بۇ تەكلىماكان، بىز ئەركەك (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)
بۇ تەكلىماكان، بىز ئەركەك(پاشاگۈل ئىسمايىلغا ئوچۇق خەت)
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ھەزرىتى ئادەم ئىنسانىيەتنىڭ ئاتىسى دېيىلىدۇ. ئاللاھ تۇنجى بولۇپ ھەزرىتى ئادەمنى ياراتتى. ئۇ بارلىق باياشاتچىلىقنىڭپەيزىنى سۈرگەن بولسىمۇ، ئۆزىدە چەكسىز بىر تەشنالىقنىڭ كۈچىيىۋاتقانلىقىنى سەزدى. بۇ دەل جىنسىي تەشنالىق ئىدى. ئاخىرى تەڭرى ھەزرىتى ئادەمنىڭ سول قوۋۇرغىسىدىن بىر تال ئېلىپ ھەزرىتى ھەۋۋانى ياراتتى... ھەزرىتى ئادەم بىلەن ھەزرىتى ھەۋۋانىڭ مۇز ئوكياندا تۇنجى قېتىم مۇجامىئەت (زىنا) قىلىشىشى ھەرگىز ئۇلارنىڭ گۇناھى ئەمەس. ئەگەر ئۇلار ئۇنداق قىلمىغان بولسا بىز ئىنسانلار بولمىغان بولاتتۇق.
پىكىرىمىزنىڭ تېخىمۇ ئېنىق داۋاملىشىشى ئۈچۈن بىز بىردەم جىنسىيەت ھەققىدە پىكىرلىشەيلى!؟ ئەرلىك جىنسىنىڭ ئاجىزلىشىشى-يەر شارى دۇچ كېلىۋاتقان ئەڭ ئېغىر ئىجتىمائىي مەسىلە بولۇپ قالدى. ئافرىقىدىكى ئەركەك قاپلانلارنىڭ ئۇرۇق بېزى قورساق بوشلۇقىدىلا توخـتاپ قېلىپ، ئۇرۇق خالتىسىغا نورمال چۈشەلمەس بولۇپ قالغان. ئامېرىكىلىق تەتقىقاچىلار فىلورىدا شىتاتىدىكى ئەركەك تىمساقلارنىڭ جىنسىي ئەزاسىنىڭ بارغانسېرى كىچىكلەپ ئەسلىدىكىنىڭ تۆتتىن بىرىچىلىك قالغانلىقىنى بايقىغان. بىر قىسىم بېلىق تۈردىكىلەرنىڭ كۆپىيىش ئەزالىرىنىڭ يېتىلىشى ناچارلىشىپ، ئەركەك-چىشى بېلىقلارنىڭ پەرقى تۈگەپ كەتكەن ۋە باشقىلار.
نۆۋەتتە ئەتراپىمىزدىكى بىر قىسىم ئەركەكلەرگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق، ئاياللىق ھورمونىنىڭ كۈچىيىپ ئەرلىك ھورمۇنىنىڭ بارغانسېرى ئاجىزلاپ بېرىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالىمىز. بىر قىسىم «يىگىت» ماركىلىق ئادەملەرنىڭ ئەركەك ئىكەنلىكىدىن گۇمانلىنىپ قالىمىز. چۈنكى ئۇلارنىڭ ياسىنىشى، سۆز-ھەرىكىتى، چىراي-تۇرقى، روھى ھالىتى، پىسىخىك ساپاسى... ئىشقىلىپ ھەممە تەرەپلىرى ئايالچە تۈس ئالغان. ئۇلاردا ياۋۇزلۇقنىڭ، باتۇرلۇقنىڭ، ئەرلىك جاسارەتنىڭ ئىزناسىنى تاپقىلى بولمايدۇ. ئاۋازى شۇ قەدەر نەپىس، شۇ قەدەر ئېھتىياتچان، يول مېڭىشىمۇ ھەيران قالارلىق غەلىتە. شۇنىڭغا قارىغاندا، نېتىزىنىڭ «ئەرلەرنىڭ يېرىمى ئايال» دېگەن سۆزىمۇ ئانچە كۈلكىلىك ئەمەس. فىروئىد ئىنسانلارنىڭ جىنسىي ھەركىتى توغرىسىدا كەڭ كۆلەملىك تەتقىقات ئېلىپ بېرىپ «قىز بوۋاقنىڭ دادىسىغا ئىنتىلىشى، ئوغۇل بوۋاقنىڭ ئانىسىغا ئىنتىلىشى، جىنسىي تەلەپكە ئوت تۇتاشتۇرغان» دېگەن ئىكەن...
