ئىنتېرنىت نېمىلەرنى ئىلىپ كەلدى؟
ئىنتېرنىت بۈگۈنكى زامان كىشىلىرىنىڭ ئەڭ مۇھىم ئالاقىلىشىش قۇرالى بولۇپ قالدى.كىشىلەر ئۆگۈنۈشتە،خىزمەتتە ۋە كۈندىلىك پائالىيەتلىرىدە ئىنتېرنىتنىڭ رولىدىن كەڭ پايدىلانماقتا.ئىنتېرنىت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى مەتبۇئات،كىتاب،ژۇرنال،گېزىت،تېلىفۇن،رادىيو ۋە تېلېۋىزىيەدىن كىيىن مەيدانغا كەلگەن يەنە بىر مۇھىم ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسى،شۇنداقلا بارلىق ئۇچۇر تارقىتىش ۋاستىسىنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن سىستېما.
كىشىلەر ئىنتېرنىتقا كىرىپ،تەبىئەت ۋە جەمىيەتكە ئائىت ھەر قانداق بىلىم،تېخنىكا ۋە تەجىربىلەرنى ئۆگۈنەلەيدۇ،شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيادىكى كىشىلەر ئۆز ئارا ئۇچۇر ۋە پىكىر ئالماشتۇرالايدۇ.
ئېنتىرنىتتا چەكلىمە،ئايرىمچىلىق ۋە يۇقىرى-تۆۋەنلىك مەۋجۇت ئەمەس.بۇ يەردە كىشىلەر دۆلەت،ئىرق،مىللەت،جىنىس،ياش،بايلىق ۋە مەرتىۋە بىلەن ھىسابلاشماي ئۆز ئارا سۆزلىشەلەيدۇ،پىكىر بايان قىلالايدۇ.تەجىربە ئالماشتۇرالايدۇ،ۋە بىلىم ئالالايدۇ.ئۇ بۈگۈنكى زاماندىكى بىردېنبىر دۆلەت چىگراسى بولمىغان خەلقئارالىق ماكان.
ئىنتېرنىت ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈنمۇ ئۈنۈملۈك خىزمەت قىلۋاتىدۇ.كىشىلەر بۇ قورال ئارقىلىق دۇنيا يىڭىلىقلىرىدىن خەۋەردار بولۇۋاتىدۇ،بىلىم ئۇگۈنىۋاتىدۇ،ئىشلەپچىقىرىشنى ئىلگىرى سۈرۋاتىدۇ،سودا-تىجارەت قىلۋاتىدۇ،مۇلازىمەت يولغا قويۋاتىدۇ،ئۆز ئارا ئىللىقلىق يەتكۈزۋاتىدۇ.
دىمەك،ئىنتېرنىت ئۇيغۇر جەمىيتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ ئاكتىپ خىزمەت قىلماقتا.
يۇقارقىلار ئىنتېرنىتنىڭ بىزگە ئىلىپ كەلگەن ياخشى تەرەپلىرىدۇر.
ئەمما تورداشلارنىڭ ئىچىدىكى ئاز سانلىق كىشىلەرئىنتېرنىتنى ئىجابىي ئىشلاردىن كۆرە،سەلبىي ئىشلارغا بەكرەك ئىشلىتۋاتىدۇ.بۇنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە:
1.شەھۋانىي كۆرۈنۈش ۋە سۆزلەرنى تارقىتىپ،كىشىلەرنىڭ ئەخلاقىغا پاسسىپ تەسىر كۆرسىتىش.
