نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 13:53:26

قېرىلىق دېغىغا سەل قارىماڭ

ياشنىڭ چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ تىرىدە ياپىلاق ياكى ئازراق كۆتۈرۈلۈپ چىققان،ئاغرىمايدىغان ،قىچىشمايدىغان سۇس قوڭۇر رەڭ ياكى قارا رەڭلىك داغلار پەيدا بولۇپ قالىدۇ.بۇلار قېرىلىق دىغى دەپ ئاتىلىدۇ.قېرىلىق دىغى پەيدا بوپ قالسا ھەرگىز يوقالمايدۇ.شۇڭا ياشانغانلار ئۇنىڭ راكقا ئايلىنىپ كىتىشىدىن قورقمىسىمۇ بولىدۇ.بىراق قول بىلەن تاتىلاشقا ياكى يىڭنە بىلەن ئىلىشقا بولمايدۇ.چىرىتكۈچى ياكى غىدىقلىغۇچى دورىلارنى ئىشلىتىشكە تىخىمۇ بولمايدۇ.
قېرىلىق دېغىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا،ئالدى بىلەن كۈچلۈك ئاپتاپقا ئۇزاق مۇددەت قاقلىنىشتىن ياكى بىنورمال غىدىقلىنىشتىن ساقلىنىش،ئاپتاپتىن قوغدىنىش مايلىرىنى ئىشلىتىش،يۈز تېرىسىنىڭ غىدىقلىنىشىنى ئازايتىش،ئاندىن يىمەكلىكلەردىكى ماينىڭ مىقدارىنى مۇۋاپىق تەڭشەش كىرەك.
بۇنىڭ ئۈچۈن ئادەمگىياھ،كەتىرا،ئاق مور،دولانە قاتارلىق دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىش كىرەك.
ۋىتامىن E مۇ تېرىنىڭ قىرىشىنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بولغاچقا،مەلۇم مىقداردىكى ۋىتامىن E نى ئىستېمال قىلىشتىن سىرت ،ئۆسۈملۈك.مىيى،دانلىق ئاشلىق،پۇرچاق،يىشىل.ئۆسۈملۈكلەر ۋە جىگەر،تۇخۇم ۋە سۈت ياسالمىلىرى قاتارلىق تەركىبىدە ۋىتامىن E مول بولغان يېمەكلىكلەرنى كۆپرەك ئېستىمال قىلىپ بىرىشى كىرەك.


تەڭرىتاغ گىزىتى

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 00:32:04

مىنىڭ قۇلۇمدىكى شۇمىدۇ بۇ نەرسە، مەنغۇ ماي سۈرمەيتتىم، سوگال چىقىپ قىلىۋدى تىرنىقىم بىلەن قاماللاپ نەچچە قىتىم يۇلىۋىتىۋدىم قۇلۇمغا پەيدا بولغىلى نەچچە يىل بۇپ قالدى ...

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 12:36:39

ablimitt يوللىغان ۋاقتى2014-7-7 00:32
مىنىڭ قۇلۇمدىكى شۇمىدۇ بۇ نەرسە، مەنغۇ ماي سۈرمەيتتىم ...