ئەڭ دەسلەپكى ئىنسانلار خېلى بىر زامانلارغىچە قانداشلىق مۇناسىۋىتى ھەققىدە ئورتاق تۇنۇشقا كېلەلمىدى. شۇڭا ئالا-سىڭىل، ئاتا-بالا...ئوتتۇرسىدا جىنسىي ئەركىنلىك بېرىلگەن ئىنسانلار ئاستا-ئاستا كۆپۈيۈپ بېرىۋاتقان نوپۇسنىڭ بېسىمىنى ھېس قىلىدى. بۇ بېسىم ئۇلارغا «ئانا»لار تەرىپىدىن كېلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلاردا ئانىلارنى ئۇلۇغلاش دەۋرى (ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسى) باشلاندى، كېيىن بارا-بارا ئوۋچىلىق، دېھقانچلىق ۋە ئۇرۇشلاردا ئەرلەرنىڭ رولى كۈچىيىپ بارغاچقا ئاتىلارنى ئۇلۇغلاش(ئاتىلىق ئۇرۇقداشلىق جامائەسى) باشلاندى. ئوتتۇرا ئەسىر دەۋرىگە كەلگەندە، ئاياللار شۇنداق خورلاندى. ئۇلار ئەرلەرنىڭ نەزىرىدە ھايۋانچىلىكممۇ ئەتىرۋارلانمىدى. ھەتتا بىر قىسىم كىشلەر يېڭى تۇغۇلغان قىز بوۋاقلارنى تىرىك كۆمىۋەتتى...تارىخ بۇ قانلىق پاجىئەنى مەڭگۈ ئۇنتالمايدۇ. 20-ئەسىردىكى ئاياللارنىڭ ئەڭ زور مۇۋەپپەقىيىتى «ئاياللار ئازاتلىقى» ۋە «نىكاھ ئەركىنلىكى» دېگەن ئاتالغۇلارنى ۋۇجۇتقا چىقاردى. ئاياللارنىڭ يېرىم دۇنيالىق ئورنى تۇلۇق ئىسپاتقا ئىگە بولدى. بىراق ئۇزاق زامانلار خورلانغان ئاياللارنىڭ روھىدا ئەركىنلىكتىن چەكسىز كېرىلىش تۇيغۇسى شەكىللەنمەي قالمىدى. ھەتتا ئۇلارئائىلىنىڭ ھۆكۈمرانى بولۇپ، ئۆز ئەرلىرىنى قاتتىق زۇلۇم ئىچىدە باشقۇرۇش ئۈچۈن يېڭى «قانۇن»لارنى تۈزۈپ «نەشىر» قىلدۇردى. ئەڭ ئاۋال بىر نەچچە «يول باشلامچى»، «مانىۋېر» ئۆتكۈزۈپ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتى. بۇنىڭ بىلەن جەمئىيەتتە ئۆز ئاياللىرىنىڭ ئاپتوماتىك «قۇل»لىرىغا ئايلىنىپ كەتكەن «سايىم نوچى»لار «مۇسابىقە مەيدان»لىرىدا بىر-بىرگە ھەيۋە كۆرسىتىشكە باشلىدى. ئۇلار بۇ خىل ئاجىزلىقىنى ئۆزلىرىنىڭ قەلبىگە سىغدۇرالماي باشقا ئەرلەرگىمۇ يۇقۇملۇق ۋىرۇس سۈپىتىدە تارقىتىشقا باشلىدى. بۇ خىل «كېسەل»لىك جەمئىيەتتە يامرىغانسېرى ئاياللارنىڭ قەلبىدىكى ئەرلەر ھەققىدە ئۇزاق زامانلاردىن بېرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان نۇرلۇق ھەم شەكىلسىز «ھەيكەل» بىراقلا چېقىپ تاشلىنىپلا قالماستىن، بەلكى ئەرلەرنىڭ ۋۇجۇدىدا پەيدا بولىۋاتقان جاۋاپسىز تېپىشماقلار ئۈستىدە تىنىمسىز باش قاتتۇراتتى. جاۋابىنى تاپالمىغانسېرى ئۆز-ئۆزىدىن ئاغرىناتتى. بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلار گۈزەل ئاياللارنى ئىستېمال قىلغۇسى كېلەتتى. ئىزتىراپ چېكەتتى. ئاخىرى ئۇلار ھاياتلىقتا ئاياللارنىڭ كەم بولسا قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ھەقىقى ھېس قىلىشىتى. شۇڭا تارىختا ھېچكىم يېڭەلمىگەن پادىشاھلارمۇ گۈزەل قىزلار (مەلىكە)لەر ئالدىدا ئۆزىنىڭ ئاجىزلىقى بارلىقىنىمۇ ھېس قىلىشىتى. بارلىق پۇقرالارغا بۇيرۇقنى قۇبۇل قىلدۇرۇپ كېلىۋاتقان زالىم ئەمەلدارلارمۇ گۈزەل ئاياللارنىڭ ناز-كەرەشمىسى ئالدىدا تىزلىنىپ بۇيرۇق قۇبۇل قىلىشنىڭ مەنىسىنى چۈشىنىپ يەتتى...نۆۋەتتە گۈزەل ئاياللارنىڭ ئەڭ ئالىي «سوۋغات بۇيۇمى» بولۇپ قېلىۋاتقانلىقىدىن باشقا نەگىلا بارمايلى جنسىي ئاجىزلىقىنى داۋالاشقا ئائىت ئېلان ۋاراقچىلىرىنى ئۇچراتماي قالمايمىز. گۈزەل ئاياللارنىڭ يالىڭاچ سۈرىتى تاۋارلارنىڭ سودا ماركىسىغا ئايلاندى. تەڭرى بىر نەچچە قاتلام تەقسىم قىلىپ بولغان گۈزەللىكنىڭ بىر قىسىمنى 100گە بۆلۈپ 99ئۆلۈشىنى يەنىلا ئاياللارغا بېرىۋەتكەچكىمۇ، گېزىت-ژۇرناللارنىڭ مۇقاۋىسىمۇ ئەرلەرنىڭ سۈرىتىنى قۇبۇل قىلمىدى. ئاياللار سۈرىتى قانچە يالىڭاچلانغانسېرى شۇنچە بازار تاپتى...بۇ ئاياللارغا ئىنتىلىشنىڭ كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقىنىڭ ئىنكاسىمۇ ياكى ئۇخلاپ قالغان ئەرلەرنى ئويغىتىشنىڭ ئۆزگىچە ئۇسۇلىمۇ؟! ھازىرچە ھەر ئىككىلىسى توغرا بولۇشى مۇمكىن.
