشلىرىنى زېرىكىشلىك ھىس قىلسىڭىز،ئۇنىڭ ئىچىدىكى بىر قانچە ئىشنى ئۆز قىزىقىشىڭىزغا ئايلاندۇرۋېلىڭ،مەسىلەن:گۈل بىقىش،تازلىق قىلىش دىگەندەك ئىشلاردىنمۇ خۇشاللىق تاپالىشىڭىز مۇمكىن.
10.ئورتاق مەشغۇلات
ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىرلىكتە سىرتلارغا چىقىپ پائالىيەت قىلغان ۋاقتى ۋە قىتىم سانى قانچە كۆپ بولسا،ئائىلىنىڭ بەخت تۇيغۇسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.شۇڭا بۇ خىل ئۇسۇلنىمۇ قوللىنىپ قويۇڭ.
11.سۆيۈش
بۇ خىل بەدەن ئۇچرىشىشى ئارقىلىق،شېرىن بەخت تۇيغۇسىغا چۆمگىلى بولىدۇ.بۇ ئىشنى ئورۇنسىز دەپ قارىمىسىڭىزلا،مۇھەبىتىڭىزنى سۆز ۋە ھەركىتىڭىزدە جورىڭىزغا ئىپادىلەپ تۇرالايسىز.
12.ياخشى كۆرۈش
ئائىلىڭىزدىكىلەرنى ياخشى كۆرۈش،ئەنسىرەش،قوغداش،سادىقلىق،ئۆزىنى بىغىشلاش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
13.خۇشال تەبەسسۇم
بەختلىك ئائىلىدە كۈلكە ئۈزۈلمەيدۇ.تەبەسسۇم بىلەن يۈرسىڭىز،ئائىلىڭىزدىكىلەر خۇشاللىقىڭىزغا ھەمدەم بولالايدۇ.
14.ئېھتىياج
ئائىلىڭىزدىكىلەر روھى چۈشۈپ كەتكەن ۋاقتتا تەسەللەي بىرىپ بەخت تىلەڭ،قىيىنچىلىققا ئۇچرىغاندا ئۇلاردىن ياردەم سوراڭ.ئېھتىياج تەسىرىدە مۇناسىۋىتىڭىز كۈچىيدۇ.
15.كۆز قاراش
بەختلىك ئائىلىدە ئىددىيەدە ئەركىن بولۇش،ھەربىر ئائىلە ئەزاسىنىڭ كۆز قارىشىغا ۋە پىكىرىگە ھۆرمەت قىلىش كىرەك.
16.بىللە ئويناش
ئائىلە ئەزالىرى بىللە ئوينىغاندا،ھەممە خۇشاللىققا چۆمىدۇ،بەخت تۇيغۇسى تېخىمۇ كۈچىيدۇ.
17.سۈپەت
ئائىلە بەختىنى ئىزدىسىڭىز،تۇرمۇش سۈپىتىگە سەل قارىماڭ
18.مەسئۇلىيەت
ھەربىر ئادەم ئۆز رولىنى ۋە مەجبۇرىيتىنى ئادا قىلشى كىرەك.ئاتا ئانىغا ۋاپادار بولۇش،جورىسىغا سادىق بولۇش،بالىلارنى ئاسراش كىرەك.
19.تەڭ بەھرىمەن بولۇش
يالغۇز خۇشاللىق ئورتاق خۇشاللىققا يەتمەيدۇ.ئائىلىگە نىسبەتەن خۇشاللىق ۋە قايغۇدىن تەڭ بەھرىمەن بولغاندا،ئائىلە ئەزالىرىنىڭ بىر بېرىدىن ئايرىلسا بولمايدىغان بىر پۈتۈن گەۋدە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلغىلى بولىدۇ.
20.مىننەتدار بولۇش
ئائىلىڭىزدىكىلەر سىز ئۈچۈن ياخشى ئىش ياكى ياخشى گەپ قىلغاندا،بۇ ئۇلارنىڭ قىلىشقا تېگىشلىك ئىشى دىمەي،رەھمەت ئىيتىڭ.
21.چۈشىنىش
ئائىلىڭىزدىكىلەرنى چۈشىنىشنىڭ ياخشى ئۇسۇلى،ئۆزىڭىزنى باشقىلار ئورنىدا قويۇپ تەپەككۇر قىلىشتۇر.ئاتا ئانىڭىزنىڭ جاپاسى،جورىڭىزنىڭ تۆلىگەن بەدىلى،بالىڭىزنىڭ تېرىشچانلىقىنى ئويلىسىڭىز،ئۇلارغا تىخىمۇ كۆينىدىغان بولسىز.
22.ۋەدە بىرىش
(مەن ۋەدە بېرىمەنكى) بۇنداق سۆزلەر ئاڭلىماققا كىشىنىڭ غىدىكىنى كەلتۈرسىمۇ،يەنىلا ئائىلىڭىزدىكىلەرنى خاتىرجەم قىلدىغان كۇمىلاچ.
23.قىزىقچىلىق
قىزىقچىلىق كەيپىياتنى تەڭشەپ،بىئارامسىزلىقنى يوقىتىدۇ.ئاچچىقنى باسىدۇ.شۇڭا بالىلار بىلەن قىزىقچىلىق قىلىشىپ،بىر ئائىلە كىشىلىرىنى خۇشاللىققا چۆمدۈرۈش كىرەك.
24.ئۆزىنى تەكشۈرۈپ تۇرۇش
ئۆزىنى دايىم تەكشۈرۈپ،خاتالىقىنى.تۈزىتىش كىرەك.
25.سېغىنىش
ئائىلىڭىزدىكىلەر يىنىڭىزدا يوق ۋاقتتا،دايىم تېلفۇن قىلىپ،ئۇچۇر يوللاپ،ئۇلارنى سېغىنغانلىقىڭىزنى بىلدۈرۈپ تۇرۇڭ.
26.قىزغىنلىق
تۇرمۇشقا بولغان قىزغىنلىقنى ساقلاپ قىلىش بەختكە بولغان كاپالەتنامە.پوزىتسىيىڭىز ئاكتىپ بولغاندا،تۇرمۇشىڭىز تىخىمۇ گۈزەل بولىدۇ.
پىسخولوگىيە ژۇرنىلى ياخشى يېزىلىپتۇ.بىراق بىر نەچچىسىنىڭ ئىلگىرى كىيىنلىك تەرتىۋىنى ئالماشتۇرۋەتكەن بولساق تېخىمۇ ياخشى بولار ئىدى دەپ ئويلىدىم.بىزدە ھازىر ئائىلىنىڭ رولىغا سەل قاراش ئومۇميۈزلۈك مەۋجۇت. ئەگەر ھەممە كىشى خىزمىتىنى مۇھىم بىلگەنچىلىك ئائىلىسىنىمۇ مۇھىم بىلگەن بولسا بەلكىم ئۇ خىزمەتلىرىمۇ تەبىيلا ياخشى بولۇپ كېتەر ئىدى.ھارمىغايسىز!
بەت:
[1]