زەپەرى يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 12:27:00

يىتىملارغا يار-يۈلەكتە يۈرۈڭ(سانائىل سۆز ئويۇنى)

يىتىملارغا يار-يۈلەكتە يۈرۈڭ(سانائىل سۆز ئويۇنى)
يازمىمىزدا يورىتىدىغان يەكۇنىمىز:يىتىمچىلىكتە يۈرىكى يەنجىلگەن،يار- يۆلەكسىز، يېقىنلىرى يوقلارغاياكى يوقسۇللارغا يېقىندىن ياردەمدە يۈرۈپ،ياخشىلىققا يۈزلىنىشنى يادىڭلارغا يەتكۈزۈشتۇر.
يارەنلەر!يورتىڭلاردا يار-يۆلەكسىز يۈرۈۋاتقان يىتىملاريوقمۇ؟يوقسۇزلىقتىن يىلمۇ-يىل يۇمشاققىنە يىيەلمەيۋاتقان،يېرىم-ياتا،يېلىڭ يۈرۈۋاتقانلار يوقمىدۇ؟ياكى يادىڭلارغا يەتمەيۋاتامدۇ؟ يىمەكلىكتە،يېپىنچىلاردا يىتىشكەن يارەنلىرىمىزيانچوغۇڭلار يوغۇناپ،يوغان يەپ،يايراپ يۈرۈۋەرسىڭىز ياراشمايدۇ.يەنىلا يۇرتۇڭلاردىكى يوقسۇللارغا ياردەمدە يۈرۈڭ.يىيەلمەيۋاتقانلارغا يىگۈزۈڭ.يېلىڭقات يۈرگەرنلەرگە،يېڭى يەكتەك ياپامسىز ياكى يېپىنىپ يۈرگەن،يېڭىلىقىنى يوقاتقان يېپىنچىلىرىڭىزنى ياپامسىزيەنىلايىگۈزگەنگە يانداپ يېلىڭقاتلارغا ،يىرتىق يېپىنچىلارنى يېپىنىپ يۈرگەنلەرگە يەكتەك يېپىڭ.يېڭىيىلدا ياكى يېڭى يىلسىزمۇيانچۇقىڭىزدىن يىتىشەلىسىڭىز يەتتەيۈزيۈەن ياكى يەتمىش يۈەن، يىتىسەلمىسىڭىز يەتتەيۈەننى يىتىملارغايار-يۈلەكسىزلەرگە يۇپۇشتۇرسىڭىز يەتتە يۈەنلىك ياردىمىڭىزمۇ يىتىملارنىڭ يۈرىكىنى ياشارتالايدۇ.يىتىملار يارىلىشىدىنلا يار-يۈلەكسىزمىكەن؟يىتىملارنىڭ يىتىملىشىشى، يار-يۈلەكسىز يۈرشىنىڭ يەكۇنى يىتىملارنى ياراتقان يۆلەنچۈكلىرى يىتىملار يۇرۇقلۇققا يۈزلىنىشىلا يەرلىكىدە ياتقان،ياكى يۈزسىزلىشىپ،يىتىملارنىڭ يۈركىنى يەنجىپ،ياۋۇزلىشىپ يەكلىگەنلىكتىن يىتىملاشقان.يىتىملار يەككە-يىگانە يىغلامسىراپ يۈرسە ياردەمدە يۈرمەستىن يەكلىسىڭىز يىتىملاريەنىمۇ يىغلىماسمۇ؟يىغلايدۇ.يىتىملارنى يىغلاتماي يېقىندىن ياردەمدە يۈرسىڭىز يۈزىڭىزمۇ يۇرۇق يۈرىسىز.ياردەمدە يۈرگەنگەيانچۇقىڭىزدىكى يامبۇڭىز ،يەيدىغىنىڭىز ،يېپىنىدىغىنىڭىز يىرىملىشىپ يۇقارمىدى؟ياق يۇقۇمايدۇ.يىتىملارغا ياردەمدە يۈرگىنىڭىزگە يارىشا ياراتقان يىگانە ياراتقۇچىمىزمۇ ياخشىلىق ياغدۇرىدۇ.يامانلىققا يۈزلەندۇرمەيدۇ.يازمامنى يورغىلاتماي يىتىملارغا ياردەمدە يۈرۈشنى يۈزەكىلا يۇرۇتسام،يورتىمىزدىكى ياقۇپنىڭ يۆلەنچۈكى يوق.ياقۇپيەتتە ياشقا يەتكەندە يۈلەنچۈكلىرى يۇرتىمىزغا يېقىنلايەردىكى يايلىقىدىكى يارلىقتا يېڭى يايلاق يىتىشتۇرۋاتقاندا ياريېرىلىپ،ياردىن يەرگە يىقىلىپ يورۇقلۇقتىن،يۇرۇقلۇق يوق يەرلىكتە ياتقاچقا ياقۇپ يار-يۈلەكسىزيۈرگەن.ياقۇپيىگىرمە يەتتىگە يەتكۈچە يىگانە يىتىمچىلىكتە يۈردى. يىرتىق-ياماق يېپىنچىلارنى يېپىنىپ يۈردى.ياقۇپ يىتىم يۈرۈپمۇ يورىتتىكىيۆلەنچۈكسىز ياشانغانلارغا ياردەملىشىپ،يەرلىرىدىكى يىغالمىغانلىرىنى يىغىشتۇرۇشۇپ،يارالمىغان يېرىنداقلىرىنى يېرىشىپ يۈردى.ياقۇپ يۈزى يۇرۇق ياشاشقا يۈزلىنىپ،ياخشىلارنىڭ ياردىمىدە يايمىچىلىققا يۈزلىنىپ يەكشەنبىلەردە يامىداپ يۈرۈپ ياغلىقچىلىقنى يۈرۈشلەشتۈردى.ياغلىقتىن يىگىرمە يۈەن،ياغلىقچىلىق يەنىمۇ يۈرۈشسەيەتمىش يۈەن يانچۇقىغا يۇپۇشتى.ياقۇپ ياقۇپ ياخشىراق يىمىسىمۇ يورتىدىكى ياشانغان يۆلەنچۈكسىز ياسىننىڭ يىمىكىگە،يۈگۈر-يىتىملىرىگە ياردەملىشىپ يۈردى.
يۈرىكىڭلار يېلىنجاۋاتامدۇ؟يېلىنجىغاندۇ ياكى يېلىنجىمىغاندۇ.ياقۇپ يىتىم يۈرۈپمۇ يىتىملارغا،يار-يۆلەكسىزلەرگە ياردەمدە يۈرۈۋاتسا ياغ يەپ يايراپ يۈرۈۋاتقان يارەنلىرىمىز يىتىملارغا ياردەمدە يۈرمەيدىكەنمىز...ياقۇپقۇ يايمىچىلىقتا يەيدىغاننى يەپ،يېپىنىدىغاننى يېپىنىپ يۈرۈپتۇ،ياقۇپ يىتىلگەن ياش،يىرىم-ياتا يارالغانلارچۇ؟ يوتىسىنىڭ يېرىمى يوق،يورۇقلۇقتا يۈرۈپمۇ يۆلەپ ياندىشىپ يۈرمىسە يول يۈرەلمەيدىغانلارچۇ؟ياقۇپتەك يايمىچىلىققا يۇپۇشالامدۇ؟ياق يوپۇشالمايدۇ.يازمامدا يەنىلا يادىڭىزغا يەتكۈزىدىغىنىميورتىڭىزدىكى ياكى يىراق يورىتتىكى،يېقىنلىڭىزياكى يات يىتىملارغا يولۇقىدىكەن يېقىندىن ياردەمدە يۈرۈڭلار....ياخشىلىققا يۈزلىنىڭلار...


ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 13:51:52

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-5 13:53

يەنە بىر ئىسىل تېمىدىن بىرنى يوللاپسىز، ھارمىغايسىز!
سىزگە كىچىككىنە بىر تەكلىپ:
تېمىلىرىڭىزنىڭ ئىملا سۈپىتى ئاساسىي جەھەتتىن توغرا بولۇپ كېلىۋاتىدۇ، بىراق ئىزچىل داۋام قىلىۋاتقان بىر كەمچىلىكىڭىز، تېنىش بەلگىلىرى (پەش- چېكىت، تەرىي سىزىقلار) دىن كېيىن ئارىسىغا زادى بوشلۇق قويمايدىكەنسىز، بۇ ياخشى ئادەت ئەمەس. مەسىلەن: «يىتىملارغا يار-يۆلەكتە يۈرۈڭ» دېگەن مەۋزۇنى ئالغاندا «يىتىملارغا يار- يۆلەكتە يۈرۈڭ» دەپ، «يار» سۆزىدىن كېيىن بوشلۇق قويماي تەرىي سىزىق تارتىپ، ئارقىدىن بوشلۇقنى ئۇرۇپلا ئاندىن «يۆلەكتە...» دەپ ئېلىش كېرەك ئىدى. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش سۆز- جۈملە ئاخىرلاشقاندىن كېيىن ياكى ئارىلىقتا كېلىدىغان تېنىش بەلگىسى قويغاندا، تېنىش بەلگىسى قويۇشتىن ئىلگىرى ئەمەس تېنىش بەلگىسى قويغاندىن كېيىن بوشلۇق ئۇرۇۋېتىش كېرەك. بۇنداق بولغاندا قائىدىگە ئۇيغۇن كېلىدۇ. سۆز- جۈملىلەر رەتلىك چىقىدۇ، ۋوردتا خەت بېسىپ تەھرىرلەش ئېلىپ بارغاندىمۇ باسقان خەتلىرىمىز بەتكە رەتلىك، تەكشى، تولغان ھالەتتە چىقىدۇ.
كۆپچىلىكنىڭ بۇ ئىشلارغا ئەھمىيەت بېرىشىنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 13:59:35

زەپەر ئەپەندىمنىڭ مۇشۇ سانائىل ئىلھاملىرى قەيەردىن كېلىدىغاندۇ ؟
قەلىمىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولسۇن، بۇرادەر.

فارۇق7 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-5 18:22:54

يەنە باشلاپتۇدە سۆز ئويۇنىنى.   تەپەككۇر دىگەن   تولۇق جۇمۇ.
来自安卓客户端

yanfun يوللانغان ۋاقتى 2015-5-6 14:35:40

بىك ياخشى يىزىلىپتۇ
بەت: [1]
: يىتىملارغا يار-يۈلەكتە يۈرۈڭ(سانائىل سۆز ئويۇنى)