يېقىنقى يىللاردىن بېرى غەرب تۇرمۇش ئېقىمنىڭ ھەرخىل يوللار بىلەن تەكلىماكان بوستانلىقىغا ئۈسسۈپ كىرىشى، تۈرلۈك پەلسەپە ئېقىملىرىنىڭ تەڭرى تېغىغا قاتتىق سوقىلىشى نەتىجىسىدە بىز ئۇيغۇر ياشلىرىنىڭ تۇيغۇ سىستېمىمىز ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە غىدىقلىنىپ ئۇزق تارىختىن بۇيان بالاغەتكە يەتكەن ئەخلاق رامكىمىز پاچاقلاپ تاشلاندى. بىز تىمىنسىز ھالدا «ئەخلاقسىزلىشىش مۇسابىقىسى»گە قاتنىشىپ...ئۆزىمىزنى ئەسلىدىكى ئۆزىمىزدىن ياتلاشتۇردۇق. بۇ خىل ياتلىشىش ئەڭ ئاۋال كىيىنىش چاچ پاسۇنىمىزدا ئەكىس ئەتتى.
روھىمىزدا ھەم تېنىمىزدە ئېلىپ بېرىلغان بۇ خىل «ئىسلاھات» بۈگۈنكى كۈندە شەيتانلارغا ئادېرىسىنى ئاشكارلاپ قويمىغان، ئەقلى ئويغاق، ئىمانى ئەركەك...قىز-يىگىتلەرنىڭ كاللىسىدا «؟» بەلگىلىرىنى ئۈندۈردى. بۇ جەرياندا يەنىلا ھەممىمىز ئۆزىمىزنى ئاقلاشقا ئالدىراپ بەزى قىزلىرىمىز:«بارلىق گۇناھ ئەرلەردە، ئۇلار بىزگە قاش ئېتىپ قويمىغان بولسا، بىز بۇ كوچىغ كىرمىگەن بولاتتۇق؟!» دەپ دوقچىلىق قىلىشتى. يەنە بىر قىسىم يىگىتىلەر بولسا: «گۇناھىنىڭ مەنبئىي ئەزەلدىنلا قىزلاردا، قانجۇق ئىت قۇيرۇق شىپاڭلاتسا، ئەركەك ئىت قاراپ تۇرامتى؟!» دەپ ئۆتەكتەملىك قىلىشتى. دېمەك ، بىز ئۆزىمىزنى ئېتىراپ قىلىماستىن «گۇناھ دېڭىزى»دا لەھەڭ بولۇپ ئۇزدۇقكى، «پاكلىنىش كۆلى»نى ئىزدەشنى خالىمىدۇق.
قىزلار يېقىنىقى دەۋرلەردىن بۇيان بىر قىسىم ئەركەكلەر قىز-ئاياللارنى ئاتىدارچىلىق قىلمايلا قالماستىن، بەلكى ئۆزىمىزنىڭ ئەمگەك نورمىمىزنى سىلەرگە ئارتىپ قويدۇق. ھەمدە ئىدىيىدە قاتماللىشىپ سىلەرگە شەكلى ئۆزگەرگەن زوراۋانلىقنى يۈرگۈزمەكچى بولۇشتۇق. سىلەر يولدىن چىقىپ كەتسەڭلار، بىز يېڭى ئوربېتالارنى ياساپ بەرسەك بولاتتىغۇ؟! سىلەر يېرىم يالىڭاچ يۈرسەڭلار بىز غەزەپلىنىپ تۇلۇق كىيىنىش بۇيرۇقىنى بېرەلمىدۇق. دائىم سىلەرنىڭ يىغا ئاۋازىڭلاردىن ھۇزۇرلىنىپ كۈلمەكچى بولۇشتۇق. سىلەرگە توغرا مەسلىھەت بېرشنى خالىمىدۇق. ئازغىنا ھەۋەسنى دەپلا سىلەر قانچە يالىڭاچ يۇرسەڭلار، قانچە بەڭۋاش بولۇپ كەتسەڭلار، قانچە نادان قالساڭلار، نامراتلىق كانچىكى سىلەرگە يېقىنلاشسا...بىز سىلەرنىڭ ئاجىزلىقڭلاردىن شۈنچە كۆپ پايدىلانماقچى بولۇشتۇق. شۇنداقلا مىللى ئەخلاقتىن ياتلىشىشنىڭ زورۆرلىكىنى زامانىۋى ئادەم (ئالەم ئادىمى) سۈپىتىدە قەيىت قىلىشتۇق. چۈنكى بىز سىلەرگە بۇ ھەقتە قانچىكى كۆپ لىكسىيە سۆزلىسەك، سىلەرنى ئالدىمىقىز ئاسانغا چۈشەتتى ئەمەسمۇ؟! توغرا! بىز سىلەرگە سېرىق ھېكايىلەرنى سۆزلەپ، سىلەرنى ئۆزىمىز ئازدۇرۇپ، ئۆزىمىز يولدىن چىقىرىپ...