ساقلاپ قويۇشقا ئەرزىيدىغان ئەقلىيە سۆزلەر
http://kolangga.biz/data/attachment/forum/201406/28/213735gfjl72xpf32pf12t.jpg.:. مۇۋەپپەقىيەت قازانغان ئەرنىڭ كەينىدە بىر ئايال بولغان بولىدۇ. لېكىن بۇ ئايال ئۇنىڭ ئايالى بولماستىن، بەلكى قېيىن ئانىسىدۇر.
.:. مۇھەببەتلەشكەن ۋاقىتتىكى چىقىم مۇھەببەتنىڭ ھەقىقىي ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ؛ توي قىلغاندىن كېيىنكى چىقىم بولسا نىكاھنىڭ بىباھا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلايدۇ.
.:. مۇھەببەت بىر خىل ئەقلىي ئەمگەكتۇر، نىكاھ بولسا جىسمانىي ئەمگەكتۇر. مۇھەببەت قارتا ئوينىغانغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭدا پۈتۈنلەي مۆلچەرگە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ. نىكاھ ماجاڭ ئوينىغانغا ئوخشايدۇ؛ ئۇنىڭدا ئامەتكە تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.
.:. ئەگەر ئىشىك قاتتىق چېكىلسە، سىزنىڭ كۆرىدىغىنىڭىز كۆپ ھاللاردا ھەق يىغقۇچى بولىدۇ؛ ئەگەر ئىشىك بوش چېكىلسە ئۇنداقتا سىزنىڭ كۆرىدىغىنىڭىز ۋاكالىتەن مال ساتقۇچى بولىدۇ.
.:. قىز قوغلاشتا ھېسسىيات ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شېئىر ۋە لىرىك نەسىرلەرنى ئىشقا سېلىش كېرەك، ئەمما خوتۇنىنى زاڭلىق قىلىشتا فېليەتوننىڭ رولىدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك.
.:. ئەقىللىق ئاياللارلا شۇنى چوڭقۇر ھېس قىلالايدۇ، پەقەت كۆيۈنۈش بىلەن چۈشىنىشلا ئەرلەرنىڭ قەلبىدىن مەڭگۈلۈك ئورۇن ئېلىشتىكى ئىككى مۇھىم ئامىل.
.:. تالانت كەسىپكە قارىتا ئېيتىلغان بولماستىن، بەلكى كەسىپكە بولغان قىزغىنلىققا قارىتا ئېيتىلغان.
.:. سىز مېڭىشقا ماس كېلىدىغان يول ھامان يول يوق جايدىن ئېچىلغان يولدۇر، سىزنىڭ كەڭ-كۇشادە مېڭىپ كېلىۋاتقىنىڭىز بولسا باشقىلارنىڭ قاسراقلىرىغا ئىگە بولۇش جەريانىڭىزدۇر.
.:. ھەقىقىي ئەقىللىق ئادەم ئەستە تۇتۇش قابىلىيىتىنى كىتابلاردا خاتىرىلەنمىگەن نەرسىلەرنى تۇتۇۋېلىشقا ئىشلىتىدۇ.
.:. ئۆز ئارا ياخشى كۆرۈپ ئايرىلىپ كەتكەندىن كېيىن، ئىلگىرىكى ۋاقىتقا قايتقىلى بولمايدۇ؛ شۇڭلاشقا سىز يەنىلا قارشى تەرەپ بىلەن ئەڭ يېقىن ناتونۇشلاردىن بولۇپ ئۆتسىڭىز بولىدۇ.
.:. سىز مەيلى قەيەردە بولماڭ، مۇۋەپپەقىيەتنىڭ بىرىنچى قەدىمى ھامان مەسئۇلىيەتنى زىممىڭىزگە ئېلىشتىن باشلىنىدۇ. نېمىدىگەن بىمەنىلىك بۇ...مۇھەببەتلەشكەن چاغدىكى چىقىم دەل ئۇنىڭ ئەخمەقلىقىدىن بولىدۇ..بولۇپمۇ ھازىرقى قىزلار پۇل ئۈچۈن ئارلىشۋاتقان زاماندا. توي قىلماي تۇرۇپ مۇۋاپىقيەت قازانغانلار نۇرغۇن..شۇڭا باشتىكى نەزەرىيەنى ئەقىلگە ئۇيغۇن ئەمەس دەپ قارايمەن. باشقىلىرى بولاپ قويغۇدەك...رەھمەت ياخشى ئەقلىيە سۆزلىرى ئىكەن. ئەجرىڭىزگە رەھمەت. راستىنلا ساقلاپ قۇيۇشقا ئەرزىگۈدەك ئەقلىيەلەر كەن.
بەت:
[1]