بۈگۈنكى كۈندە تورغا چىققۇچىلارنىڭ كۆپىنچىسى ياشلار ۋە ئۆسمۈرلەر بولۇپ،ئۇلار توردىكى يالىڭاچ ئاياللارنى ۋە ئەر-ئاياللار ئوتتۇردىكى يىقىنچىلىق ھالەتلىرىنى كۆرگەندە،ئاسانلا غىدىقلىنىشقا ئۇچرايدۇ.بۇ خىل.تەسىر تىخى ئۆزىنى تۇتۇۋېلىشنى بىلمەيدىغان بىر قىسىم ياش،ئۆسمۈرلەرنى ئەخلاقىي جەھەتتىن چىرىكلىشىشكە،چۈشكۈنلىشىشكە ۋە جىنايەت يولىغا باشلاپ قويۇشى مۇمكىن.شۇڭا تورداشلار شەھۋانىي سۆز ۋە كۆرۈنۈشلەردىن ھەزەر ئەيلىشى،قەتئىي تارقاتماسلىقى كىرەك.
2.پىتنە-ئىغۋا تارقىتىپ جەمئىيەتتە قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش.
بەزىلەر〖يەر تەۋرىگۈدەك،پالانى نەرسىنىڭ باھاسى ئۆسكىدەك،ھۆكۈمەت مۇنداق تەدبىرنى يولغا قويغۇدەك〗دىگەنگە ئوخشاش ھىچقانداق ئاساسى يوق سۆزلەرنى تارقىتىش ئارقىلىق،كىشىلەر ئارېسىدا غۇلغۇلا ۋە ئارامسىزلىقنى كەلتۈرۈپ چىقارماقتا.ئۇلار ئىيتۋاتقان ئىش خەلق تۇرمۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغاچقا،بۇنداق سۆزلەر كىشىلەر ئارسىدا تىزلا ئىنكاس قوزغايدۇ ۋە بىسەرەمجانلىقنى پەيدا قىلىدۇ.بىر قىسىم تورداشلار يەنە مەشھۇر ئەربابلار ۋە سەنئەتكارلارنىڭ شەخسى تۇرمۇشى ھەققىدە ھەر خىل پىتنە-پاساتلارنى ئويدۇرۇپ چىقارماقتا.مەسئۇلىيەتسىزلىك بىلەن قىلىنغان بۇنداق گەپ-سۆزلەر توردا تارقالغاندىن كىيىن،ئۇنىڭ راس-يالغانلىقىنى ئايرىغىلى بولماي،بۇ مەشھۇر كىشىلەرنىڭ ئوبرازىغا داغ چۈشمەكتە.
ئۇلارنىڭ،ئىچىدىكى بىر قىسمى زېرىكىشتىن قۇتۇلۇش ياكى قىزېقچىلىق.مەقسىتىدە ئاڭسىز ھالدا ئىغۋا تارقىتىپ قالىدۇ.بىراق ئۇلار تارقاتقان بۇ ئىغۋانىڭ جەمىيەتكە ئىلىپ كىلدىغان زىيىنى چوڭ بولىدۇ.
3.باشقىلارنى تىللاپ ئىناقسىزلىق پەيدا قىلىش.
