نەۋكەر. يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 14:47:53

چۈش تەبىرلىرى

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەۋكەر. تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-30 15:58

                                                                        چۈش تەبىر

                                                                           نەۋكەر


      ھەر كىشى بىرەر چۈش كۆرسە چۈشىگە تەبىر بەرگۈچى ياخشىلىققا تەبىر بەرسۇن، يامانلىققا تەبىر بەرمىسۇن، چۈش دېگەن بىرر ئاللاھ تەرەپتىن، يەنە بىرى شەيتان تەرەپتىندۇر، ھەرقانداق چۈشكە خۇدايىم مۇرادىڭغا يەتكۈزسۇن، يۈسۈپ ئەلەيسىسسلام يار بولسۇن دەپ تەبىر بېرىش لازىم. ھەر كىشى ئۆزىنىڭ نىيەت ئەمەلىگە قاراپ چۈش كۆرىدۇ. چۈش كۆرگۈچىنىڭ قېنى، سەپراسى، سەۋداسى غالىب بولغان بولسا، كۆرگەن چۈشنىڭ ئېتىبارى بولمايدۇ. ئۇنىڭغا تەبىر ئېيتىلمايدۇ. ئەگەر كىشىنىڭ ياتىدىغان چاغدا خىيالىغا كەلگەن نەرسىلەر چۈشىگە كىرسە، بۇ چۈشنىڭمۇ ئېتىبارى بولمايدۇ. يىل بېشىدىكى چۈش يىل ئاخىرىدىكى چۈشتىن، سەھەردىكى چۈش ئاۋۋالقى چۈشتىن ياخشى بولىدۇ.


