HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 11:27:47

مەنىۋىيىتىمىزنى موللاشتۇرايلى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-7-4 18:06

مەنىۋىيىتىمىزنى موللاشتۇرايلى
قەلبىنۇر ئۇبۇل ھەسەن

( «م » ھەرپى بىلەن باشلانغان سۆز ئويۇنى)
مەدەنىي مائارىپىمىزنىڭ مىنۇتسېرى مۇكەممەللىشىشىگە ماسلىشىپ، مەنىۋىيىتىمىزدىمۇ مول مەزمۇنلۇق، مول ھوسۇل مىلودىيىسى مەدھىيلەندى. مەدەنىيەتسىزلىك، مەينەتچىلىك، مەمەدانلىق، مەيپۇرۇشلۇق مەسىلىلىرى مۆكتۈرۈلۈپ، مەدەنىيەت مەشئەللىرى مىڭلىغان مۇنچاقلارنىڭ مىڭىسىگە ماكانلاشتى. مامۇت مۆڭ، مۇختەر موزاي، مەخمۇت مىراپ، مەتتوختىلار مايلامچى، موخۇركىچى، مۇشتلاشچىلىقتىن مۇئەللىم، مۇزىكانت، مۇخبىر، مۇدىرلىقنىڭ مۇھىملىقىنى مۇقىملاشتۇردى. مەرۇپكاممۇ مېھرىبان مۇئەللىملەرنىڭ مەسلىھەتىگە مايىللىشىپ، مېھرىگۈل، مەۋلاندەك مايسىلىرىنى مەكتەپ مۇھىتىغا ماسلاشتۇردى.
مەسلەكداشلار مەدەنىي مائارىپىمىزنى ماھىرلارچە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەنىۋىيىتىمىزنى موللاشتۇرايلى!

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:33:18

بۇ يازما ئىككى قىتىم يوللانغاچقا،بېرى ئۆچۈرۈلدى.
يەنە بۇ خىل يازمىنى،سۆز ئويۇنى سەھىپىسىگە يوللىشىڭىزنى تەۋسىيە قىلىمەن

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 12:34:41

ئەدەبىي ئەسەر سەھىپىسىدە سۆز ئويۇنلىرى دەپ تارماق بار

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 18:11:50

ئىبرەتلىك، ئەھمىيەتلىك ياخشى تېمىدىن بىرنى دۇنياغا كەلتۈرۈپسىز، ھارمىغايسىز، ئاپىرىن!
شائىرانە قەلىمىڭىز شۇنداق كۆنۈپ قالغانمۇ- قانداق سەل قىسقا بولۇپ قالغاندەك، يەنە بىر ۋارىيانتلىرى كەم قالغاندەك تۇيغۇدا بولۇپ قالدىم، مۇمكىنچىلىك بولسا تولۇقلىۋەتكەن بولسىڭىز تېخىمۇ ياخشى بولاركەن. {:6_266:}

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 19:15:03

نەپرەت يوللىغان ۋاقتى2014-7-4 12:34
ئەدەبىي ئەسەر سەھىپىسىدە سۆز ئويۇنلىرى دەپ تارماق بار

كەچۈرۈڭ ئۇنىڭغا دىققەت قىلماپتىمەن. مەلۇم سەۋەپلەر تۈپەيلى ‹روھلان ،›مۇنبىرىدىكى دوستلار بىلەن ئەسرالاشمىغىلى خېلى كۈنلەر بوپتىكەن شۇ سەۋەپ سالام سۈپىتىدە ئالغاچ كەلگەن ئىدىم.بۇندىن كېيىن دىققەت قىلاي،ئەسكەرتكىنىڭىزگە رەھمەت.

HIRISTAL يوللانغان ۋاقتى 2014-7-4 19:17:59

جام يوللىغان ۋاقتى2014-7-4 18:11
ئىبرەتلىك، ئەھمىيەتلىك ياخشى تېمىدىن بىرنى دۇنياغا كە ...

تېمامنى ياقتۇرغىنىڭىزغا، يول كۆرسەتكىنىڭىزگە رەھمەت جام ئەپەندى،سىز بەرگەن تەكلىپنى چوقۇم ئەستايىدىل ئويلىشىمەن.

WOLKANI يوللانغان ۋاقتى 2014-8-23 23:33:35

بۇ سۆز ئوينىنى ھازىر كۆرىشىم ،سىزنىڭ يېزىقچىلىقىتىكى ئۈنۋىرساللىقىڭىزدىن بەكلا سۆيۈندىم خىرۇستال خانىم ،مۇبارەك بولسۇن !

yanfun يوللانغان ۋاقتى 2015-5-6 14:37:58

بەك ياخشى يىزىپسىز
بەت: [1]
: مەنىۋىيىتىمىزنى موللاشتۇرايلى