بەزىلەر تورنىڭ ئەركىن پىكىر قىلىش ئەۋزەللىكىدىن پايدېلىنىپ،ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى ئەمەس كىشىلەرنى ھەر خىل سەت گەپلەر بىلەن تىللاپ پۇخادىن چىقماقتا.بەزىلەر ھەتتا ئۆزى،بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋتى يوق كىشىلەرنىڭ ئىقتىدارلىق ئىكەنلىكىنى كۆرۈپ،ھەسەت ئوتىدا پۇچلىنىپ،ئۇنىڭغا ھاقارەت قىلماقتا.شۈبھىسىزكى بۇنداق قىلمىش كىشىلەر ئارسىغا زىددىيەت ئۇرۇقى چاچىدۇ،ھەتتا ئۇرۇش-ماجىرالارنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
4.پاكىت ئويدۇرۇپ راست بىلەن.يالغاننى ئاستىن-ئۈستۈن قىلۋېتىش
بەزىلەر مەلۇم مەقسىتىگە يىتىش ياكى ئۆزىنىڭ قالتىس كومپىيۇتىر تىخنىكىسىنى كۆز-كۆز قىلىش ئۈچۈن،سۈرەتلەرنى بىر-بېرىگە كىرىشتۈرۈش،كېسىش،ئۇلاش،چاپلاش ئارقىلىق يېڭىدىن سۈرەت ياساپ توردا تارقاتماقتا.ئۇلار ياساپ چىققان سۈرەت رېئاللىققا پۈتۈنلەي ئۇيغۇن بولمىسىمۇ،ئەمما تور ئەھلى بۇ سۈرەتنىڭ راس-يالغانلىقىنى پەرقلەندۈرەلمەي،ئاسانلا خاتا چۈشەنچىگە كېلىپ قالىدۇ.بۇنىڭ بىلەن سۈرەت ياساپ پاكىت ئويدۇرغۇچىلار ئۆزىنىڭ يامان نىيىتىگە يىتىدۇ ياكى 〖ئاجايىپ تىخنىكىسى〗دىن ھوزۇرلىنىدۇ.ئەمما ئۇنىڭ زىيىنىنى ئالدانغۇچىلار تارتىدۇ .
بۇنداق ئىشلار ھىلىھەم مەۋجۇت ۋە ئىغىر بولماقتا.شۇڭا كەڭ تورداشلارنىڭ ئويلىنىپ،ئىھتىيات بىلەن ئىش قىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.
ئاخىردا مەن كەڭ تورداشلارنىڭ ئىنتېرنىتنى ئىلىم-پەن ۋە تۇرمۇش بىلىمى ئالدىغان،ئۇچۇر ئىگەللەيدىغان،ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇردىغان ۋە ساغلام كۆڭۈل ئاچىدىغان قورالىغا ئايلاندۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزكۇر يازمانەپرەتبىلوگىدىن ماس قەدەمدە يوللاندې بەك كۆپ نەرسىلەرنى ئىلىپ كەلدى،
قارمۇ قارشى نەرسىلەر
来自安卓客户端 ياخشى تەرىپىدىن پايدىلانساقلا نۇرغۇن ئىش قىلغىلى بولىدۇ ئىنتېرنىيتا
来自安卓客户端 نەپرەتجان ، بىر گەپ قىلسام كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، مۇۋاپىق بولسا ئويلىشىپ باقارسىز ، مۇۋاپىق كۆرمىسىڭىز كۆرمىگەنگە سالارسىز...
ئالدىنقى قېتىم ئۈندىدار بىزگە نىمىلەرنى ئېلىپ كەلدى دەپ بىر تىما يوللىغان ئىدىڭىز ، مانا بۈگۈن ئىنتىرنىت بىزگە نىمە ئېلىپ كەلدى دەپ يېڭى بىر تىما يوللاپسىز .تىمىڭىزنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم، زىھنىڭىز ئۆتكۈر ، قەلىمىڭىز كۈچلۈك ئىكەن . ئەمما نىمىشقا ھەممە نەرسىنىڭ يامان تەرىپىگىلا ئېسىلىۋالىسىز؟ نىمىشقا ئۈندىدار ياكى ئىنتىرنىتنىڭ بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزغائېلىپ كەلگەن قۇلاي تەرەپلىرىنى سۆزلەپ ، بىزنى ھەمدە مۇشۇ ئۈندىدار ياكى ئىنتىرنىت بىلەن يېڭىدا ئۇچراشقان ياكى ئۇچراشماقچى بولغانلارنى شۇ نەرسىلەرنىڭ ياخشى تەرىپىنى تۇنۇپ يىتىپ توغرا يولدا پايدىلىنىشى ئۈچۈن يول كۆرسەتمەيسىز؟
