نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 13:10:05

تېلېۋىزورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش بىلىملىرى

1.تېلېۋىزورنىڭ ئىشلىتىلىش ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن-قىسقا بولۇشى ئادەتتە،تېلېۋىزورنىڭ ئېكرانى بىلەن زىچ باغلىنىشلىق بولىدۇ.تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ قۇرۇلمىسى مۇرەككەپ،باھاسى قىممەت بولغاچقا،ئەڭ مۇھىم ئاسرىلىدىغان تەرەپ ھىسابلىنىدۇ.بۇنىڭ ئۈچۈن كۈندىلىك تۇرمۇشتا ئامال بار تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ تەۋرىنىپ كىتىشىدىن ساقلىنىش ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ سوقۇلۇپ كىتىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىش كىرەك.
2.تېلېۋىزورنى تۆۋەنرەك يورۇقلۇق ھالىتىگە تەڭشەپ كۆرگەندە،مەنپىي قۇتۇپ قويۇپ بەرگەن ئېلېكتورۇن سانى بىرلىك ۋاقىت ئىچىدە بىسبەتەن ئازراق بولىدۇ،بۇنداق بولغاندا تېلېۋىزور ئېكرانىنىڭ بالدۇر بۇزۇلىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.
3.تېلېۋىزورنى قالايمىقان ئېچىپ-ئۆچۈرگەندە،ئېكران ۋە باشقا ئېلىكتىرون زاپچاسلىرىنىڭ ئىقتىدارىغا تەسىر يىتىدۇ،چۈنكى ھەر قىتىم تېلېۋىزور قويغاندا،ئۇرغۇما ئىمپۇلىسلىق توك بىسىمى ھاسىل بولىدىغان بولغاچقا،ئېكراننىڭ كونىراش سۈرئىتىنى تىزلېتۋىتىدۇ.
4تېلېۋىزورنى ئەڭ ياخشىسى،ئورنىدىن كۆپ يۆتكىمەسلىك،بولۇپمۇ تېلېۋىزور كۆرۋاتقان ۋاقىتتا خالىغانچە ئورنىدىن قوزغىماسلىق كىرەك.چۈنكى بۇنداق قىلغاندا ئاسانلا ئېكران چىراغ قىلى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرايدۇ.
5.تېلېۋىزور ئەتراپىغا ئامال بار رادىيو،ئۈنئالغۇ،ياڭراتقۇ قاتارلىق كۈچلۈك ئىلىكتىر مەيدانى ھاسىل قىلدىغان بۇيۇملارنى،شۇنداقلا ئىسسىتىش ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق ئىسسىقلىق تارقىتىدىغان ئېلىكتىر ئەسۋابلارنى قويماسلىق كىرەك.بولمىسا ئۇلار تېلېۋىزورنىڭ ئىسسىقلىق تارقىتىش ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزىدۇ.


نەپرەت   تەييارلىغان.

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-6 13:12:04

تېلېۋىزور نۆۋەتتە ھەممە ئائىلىدە بار دىيەرلىك.
شۇڭا روھلانداشلار پايدېلىنىپ قالار دەپ يوللاندى.
بەت: [1]
: تېلېۋىزورنىڭ ئۆمرىنى ئۇزارتىش بىلىملىرى