arkzat يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 22:08:40

سەبىيلەرگە چېچىلغان قەلب چاچقۇلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   arkzat تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-30 22:14

                            سەبىيلەرگە چېچىلغان قەلب چاچقۇلىرى

                                     ياسىنجان ئوسمان ئەركزات

بۇ ئەسىرىمنى تەتىللىك تۇرمۇشىنى مەنىلىك ئۆتكۈزۈشكە تەييارلىنىۋاتقان يۈرەك پارىلىرىمىزغا قەلب سوۋغىسى سۈپىتىدە ئېھتىرام بىلەن بېغىشلايمەن!
   
                                                            < 1 >

   ئەسسالام! ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆز نۇرى گۈزەل كېلەچەكنىڭ ئىگىلىرى، يېڭى دەۋنىڭ گۈلغۇنچىلىرى بولغان ساۋاقداشلار، سىلەر مۇشۇنداق بەخىتلىك تۇرمۇش كەچۈرۋاتقان تېپىلغۇسىز پۇرسەتتە شادىمان ياشاۋېتىپ، شۇنى ھەقىقىي تۇنۇپ يېتىشىڭلار زۆرۈركى، شۇ تاپتا سىلەرگە ئىللىق قۇچىقىنى ئېچىۋاتقىنى- مەرىپەت ئوچىقى ئانا مەكتەپ، ئىزگۈ تىلەكلەرنى تىلەۋاتقىنى- پايانسىز كۆك ساما، بىپايان زېمىن، پۈتكۈل ئەل-ۋەتەن، شانلىق نەتىجىلەرنى كۈتىۋاتقىنى- جاپاكەش ئاتىڭىز، مېھرىبان ئانىڭىز، كىندىك قېنىڭىز تۆكۈلگەن بەرىكەتلىك ئەزىز تۇپراق! يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىۋاتقىنى-جاپاكەش، كۆيۈمچان ئۇستاز،تولىمۇ قورقۇنچلۇق ھۇۋلاۋاتقىنى- ئۆتكۈر رىقابەت ۋە رەھىمسىز خىرزىس! پاسىبان قۇياشتەك ئىللىق كۈلۈمسىرەپ بېقىۋاتقىنى- گۈزەل ئىستىقبال!ئىنتايىن تاقەتسىزلىك ئىچىدە تەلمۈرۈپ كۈتىۋاتقىنى- ئانا تەبىئەتنىڭ سىزنىڭ ئېچىشىڭىزغا ئىنتىزار بولىۋاتقانئىنتايىن تىلسىملىق سىرلىرى!
ئەي قەلبى بىغۇبار، ھاياتلىق دەرىخىنىڭ يېڭىدىن بىخ سۈرگەن يۇمراننوتىلىرى بولغان ئوماق دوستلىرىم. قېنى، تېرىۋىلىڭلار مەن ئۈستىۋېشىڭلارغا چاچقان بۇ قەلبىم چاچقۇلىرىنى! تەپەككۇر ئېتىزىڭلارغا باشلىۋېلىڭلار سىلەرگە دىلداش ئوتلۇق تاڭ شەبنەملىرىدەك تامچىلاۋاتقانغوبارسىز يالتىراققەترىلەرنى!