ئەلۋەتتە ئۈندىدار ھەم ئىنتىرنىتنىڭ تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كىلىدىغان ناچار تەسىرلىرىمۇبار ، ئەمما تۇرمۇشىمىزغا ئېلىپ كەلگەن قۇلايلىقلىقى ھەمدە پايدىسى ئەلۋەتتە شۇ ناچار تەرەپلىرىدىن كۆپ دەپ قارايمەن . شۇڭا نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ياخشى تەرىپىنى مەدھىيلىمەي ، پەقەت يامان تەرىپىگىلا ئېسىلىۋالىمىز؟
كونىلاردا ئاقنى قارادەۋەرسەڭ ،ئاق قارىغا ئۆزگەرمىگەن تەقتىردىمۇبىزگە قارامتۇل كۆرۈنىدىغان بولۇپ قالىدۇ دەيدىغان بىر گەپ بار . بۇ يەردە بۇ سۆزنى مىسال ئېلىشىم ھەرگىزمۇ سىزنى ئىنتىرنىت ياكى ئۈندىدارنى پۈتۈنلەي يامانغا چىقىرىۋەتتى دىگەنلىكىم ئەمەس. مەن دىمەكچى ، بۈگۈن سىز ئۇ نەرسىلەردىن قاقشىسىڭىز ، ئەتە مەن قاقشىسام ، ئۆگۈنلۈككە يەنە باشقا بىرى قوپسا ، مۇشۇنداق قىلىپ كۈنلەرنىڭ بىرىدە بىزدە قالىدىغىنى پەقەتلا قاقشاش بولۇپ قالىدۇ خالاس .
ئالدىنقى تىمىڭىزدا ئۈندىدارنىىڭ ناتوغرا يولغا ئىشلىتىلىشىنى ئەمەلى مىساللار بىلەن شەرھىلەپتىكەنسىز ، مانا بۈگۈن ئىنتىرنىتنىڭ ئىشلىتىلىشىدىكى بىرقانچە ناتوغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئوتتۇرىغا قويۇپسىز .بۇ ئارقىلىق يەتمەكچى بولغان مەقسىتىڭىز بىزنى ئىنتىرنىتنى توغرا چۈشۈنۈشكە ، توغرا ئىشلىتىشكە يىتەكلەش ئەلۋەتتە ، شۇنداق بولغاندىكىن نىمىشقا بىۋاستە ئىنتىرنىتنىڭ توغرا يولدا ئىشلىتىلىشى توغرىسىدا تىما يازمايمىز؟ قاقشاش ھەم زارلىنىشنىڭ قولىدىن نىمە كىلىدۇ؟ ئادەمنىڭ كۆڭلىنى غەش قىلىش ، ئادەمنىڭ رايىنى قايتۇرۇشتىن باشقا بىزگە كىلىدىغان ياخشى تەربىيىۋى قىممىتى يەنىلا ئىنتايىن تۆۋەن دەپ ئويلايمەن. ئەلۋەتتە بۇ مىنىڭشەخسى قارىشىم ...
ئاددىسى مۇشۇ روھلان مۇنبىرىگە قارايدىغان بولساق ، پايدىلىنىش قىممىتى يوقۇرىتىمىلارنىڭ ، دەرسلىكلەرنىڭ كۆرۈلۈش نىسپىتى ئىنتايىن يوقۇرى ، خەۋەر ياكى باشقا كۆڭۈل ئېچىش خارەكتىرىدىكى تىمىلار بولسا كۆرۈلۈش نىسپىتى جەھەتتەبىر قەدەر كەينىدە. مۇشۇنىڭدىنلا بىلىۋېلىشقا بولىدۇكى بىزنىڭ ئىنتىلىدىغىنىمىز ، ئىزدەيدىغىنىمىز يەنىلابىزگەنىسپەتەن ھۇزۇر ياكى بىلىم ئېلىپ كىلەلەيدىغان نەرسىلەر خالاس...