ھەركىمنىڭ ئۆي تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئوغۇل پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر، ئۆيىنىڭ تۆۋەن تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە، قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر. ئۆينىڭ قىبلە تېمى ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئانا تەرەپكا خەتەر يېتەر. تورۇس ئۆرۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئۆينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر؛
قەبرىستانلىقتا يۈرۈپ چۈش كۆرسە، گۇناھى ئازلىغان بولۇر؛
مەسچىتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خۇدانىڭ خەزىنىسىدۇر؛
مەسچىتتە ناماز ئوقۇپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر؛
چوڭ دەرەخ يىقىلىپ چۈش كۆرسە، شۇ جاينىڭ چوڭىغا خەتەر يېتەر؛
كۆچەت قويۇپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرگەي؛
تاققا يۈرۈپ تاغنى كۆرۈپ چۈشكۆرسە، ئىززەت ۋە ھۆرمەتلىك بولغاي؛
ئوتنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر؛
تۈتۈن ئىسىنى كۆرۈپ چۈش كۆسە، بىناماز بىلەن دوست بولۇر؛
ئانارنى كۆۈپ چۈش كۆرسە، بىر يەردىن سوۋغات خەۋىرى كەلگگي؛
بېھى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، كېسەل بولۇر؛
ئېشەكتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە، ئۆزىگە زىياندۇر؛
تۆمۈر ئەسۋاپ كۆرۈپ چۈش كۆسە، پەرزەنتى كۆپ بولۇر؛
قامچا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، چوكان ئالۇر؛
ئىت كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دۈشمەنقەست قىلۇر؛
چاشقان ئوغرى سۈرىدۇر؛
توشقان كۆرۈپ چۈش كۆسە، پەرزەنت نېسىپ بولۇر؛
قاغا قاقىلداپ چۈش كۆرسە، قورقۇنچلۇق خەۋەر كېلۇر؛
پاختەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر؛
قۇشقاچ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، غەمكىنبولۇر؛
كەپتەر كۆرۈپ چۈش كۆسە، بالىسى ئالىم بولۇر؛
لاچىن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى باتۇربولۇر؛
دەمدەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، شۇ جايدىن قۇرئان ئاۋازى ئۈزۈلمەس؛
تورغاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئاۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر؛
سېغىزخان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ھارامخور بىلەن دوست بولۇر؛
بۇلبۇل كۆرۈپ چۈش كۆسە، بالىسى نەغمىچى بولۇر؛
قارلىغاچ كۆۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى راست سۆزلۈكبولۇر؛
ھۆپۈپ كۆرۈپ چۈش كۆسە، بالىسى بېخىل بولۇر؛
ئاسمانغا ئۇچۇپ چۈش كۆسە، دۆلىتى زىيادە بولۇر؛
يەر ياقىلاپ چۈش كۆرسە ياكى ئۇچۇپ يىقىلىپ چۈش كۆسە، سەپەردە خەتەرگە ئۇچرار؛
ئېگىز ئۇچۇپ چۈش كۆرسە، سەپىرى سالامەت بولۇر؛
كەتمەن كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر؛
ئارا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر؛
خامان تېپىپ چۈش كۆرسە، خەلققە باشلىق بولۇر؛
كېيىكنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، نېمەتكە داخىل بولۇر؛
كالا قوغلاپ كېتىپ چۈش كۆرسە، ئۇلۇغلارنىڭ نەزىرىدىن يىقىلۇر؛
كالا بوغۇزلاپ چۈش كۆرسە، يۇرتىغا خەتەر يېتەر؛
كالا گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە، ئۆي سەرەمجانلىرى تەقسىم قىلىنۇر؛