ھەممە قىلغۇلۇقلارنى ئۆزىمىز قىلىپ، ئاخىرىقى ھېساپتا «ھاڭگا ئېشەك بالىسىغا ئىگە بولمىغاندەك» سىلەرنى بىرەر قېتىممۇ ئۇچراتمىغاندەك، ئىككى كۆزىمىزنى چىڭ يۇمۇۋېلىپ «جالاپ، پاھىشە، سېسىق، بۇزۇق» دېگەن «ئۇنۋان»لارنى ھەدىيە قىلىشتۇق. ئۆزىمىزچە يەنە «جاھاندا ياخشى قىش قالمىدى»، «قىزلار ئانىسىىنىڭ قورسىقىدا مومايغا ئايلىنىپ كەتتى»...دېيىشىپ سىلەردىن ئاغرىندۇق، سىلەرنى تىللىدۇق، سىلەرنى قارغىدۇق، سىلەرگە قەبىرە قازدۇق...سىلەرنىڭ گۇنھىڭلارغابىز ئەركەكلەرمۇ شېرىك، جەمىيەتمۇ شېرىك. ئەڭ يېڭى سىتاستىكىلارغا قارىغاندا، ھازىر شىنجاڭدا 70مىڭدىن ئارتۇق ئۇيغۇر قىزى بايۋەتچىلەرنىڭ ئۆيلىرىدە «باۋمۇ»دېگەن نام بىلەن ئىشلەۋېتىپتۇ! ئۇلارنىڭ ھەممىسى ساۋاتسىز ئىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى يېزا-قىشلاقلىردا يېتەرلىك ئىقتىسادقا ئېرىشەلمەي ئۇقۇشسىز قېلىپ مۇددەتتىن بۇرۇن «يوتقان مەدەنىيىتى»گە يۈرۈش قىلىپ، ئېتىزلىقلارغا سۇدەك سىڭىپ كېتۋاتقان ۋە تۇرمۇش تەڭقىسچىلىقى تۈپەيلىدىن غەيرى مېھمانخانىلاردا غەيرى كۈتكۈچى ۋەزىپىسىنى ئۆتۋاتقان ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئانچە ئاز ئەمەسلىكى ھەربىر غۇرۇر ئىگىسىنى تەڭسىز سۇئاللار دۇنياسىغا سەپەر قىلدۇرالماي قالمايدۇ. جەمئىيەت ئۇلارغا ئوقۇش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەلمىدىمۇ؟! «قىز بالا كۆپ ئوقۇسا» يامان بولىدۇ دېگەن بىمەنە قاراش نېمە ئۈچۈن پاچاقلىنىپ تاشلانماستىن، «ياشلىق باھارى» نى ساقلاپ كۆكىرىپ تۇرىۋېرىدۇ؟! ياش جەمئىيەتشۇناس ئەركىن زورىنىڭ «بۇ يەردە كېيىنكىلەرنىڭمۇ ھەققى بار ناملىق كىتاپتىكى مەلۇماتلارغا قارىغاندا:« ھازىر بەزى بېدىكلەر پۇل تېپىش ئۈچۈن ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چىرايلىق قىزلارنى ئالداپ ئەپچىقىپ، ھەر جۈمە كۈنى دېڭىز ياقىسىغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانلار بىلەن يولغا سېلىپ، پۈتۈشۈپ قويغان خوجايىنلارغا سولاپ بېرىپ، زېمىن كۆتۈرەلمىگۈدەك دەرىجىدىكى چوڭ گۇناھلارنى ئۆتكۈزۋاتىدۇ. بۇ غۇرۇرسىز قىزلار ئىپپەت-نۇمۇسنى سېتىپ تاپقان ھارام پۇللىرىنى يانچۇقلىرىغا سېلىپ دۈشەنبە ياكى سەيشەنبە كۈنلىرى خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك يەنە ئايروپىلان بىلەن قايتىپ كېلىپ دەرسخانىغا كىرىپ ئولتۇرىشىدۇ، يەنە بەزى بېدىكلەر بىر قىسىم ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ ئىشسىز، يۆلەكسىز يۈرگەنلىكىدىن پايلىدىنلىپ ئىچىكىرى ئۆلكىلەرگە ئالداپ ئېلىپ بېرىپ ھارام مۇلازىمەتكە سالىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ شەخىسي تاپاۋىتى ئۈچۈن قىزلارنىڭ چېھرىدىن، زىلۋا بويلىرىدىن، نازۇك تەنلىرىدىن پايدىلىنىدۇ، تېخى ئۇلارغا ئاۋال زەھەر چەكتۈرۈپ، ئاندىن زەھەر سېتىشقا سالىدۇ...»
