16-نۇمۇرلۇق كارىۋات - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)
16-نۇمۇرلۇق كارىۋاتئەيساجان تۇردى ئاچچىق
بۇ ھايات ھەققىدە ئويلىنىپ ئۇزاق،
ھەممىدىن ئۆزۈمگە بوپ قالدىم ئامراق.
جانمۇ شۇنداق تاتلىق بولامدۇ؟
ئەزرائىلنىڭ جاۋابى قانداق ؟؟!!
/bizak/29.gif
خۇدا يېنىمىزغا كىلىپ قالغاندەك،
پەرىشتە دەپتىرىنى ئېچىپ تۇرغاندەك.
شۇ قەدەر مۇلايىم بولۇپ كېتىشتۇق،
ئۆزىمىزنى ئۇنتۇپ قالغاندەك.
/bizak/29.gif
بۇ يەردە يانچۇقتىن پۇللار ئاقماقتا،
دوختۇرلار پۇل بىلەن چىراق ياقماقتا.
كېسەللەر خۇداغا نالە قىلىشىپ،
يېرىم كېچىدە كىرپىك قاقماقتا.
/bizak/29.gif
ئون ئالتىنچى نومۇرلۇق كارىۋات،
ئاخىرقى رەت ماڭا قارىۋات.
ئايرىلىمەن سىنىڭدىن ھازىر،
مەيلى بوش قوي ،مەيلى باغلىۋات.
/bizak/29.gif
ھەمرا بولدۇق ئوتتۇز يەتتە كۈن،
پىچىرلاشتۇق ئوتتۇزيەتتە تۈن.
مېھرىمىز گەر چۇڭقۇر بولسىمۇ،
ئۇچراشمايلى ھاياتتا پۈتۈن.
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.
بەك ياخشى چىقىتۇ ، تېخىمۇ تىرىشىڭ ياخشى چىقىپتۇ مۇبارەك بولسۇن !
بەت:
[1]