قوي گۆشى تەقسىم قىلىپ چۈش كۆرسە، تەقسىم نۆۋىتى كېلۇر؛
پاقلان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسى يېتىم قالۇر؛
ئۆچكە جىننىڭ سۈرىدۇر؛
ئوغلاق كۆرۈپ چۈش كۆسە، مەككار پەرزەنت كۆرەر؛
مال بېقىپ چۈش كۆسە، خەلققە باشلىق بولۇر؛
تۆگە قوغلاپ چۈش كۆرسە، ئەۋلىيالارنىڭ غەزىپىگە ئۇچرار؛
تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر؛
مىكىيانكۆرۈپ چۈش كۆسە، خوتۇن ئالۇر ياكى ئەرگە تېگەر؛
تۇخۇم يەپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرمەس؛
تۇخۇم چېقىلىپ چۈش كۆرسە، پەرزەنتى تۇغماس؛
قوناق كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۈشكۈلى ئاسان بولۇر؛
ئىس قەست قىلىپ چۈش كۆرسە، دۈشمەن سۈرىدۇر؛
شەھەر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مۈشكۈلى ئاسان بولۇر؛
چوڭ بولۇپ چۈش كۆرسە، رەنجىگە گىرىپتار بولۇر؛
جىڭ تارازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دەۋاگار بولۇر؛
كۆۋرۈك كۆۈپ چۈش كۆرسە، ئابرۇيلۇق بولۇر؛
گۈلنى كۆۈپ چۈش كۆسە، ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر؛
قورسىقى تويۇپ چۈش كۆسە، غەمگە قالۇر؛
قورسىقى ئېچىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن قۇتۇلار؛
جامائەتلەرنى كۆرسە، خوشاللىقى بولۇر؛
بىلەيزۈكنى كۆرۈپ چۈش كۆسە، نىكاھى مۇستەھكەم بولۇر؛
ھارۋا كۆۈپ چۈش كۆرسە، پۇتىغا ئاياغ كىيىپ چۈش كۆرسە خوتۇن ئالۇر؛
قىزبالا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئۇزۇن بولۇر؛
چوكان كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پۇل-مېلى ئامان بولۇر؛
زىنا قىلىپ چۈش كۆرسە، غۇسلى تاھارەت قىلىپ يۇيۇنسۇن، مۇرادىغا يېتەر؛
ئوڭ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە، ئوغۇل پەرزەنتىگە، چەپ قولى غايىپ بولۇپ چۈش كۆسە قىز پەرزەنتىگە خەتەر يېتەر؛
بەدىنىگە موي چىقىپ چۈش كۆسە، پۇل-مېلىغا زىيان يېتەر؛
ھايۋاننىڭ تېزىكىنى تېرىپ چۈش كۆسە، ئۆمرى مۇشەققەت بىلەن ئۆتەر؛
ئۆيگە كىرىپ چۈش كۆرسە، غەمگە قالۇر؛
ئۆيدىن چىقىپ چۈش كۆرسە، غەمدىن قۇتۇلار؛
ئۆيگە سۇ كىرىپ چۈش كۆرسە، ئۆيگگ بەرىكەت كېلۇر. سۇ بەرىكەتنىڭ، نىجاسەت دۇنيانىڭ سۈرىدۇر؛
ئۆيگە ئوت كېتىپ چۈش كۆرسە، بەدنىيەت ئادەمگگ ئۇچرار؛
دەريانى كۆۈپ چۈش كۆسە، ھاجىتى راۋانبولۇر؛
كېمىگە چىقىپ چۈش كۆسە، يۈزدەيۈز مەرتىۋەتاپار؛
پاقىنى كۆرسە ئەۋلىيالار بىلەن دوست بولۇر؛
بالىق تۇتۇپ چۈش كۆسە، ھالالدىن رىزقى كۆپ بولۇر؛
ئات يۈگۈرتۈپ چۈش كۆرسە، مۇرادىغا يېتەر؛
ئات مىنىپ جەڭقىلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇنى بىلەن ماجرالىشىپ ئۆي بۇزۇلۇر؛
ئاتتىن يىقىلىپ چۈش كۆرسە، خوتۇندىن يامانلىق كېلۇر؛
يايلا قۇيرۇقلۇق ئاتقا مىنىپ چۈش كۆسە، خوتۇنى كېسەل بولۇر؛
لەھەڭ تارتىپ] چۈش كۆسە، ئۇلۇغلاردىن ئىنئام ئالۇر؛
ئەجدىرھا پادىشاھنىڭ سۈرىدۇر؛
قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، رىزقى كۆپ بولۇر؛
توڭ قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، جۇداغا قالۇر؛
ئاچچىق قوغۇن يەپ چۈش كۆرسە، بىر كىشىدىن ئىزا-ئاھانەت ئاڭلار؛
ئاق ئۈجمە يەپ چۈش ك ۆرسە، رىزقى كۆپ بولۇر؛
ياڭاق كۆرۈپ چۈش كۆرسە، جۇداغا قالۇر؛
كۆك ئۈزۈم يەپ چۈش كۆسە، يىغا-زارىلىق بولۇر؛
توڭ ياڭاق يامان ئەمەستۇر؛
جۇۋاز يېغى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، جۇداغا قالۇر؛