                                                                < 2 >

    ئۆسمۈرلۈك-ئۇ نادانلىقنىڭ خاتىمىسى، ياشلىق- ئۇ ئىجادنىڭ ھارماس-تالماس دۇلدۇلى، دوستۇم، سىزنىڭ تۇنجى ئىڭڭەلىگەن يىغا ئاۋازىڭىز سىزنىڭ بۇ دۇنياغا يېڭىدىن كۆز ئاچقانلىقىڭىزنىڭ شاھىدى سۈپتىدە ئۇپۇققا جارچى بولۇپ تارقالغاندىن كېيىن، سىز ئۇچقۇر سېخىي يىللارنىڭ ئىللىق پەپىلەشلىرى بىلەن ئۆسمۈرلىك گۈلىستانىغا قۇتلۇق قەدەم باستىڭىز. مانا، ھەش- پەش دېگۈچە ئۆسمۈرلۈك مۇساپىسىنىڭ تۇنجى مەنزىلىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ ياشلىق چىمەنستانىغا قەدەم تاشلىدىڭىز. مەيلى سىز ئوقۇغان بولۇڭ، مەيلى ئوقۇۋاتقان بولۇڭ ۋە مەيلى تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن ئوقۇمىغان بولۇڭ، ئۆتۈپ كەتكەن ھەر بىر كۈنىڭىز ھاياتلىق دەرىخىڭىزنىڭ بىباھا يوپۇرمىقىدىن بىرىنىڭ خازان بولغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. ئەمما خازان بولغان ئاشۇبىباھا بىر تال يوپۇرماق بەدىلىگە بەزىلەر ئالەمشۇمۇل نەتىجىلەرنىڭ ئۇلىنى سالىدۇ. بەزىلەر ئۆمۈر بېغىدا شېرىن مېۋىلىرىدىن مەي باغلاپ پىشۇرۇپ، مېھنەتكەشلەرگە تەقدىم ئېتىش يولىدا دادىل ئىزدىنىدۇ.
ئەگەر سىزئوقۇۋاتقان بولسىڭىز،مەرىپەت ئوچىقىدا داتلاشماس پولاتتەكتاۋلىنىڭ. ئوقۇتقۇچى- ئۇستازلىرىڭىزنى ئاتا-ئانىڭىزدەك، بەلكى ئۇنىڭدىنمۇ بۈيۈكرەك بىلىڭ! ئىلىم دېڭىزىدىن توختىماستىن ھېكمەت جەۋھەرلىرىنى سۈزۈڭ! ھاياتلىق دەرىخىڭىزنى ئەقىل ۋە تەپەككۇر شەربەتلىرىدە سۇغۇرۇپ، ئەل-ۋەتەن ئۈچۈن مول، شېرىن مېۋە بېرىشكە، ۋەتىنىڭىزنىڭ سۆيۈملۈك، مۇقەددەس تۇپرىقىدا گېگانت توغراقلاردەك ئەسرلەر بويى قەد كۆتېرىپ تۇرۇشقا تىرىشىڭ!
ئەگەر ئوقۇپ بولغان بولسىڭىز، ئۆگەنگەن نەزەريىۋىي بىلىملىرىڭىزنى ئۆز ئەمەلىيىتىڭىزدە ئىشلىتىپ، توختىماستىن ئىزدىنىپ، گۈزەل كېلەچىكىڭىزگە داغدام يول ئاچالايدىغان قەيسەر روھ بىلەن ۋەتەن زېمىنىغا چۇڭقۇر يىلتىز تارتىپ، ئەل-ۋەتەن بىلەن ھەمنەپەس، تەقدىرداش بولۇپ ئاخىرقى تىنىقىڭىزغىچە ئىجادكارلىق روھىڭىزنى ئەبەدىيجارى قىلدۇرۇڭ! مۇبادا، ھەرخىل ئىجتىماىىي سەۋەبلەرنىڭ چەكلىمىسى تۈپەيلى ئوقۇيالمىغان بولسىڭىز، ھەرگىز مەيۈسلەنمەي بىرەر ياخشى ھۈنەر-كەسىپ ئىگىلەپ ئۆزىڭىزگە بىرەر چىقىش يولى تېپىپ ئىگىلىك تىكلەڭ! تەپەككۇر كۆزىڭىز روشەن بولسىلا، ھاياتلىقنىڭ چىقىش يولى شۇقەدەر كۆپ. بۇ پەقەت سىزنىڭ يۈكسەك ئىرادىڭىز ۋە بوشاشماس تىرىشچانلىقىڭىزغا باغلىق. شۇڭا سىز ھاياتلىقىڭىزنىڭ تۇنجى قەدىمى بولغان ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق مەزگىلىڭىزنى شۇنچە ئىكىن يېرىنى ئۆزىنىڭ ھورۇنلىقى تۈپەيلىباش باھاردا ئاق تاشلىۋەتكەن دېھقاندەك تاشلىۋەتمەي، ئونىڭغا ئۆزىڭىزنىڭ ھالال قان تەرىنى ئاققۇزۇڭ! شۇندىلا، ئۆسمۈرلۈكىڭىز ۋە ياشلىقىڭىزئەبەدىي توزىماس خۇش پۇراق گۈل بولۇپ، بارچە دىللارغا ئاجايىپ شېرىن خۇش ھېدلارنى چاچىدۇ.مەڭگۈ مەنبىئى خورىماس بۇلاق بولۇپ تۈمەنلىگەن چاڭقاق قەلبلەرگە لەززەتلىك شەربەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ. كائىناتتىكى بارلىق ئەنسانىيەتنىڭ دىل تارىغا شۇنچە مۇڭلۇق زەخمەكلەرنى ئۇرۇپ، ھاياتلىقنىڭ مەڭگۈ ئۈزۈلمەس ياڭراق سىمفونىيىسىنى چالىدۇ!   