مەن شەخسەن ئۆزۈم بۇ ئىككى تىمىڭىزدىن ھېچقانداق ھوزۇر ياكى بىلىم ، ھەتتاكى قىلچىلىك قىزىقىش تاپالمىدىم . تاپقىنىم بولسا مەيۈسلۈك ،كۆڭۈل غەشلىكى ، رايى قايتىشلا بولدى خالاس . ...
شۇڭا ئاخىرىدا دەيدىغىنىم ، مۇمكىن بولسا بۇندىن كىيىن تىما يوللايلى ياكى ئىنكاس يازايلى ئامال بار ھەرقانداق نەرسە ياكى ئوبىكىتنىڭ ياخشى تەرىپىنى كۆپرەك سۆزلەيلى ، كۆپرەك تەشۋىق قىلايلى . شۇندىلاتور مۇھىتىمىز گۈزەللىشىدۇ ، كۆڭلىمىز كۆتۈرىلىدۇ ! ئىنتىرنىتتىن پايدىلىنىش ئىشتىياقىمىز تېخىمۇ ئاشىدۇ !
بۇ قەپەت پىقىرنىڭ شەخسى كۆز قارىشى ، سىزنىڭسالماقلىق بىلەن ئويلىشىپ بېقىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن. باشقا دوستلارنىڭ بۇ ئىنكاسىمنى ئوقۇپ ئۆزىڭلارغا يارىغۇدەك پىكىر بولسا قۇبۇل قىلىشىڭلارنى ، مۇبادا كۆڭلىڭلارغا ياقمىغان بىرە گەپ سۆزنى قىلىپ سالغان بولسام ئەپۇچانلىق بىلەن ئۆتكۈزىۋېتىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن . مۇشتاق يوللىغان ۋاقتى2014-6-28 00:46
نەپرەتجان ، بىر گەپ قىلسام كۆڭلىڭىزگە كەلمىسۇن، مۇۋاپ ...
ياخشى تەرىپىنى ئەڭ ئۈستىدە شەرھىلەپ ئۆتتۈم،ئەمدى مەقسەت،جەمىيەتتە مۇنداق ئىشلار بار،سېلەر ئالدېنىپ قالماڭلار،ئويلاپ ئىش قىلىڭلار توردا دىمەكچى.مۇشۇنداق چۈشۈنۈڭ.
چۈشەنمىگەن بولسېڭىز رەنجىمەي قايتا ئوقۇڭ،ئاندېن چۈشېنسىز.
مەن ئىنتېرنىتنى ناچار دەپ كۆرسەتمىدىم،بەلكى ئاستىدىكى 4 تۈرلۈك ئىشتىن ھەزەر ئەيلەڭ،يولۇقسىڭىز دىقەت قىلىڭ دېدىم خالاس.....ى ئىنتىرنىتمۇ ھەر بىزگە بەزبىر قولايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى، لىكىن ھەممە نەرسىنىڭ ئككى تەرپى بولغاندەك بۇمۇ ھەم شۇنداق ئككى يۇزلۇك نەرسە ،ئۇندىدارغا كەلسەك مەن ئوتكەندە قارشىمنى ئوتۇرغا قويۇپ بولغان ،يەنى پايدىستىن زىينى بەك كۆپ بولۋاتىدۇ. ھەر ئادەمنىڭ قارىشى ئۆزگىچە. ئىشقىلىپ زىيىنىدىن پايدىسى كۆپ ،سوزلەپ بولغىلىمۇ بولمايدۇ،لىكىن بۇ كىشىلەرنىڭ تۇرمۇش رىتىمىنى تىزلەشتۈرۈۋەتتى ،ئادەم بارغانسىرى دۇنيانى مەزىزىسىز ھىس قىلىدىغان ،ئىرىشكەنسىرى قانائەت ھېس قىلمايدىغان قىلىۋەتتى ،بولۇپمۇ بىز ‹‹بىغەملەر شەھىرى››دىكى ئۇيغۇرلارنى .......
بەت:
[1]