غەلۋىر كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ۋەيرانلىقتا قالۇر؛
ئۆتكەمە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، غەمگە قالۇر؛
خوتۇن كىشى ئوغۇل تۇغۇپ چۈش كۆرسە قىزدۇر؛
ئالما كۆۈپ چۈش كۆرسە، دىدار كۆرۈشەر؛
چىلان كۆرۈپ چۈشكۆسە، بالىسى دوختۇر بولۇر؛
تولا يىغلاپ چۈش كۆرسە، كېسەل بولۇر؛
گۆر كولاپ چۈش كۆرسە، ھاجىتى راۋا بولۇر؛
ھەرە كۆۈپ چۈش كۆسە، بىراۋدىن ئازارلىنۇر؛
ھىندى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، قارىغۇ پەرزەنت كۆرەر؛
چېچەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى راھەتتە ئۆتەر؛
شېكەتناۋات كۆرۈپ چۈش كۆسە، خۇشاللىق بولۇر؛
جەڭ بولۇپ چۈش كۆرسە، كېسەل تولا بولۇر؛
قاپاق كۆۈپ چۈش كۆرسە، كېسەلدىن شىپا تاپۇر؛
قۇلىقى گاس بولۇپ چۈش كۆسە بەتنام سۆزدىن قۇتۇلار؛
بوغاز تۆگە كۆرۈپ چۈش كۆرسە، جان ئالغۇچىنىڭ سۈرىدۇر؛
كەكلىك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ىۇدا جۈپ پەرزەنت بېرەر؛
قارىغوجا كۆرۈپ چۈش كۆسە، دوستى قولىغا كېلۇر؛
سېۋەت كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەرتىۋېسىدىن چۈشەر؛
چىراغ كۆرۈپ چۈش كۆرسە،ئالىم پەرزەنت بولۇر؛
سۈرە فەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە، ئالىم پەرزەنت بولۇر؛
سۈرە فەلەقنى ئوقۇپ چۈش كۆرسە، سېھرىي جادۇدىن قۇتۇلار؛
سۈرە ياسىن ئوقۇپ چۈش كۆرسە، خۇدا دوزاخ ئازابىدىن ساقلار؛
تاھارەت ئېلىپ چۈش كۆرسە، ئابرويى كۆتۈرۈلەر؛
روھ كۈلۈپ چۈش كۆرسە، ئازاب تارتقاننىڭ سۈرىدۇر؛
روھ دەشنام قىلىپ چۈش كۆرسە، مەدەت قىلغاننىڭ سۈرى؛
روھ ئۇرۇپ چۈش كۆرسە، ساقايماس كېسەلگە قالۇر؛
روھ ئىززەتلەپ چۈش كۆسە، ئۆز يېنىغا تارتقاننىڭ سۈرىدۇر؛
روھ سۆزلىسە راست سۆزلىگەي؛
روھ تائام بېرىپ چۈش كۆرسە، دۇئا تەلەپ قىلغاندۇر؛
روھ تاھارەت ئېلىپ چۈش كۆرسە، ەۇناھى تۆكۈلەر؛
تۈگمىن قۇرۇق چۆرگىلەپ چۈش كۆرسە، قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتكەقالۇر؛
تۈگمەندە ئۇن تارتىپ چۈش ك ۆرسە، پۇل-مېلى كۆپ بولغاي، ھاجىتى راۋان بولغاي.
يامغۇر يېغىپ چۈش كۆرسە، ئەرزانچىلىق بولۇر؛
ئاپتاپ چىقىپ چۈش كۆرسە، مەرتىۋېلىكبولۇر؛
كۈننى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خۇدانىڭ جامالىدۇر؛
كۈن تۇتۇلۇپ چۈش كۆرسە، خەلق زۇلۇمدا قالغاي؛
ئاي كۈن بىر يەردە جەم بولۇپ چۈش كۆرسە، دەرىجىسى كۆتۈرۈلگەي؛
يېڭى ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پەرزەنت كۆرگەي، تولۇن ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە مۈشكۈلى ئاسان بولۇر؛
يېرىم ئاي كۆرۈپ چۈش كۆرسە، قىلغان ئىشى چالا بولغاي؛
ئاي كۆيۈپ كېتىپ چۈش كۆرسە، يۇرت ئىچىدە پىتنە-پاسات بولۇر؛
يۇل؛تۇز كۆرۈپ چۈش كۆسە، مۇرادىغا يېتەر؛
يۇلتۇزلار تۆكۈلۈپ چۈش كۆسە، قۇرۇق تۆھمەتكە يولۇقار؛
ئۆتكەي يۇلتۇزنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ساھابىلەردىن مەدەت بولۇر؛
يۇلتۇز ئېقىپ چۈش كۆرسە، بىر ئالىم ۋاپات بولۇر؛
يەر تەۋرەپ چۈش كۆرسە، گۇناھلار كۆپلۈكىنىڭ ئالامىتىدۇر؛
ھاۋا گۈلدۈرۈلەپ چۈش كۆرسە، قۇرۇق سۆزگە قالۇر؛
چاقماق چېقىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھنىڭ ئالدىدا گۇناھقا لايىق بولۇر؛
باش غايىپ بولۇپ چۈش كۆرسە، ئەجىلى يېقىن بولۇر؛
بېشىغا قىلىچ تېگىپ چۈش كۆرسە، پادىشاھقا خەتەر يېتەر؛؛