                                                   <3 >

      ئۆسمۈرلۈك-ئۇ، «بۆرىلەر توپىدا قالغان قوزا». ياشلىق –ئۇ، تېكىستى يېزىلىپ بولۇپ مۇزىكىسى ئىشلىنىۋاتقان ناخشا. دوستۇم، سەگەك تەپەككۇر كۆزىڭىز بىلەن ئەتراپقاتولۇق نەزەر سېلىپ بىقىڭ. ھازىر پۈيكۈل يەر-جاھان ھەرگىزمۇ غەپلەت ئۇيقىسىدا خامۇشلارچە ئۇخلاپ يېتىۋاتقانلايغەزەللەرگە ئەمەس، بەلكى جاھاننىڭ ھەممە يېرىدە رىقابەت ۋە خىرزىسنىڭ ياۋۇز «چىلبۆرە» لىرى ئوماق‹‹ قوزا›› لارغا قاراپ، ئۇنىڭغا دەھشەتلىك ئېتىلىپتولىمۇ ۋەھىمىلىك ھوۋلىماقتا. دەر ھەقىقەت، «بۆرە ئالدىدا بۆرىگە ئايلىنىشنى بىلمىسىڭىز، بۆرىگە يەم بۇلۇشىڭىز شۈبھىسىز ئېنىق»، دوستۇم. ئەگەر سىز ھاياتلىقنىڭئېگىز –پەس، ئەگرى-توقاي داۋانلىرىدا تېنەپ-تەمتىرەپ، سۈت ئۇيقۇسىدابىخارامان ئۇخلاپ ياتسىڭىز ئېنىقكى، «بۆرە»لەر قورشاۋىدا قالغان «قۇزا»غا ئايلىنىپ قالىسىز. ئەمما ئۆزلۈكسىز تىرىشىدىغان يېڭىلمەس روھ ، بوشاشماي تىرىشىدىغان يۈكسەك جاسارەت، توختىماي ئىگىرىلەپ، ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىدىغان قەيسەر ئىرادىگە ئىگە ئويغاق تەپەككۇرنى ئۆزىڭىزدە ھازىرلىيالسىڭىزلا، «بۆرە» لەر توپى ئامالسىز ھالدا ئۆزلىكىدىن سىزگە داغدام يول ئېچىپ بېرىدۇ!
دوستۇم، سىزنىڭ شۇ تاپتىكى ئەمەلىيىتىڭىز- بەئەينى خېلىلا مەزمۇنلۇق تېكىستى يېزىلىپ، تېكىستكە پارلاق ھاياتىي كۈچ ئاتا قىلىدىغان جاراڭلىق ھەم يۈرەكلەرنى لەرزىگە سالغۇچى مۇڭلۇق، لەرزان مۇزىكىسى ئىشلىنىۋاتقان لىرىك كۈي. بىلىشىڭىز كېرەككى، بىر لىرىك كۈينىڭھەممە كىشىلەر قەلبى تۆرىدىن ئورۇن ئېلىپ، ئۇنىڭ مەڭگۈ ئۆلمەس مېلودىيە بولالىشىدىكى ئاچقۇچ- ئەنە شۇ كۈي تېكىستىنىڭ مەزمۇنلۇق بولالىشى بىلەنلا چەكلىنىپ قالماي، بەلكى ئۇنىڭغا يەنە رېتىملىق، جۇشقۇن مۇزىكىلارنىڭتولۇق ماسلاشقان ھالدا تەڭكەش قىلىنىشى، ھەمدە بۇ كۈينى ۋايىغا يەتكۈزۈپ ئۇرۇنلىغۇچىلارنىڭ پۈتكۈل ئىخلاسى سىڭگەن بولۇشى كېرەك! مانا شۇندىلا، ھەر قانداق بىر كىشىنىڭ يۈرەك تارىنى لەرزىگە سالىدىغان، ئاڭلىغۇچىلارنىڭ قۇلاق تۈۋىدىن ئەبەدىي كەتمەيدىغان، مەڭگۈ ئۆلمەس شۇنداق لىرىك بىر كۈي مەيدانغا چىقىدۇكى، ئۇنى ھەردەمياقتۇرۇپ ئاڭلايدىغانلار كۈنسېرى كۆپىيىپ، نەتىجىدە ئەل قەلبىدىن ئورۇن ئېلىپ، ھەممە كىشى ھەر دەم تولىمۇ ياقتۇرۇپئاڭلايدىغان ۋە بىرلىكتە چەكسىز سۆيۈنۈش بىلەن ئورتاق ئوقۇيدىغان ئىسمى جىسمىغا لايىق خەلق ناخشىسىغا ئايلىنىدۇ. بۇنداق ناخشا ئىنسانىيەت ئالىمىدىكى ھاياتلىق قاچانغىچە داۋاملىشىدىكەن، شۇ ۋاقىتقىچە دىللاردا ساقلىنىپ، تۈمەنلىگەن ئېغىزلاردا تېخىمۇ جۇشقۇن، تېخىمۇ ياڭراق، تېخىمۇ ئۇرغۇلۇق ئېيتىلىۋېرەلەيدۇ!!! ئەنە شۇ لىرىك كۈينى ئەبەدىيئۆلمەس كۈيگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن ئۆسمۈرلۈك دەۋرىڭىز ۋە ياشلىق باھارىڭىزنى ئىنتايىن قەدىرلەڭ! ئۇ ھەرگىزمۇ ھارارەتسىز، سۇلغۇن قۇياشقا، كىشىلەر ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن ئاڭلىۋېلىپلا، بىر قېتىم ئاڭلاپ ياكى غىڭشىپ ئېيتىپ قويۇپلا ئۇنتۇپ قالىدىغان ئۆتكۈنچى، ئەبجەش،يىغلاڭغۇ   ناخشىلارغا ئايلىنىپ قالمىسۇن! شۇڭا، ھاياتلىق ناخشىڭىزنىڭ تېكىستى غەلىبە مارشى بولسا، مۇزىكىسى زەپەر كۈيى بولسۇن! مۇبادا، پەقەت مەزمۇنىلا ياخشى يىزىلىپ، مۇزىكىسى ئوبدان ئىشلەنمەي، ئۇنىڭدا مىللىي خاسلىق تولۇقى بىلەن گەۋدىلەنمەي، ئاممىۋىيلىققا ئىگە قىلىنماي، «شالغۇت»لىشىپ قالسا،ئۆلمەس سېھىرلىك كۈينىڭ ئورنىغا نالە-پەريادلىق ماتەم –مۇسىبەتنامىسى چېلىنىدۇ. قېنى، دوستۇم! ئۇپۇقتىكى نۇرانە قۇياشقا سۇنۇلغان بۇدرۇق قولىڭىزنى ماڭا سۇنۇڭ! بىرلىكتە ئورتاق تىرىشىپ، ھەممە ئەل خەلقى ھەردەم ياقتۇرۇپ ئاڭلاشقا تولىمۇ ئىنتىزار بولىۋاتقان، ئۇلارنىڭ قەلب كۈيلىرى، بارلىق ئئارزۇ-ئارمان، شادىيانە قايناق، پاراۋان تۇرمۇشى تولۇقى بىلەن مۇجەسسەملەنگەن بۇ ئۆلمەس كۈينى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، خەلقىمىزنىڭ پاراۋانلىق تەنتەنىسى ئەكىس ئەتكەن بۇ كۈي زەخمىكىمىز بىلەنبارلىق ئىنسانىيەتنىڭ قەلب تارىغا زەپەر زەخمەكلىرىنى ئېھتىرام بىلەن توختىماي ئۇرايلى!!!

