يېڭى يۇمۇرلار
بىرەيلەن ناھايتى كۆپ تۇخۇمنى پوستى بىلەن قوشۇپ يەپ چۈش كۆرۈپتۇ-دە،تەبىرچىدىن بۇنىڭغا تەبىر سوراپتۇ.-باي بوپ كەتكۈدەكسىز،تۇخۇم سېرىقى تىللانى،ئېقى كۈمۈشنى،پوستى قەغەز پۇلنى كۆرسىتىدۇ،-دەپتۇ تەبىرچى.
ئۇزاق ئۆتمەي بۇ كىشى راسلا باي بوپ كېتىپتۇ.ئۇ تەبىرچىنى چاقىرىپ ئالدىغا خېلى كۆپ كۈمۈش تەڭگە قويۇپتىكەن،تەبىرچى:
-ئەجەبا،تۇخۇم پوستى بىلەن سېرىقى توغرا چىقمىغان ئوخشىمامدۇ؟-دىگۈدەك。
قوپال ھەم قائىدە-يوسۇننى تازا بىلىپ كەتمەيدىغان بىر ياش،ئەقىللىق بىر بوۋايدىن سوراپتۇ:
-ئادەم قېرىغانچە دۆتلىشىپ كېتىدۇ دېيىشىدىكەن،بۇ راستمۇ؟
-راست،-دەپتۇ بوۋاي،-20 ياشلىق ئېشەك بىلەن 60 ياشلىق بوۋاي ئەڭ قېرى ھېسابلىنىدۇ،بۇمۇ ھەق راست.
ئايال:ئەپەندى،كەچۈرۈڭ،ئۆيدىكى خوراز باغچىڭىزدىكى گۈللەرنى ۋەيران قىلىۋېتىپتۇ.
ئەر:كەچۈرۈم سورېمىسىڭىزمۇ بولىدۇ،مېنىڭ ئىتىم خورىزىڭىزنى يەۋەتتى.
ئايال:بەك ياخشى بوپتۇ،مەن بايىلا ئىتىڭىزنى ماشىنام بىلەن بېسىۋەتكەنتىم.
ئا:مەن يېڭى خىزمەت تاپتىم،قول ئاستىمدا 30 نەچچە ئادەم بار.
ب:تەبرىكلەيمەن!دىرېكتور بوپسەن-دە؟
ئا:نەدېكىنى،مەن قەبرىستانلىقنى باشقۇرۇشقا ۋە تازىلاشقا مەسئۇل بولدۇم.
-بۈگۈن ماڭا قەرز بەرگەن ھېلىقى كىشى ئۆيگە كېلىۋېدى،ئىتىم ئۇنى تالىۋەتتى،شۇنىڭ بىلەن ئىتنى ھايۋانات دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ باردىم.
-نېمىشقا؟
-ئىتنىڭ چىشىنى تېخىمۇ ئۆتكۈر قىلغۇزاي دەپ.
تىرېنېر مەغلۇپ بولغان بوكسچىغا تەسەللى بېرىپتۇ:
-ھىچقىسى يوق،سەنمۇ ئۇنى بەكلا قورقىتۋەتتىڭ.
-نېمە،ئۇمۇ مەندىن قورقتىمۇ؟
-ئەلۋەتتە قورقتى،ئەسلىدە ئۇ ئۈچىنچى ئۇچرىشىشىدىلا سېنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانىدى.
ئايال:ئانا-بالا ئىككىمىزنى پۇتبولچىلىك كۆرمەيسىز.
ئەر:نەدىمۇ ئۇنداق بولسۇن!
ئايال:يەنە ئىتراپ قىلمامسىز؟ئىيتېڭە،ئوغلىمىز قايسى كۈن تۇغۇلغان؟
ئەر:خانلىق مادرىد كوماندىسى بىلەن بارسېلونا كوماندىسى مۇسابىقىلەشكەن كۈنى.
ئا:ئاتام تىكتاك توپ مۇسابىقىسىدە يارىلاندى.
ب:ئاتاڭنىڭ تىكتاك توپ ئوينايدىغانلىقىنى ھېچكىم بىلمەيدۇغۇ؟
ئا:ئۇغۇ شۇ،ئۇ مۇسابىقە ئوينىغانلارغا مەدەت بېرىپ ۋارقىراپ ئاۋاز پەردىسىنى زەخمىلەندۈرۋاپتۇ ئەمەسمۇ.
-دوكلات كوماندىر،دۈشمەن ئايروپىلانى بىزنى سۈرەتكە تارتىۋاتىدۇ.
-بۇيرۇقۇمنى يەتكۈز،ھەممىڭلار كۈلۈشكە تەييارلىنىڭلار.
قىسىمغا يىڭى كىرگەن ئەسكەرلەرگە كوماندىر گرانات ئېتىشنى مەشق قىلدۇرۇپتۇ.
ئۇ مەشقنى باشلاشتىن بۇرۇن مۇنداق سوراپتۇ:
-گراناتنى تاشلاپ بولۇپلا دەرھال دۈم يېتىۋىلىش كىرەك.يېتىۋالمىسا قانداق بولىدۇ؟
-كوماندىر تىللايدۇ،-دەپ جاۋاپ بېرىپتۇ ئەسكەرلەر.
2-،4-، 6- لىرىنى ئوقۇپ، تۈزۈك ھوزۇرلىنىپتىمەن. :lol قىززىق يۇمۇرلاركەنغۇ بۇ.{:5_171:} يىڭى يۇمۇرلاركەن،ھەممىسىگە يىتەرلىك تىللا بېرەي... Bak kizkarlikkan kulup uqiyim uzlup kitay didi رارۇس يۇمۇركەن بەزى يۇمۇرلارنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ھەقىقەتەن بەك كۈلكىلىك ئىكەن رەخمەت سىزگە بەزى يۇمۇرلارنى ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن ھەقىقەتەن بەك كۈلكىلىك ئىكەن رەخمەت سىزگە
بەت:
[1]