باش چۈشۈرۈپ چۈش كۆسە، يېرىم ھەج ساۋابى بولۇر، قىلغان ئىشى چالا بولۇر؛
چېچى ئۇزۇن ئۆسۈپ چۈش كۆرسە، قەرزدار بولۇر؛
كۆزى كور بولۇپ چۈش كۆرسە، تېنەپ قالۇر؛
ئايالنىڭ چېچى ئۆسۈپ چۈش كۆسە، نامەردنىڭ قولىغا قالۇر؛
بىر كۆزى كۆرمەس بولۇپ چۈش كۆرسە، نامەردنىڭ قولىغا قالۇر؛
بۇرنى پۇچۇق بولۇپ چۈش كۆرسە، ئەيىبى ئاشكارا بولۇر؛
ئاق تون كىيىپ چۈش كۆسە، ماتەمداربولۇر؛
قىزىل تون كىيىپ چۈش كۆرسە، روشەنلىككە چىقار؛
كۆك تون كىيىپ چۈش كۆرسە، يىغا-زارىلىق بولۇر؛
يالاڭ ئاياغ بولۇپ چۈش كۆسە، گۇماندىن پاك بولۇر؛
لاي سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، رەنجى مېھنەتلىك بولۇر؛
سۈزۈك سۇ كۆرۈپ چۈش كۆرسە، ئۆمرى ئاز قالغاندۇر؛
تۇز كۆۈپ چۈش كۆرسە، بەدنامغا قالۇر؛
قۇش كۆرۈپ چۈش كۆرسە، دۆلىتى زىيادە بولۇر؛
ئەگەر قۇشلار سوقۇشۇپ چۈش كۆسە، دۈشمىنى بىلەن دوست بولۇر؛
قانكۆرۈپ چۈش كۆسە، دۈشمىنى بىلەن دوست بولۇر؛
سارنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، پاسىق بىلەن دوست بولۇر؛
تۈلكە كۆرۈپ چۈش كۆسە، ھېيلىگەر بىلەن دوست بولۇر؛
گۆرنى كۆرۈپ چۈش كۆرسە، غەمسىز بولۇر؛
كېپەن راسلاپ چۈش كۆرسە، غەمسىز بولۇر؛
جىنازا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، خەلقىگە چوڭ ئاپەت بولۇر؛
ئۆلۈك تىرىلىپ چۈش كۆرسە، روھ ئاجىزلىغاننىڭ سۈرىدۇر؛
روھ يىغلاپ چۈش كۆرسە، روھقا بىھۇش نىسىپ بولغان سۈرىدۇر؛
روھ بىرنەرسە بېرىپ چۈش كۆرسە، قوللىغان سۈرىدۇر. روھ بىر نەرسىنى تارتىپ چۈش كۆرسە، ئۆز يېنىغا تارتىدۇ؛
قازانغا ئوت قالاپ چۈش كۆرسە، بەدنىيەت بىلەن دوست بولۇر؛
ساندۇق كۆرۈپ چۈش ك ۆسە، كەسپىي دۇنياسى راۋاج تاپار، ساندۇقتىن نەرسە ئېلىپ چۈش كۆسە غەمدىن ئامان بولۇر؛
كوزا كۆۈپ چۈش كۆرسە ياكى كوزا چېقىلسا، خوتۇنىنىڭ تۇغۇتى تەس بولۇر؛
تاۋاق كۆرۈپ چۈش كۆسە، پەرزەنت بولۇر؛
ئالتۇن كۆۈپ چۈش كۆسە، ئىماندىن ئاجراش خگۋپى بار؛
كۈمۈس كۆرۈپ چۈشكۆسە، دۇئاسى ئىجاۋەت بولۇر؛
داچەن كۆرۈپ چۈش كۆسە، پۇشايمانغا قالۇر؛
ئۈزۈك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، بالىسىنىڭ بىرەر ئەزاسى كام بولۇر؛
ئەينەك كۆۈپ چۈش كۆرسە، سەپەر تەرەپتىن خەۋەر كېلۇر؛
ئەينەككە قاراپ چۈش كۆسە، دىدار كۆرۈشەر؛
بۇغداي كۆرۈپ چۈش كۆسە، جاپا بىلەن دۇنيا تاپار؛
قوناك كۆرۈپ چۈش ك ۆسە، روشەنلىككە چىقار؛
مايسا كۆۈپ چۈش كۆسە، يىغا-زارىلىقبولۇر؛
ئارپا كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەينەتچىلىككە قالۇر؛
تېرىق كۆرۈپ چۈش كۆسە، مۈشكۈلى ئاسان بولۇر؛
ھايۋان بىلەن سۆزلىشىپ چۈش كۆرسە، ھەقىقىي مۇسۇلمان بولۇر؛
سۈرە رەھمان ئوقۇپ چۈش كۆسە، ئىككى ئالەماە سائادەتمەن بولغاي؛
قۇرئان ئوقۇپ چۈش كۆسە، ياخشىلىقنىڭ ھېسابى بولماس؛
سېمىز ئىنەك كۆرۈپ چۈش كۆرسە، مەمۇرچىلىق بولۇر، ئورۇق ئىنەك كۆۈپ چۈشكۆسە، قەھەتچىلىك بولۇر؛
ئورۇق بۇغداي سېمىز بۇغداينى چىرماپ چۈش كۆرسە، ئاسماندىن يامغۇر ياغماي، تېرىقچىلىق ھوسۇل بەرمەي، كىشىلەر ھالاك بولۇپ، ئاتا ئوغۇلدىن، قىز ئانىسىدىن قېچىپ ھالاك بولىدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ؛
بۇغداي ئوخشاپ چۈش كۆسە، مەھسۇلات ئېشىپ مەمۇرچىلىق بولۇر؛
ياخشى چۈش كۆسە خۇداغا ھەمدۇسانا ئېيتىش، ناچار چۈش كۆرسە تۆۋە-ئىستىغپار ئېيتىپ، پېقىر-مىسكىنلەرگە ئېھسان قىلىش لازىم.ئەسكەرتىش:بۇ چۈش تەبىرلىرى نۇرغۇن يىللىق تەجرىبىلەرگە ئاساسەن يېزىلدى...