                                                             < 4 >

    ئۆسمۈرلۈك- ئۇ، مەكتەپنىڭ تۇنجى پەرزەنتى.
ياشلىق-ئۇ، مەرىپەت دېڭىزىدىكى پارلاق نىشان ئۈچۈن ئاتلانغان سەييارە قولۋاق. نۇرانە كېلەچىكىڭىزنىڭ رەڭدار ئۇپۇقلىرىغا ئۈمىدلىك كۆزلىرىڭىز بىلەن تەلمۈرۈپ بېقىۋاتقان پىكىرداش دوستۇم! سەگەك تەپەككۇرىڭىز بىلەن چوڭقۇر ئويلاپ،ئەمەلىيەتچىل نەزەرىڭىز بىلەن ئەتراپىڭىزغا يەنە بىر قېتىم قاراپ بېقىڭ! ھەرقانداق بىر ئۇلۇغ پەيلاسوپ، ئالەمشۇمۇل شان-شەرەپكا ئېرىشكەن يازغۇچى- شائىر ئەدىبلىرىمىز،دۇنياۋىي تەسىرگە ئىگە داڭلىق سىياسىيون، ئالىملىرىمىز، خەلقىمىزنىڭ پاسىبانلىرى بولغان دۆلەت ئەرباپلىرى، بىزگە يامان كۆز بىلەن قارايدىغان لەنىتى ياۋلارغاباتۇرلارچە ئوت ئاچقان قەھرىمانلىرىمىز... نىڭ كۆيۈمچان ئۇستازى يەنىلا مەكتەپ ئەمەسمۇ!؟ مەكتەپ-ئەتراپلىق تەلىم-تەربىيە ئارقىلىقلا ئۇلارنىڭ ھاياتى ئەنە شۇنداقيۈكسەكلىككە ئىگە بولغان ئەمەسمۇ؟!
دوستۇم، سىز خۇددى مەھبۇس تۈرمىدىن قاچقاندەك ئەنە شۇ مەرىپەت بىغىدىن يەنە قېچىۋاتمايدىغانسىز؟ ئېيتڭە،«مەكتەپتىن يامانلىغان ئەقىلنىڭ يوقلۇقى، تاماقتىن يامانلىغان قۇرساقنىڭ توقلىقى» دەپ، مۇبادا راستىنلا شۇنداق قىلىۋاتقان بولسىڭىز، سىز بۇ يەردىن قېچىپ نەگە بارىسىز؟ سىزنىڭ مەرىپەت كانىدىن جاۋاھىرلارنى سۈزگىڭىز، ئىلىم ھېكمەت دەريالىرىدا كاراپ بولۇپ ئۈزگىڭىز، ئىلىم-مەرىپەت ئوچاقلىرىدا پولاتتەك تاۋلانغىنىڭىز يوقمۇ؟ مەرىپەت دېڭىزىدا ئاخىرقى ئۇلۇغۋار پەللە ئۈچۈن تېنىمسىز ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەۋاتقان ئىرادە قولۋىقىڭىز ۋاقىتسىز كۆتېرىلگەن   بىرەر قېتىملىق تەتۈر دولقۇنلارغا ئۇچرىغان ھامانلا سىز تولىمۇ تەنتەكلىك قىلىپ، بەخت-ئىقبال قولۋىقىڭىز رولىنى دەرھال ئارقىغا بۇراپ، يېقىنلا يەردىكى قىرغاققا قايتماقچى بولىۋاتىسىزغۇ؟ توختاڭ!!! سىزدە گۈزەل مەنزىلگە يېتىش ئۈچۈن توختىماي ئالغا قاراپ ئىلگىرىلەپ، بۇ- ئەگرى-توقاي، ئەمما تولىمۇ پارلاق بولغان نىشانغا يېتىشتىن ئىبارەت قارشى دولقۇنىغا مۇتلەق ئىشەنچ بىلەن قارشىتۇرۇپ، غەلىبە قازىنىشقا ئىرادە باغلىيالايدىغان يېڭىلمەس جاسارەت يوقمۇ!؟
كېلىڭ دوستۇم، بىز بىرلىكتە مەرىپەت دېڭىزىدا ئەتىكى پارلاق نىشانغا يېتىش يولىدا بىزگە، بىزنىڭ ئىلگىرىلەش يولىمىزغا پۇتلقىكاشاڭ بولغان ھەرقانداق بىر دولقۇنلارغا قەتئىي باش ئەگمەي،توسالغۇلارغايېڭىلمەس ئىرادىمىز بىلەن قەتئىي قارشى تۇرىغدىغان يېمىرىلمەس ئىرادە سېلىپى قۇرۇپ چىقايلى!!!

