ئىشەنچ ھەققىدە دۇردانىلەر
گاھىدا بىر ئادەمگە ئىشىنىش ئۈچۈن نۇرغۇن ۋاقت كېتىدۇ.مۇبادا كۆڭلىڭىزگە ياقىدىغان كىشىلەرگىلا ئىشەنسىڭىز،ئۇنداقتا بۇنىڭ قىلچىمۇ ئەھمىيتى يوق.
مۇبادا كۆرگەنكى ئادەمگە ئىشەنسىڭىز،ئۇنداقتا سىز بىر ھاماقەت.
مۇبادا سىز قىلچىمۇ گۇمانلانماي،ئوپۇل-توپۇل بىر ئادەمگە ئىشەنسىڭىز،ئۇنداقتا ئىشەنگەن ئاشۇ كىشى ناھايتى تىزلا سىزدىن يۈز ئۆرۈشى مۇمكىن.
مۇبادا سىز مەلۇم ئېھتىياج ئۈچۈن بىراۋغا ئىشەنسىڭىز،ئۇنداقتا سىزگە ئادەمنى بىئارام قىلىدىغان ھەسەت ۋە خائىنلىق كەينى-كەينىدىن يۇپۇرۇلۇپ كىلىشى مۇمكىن.
مۇبادا ئىشىنىشكە ئەرزىيدىغان ئادەمگە كېچىكىپ ئىشەنسىڭىز،ئۇنداقتا مۇھەببەتنىڭ شېرىن تەمىنى مەڭگۈ ھېس قىلامايسىز،شۇنداقلا دۇنيانىڭ ئىللىقلىقىغا ئېرىشەلمەي،ھاياتىڭىز قاراڭغۇلۇق ئىچىدە ئۆتىدۇ.
ئىشەنچ-ھاياتىي كۈچكە ئىگە تۇيغۇ.
ئىشەنچ-ئالىيجاناب ھېسسىيات.
ئىشەنچ-ئادەملەرنى بىر-بېرىگە باغلايدىغان رىشتە.
سىزنىڭ بىر ئادەمگە ئىشىنىش مەجبۇرىيتىڭىز بار،ئاشۇ كىشىنىڭ ئىشىنىشىڭىزگە ئەرزىمەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلىمىسىڭىزلا.
شۇنداقلا باشقىلارنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ھوقۇقىڭىز بار،ئاشۇ كىشى ئىشىنىشكە ئەرزىمەيدىغانلىقىڭىزنى ئىسپاتلىمىسىلا.
نەپرەتتەييارلىغان باشقىلارمۇ شەخسىي قارىشىڭلارنى ئىنكاس ئارقىلىق يازساڭلار بولىدۇ ئەلۋەتتە. ئىشەنىچ - ئادەملەر ئوتتۇرسىدىكى مېھرى-مۇھەببەتنى كۈچەيتىدىغان كۆۋرۈك.
بەت:
[1]