بېقىۋالغان بالا باشقا بالابۇلامدۇ؟
بېقىۋالغان بالا باشقا بالابۇلامدۇ؟(سانائىل ھەرىپتىن تۈزۈلگەن سۆز ئويۇنى)«بېقىۋالغان بالا،باشقا بالابولامدۇ؟»بۈگۈن باشلايدىغان بىتىم،«بېقىۋالغان بالىنىڭ باشقا بالا»بولىدىغانلىقىدەك بۇنداق بىمەنلىكنى بىلدۈرۈشتۇر.بېقىۋالغان بالىنىڭ باشقا بالا بۇلىدىغانلىقى بۇرۇنقىلارنىڭ بىزگە بەرگەن بىشارتىدۇر.بۇبىر بىشەملەرچە بىلجىرلىغانلىقمىكىن. بېقىۋالغانلىكى بالىلارنىڭ باشقا بالا بولمايدۇ.باشقا بالا بۇلىدىغانلىرىمۇ بار. بولمايدىغانلىرىمۇ بار.بېقىۋالغان بالىلارنىڭ بەزلىرى باشقا بالا بولماستىن بەلىكى بەكمۇ بەلەن بالابۇلالايدۇ.بېقىۋالغان بالىنىڭ باشقا بالا بولمايدىغانلىرىنڭمۇ بارلىقىنى بىتىمىزدە بىر بىكىتىۋىتەي..
بىزنىڭ بايئېرىقتا بىرەيلەن بولىدىغان.بۇ بىرەيلەن بايئېرىقتىكى بۇرۇنقىبازارنىڭ باشلىقى بىگاجىنىڭ بالىسى بەگزادتتۇر. بەگزادنىڭبوي –بەستى بىجىرىم بولغاندا بەشتۈگمەنلىك بارىنىڭ بالىسى بۇسارەم بىلەن بىرگە بولغان.بىراق بۇلار بىرگە بولغان بىلەن بەش باھارغىچە بالىلىق بولالمىغان.بەگزاد بۇسارەمدىن بالىلىق بولالمىغاندىكىن بۇسارەم بىلەن باشقا-باشقا بۇلۇپ بېقىشقا بەل باغلاۋاتقاندا بايئېرىقتىكىلەرنىڭ بىشارىتى بىلەن باشقىلارنىڭ بالىسىنى بېقىۋالغان.بۇبېقىۋېلىنغان بالا بوستان بۇيىدىكى باقىنىڭ بالىسى باتۇرجان بولۇپ،باتۇرجاننىڭ باشپاناھى باقى بىلەن بۇخلىچخاننى بۇرۇن بىر بىنانىڭ بۇشاشقان بىتۇنى بېسىۋېلىپ،بۇلار بىراقلاباقىغا بېرىۋالغان.باتۇر بىرلا بالا بولغاچقا بەكمۇ بىچارىلاشقان.بەگزاد بىلەن بۇسارەم باتۇرنىڭ بىچارىلىقىدىن بىسەرەمجان بولۇپ باتۇرنى بېقىۋالدى.باققاندىمۇ بەكمۇ بەلەن باقتى.بەگزاد بىلەن بۇسارەم باتۇردەك بالىسى بولغانلىقتىن بەختلىك بولغاندەك بۇلۇپ،بىر-بىرى بىلەن باشقا-باشقا بولۇشمىدى.باتۇرمۇ بۇلارنىڭ باققىنىدىن بەكمۇ بەختلىك بولدى.بارا-بارا باتۇرمۇ بوي-بەستى بىجىرىم،بەسىتلىك بالا بولدى.باقمىچىلىق بىلىمىگە بىرىلىپ باقمىچىلىقنىڭ بارلىق بىلىملىرىنى بەكمۇ بەلەن بىلىۋالدى.بارا-بارا بايئېرىقنىڭ بولۇشىشى بىلەن بايئېرىققا بىر باقمىچىلىق بازىسىنى بىكىتتى.باقمىچىلىقتىن باتۇر بارا-بارا بېيىشقا باشلىدى.بېيىغاندا بېقىۋالغان بەگزاد بىلەن بۇسارەمنى باياشاتلىققا باشلىدى.باتۇربېيىۋاتقاندا باتۇرنىڭ بايلىقىغا بۇرۇقتۇم بولغان بەزىلەر باتۇرغا بەزى –بىر بولمىغۇرلىقلارنى بىلجىرلاپ،باتۇرنىڭ بەختى بۇزماقچى بولدى.