                                                      < 5 >
ئۆسمۈرلۈك-ئۇ، سۈبھىدە كۆتېرىلگەن قۇياش. ياشلىق- ئۇ «شەيتان»نىڭ قوشنىسى.
دوستۇم، سىزنىڭ ئۆسمۈرلىكىڭىز سۈبھىدە كۆتۈرۈلگەن قوياش. ئەگەر سىزدە توختىماستىن ئىزدىنىدىغان بىر ئوتلۇق يۈرەك بولسىلا، ئاندىنسىز تومۇزنىڭ چىڭقى چۈز مەزگىلىدىكى نۇرانە پاسىبان قۇياش بولۇپ، پۈتكۈل يەر- جاھاننى ئىللىق نۇرغا چۆمدۈرەلەيسىز. ئۇنداق بولمايدىكەن، سۈبھىدە كۆتۈرىلىۋاتقان بۇ تاڭ قۇياشىنىڭ نە ئىسسىقى، نە ھارارىتى بولمىغان شارسىمان جىسىمغا ئايلىنىپلاقالىدۇ، خالاس! ئويلاڭ بېقىڭ: خۇددى شۇنچە كېلىشكەن ساھىبجامال بولۇپ، ئەگەر ئۇنىڭ مىھرى-ۋاپاسى بولمىسا، ئۇنىڭ ئادىمىيلىك قىممىتى بولمىغىنىغا ئوخشاش گەرچە ئۇپۇقتىكى بۇ جىسىمنىڭ قۇياش ئىكەنلىكى شۈبھىسىز بولۇپ، ئەمما ئۇنىڭدىن نە يورۇقلۇق، نە ھارارەت تارالمىسا، ئۇنىڭ بوشلۇقتا ساڭگىلاپ تۇرغان مەۋھۇم كۆلەڭگۈدىن نە پەرقى؟!
دوستۇم، شۇنى ھەرۋاقىتئېنىق ئېسىڭىزدە مەھكەم تۇتۇڭكى، ياشلىقىڭىزدا ئۆزىڭىزنى بىلەلمەستىن ھەرگىزمۇ ئارتۇقچە كۆرەڭلەپ يۈرمەڭ. سىزنىڭ ئالتۇندەك بۇ گۈزەل ياشلىقىڭىز لەنىتى «شەيتان»نىڭ ئەڭ يېقىن سىرداش قوشنىسى. سىز«شەيتان» نى يېتىم قالدۇرىسىڭىزقالدۇرۇڭكى، ھەرگىزمۇ ئۇنىڭ بىلەن سىرداش بولماڭ. بىلىشىڭىز كېرەككى، ياماننىڭ يارىسى يۇقماي قالمايدۇ!
ئەگەر سىز ئوغۇل بولسىڭىز، ياشلىق باھارىڭىزنى ئىنسانلارغا سوغوق نۇر تارقىتىدىغان ئىچكۈلۈك- شاراپلارنىڭ، تىرىك مۇردىقا ئايلاندۇرىدىغان كۆكۈش تۇمانلارنىڭ قۇلى بولۇپ ئۆتكۈزمەڭ. مەنىسىز ئويۇن-تاماشىلارنىڭ ئاكتىپ ئىشتىراكچىلىرى سۈپتىدەغەپلەت چاۋاكلىرىنى چالماڭ. ئەل ئۈچۈن چىراق ياققان جەسۇر ئاتىلارنىڭ چىرىقى ئەبەدىي نۇرلىنىدۇ. سىزمۇ شۇ چىراغدەك نۇرلىنىڭ! رۇھىڭىزدىكىشۇ ئۈمىد چىرىقىنى ھەرگىز ئۈچۈرمەڭ! سىزدە شۇنداق چېچەن ئەقىل، تولىمۇ ھۇشيار سەزگۈرلۈك بولسۇنكى، يەر ئاستىداكۆشەۋاتقان يىلاننىڭمۇ تىۋىشلىرى سەزگۈڭىزدىن قېچىپ قۇتۇلالمىسۇن!!!
ناۋادا سىز قىز بولسىڭىز، كىيىم-كېچەك، يەنە ئاللىقانداق ئاتالمىش زىبۇ-زىننەت بۇيۇملىرى بىلەن سىياقىڭىزنى ئارتۇقچە زىننەتلىۋالماڭ! ئەكىسچە، مەنىۋىيىتىڭىزنى ئىلىم ئۈنچىللىرى بىلەن بىزەڭ.‹‹بۇياق بىلەن بويىغىچە تېشىڭنى، بىلىم بىلەن زىننەتلىگىن ئىچىڭنى›› دېگەن ئاتىلار ھېكمىتى قۇلاق تۈۋىڭىزدە ئەبەدىي جاراڭلاپ تۇرسۇن!!!
بىلىسىز: مەۋجۇدىيەت ئالىمىدە ئانىلار شۇ قەدەر ئۇلۇغكى، ئۇنى تەرىپلەپ بولالمايمىز! ئۇنىڭ بۈيۈكلۈكى- پەزىلىتىنىڭ ئېسىللىقىدىن كەلگەنلىكىنى ھېچقاچان ئەستىن چىقىرىپ قويماڭ!!! سىزمۇ كەلگۈسىدە مىللەتنىڭ ئانىسى بولىسىز. شۇڭا ھەر دائىم ئۆزىڭىزنىڭمۇ ۋەزنى ۋە بۇرچى جاھاندا ھەممىدىن يۈكسەك بولغان ئەنە شۇنداق ئانا بولىدىغانلىقىڭىزنى ئويلاپ تۇرۇڭ! كەلگۈسىدە ئەنە شۇ ئۇلۇغ ھەم يۈكسەك بۇرچنى قانداق ئادا قىلىشىڭىز كېەكلىكىنى ئەسلائۇنتۇپ قالماڭ. مېھرىبان ئانىلىرىمىزغا ئوخشاشلا بىر قولىڭىز بۆشۈكنى تەۋرەتسە، يەنە بىر قولىڭىز دۇنيانى تەۋرەتسۇنكى،ئەكسىچە سەبىي گۆدىكىڭىز بۆلەنگەن كىچىككىنە بۆشۈكنىمۇ تەۋرىتەلمەيدىغان ئاجىزەلەردىن بولۇپ قالماڭ!