    مەنبە:‹‹ئەينەك››ناملىق كىتاب

فارۇق7 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 19:04:08

جام发表于2014-07-01 15:28:11 static/image/common/back.gif
ھەر ھالدا كۆرۈپ قويغاننىڭ يامىنى يوق. بۇ ئالەم ۋە ھاياتلىق تولىمۇ سىرلىق، ئەلمىساقتىن تارتىپ ھاياتلىق ۋە ئالەمنىڭ بىر پۈتۈن تېگىگە يەتكەن بىرمۇ ئىنسان يوق. مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇلۇغ ئەژداتلىرىمىز بىزگە: «پالغا ئىشەنمە، پالسىزمۇ يۈرمە» دەپ ھېكمەت قالدۇرغان. شۇڭا بىز بۇنداق ئشلارغا ئوبېكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز، بىزگە ماس كەلمىگەنلىرى- ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىرىغا پەرۋا قىلماسلىقىمىز، ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىدىغانلىرىنى بولسا روھىي تەڭپۇڭلۇق ساقلاشتىكى كاتالىزاتور ئورنىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. قانداق دېدىم كۆپچىلىك؟

مەن سىزنىڭ پىكىرىڭىزگە قوشۇلمايمەن.پالغا ئىشەنمە پالسىزمۇ يۇرمەدىگەن گەپ شەيتاننىڭ ئىشى.بۇ قاراش پۇتۇنلەي خاتا.
بۇ قاراش ئىنساننى ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرۇشكە بۇيرۇيدۇ. ئاللاھقا شىرىك كەلتۇرۇش ئىغىر گۇناھتۇر.
چۇش تەبىرى دىگەن پال ئەمەس.چۇش دىگەن ئاللاھنىڭ ھىكمىتى.
چۇشنىڭ تەبىرىگە ئىشىنىشكە بولىدۇ ئەمما پالغا قەتئىي ئىشىنىشكە بولمايدۇ.
来自安卓客户端

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 15:28:11

ھەر ھالدا كۆرۈپ قويغاننىڭ يامىنى يوق. بۇ ئالەم ۋە ھاياتلىق تولىمۇ سىرلىق، ئەلمىساقتىن تارتىپ ھاياتلىق ۋە ئالەمنىڭ بىر پۈتۈن تېگىگە يەتكەن بىرمۇ ئىنسان يوق. مۇشۇ ۋەجىدىن ئۇلۇغ ئەژداتلىرىمىز بىزگە: «پالغا ئىشەنمە، پالسىزمۇ يۈرمە» دەپ ھېكمەت قالدۇرغان. شۇڭا بىز بۇنداق ئشلارغا ئوبېكتىپ پوزىتسىيەدە بولۇشىمىز، بىزگە ماس كەلمىگەنلىرى- ياخشىلىق ئېلىپ كەلمەيدىغانلىرىغا پەرۋا قىلماسلىقىمىز، ياخشىلىقتىن بېشارەت بېرىدىغانلىرىنى بولسا روھىي تەڭپۇڭلۇق ساقلاشتىكى كاتالىزاتور ئورنىدا كۆرۈپ مۇئامىلە قىلىشىمىز كېرەك دەپ قارايمەن. قانداق دېدىم كۆپچىلىك؟

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:30:21

ئەپسۇس،مەن دايىم قارا جەمىيەت بولۇپ،قورال كۆتۈرۈپ...........غەلىتىلا چۈش كۆرىمەن دىسە،توۋا ۆ

پىنھار يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:25:23

يىقىندىن بىرى بەك چارچاپ كەتتىمۇ بىلەيمەن ...........يا ئۇيقۇ ياكى كۆرگەن چۈشۈم ئېسىمدە يوق .................

سىمانۇر يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 16:44:11

مەن چۈش تەبىرلىرىنى بىلگەندىن بىلمىگەن ياخشى دەپ قارايمەن.ئۇنى بىلىپ ئەندىشە قىلىپ يۈرگەندىن بىلمىگەن ياخشى.

gulnar38 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 02:18:21

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 02:37:32

يېڭى بىلىملەرنىڭ يامىنى يوق. ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

دېھقان يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 10:34:35

نەۋكەرجانئىملا خاتالىقى تۇپەيلى ،بەزەن بىر يەرلەرنىڭ مەزمۇنى ئوزگىرىپ كىتىپتۇ ،خاتا يەرلىرىنى تەھرىرلەپ قويۇڭ، مەن داۋاملىق جىدەللىشىپ چۇش كورىمەن . بۇنىڭ تەدبىرى يوقكەنا،

ئەسلەش86 يوللانغان ۋاقتى 2014-7-1 14:56:32

{:6_267:}ياخشى تىماكەن ، رەھمەت
بەت: [1] 2
: چۈش تەبىرلىرى