ئابلىمىت ئۇستاز، ماۋۇ قىلغىنىڭىز بولماي قاپتۇ. سۈگەلنى يوقۇتۇشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ، ھازىرقى زامان تىببىي تېخنىكىسىدىن باشقا يەنە ئەژداتلىرىمىز بىزگە مىراس قالدۇرغان يەرلىك ئۇسۇل ئارقىلىقمۇ ئۈنۈملۈك تەلتۆكۈس داۋالاپ ساقايتقىلى بولىدۇ. گەرچە مەن ئۆزۈم بۇنداق ئىشقا يولۇقۇپ قالمىغان بولساممۇ بىراق، ئائىلەمدىكىلەر، ئۇرۇق- تۇغقان، يۇرتداشلىرىم ئارىسىدا تۆۋەندىكىدەك ئۇسۇل ئارقىلىق سۈگەلنى ئېلىۋەتكەنلىكىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەنمەن:
1. ئالدى بىلەن ئاتنىڭ قىلىدىن بىر تال تەييارلايمىز؛
2. سۈت ئوتتىن مەلۇم مىقداردا تەييارلايمىز. (سۈت ئوت- يېزىدا چوڭ بولغانلارغا مەلۇم بولۇشى مۇمكىن، باغ- ۋارانلارنىڭ چىتلىرىغا يامىشىپ ئۆسىدىغان، يوپۇرمىقى قېلىن بىرخىل يۆگىمەش غوللۇق ئۆسۈملۈك بولۇپ، قېلىن يوپۇرماقلىرىنى سىقسا سۈتتەك ئاپئاق، قويۇقراق كەلگەن بىرخىل سويۇقلۇق ئېقىپ چىقىدۇ، مانا مۇشۇ خىل ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن مۇشۇنداق نام قويۇلغان بولۇش ئېھتىمال).
ئالدى بىلەن ئەشۇ چىققان سۈگەل بىلەن بەدىنىمىز تۇتاشقان ئەڭ ئاستىنقى تەرەپتىن ئاتنىڭ قىلى بىلەن چىڭ باغلايمىز (ئانچە چىڭ ئاغرىق ھېس قىلمىغۇچە)، ئاندىن سۈت ئوتتىن ساقىپ چىققان سۈتسىمان سويۇقلۇقنى قەرەللىك ياكى قەرەلسىز ھالدا سۈگەلگە سۈركەپ بېرىمىز. مۇشۇ ئۇسۇلنى قوللانغاندا نورمال ئەھۋالدا سۈگەل بىرقانچە كۈنگە قالماي بەدىنىمىزدىن ئاجراپ چۈشۈپ كېتىدىكەن.
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
1. مىنىڭ تىببىي ساھەدىن قىلچە خەۋىرىم يوق، بۇ پەقەت باشقىلارنىڭ شۇنداق ئۇسۇلدا سۈگەلنى بىرتەرەپ قىلغان ۋاقىتلاردا ئېسىمدە قالغىنى بويىچە ئېيتىپ ئۆتكىنىم.
2. بۇ يەردە دېيىلگەن سۈتسىمان سويۇقلۇق چىقىرىدىغان سۈت ئوت، توشقان باقمىچىلىقى بىلەن شوغۇللانغۇچىلار توشقانغا ئوزۇقلۇق ئۈچۈن بېرىدىغان يەنە بىر خىل پاكار، يوپۇرماقلىرى ئۇزۇن تالسىمان كەلگەن كۆك رەڭلىك، سىقسا ياكى پارچىلىسا سۈتسىمان سويۇقلۇق چىقىرىدىغان ئۆسۈملۈك ئەمەس (بۇنى كىچىك ۋاقىتلىرىمدا بۇنى ‹چايكۆك› ياكى ‹چايئوت› دەپ ئاتايتۇق).
شۇڭا مۇشۇ خىل سەۋەبتىن كېلىپ چىققان كۈتۈلمىگەن ئاقىۋەتكەن ئىگە بولمايمەن، يەنىلا ئالاقىدار ماتېرىياللار ئاساسىدا ئېھتىيات بىلەن پايدىلانغايسىلەر.{:6_277:}

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 17:10:00

10 يىلدىن ئاشتى، دەسلەپ پۇتۇمغا بىر چىقىۋدى بىراقلا قۇمۇرۋەتسەم ئۈچ سانتا ئۇزۇنلۇقتا بىرنىمە سۇغۇرلۇپ چىقتى، كىيىن قۇلۇمنىڭ دۈمبىسىگە چىقىۋدى نەچچە كۈن ئاۋايلاپ بىقىپ ئۇنىمۇ قۇمۇرۋەتتىم، دەسلەپ قاتتىق ئاغىرسىمۇ ئەمما بۇ سەت بىرنىمە شۇنىڭدا تىز يۇقايدىكەن دەپ ئويلىدىم، كىيىن ھەر ئىككى قۇلۇمغا شۇنداق داغ چىقتى، بۇ نەرسە يۇقىمايۋاتىدۇ.

akax1498577372 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 18:19:38

بىراقلا سۆگەل مەلھىمى ئىشلەتمەپسىز.پەلكۇچقا دورىنى بىر تەككۇزۇپ سۈركەپ قويسىڭىزلائىككى كۈندىلا قورۇلۇپ چۈشۈپ كېتەتتى.ئۇيغۇر تىبابەت دورىسى بۇ (چىڭمىيسۇ(پىنسىللىن) قۇتىسغا قاچىلانغان .)بىر قۇتىسى ئاران بەش -ئون كوي. خوتەندە تۇققانلا بولسا ئەكەلدۇرۇپ بىر ئىشلىتىڭ .رەھمەت دەيسىز.ئىنشا اللە

ablimitt يوللانغان ۋاقتى 2014-7-7 18:43:52

akax1498577372 يوللىغان ۋاقتى2014-7-7 18:19
بىراقلا سۆگەل مەلھىمى ئىشلەتمەپسىز.پەلكۇچقا دورىنى بى ...

شۇنىڭدىن كىيىن سۆگەل چىقىپ باقمىدى، قۇلۇمدىكى ئاغىرمىغاندىكىن تۇرسا مەيلى مەن ئەرگە تىگىدىغان قىز بولمىغاندىكىن...

مېھرى يوللانغان ۋاقتى 2014-7-11 12:49:50

جام ئېيتقان ئۇ ئۆسۈملۈكنى بىز تەرەپتە چىڭگىلىك دەپ ئاتايمىز ، بۇ خىل ئۇسۇلنى سىناپ باققانلار بار ، ئۈنۈمى ياخشى دەپ ئاڭلىغانتىم ، سىناپ باقسىڭىز بولىدۇ .
بەت: [1]
: قېرىلىق دېغىغا سەل قارىماڭ