                                                   < 6 >

ئۆسمۈرلۈك-ئۇ، ھاياتلىق مۇساپىسىنىڭ باش پەللىسى. ياشلىق-ئۇ، تولىمۇ ئەگرى-توقاي كىشىلىك تۇرمۇش مەنزىلىدىكىدەريا-ئېقىنلارغا سېلىنغان كۆۋرۈك.
دوستۇم، ئۇنتۇماڭكى، پەللىدىن چىقىدىغانلار كۆپ بولسىمۇ، ئەمما نىشانغا ئوڭۇشلۇق يېتەلەيدىغانلار تولىمۇ ئاز ئۇچرايدۇ!!! ھاياتلىقىتىكى تۇنجى قەدىمىڭىز خەيىرلىك بولسۇنكى، ھەرگىزمۇ ئۇ تۇيۇق يوللارنىڭ ماڭسا-ماڭسا ئەسلا ھارماس كارۋىنى بولۇپ قالمىسۇن. قەلبىڭىزدىكى ئۇلۇغ شىجائەت قۇياشى ئەبەدىي نۇرلانسۇنكى،ئۇ سىز بېسىپ ئۆتىدىغان ھاياتلىق پىلسىراتلىرىدىن بىخارامان ئۆتۈپ كېتەلىشىڭىز ئۈچۈن نۇرانە مەشئەل بولۇپ، ئىستىقبال يولىڭىزنى تائەبەد نۇرلاندۇرۇپ تۇرسۇن!!!
                                                    < 7 >

ئۆسمۈرلۈك-ئۇ، ئەجدادلارگۈزەل ئارزۇ-ئارمانلىرىنىڭ يۇمران بىخ يىلتىزى. ياشلىق-ئۇ، ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەك قېنىدا كۆكلەۋاتقان مېۋىلىك دەرەخ.
دوستۇم، ئەجدادلار روھى غېرىپسىنىپ قالمىسۇن. ئۇلار جاپالىق ئەجرى ئارقىلىق قالدۇرغان ئېسىل، تەۋەرۈك مىراسلار ھاياتلىق گۈلۈستانىدا ئەل ئۈچۈن خۇشپۇراق گۈل بولۇپ، دىللارغا ھوزۇر بەخىش ئەتسۇنكى، ئۇ ھەرگىزمۇ بىمەھەلخازان بولمىسۇن. ھەرگىزمۇ گادىرماش خىياللار بىلەن غاپىللىق كوچىسىدا مودا مۇقاملار سەنىمىگە دەسسەپ ئۇسسۇل ئويناپ، ئاندىن ئۆز «ماھارەت»لىرىن ئۆزىچە قاتتىق پەخىرلىنىپ، ئۆزىنى بىلەلمەي، تەلۋىلەرچە ھېس-ھاياجانلار بىلەن چاۋاك چېلىپ يۈرىۋەرمىسۇن! ۋۇجۇدىڭىزدىكى تۈرلۈك نۇقسانىي-ئىللەتلەرنى تېزدىن يوقىتىپ، ئانا ۋەتەننى، جاپاكەش جەلقىمىزنى، بىر پۈتۈن ئۇلۇغ جۇڭخۇامىللىتىنى گۈللەندۈردۈڭ! ئەجداد روھى نۇرلانسۇن. ئەۋلاد چېھرى گۈللەنسۇن. بىلىڭكى، ئەسلىنى ئۇنتۇش- ئاسىيلىقتىن، مەن-مەنچىلىك- زاۋاللىقتىن بىشارەتتۇر.
مانا بۇ سۆزۈم قەلب قەسرىڭىزدىن ئەبەدىيلىككەشاھانە ئورۇن ئالسۇنكى، ئاتا-ئانىڭىز سىزنىڭ ھاياتلىق دەرىخىڭىزنى ياشناتقۇچى مەنبىئى خورىماس تىنىمسىز بۇلاق. ئەنە شۇ بۇلاقنىڭئابى-چەشمىلىرى بولغاچقىلا، سىز مانا مۇشۇنداق شادىمان!!! سىز مانا مۇشۇنداق بەختىيار!!!شۇڭا شۇ تاپتا سىز «يۆلەنسىڭىز تاغ، يايرىسىڭىز باغ» بولىدىغان ئاتا-ئانىڭىزنىڭ قەدرىگە تولۇق يېتىڭ! ئۇلارنىڭ ھەر بىر ئېغىز پەندى-نەسىھەتلىرىگە يۈكسەك ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىتائەت قىلىڭ! ئۇلارنىڭ سىزدىن كۈتكەن، كۈتىۋاتقان پارلاق ئۈمىدىنى ئاقلاشقا تىرىشىڭكى،ھەرگىزمۇ «شەيتان»لارغا ئالدانماي، ئىنسانىي گۈزەل ئەخلاقىي-پەزىلەت بىلەن ئادەمگە خاس ۋىجدان-غۇرۇر، ئەجىر-مېھنەت بىلەن پارلاق شان- زەپەرلەرنى قۇچۇپ ئادەمدەك ياشاڭ! ‹‹ياشىىۋالدىم، يايرىۋالدىم... قۇرقمايمەن، يېڭىلمەيمەن!!!›› دېگەندەكئازغۇنلار ھېيلىسىگە ئىشىنىپ، ئۆزىڭىزنى بىلمەي شىلتىڭ ئېتىپ، خۇدىڭىزنى بىلمەي، ھەپتە يېتىپ كەتمەڭ!!! قايسى بىر كۈنى قارىسام،ئاتا-ئانىڭىزنىڭ بىر چىرايلىق پەندى-نەسىھەتلىرىگە قۇلاق سالماي، ئۇلارغاغا شىردەك ھۆركىرەپ، يولۋاستەك تاشلىنىۋاتىسىز!!! ھەي، دېدىم شۇ چاغدا لەنىتى ئىبلىسنىڭ سىزنى ئويناتقانئۇسۇللىرىغا توساتتىنلا ككزۈمگە چۈشۈپ!!! توۋا، ئەمدى بۇ نېمە ئىش؟!ئەسلا ئۇنتۇپ قالماڭكى، سىزنى ئەنە ئاشۇنداقھۆركىرەتكىنى ۋە مەجنۇنلارچە دېۋىلەردەكئېتىلدۇرغىنى-شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسى! شۇڭا، سىز ئكزىڭىزگە تەۋرەنمەس ئىرادە ئىلئىھرامى تىكلىۋېلىڭ!!! شۇندىلا ھاياتىي كۈچىڭىز تارىم دەرياسىلىدەك ئۆركەش ياسايدۇ....