ئەنە شۇلار كەلگۈسىدىكى ئانىلار ئەمەسمۇ؟! ئۇلاردىن تۇغۇلغان بوۋاقلارنىڭ تەقدىرى زادى قانداق بولماقچى؟! ئۇلارمۇ توغرا يول بىلەن دۇنيانىڭ چەكسىزلىكنى، ھوقۇق، ئەركىنلىك، ئادالەت، باياشاتلىق، تۇغۇلۇش، ئۆلۈش، ياشلىق ۋە مەنىلىك ياشاش ھەققىدە ئادەمدەك ئويلىنالىسا نېمە دېگەن ياخشى بولاتتى؟! ئۇنىڭدىن باشقا 1. ئائىلە تەربىيىسىنىڭ ھالاكەتكە يۈزلىنىشى. 2.باشلانغۇچ مەكتەپتە مىللىچە ئەخلاق ئوقۇشلۇقىنىڭ تەسىس قىلىنماسلىقى. 3. باشقا پۇل تېپىش يوللىرىنىڭ تاقاقلانغانلىقى. 4. بىر قىسم ئىدارە-ئورگانلارنىڭ ئايال ئىشىچى-خىزمەتچىلەرنى قۇبۇل قىلماسلىقى{ شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى خەۋىرى: (يېقىندا شىنجاڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىختىساسلىقلارنى تەكلىپ قىلىش يىغىنىدا، بەزى ئورۇنلارنى تەكلىپ قىلغۇچىللىرى ئاشكارە ھالدا:«ئىدارىمىز پاكارراق بولسىمۇ ئەر قۇبۇل قىلدۇكى، ئايال قۇبۇل قىلمايدۇ» دېدى.) «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2004-يىلى 3-ئاينىڭ 25-كۈنلۈك سانى 5-بەتكە قارالسۇن} 5. تېلۋوزۇر مەدەنىيىتىنىڭ غەيرى تەسىرىنىڭ ئۆزلۈكسىز كۈچىيىپ بېرىۋاتقانلىقى 6. كىشلەرنىڭ قىممەت قارىشىنىڭ تاشقى گۈزەللىك ھەم پۇلغان مەركەزلىشىپ قالغانلىقى 7.ئۇچۇر-ئالاقە قوراللىرىنىڭ مىكرولىشىپ يەرشارنىڭ كۈندىن-كۈنگە كىچىكلەپ بېرىۋاتقانلىقى 8. ئۇيغۇر تارىخى ۋە ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە دائىر تېلۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ كەم ئىشلەنگەنلىكى قاتارلىق ئەھۋاللار قىز-ئاياللارنىڭ بىز تەكىتلەۋاتقان «گۇناھ دېڭىز»غا غەرىق بولۇشىدىكى سەۋەپلەرنىڭ يەنە بىر قىسىمى بولۇشى مۇمكىن.
ئاياللاردىكى چىمەن دوپپا، قىرىق ئۆرۈم چاچ، ئۆزگىچە نازۇكلۇق، ئەۋرىشىملىك ۋە يارىشىملىق ئەتلەس كۆينەك خېرىدارسىز قالدى، سېرىق چاچ، قىسقا يوپكا ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ بىردىن-بىر بەلگىسى بولۇپ قالدى. يېزىلاردا ئايالى قوش ھەيدىسە، ئېرى ئۆكۈزنى يېتىلەپ بېرىدىغان، ئايالى خامان سورىسا ئېرى خامان سۈپۈرۈپ بېرىدىغان، ئايالى سۇ تۇتسا ئېرى تاماق ئېتىدىغان، ئايالى چاچ چۈشۈرسە ئېرى ياماق يامايدىغان... ئەھۋاللارنىمۇ يوق دىگىلى بولمايدىكەن.
ئەمدى مەن تۆۋەندە ئاياللارنىڭ خورلىنىشى ھەققىدە بىر نەچچى ئەمەلىي مىسال كەلتۇرماكچى: 1985-يىلى جەنۇپتىكى مەلۇم بىر يېزىدا ئاينۇر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) كەچلىك تاماق يەپ بولۇپ، ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋاتقاندا، ئۇيقۇسى كېلىپ كەتكەن، ھاراقكەش ئېرى چىراغنى ئۆچۈرۈش بۇيرۇقىنى بەرگەن. بىراق ئاينۇر ئۆي ئىشلىرىنى قىلىۋېلىشنىڭ زۆرۈرلىكىنى ئېيتقان. ئېرى:«ئۇيقۇمغا تەسىر كۆرسەتتىڭ » دىگەن باھانا بىلەن ئاينۇرغا پىچاق تىقىپ ئۆلتۈرۈپ قويغان. ئەمما بۇ ئىش چاقچاقلاشقان دىگەن سۆز بىلەن چىرايلىق ئاياقلىشىپ كەتكەن.
1999-يىلى يېڭىسار ناھىيىسىدىكى 22ياشلىق مۇنەۋەر (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) قېينىئانىسى بىلەن زاكۇنلىشىپ قېلىپ، ئانىسىنىڭ ئۆيىگە يامانلاپ كەتكەن ۋە ئاچچىقىدا ئېرىگە ئاجىرىشىش ئىلتىماسىنى قويغان. ئېرى:« بۇ گەپنى يەنە بىر قېتىم دەپ باققىنا؟ » دىگەن. مۇنەۋەر بۇ گەپنى قايتا ئېغىزىدىن چىقارغان ھامان ئېرى پىچىقىنى چىقىرىپ ئۇنىڭ يۈز كۆزلىرىنى تىلىۋەتكەن. ئارقىدىنلا بۇرنىنى كېسىۋەتكەن بۇ رەھىمسىز ئەر قانۇننىڭ تېگىشلىك جازاسىغا ئۇچىرىغان بولسىمۇ، مۇنەۋەر ئۆمۈرلۈك ئازاپقا دۇچار بولغان.... 2000-يىلى مالۇم بىر شەھەردە 15 ياشلىق رەناغا (ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم) 5 نەپەر نائەھلى بىرلىشىپ باسقۇنچىلىق قىلغان . 2002 – يىلى XX ناھىيىسىدە رايون دەرىجىلىك رەھبەرنىڭ ئايالى رابىيە ( ئۆزگەرتىلگەن ئىسىم ) يولدىشىنىڭ « ھاكىم بىلەن غەيرى دوستىلۇق ئورنىتىش ... » تەلىپىنى قاتتىقلارچە رەت قىلغانلىق گۇناھى ئۈچۈن قاتتىق تاياق يەپ ، تاياق زەربىسىدىن ئېغىر كېسەلگە گىرىپتار بولۇپ خىزمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يوقاتقان ... بۇنداق مىساللار كۆپ ئۇچرايدۇ ، بىز ئەرلەر ئاياللار ھەققىدە ئاز بولمىغان ئەقىدىلەرنى بازارغا سېلىپ كەلمەكتىمىز .