باتۇرنى بەگزاد بېقىۋالغاندا باتۇر بەشتە بولۇپ،بېقىلىۋېلىنغان بالىلىقىنى باشقىلار بىلدۈرمىسىمۇ بىلەتتى.بۇنداق بولغانكەن باتۇر باشقىلاربىلجىرلىغانسىرى،بېقىۋالغان باشپاناھلىرى بەگزدا بىلەن بۇسارەمگە بەكمۇ بولۇشۇپ بىرىلىشكە باشلىدى.بىربالىنىڭ باققۇچىغا بىرىدىغان بارلىق بەختىنى باتۇر بىرەلىدى.بەرگەندىمۇ باشقىلارنىڭ بالىسىدىنمۇ بەكرەك بەردى.باشقىلارنىڭ بالىسى بولسا بىرلىرى بىشەملىك بىلەن باشپاناھلىرى بىلەن بۇغۇشىۋاتقان،بەزىلىرى بوشاڭلىشىپ،بىكارچىلىقتا باشپاناھلىرىغا بۇلۇشمايۋاتقان،بەزىلىرىنىڭ بالىلىرى بولسا بەكمۇ بەڭباشلىشىپ بولا-بولماس بىكارتەلەتلەربىلەن بىرگە بولۇپ،بېشىغا بالا بۇلۇۋاتقان.باشپاناھلىرىنى بەختكە باشلىيالمايۋاتقان.باتۇر بولسا بۇنداق بالا بولماستىن بەلكى بىلدۈرگىنىمىزدەك بەكمۇ بەلەن بىربالابولۇپ،باشقىلارغا بېقىۋالغان بالىنىڭمۇ بەلەن بالا بۇلالايدىغانلقى بىلدۈردى.
بىتىمنى بىرىكتۇرسەم،باتۇردەك بېقىۋېلىنغان بالىنىڭ باشقا بالىلاردەك بولۇمسىزبولماي بىلىملىك،بىجىرىم،بەلەن بالابولغانلىقتەك بىشارەتلەرباشقىلاردىمۇ بار.بۇ بىلدۈرگىنىم بېقىۋېلىنغانلىقى بالىنىڭ بەلەن بالا بۇلىدىغانلقىنى بىلدۈرگىنىم بولماستىن بەلىكى بىربۆلۈم بالىلاردۇر.بەزى بېقىۋېلىنغان بالىلارباتۇردەك بەلەن بۇلۇۋەرمەيدۇ.بەلكى باشقا بالا بولىدۇ.بۇنى بىلدۈرشىم،بېقىۋېلىنغان بالىلارغا بىراقلا بىمەنە باھابىرىۋەتمەڭ.
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا kirimjanyasin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-4 02:53 PM
مەزمۇنى بەك چوڭقۇر بەك ياخشى چىقىپتۇتېخىمۇ تىرىشىڭ زەپەرى ئەپەندىمنىڭ مۇشۇ جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى داۋاملىق جارىي قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن. مۇشۇ روھلانغا يىڭى كىرگەن ۋاقتىمدىلا ئىككى كىشى كۇزۇمگە چىلىققان ئىدى.ئۇنىڭ بىرى ئادىل ئەپەندى بىرى دەل سىززەپەرىئىدىڭىز.بىزگە مۇئەللىم دائىم سۆز ئويۇنىنى ئەدەبىياتقا ئۇستا تەپەككۇرى چۇڭقۇر كىشى بولمىسا ئوخشۇتۇپ يازالمايدۇ دەيتتى.قارىسام سىز دائىم مۇشۇنداق سۆز ئويۇنى توقۇيدىكەنسىز.سىزدىن سوراپ باقسامسىز ئوقۇتقۇچىمۇ ياكى بىر ئەدەبىياتشۇناسمۇ؟؟؟
سىزنىڭ كىملىكىڭىزنى بەك بىلگۇم كىلىۋاتىدۇ.چۇنكى مەنمۇ بىر ئەدەبىيات ھەۋەسكارى.
来自安卓客户端 مەن بىر دىھقان.ھازىر كومپىيۇتىرخانا ئېچىۋاتىمەن ياخشى يىزىلىپتۇ
بەت:
[1]