                                              < 8 >

   ئۆسمۈرلۈك-ئۇ، بوۋاقنىڭ كۆزى. ياشلىق-ئۇ، كۆكتىكى نۇرانە قۇياش!
دوستۇم، سىزنىڭ ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىڭىز نۇرلۇق چىراغقا ئۆزىنى تېنىمسىز ئۇرىۋاتقان پەرۋانىدەك، كۆكنىڭ قەھرىنى يېرىپ ئۆتكەن چاقماقتەك، كۇللى مەۋجۇداتقا ھاياتلىق ئاتا قىلىۋاتقان يۇقىرى ھارارەتلىك نۇرانەقۇياشتەك، غەپلەت ئۇيقۇسىدىن ئويغاتقۇچى تاڭ ئەلچىسى خورازدەك، زېمىننى ياشناتقان يامغۇردەك، توختاۋسىز ئۆركەش ياساپ ئېقىۋاتقان ئانا دەريا-تارىم دەرياسىدەك مەۋج ئۇرۇپ ئۆتسۇنكى، قىسقا بۇ ئۆمرىمىزنىڭ بىزگە ساناپ تەقسىم قىلىنغان ھەر بىر دەقىقىلىرى شۇنچە كۆپئېنىرگىيە سەرپ قىلىپ يوللاردا يۈك بېسىلماي قۇرۇپ قاتنىغاننى ئاز دەپ، قاتناش قىستاڭچىلىقى پەيدا قىلىشتىن باشقا رولى بولمىغان ئەبجىقى چىقىپ كەتكەن موتۇرلۇق قاتناش ۋاستىلىرىنىڭ ۋاقتىدەك بىھۇدە ئۆتۈپ كەتمىسۇن!ئۈمىدۋار نۇرانە بىر جۈپ ئوتلۇقكۆزلىرىمىزھەسەتۋە ماختىنىش ئۇچقۇنلىرىدىن يىراق ھالدا، ئىلىم-ھېكمەتدۇردانىلىرىنى كۆرۈپ، ئۇنى قەلب خەزىنىمىزگە توپلاش ئۈچۈن ئاكتىپ، مەزمۇنلۇق خىزمەت قىلسۇن! سەبىي قەلبىمىز بولسۇن مەڭگۈگە ئاپئاق. باسمىسۇن ئۇنى ھېچقاچاننۇقسانىي-ئىللەتلىك چاپاق!
ئۆسمۈرلۈك-ئۇ، ئۆز تەقدىرىڭىزنىڭ تۆمۈرچىسى! ياشلىق- ئۇ، چېقىپلا ئۆچىدىغان چاقماق!
دوستۇم، ياھاتلىقتا ئۆزىدىن ، ئۆزگىلەردىن ۋە تەقدىرىدىن زارلاش، ئاغرىنىش، دەرد تۆكۈپ ۋايساش چىن ئىنسانلار ئۈچۈن تولىمۇ بىچارىلىق ۋە بەكمۇ بىمەنىلىك. چۈنكى ھەركىم ئۆزىگە ئۆزى تەقدىر! ھەر كىم ئۆزىگە ئۆزى خوجايىن! ھەركىمنىڭ تەقدىرى- ئۆزىنىڭ قولىدا! ھەممىمىز ئۆز تەقدىمىزنىڭ ئىجادچىلىرى! تەدبىرىمىز قانداق بولسا،تەقدىرىمىز شۇنداق بولىدۇ! شۇڭا بىز ھەممىمىز ئۆزىمىزنىڭ گۈزەل تەقدىرىنى ئۆزىمىز ئارزۇلىغىنىدىكىدەك قىلىپ يارىتىۋېلىش ئۈچۈن ئورتاق تىرىشايلى! كىچىكىمىزدىن تارتىپ، ئادىمىيلىك خسلەتلىرىنى ئۆزىمىزدە يېتەرلىك ھازىزرلايلى! چەكلىك ھاياتىمىزدا چەكسىز نەتىجىلەرنى يارىتىشقا تىرىشايلى! ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ، ئاتقان تاڭلارنىڭ، ئاققان سۇلارنىڭ ئەسلاقايتىلانمايدىغانلىقىنى ئەسلا ئۇنتۇماي، ھاياتىمىزنى ئۆسمۈرلۈك ۋە ياشلىق دەۋرىمىزدىن تارتىپ گويا ئالتۇننى قەدىرلىگەندىنمۇ بەكراققەدىرلەيلى!
ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈرەك پارىلىرى، گۈزەل ئۈمىد-ئارزۇلىرىنىڭ ۋارىسچىلىرى، ۋەتەن-خەلقنىڭ ئىزباسارلىرى ۋە گۈزەل كېلەچەكنىڭ ئۈمىدۋار خوجايىنلىرى بولغان ئوماق كىچىك دۇستلىرىم!مانا بۇ مېنىڭ سىلەرگە چاچماقچى بولغان قەلىب چاچقۇلىرىم! مەن مۇشۇ چاچقۇلىرىمنى سىلەرگە چېچىۋاتقان قۇتلۇق دەقىقىلەردە مەنمەن-ئۆزۈم، سىز ۋە ئۇلار ھەققىدە تولىمۇ ئىزتىراپلىق خىياللار دۇلقۇنلىرىغا غەرق بولدۇم. بىزدە ھەقىقىي قەدىرلەشكە تېگىشلىك نەرسە زادى نېمە؟ دەرھال تولۇق ۋاز كېچىپ تاشلىۋېتىشكە تېگىشلىرىچۇ؟ شۇ تاپتا بىز نېمىلەرنى يۇقاتتۇق؟! نېمىلەرنى يوقىتىش بەدىلىگە يەنە زادى نېمىلەرگە ئېرىشتۇق؟!بىز زادى قانداق ياشىشىمىز، شۇنچە كۈچلۈك رىقابەت ۋە رەھىمسىز خىرسقا تولغان بۇ يېڭى دەۋراندا بىز ئىنسانلاردىن تېخىمۇ كۆپ، تېخىمۇ يېڭى ئەمەلىي بىلىم ۋە كۆپ خىل قوللىنىشچان تېخنىكىلارنى بىلگەن بولۇشىمىزنى كۈچلۈك تەلەپ قىلىدىغان ئەتىدىكى ئىختىساسلىقلار رىقابىتى ئۈچۈنزادى نەچچىلىك دەسمىي توپلىدۇق ۋە توپلاۋاتىمىش!؟ تاللاش ۋە شاللاش شۇ قەدەر كەسكىنلىشىۋاتقان مۇرەككەپ مۇھىتقا ماسلىشىش ساپايىمىز زادى نەچچىلىك دەرىجىگە يەتتى؟!مەن مانا مۇشۇ بىر قاتار سۇئاللىرىم ئۆزىگە تولۇقى بىلەن مۇجەسسەملەنگەن بۇ قۇتلۇق قەلب چاچقۇلىرىم ئارقىلىق سىلەرگە ئاز-تولا ئويغىنىش گۈدۈكى چالالىسام، بۇ چاچقۇلىرىم ئارقىلىق سىلەرنى گۈزەل ئىقبال يولىغا باشلاپ ماڭالىسام، ئەتىدىكى نۇرانە بەختىڭلارنىڭ بىرەر چىغىر يولىنى بولسىمۇ كۆرسىتىپ بېرەلىسەم...شۇ چاغدا قەلبىم گۈلۈستانىدىكى ئۈمىد غۇنچىلىرىم تېخىمۇ پورەكلەپ ئېچىلماسمىدى!؟ ئۇنىڭ تۈمەنلىگەن دىللارغا ئالەمچە ھوزۇر ئاتا قىلغۇچى تەسۋىرلىگۈسىز خۇش ھىدلىرى باش باھارنىڭ ئىللىق تاڭ شامىلىدا تەشنا ۋۇجۇدلارغا شۇنچە مەززىلىك چېچىلماسمىدى!!؟؟

                          2014-يىل 30-ئىيۇن

قەلبىم يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 21:02:23

بەك ياخشى تېمىكەن رەھمەت
بەت: [1]
: سەبىيلەرگە چېچىلغان قەلب چاچقۇلىرى