مەن « تارىخ ئەزەلدىنلا ئەرلەرنىڭ تارىخى بولۇپ كەلدى ، ئاياللار پەقەت قوشۇمچە رول ئېلىشنىلا بىلىدۇ » ، « ئاياللار سۇيۇق ئەرلەرنىڭ سۇيۇق دۇنياسى » ، « گۈزەل قىزلار پەقەت كۆڭۈل ئېچىشقىلا يارايدۇ » دېسەم ، ئۇ : « ئايال بار يەردە پىشكەللىك يالغۇز » ، « خۇتۇن دېگەن ئەرلەرنىڭ مۈلكى ، قانداق ئىشلەتسە بولىدۇ » ، « خۇتۇنىنى ئۇرۇش قانۇنغا خىلاپ ئەمەس » دەيدۇ ، يەنە بىرسى بولسا : « ئاياللار چېچى ئۇزۇن ، ئەقلى قىسقا » ، « ئاياللار قانداقمۇ ئەرلەر بىلەن تەڭ تۇرالىسۇن » ، « ئەر خەق خۇتۇن خەقنىڭ پات – پات نوخۇلىسىنى ئېلىپ تۇرمىسا بولمايدۇ ...» دېيىشمەكتە ، ماھىيەتتە بۇ ھۆكۈملەرنىڭ ھەممىسى پۇت دەسسەپ تۇرالمايدۇ . شۇنداقتىمۇ سىلەر قىز – ئاياللارغا « شامال چىقمىسا ، دەرەخ لىڭشىماس » ، « ھىڭگايمىسا دىڭگايماس » ، « ئەرنى ئەر قىلغانمۇ خۇتۇن ، ئەرنى يەر قىلغانمۇ خۇتۇن » ، « قانجۇق ئىت قۇيرۇق شىپاڭلاتسا ، ئەركەك ئىت قاراپ تۇرامتى ؟!» دېگەندەك ھېكمەتلەرنى ئەسكەرتىپ تۇرغىنىمىز تۈزۈك .
بىز ئەركەكلەر سىلەرگە قاتتىق قويالماي تۇرۇپ سىلەردىن ئەنسىرىمىسەك ، سىلەردىن گۇمانلانساق ، سىلەردىن ئاغرىنساق ...قېنى بىزدىكى ئەركەكلىك ؟ ! قېنى بىز دىكى ۋىجدان – بۇرچ ؟ !
بۇنىڭدىن 3000 يىل بۇرۇن « ئۆزۈڭنى بىل ، ئەدەپكە قايت » دېگەن مەشھۇر ھېكمەت بارلىققا كەلگەن ئىكەن ، بىز پىكىر قىلغاندا « بەزىلەر ...» دەپ سۆز باشلاشقا شۇقەدەر ئۇستا بولۇپ كەتتۇق ، ئۆزىمىز ھەققىدە تەنقىدىي پىكىر قىلىشقا پېتىنالمىدۇق ، مېنىڭچە بۇ ئىنسانى پەزىلەتكە تاقىلىدىغان نازۇك مەسىلە ، كۆزىمىزنى يوغان ئېچىپ قىز – ئاياللارغا قارايدىغان ھەم تۇرمۇش غەلۋىرىدە ئادىل تاسقايدىغان بولساق ، زاۋۇتتا قايتا ياسىسىمۇ ئادەم قىياپىتىگە كىرمەيدىغان چاكىنا قىز – ئاياللارنى ھەم ئەڭ داڭلىق سۇپۇن بىلەن دەريادا يۇسىمۇ پاكلانمايدىغان مەينەت خېنىملارنى ئۇچرىتىپ قالىمىز ، ئەلۋەتتە .
