زەپەرى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 19:34:05

خەتلىرىم

IMG_5455.jpghttp://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/e32a794c/http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/2ac3bad2/

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 20:39:44

زەپەرى ئەپەندىمنىڭ ھۆسىنخەتلىرىمۇ ئۆزگىچە ئىكەن.

akax1498577372 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 21:40:54

ئوبدان ھۈنىرىڭىز باركەن .بۇرادەر

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 22:24:15

«زەپەرى» ئەپەندىنىڭ ئېسىل دۇردانىلىرى مۇنبەردىن ئۈزۈلمىگەي!
ئون نەچچە يىللار ئىلگىرى جەمئىيەتتە، بولۇپمۇ مائارىپ ساھەسىدە ھۆسىنخەت يازىدىغانلارمۇ خېلى بار ئىدى، «ئىككى ئاساسەن» نىڭ زۆرۈرىيىتى بىلەن ئىلگىرىكى قىڭغىر- سىڭغىر قۇرۇلۇشلار رەتلىنىپ، پاك- پاكىزە ئاقارتىلىپ، مەكتەپ تەنتەربىيە مەيدانلىرى، خانىلەرنىڭ تاملىرىغا ئەشۇ ماھىر ھۆسىنخەتچى ئوقۇتقۇچىلار زور ئىجتىھات ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن ئۆز ھۆنىرىنى كۆرسىتىپ، ھەرخىل نۇسخىدا كۆركەم ھۆسىنخەتلەرنى يېزىپ، نامى- شەرپىگە مۇناسىپ ھالدا مەكتەپنىڭ ھۆسنىگە- ھۆسىن قوشاتتى. يەنە تەكلىپ بىلەن ئىدارە- ئورگانلارغا، سودا- سارايلارغا بېرىپ، ئۇيغۇر سەنئىتىنىڭ سېھرى- كۈچىنى ئۆزىنىڭ ئەشۇ بىر جۈپ ماھىر قولى، ئىستېتىك قارشى تولۇپ تاشقان سەگەك زېھنى ئارقىلىق ئەلگە نامايەن قىلاتتى. ئەپسۇس، يېقىنقى يىللاردىن بېرى زامانىۋىي تېخنىكا ۋاسىتىسى بولغان كومپيۇتېر تېخنىكىسىنىڭ شىددەت بىلەن ئومۇملىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇنداق بېزەكلەرنى، يىغىن پىلاكاتلىرىنى كومپيۇتېر ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئېلىپ بارىدىغان ئىش كۆپىيىپ كەتتى، مۇشۇ ئىشلار بىر سەۋەب بولدىمۇ- قانداق، ئارىمىزدا بۇنداق ھۆسىنخەتچىلەر كۈندىن- كۈنگە ئازلاپ كەتتى. بىراق «زەپەرى» ئەپەندىمدەك ئۆز كەسپىگە سادىق، ئىگىلمەس- سۇنماس روھقا ئىگە ئۇستاز قېرىنداشلىرىمىز يەنىلا يىراقنى كۆرەرلىك بىلەن بۈگۈنكى زامانىۋىي تېخنىكا بىلەن ئەنئەنىۋىي مىللىي سەنئەتنى ئەپچىللىك بىلەن بىرلەشتۈرۈش ئاساسىدا بىر تەرەپتىن ئۆز كەسپىنى راۋجلاندۇرسا يەنە بىر تەرەپتىن شۇ ئارقىلىق بۈگۈنكى بازار ئىگىلىكىدىمۇ مۇۋەپىقىيەت دەرۋازىسىنى يۈكسەك جۇشقۇن روھى- كەيپىياتى بىلەن ئېچېۋېتىپتۇ، بۇ ھەقىقەتەن ئالقىشلاشقا، ئۈلگە قىلىشقا تېگىشلىك ئىش دەپ ئويلايمەن.
ئاخىرىدا «زەپەرى» ئەپەندىمنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، بارلىق ئىشلىرىغا شانلىق ئۇتۇقلارنى تېلەيمەن!

Izqiman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 00:00:57

ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز .

پىنھار يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 17:15:05

راس بەك كۆركەم چىقىپتۇ جۇمۇ ..................
بەت: [1]
: خەتلىرىم