بىر قىسىم قىزلار ئەۋزەل شارائىت قۇچاق ئېچىپ تۇرسىمۇ ئىزدىنىشتىن ۋاز كېچىپ غەلىتە ئويۇنلارغا بەنت بولىۋاتىدۇ ، يەنە بىر قىسىم قىزلار بايۋەتچىلەرنى « تىللا تۆكۈلدىغان دەرەخ » دەپ قاراپ ، چۈشىدىكى « ئاق ئاتلىق شەھزادىسى » دىن بىراقلا يۈز ئۆرۈپ ، ئۈچىنچى شەخس سۈپىتىدە سىناق ئائىلىلەرنى قىزىقارلىق كومېدىيىلىرى بىلەن بۇزىۋاتىدۇ ، يەنە بىر قىسىم ئاياللار ئۆز ئېرىنىڭ كۆزىگە توپا چېچىپ ، يۇۋاشلىقىدىن ياكى خىزمەت جىددىيلىكىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ئېرىگە ئاسىيلىق قىلىپ تەكرار گۇناھ سادىر قىلىۋاتىدۇ ، مۇشۇ سەۋەبتىن نۇرغۇن سەبى بالىلار يېتىملىك ئۆتەڭلىرىدە قايمۇقۇپ يۈرمەكتە ...يەنە بىر قىسىم ئاياللار پەرزەنت تەربىيىلەشتە مەجبۇرىيىتىدىن ئۆزىنى چەتكە ئالماقتا ، ھەتتا ئۇلار « ئۇرۇقلاپ كېتىمىز ، فىگورىمىز بۇزۇلۇپ كېتىدۇ » ياكى « ھۆسىن – جامالىمىزغا تەسىر يېتىدۇ » دېگەندەك پىكىرلەرنى بازارغا سېلىپ ئۆز باغرىنى يېرىپ چۈشكەن بوۋاقلارغا ئۇغۇز سۈتىنى بېرىشكە پىخسىقلىق قىلىپ ، ھەرخىل ناملاردىكى تەييار ئىش قوشۇلغان سۈت پاراشوكلىرىنى بەرمەكتە ...مۇشۇنداق بىمەنە قىلىقلىرى ئارقىلىق بالىلارنىڭ تەبىئىي ئۆسۈپ يېتىلىشىگە زور تەسىر كۆرسەتمەكتە ، شۇڭا ھازىر ھايۋان سۈتى بىلەن چوڭ بولىۋاتقان بىر تۈركۈم بالىلاردا ھايۋانىي سۈپەت كۈچىيىپ باماقتا ... بۇ بىر بۆلەك ئاياللارنىڭ ئۆز بالىسىغا ئاسىيلىق قىلغىنى ماھىيەتتە بىر پۈتۈن مىللەت ساپاسىغا ئاسىيلىق قىلغىنى بولماي نېمە ؟ !
يەنە بىر قىسىم ئەرلەچۇ ؟ ئۆز ئاياللىرىنىڭ بىمەنە قىلىقلىرىنى توسۇش ئۇياقتا تۇرسۇن ، ئايالىنىڭ ئۆزى بىللە ئولتۇرۇپ ھاراق ئىچەلىگەنلىكىدىن ، باشقىلارنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ پىرقىراپ تانسا ئوينىيالىغانلىقىدىن ...پەخىرلەنمەكتە ، قېنى زادى ئۇلاردىكى ئەرلىك غۇرۇر ؟ !
نۆۋەتتە ئەر – ئاياللار باراۋەرلىكى تەكىتلەنمەكتە ، بۇ ھەرگىزمۇ ئاياللار چىكىشتە ، ئىچىشتە ...ئەرلەر بىلەن باراۋەر بولۇشى كېرەك دېگەنلىك ئەمەس ئىدىغۇ ؟ ! شۇنداقتىمۇ ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا ، ئاياللارنىڭ ئەرلەرگە بولغان تونۇشى ، كۆز قارىشى كۆپ قىرلىشىپ گارمونىيىلىك تۈس ئالماقتا ... گوركى : « ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا تۇتقان پوزىتسىيىسى ئارقىلىق بىر مىللەتنىڭ ساپاسىنى كۆرىۋالغىلى بولىدۇ » دېگەن ئىكەن . سوپىزم ئەدەبىياتىنىڭ پېشىۋاسى جالالىدىن رۇمى : « ئاياللار پەقەت مەشۇقلا ئەمەس ، بەندىلا ئەمەس ، بەلكى ياراتقۇچىنىڭ ئۆزىدۇر » دەيدۇ ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ باش كاتىپى ئاننان بولسا : « قىزلارنى ياخشى تەربىيىلەش نامراتلىقنى ئازايتىش ھەم كېلەچەككە مۇستەھكەم ئۇل سالغانلىقتىن ئىبارەت » دەيدۇ .
تارىخقا ۋە بۈگۈنىمىزگە نەزەر تاشلايدىغان بولساق ، تەكلىماكان بوستانلىقلىرىدا تۆرۈلۈپ ، يۇرت بىنا قىلىپ ، ھەقىقىي ئىنسان سۈپىتىدە ياشىغان ھەم ياشاۋاتقان ساناقسىز ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىمۇ ھەرگىز نەزەردىن ساقىت قىلىشقا بولمايدۇ . ئۇلار ئۆزىنىڭ ئەقىل – پاراسىتى ، غەيرەت – جاسارىتى ، باتۇرلۇقى ۋە تىرىشچانلىقى ... بەدىلىگە مۇشۇ گۆھەر زېمىننى قۇرۇپ چىقىشتا ، گۈللەندۈرۈشتە باش رول ئالغان ئەمەسمۇ ؟ ! ئۇلار ھەر جەھەتتىن ئاجايىپ تۆھپىلەرنى ياراتقان ، مىللەتنىڭ كېلەچىكى ، ۋەتەننىڭ بۈگۈنى ۋە ئەتىسى ئۈچۈن مەردلەرچە قۇربان بولغان ئەمەسمۇ ؟ ! ھەتتا ئۇلار سىلەرنى ئاسراپ ، سىلەردە ئۇيغۇرچە نازۇكلۇق ، ئۇيغۇرچە ئەۋرىشىملىك ۋە ئۇيغۇرچە ھېس – تۇيغۇنىڭ شەكىللىنىشىگە ئاساس تىكلەپ بەرگەن ئەمەسمۇ ؟ ! ھېلىمۇ تەكلىماكاننىڭ ئەتىسى ئۈچۈن ئاجايىپ روھ بىلەن ئىزدىنىۋاتقان ، سىلەرگە مەردانە قىياپەت بىلەن ئاتىلارچە مۇئامىلە قىلىپ كېلىۋاتقان ئاجايىپ ئۇيغۇر ئەركەكلىرى بار ، ئەلۋەتتە ؟ !
بىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان قىز – ئاياللار ئۇمۇمىي قىز – ئاياللارنىڭ بىر قىسمى بولغىنىغا ئوخشاش ، سىلەر تىلغا ئالغان ۋە بىز ئېتىراپ قىلغان ئەركەكلەرمۇ ئۇمۇمىي ئۇيغۇر ئەركەكلىرىنىڭ بىر قىسمى .
سىلەر قىزلارغا : « ئەركەك تۈكى بار ، مەرد ، مەردانە ، جەسۇر ، مەسئۇلىيەتچان ، ئىجاتچان ...يىگىتلەر كېرەك » بولغىنىغا ئوخشاش ، بىز ئەركەكلەرگىمۇ نازۇك ، ئەۋرىشىم ، نۇمۇسچان ، جەڭگىۋار ، تىرىشچان ، لاياقەتلىك ... قىزلار كېرەك ، ئەلۋەتتە ؟ ! ؟
سىلەر: « ...يىگىتلەر ، تۇپراق ھەرقانچە مۇنبەت بولسىمۇ ئۇنىڭغا پۇچەك ، ناچار ئۇرۇق چۈشىۋەرسە مۇنبەت تۇپراق ھەرقانچە كۈچىسىمۇ ، ئۇنىڭ نەتىجىسى قانچىلىك بولماقچى ؟ ! » دېگەن سۇئالىنى قويۇشىڭلار مۇمكىن ، بىراق سىلەر شورلىشىپ كەتكەن قۇرغاق ، ئۈنۈمسىز ، ناچار تۇپراققا ياكى زەيكەش تۇپراققا ھەر قانچە دانلىق ئېسىل ئۇرۇق چۈشسىمۇ ھوسۇل ئالغىلى بولمايدىغانلىقىنى ، بۇنىڭ بىلەن تۇپراقنى ئۆزگەرتىشنىڭ ئىنتايىن زۆرۈرلۈكىنى ھېس قىلىپ يېتەلىدىڭلار مۇ ؟ ! ؟ !
ئەرگەر سىلەرمۇ ئۆزۈڭلارنى قېدىرىپ تەكشۈرۈپ مۇنبەت تۇپراققا ئايلىنالىساڭلار ، بىزمۇ ئۆزىمىزگە توغرا دىئاگنوز قويۇپ سورتىمىزنى ئەلا لاشتۇرالىساق ، چوقۇمكى ئەڭ ياخشى ھوسۇل ئالالايمىز ، ئەگەر بىز ئەركەكلەر سىلەردىن ئاغرىنىپ بارلىق گۇناھنى سىلەرگە ئارتىپ قويساق ، سىلەر ئۆزۈڭلارنى ئاقلاپ ، بىزدىن ئۈمىدسىزلىنىپ : « گۇناھنىڭ مەنبەئى ئەرلەردىلا » دەپ كەسكىن ھۆكۈم چىقىرىپ ، خالىغان قىلىقلار بىلەن شۇغۇللانساڭلار ، ئۇ ھالدا ئەتراپىمىز « گۇناھ دېڭىزى » غا ئايلىنىپ ، « پاكلىنىش كۆلى » نىڭ ئادرېسىنى تاپالمىغۇدەك ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىمىز .
مەنبە: ‹‹كىروران››دىن ئېلىندى.
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.
پەقەتلا چۈشەنمىدىم.
پاشاگۇل ئىسمايىل دىگەن كىم.
بۇ خەت نىمە مەقسەتتە يوللانغان؟
پاشاگۇل ئىسمايىل مۇنبەردىكى قايسىڭلار شۇ؟ا بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-9 23:02
نەپرەت يوللىغان ۋاقتى2014-7-9 22:34
پەقەتلا چۈشەنمىدىم.
پاشاگۇل ئىسمايىل دىگەن كىم.
بۇ خەت...
نەچچە كۇندىن بىرى نەردەيۇردىڭىزمۇنبەردەبۇتۇغرىلىق تىمىلاربارئىزدەپ بىقىڭجاۋاپقا ئىرىشەلەيسىز
يىگىتلەر،سىلەر كىم؟ بۇ قەيەر؟ دەپئىزدىسىڭىز بۇلىدۇ نەپرەت يوللىغان ۋاقتى2014-7-9 22:34
پەقەتلا چۈشەنمىدىم.
پاشاگۇل ئىسمايىل دىگەن كىم.
بۇ خەت...
پاشاگۈل ئىسمايىلدىگەنخاتۇننىڭيىگىتلەرسىلەركىم ؟ بۇقايەر؟دەپبىرماقالىسىبار. ئاۋالشۇنىئوقۇپئاندىنبۇتېمىنىئوقىسىڭىزچۈشىنىسىز.
نەپرەت发表于2014-07-09 22:34:57 static/image/common/back.gif
پەقەتلا چۈشەنمىدىم.
پاشاگۇل ئىسمايىل دىگەن كىم.
بۇ خەت نىمە مەقسەتتە يوللانغان؟
پاشاگۇل ئىسمايىل مۇنبەردىكى قايسىڭلار شۇ؟ا
ئۇنىڭ ئەسىرىمۇ باتتىغۇ نەپرەتجان ياخشىراق ئىزدەپ باقىلى نەۋرۇز ئاكىمىزمۇ مۇشۇ توغرىسىدا تېما يوللىغانتى بۇرۇن
来自安卓客户端
بەت:
[1]