مەكتەپنىڭ 2014-يىللىق يازلىق تەتىل ئالدىدىكى سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ ...
مەكتەپنىڭ 2014-يىللىق يازلىق تەتىل ئالدىدىكى سىياسىي ئۆگىنىش ئېلىپ بېرىش پىلانى1. يىتەكچى ئىدىيە
1- ئىلى قازاق ئاپتۇنۇم ئوبلاستلىق مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئۇختۇرۇشىغا ئاساسەن « گوۋۇيۇەننىڭ ئوقۇتقۇچىلارنىڭ قوشۇن قۇرلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكرى »()، «مائارىپ ئىدارىسىنىڭ ئوتتۇرا باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ، ئىستىلى قۇرلۇشى جەھەتتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىم تۈزۈمىنى مۇكەممەل ئورنىتىش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش پىكرى » (10- نومۇرلۇق )،مائارىپ ئىدارىسىنىڭ «ئوتتۇرا باشلانغۇچ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كەسپىي ئەخلاققا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسى »(1-نومۇرلۇق ) قاتارلىق ھۆججەت روھىغا ئاساسەن ، باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىش، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ، تەربىيە تۈزۈم ، نازارەت قىلىش ، ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق قۇرلۇشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمنى شەكىللەندۇرۇش،ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشتەكمەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتىرىش ئۈچۈن نىشان قىلىندى .
2- ئوقۇتقۇچىلارغا پارتىيەنىڭ ئاممىۋى لۇشەن تەربىيە ئەمىليەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇش ، ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق پارتكۇم ، ۋىلايەت ،ناھىيىلىك پارتىكۇمنىڭ بىر قاتار موھىم سىياسەت ئورۇنلاشتۇرمىسىنى يېتەكچى قىلىپ ، پارتىيەنىڭ ئىلغارلىقى ، پاكلىقىنى چۆرىدەپ ،«ئەينەككە قاراش،كىيىمىنى تۈزەشتۇرۇش، يۇيۇنۇپ پاك بولۇش ، كېسەلنى داۋالاش » ئومۇمى تەلىۋىگە ئاساسەن خەلق ئۈچۈن مۇلازىمەت قىلىشنى ئاساسى تېما قىلغان «ئاممىۋى لۇشەندە قەتئى چىڭ تۇرۇپ ئامما رازى بولغۇدەك مائارىپ قۇرۇش »نى نىشان قىلىپ ،«تەربىيەلەش موھىتىنى پاكلاشتۇرۇپ بازىنى مۇستەھكەملەش»نى موھىم مەزمۇن قىلىپ ، ئىستىل تۈزەش روھىنى ئەمەلىيلەشتۇرۇپ ، سىياسىي جەھەتتە مۇستەھكەم بۇلۇشنى گەۋدىلەندۇرۇپ ،شەكىلۋازلىققا، بىئۇگراتلىققا ، راھەتپەرەسلىككە ۋە ئىسراپخورلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇپ ، خەلق ئاممىسىنىڭ ئىنكاسى كۈچلۈك بولغان گەۋدىلىك مەسسىللەرنى زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىپ ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى ئاساسىي قاتلامدا ئىشلەۋاتقانلارغا ، ئوقۇغۇچىلارغا ، ئاممىغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ، پارتىيىلىك كادىرلارنىڭ سىياسىي مەيدانىنىمۇستەھكەملەپ ، ئىدىيىۋى تۇنۇشىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىپ ، ئادەم تەربىيىلەش مۇھىتىنى پاكلاشتۇرۇپ ، دىننىي ئىدىيىلەرنى چىرىتىشنىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي سەزگۈرلىكىنى، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە مىللەت دىن سىياسىتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈشتىن ئىبارەت .
2. ئۈگىنىش مەزمۇنى : قۇرغاس ناھىيە مائارىپ سېستىمىسىنىڭ « سۆز روھىنى ئۈگىنىپ پوزىتسىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، زوراۋان تېرۇرلۇققا قەتئىي قارشى » پائالىيىتىنىڭ قوشۇمچە ماتىريالى.
3. ئۈگىنىش شەكلى : كوللىكتىپ ئۈگىنىش ئېلىپ بېرىلىدۇ ، ئۆزلىكىدىن ئۈگىنىش ، مەخسۇس تېمىدا مۇھاكىمە قاتارلىق شەكىللەرنى قوللىنىمىز .
4. ئۈگىنىش ۋاختى: 2014-يىلى 7- ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 4- كۈنىگە قەدەر
5. ئۈگىنىشكە قۇيۇلىدىغان ئاساسلىق تەلەپ : :
1-) چوڭقۇر ۋە ئەستايىدىل ئۈگىنىشنى قانات يايدۇرۇپ ، قۇرغاس ناھىيە مائارىپ سېستىمىسىنىڭ « سۆز روھىنى ئۈگىنىپ پوزىتسىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، زوراۋان تېرۇرلۇققا قەتئىي قارشى » پائالىيىتىنىڭ قوشۇمچە ماتىريالىدا كۆرسىتىلگەن مەزمۇن بويىچە ئەستايىدىل خاتىرە قالدۇرۇپ ۋە تەسىرات يېزىپ ، سۆز روھىنى ئۈگىنىپ پوزىتسىيەنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ ، زوراۋان تېرۇرلۇققا قەتئىي قارشى تۇرۇشقا بولغان مۇستەھكەم قورغان ھاسىل قىلىش .
2-)ئۈگىنىشنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ ، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى ، ئىستىلى قۇرلۇشى جەھەتتىكى ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىم تۈزۈمىنى مۇكەممەل ئورنىتىش ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش.
3-) ئۈگىنىشنى ئەستايىدىل تەشكىللەپ خاتىرنى ياخشى قالدۇرۇپ تەسىراتىنى ھەقىقى ئۆز قەلىمى بىلەن يىزىش، باشقىلاردىن كۆچۇرۇشكە، دوراشقا بولمايدۇ. ئۈگىنىش جەريانىدا رۇخسەت سوراشقا ،قالايمىقان چىقىپ كىتىشكە بولمايدۇ.
4-) ئىدىيىۋى تۇنۇشىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ، خىزمەت ئىستىلىنى يەنە بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا ئۆزگەرتىپ ، ئادەم تەربىيىلەش مۇھىتىنى پاكلاشتۇرۇپ ، دىنىي ئىدىيىلەرنى چىرىتىشنىڭ سىڭىپ كىرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى چىڭ تۇتۇش بىلەن ئوقۇتقۇچىلارنىڭ سىياسىي سەزگۈرلىكىنى، زوراۋانلىققا قارشى تۇرۇش ئېڭى ۋە مىللەت دىن سىياسىتىنى يەنىمۇ يۇقۇرى كۆتۈرۈش، ھۆججەت روھىغا ئاساسەن ، باشقۇرۇشنى ھەقىقى كۈچەيتىش، ئوقۇتۇش ئىشلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش ، تەربىيە تۈزۈم ، نازارەت قىلىش ، ھەمدە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق قۇرلۇشىغا ئەھمىيەت بىرىپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مىخانىزىمنى شەكىللەندۇرۇش ، ھەر مىللەت ئوقۇتقۇچىلىرنىڭ كىتاپ ئوقۇتۇپ ئادەم تەربىيەلەشتەكمەسئۇلىيەتچانلىق ئېڭى ۋە ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاق سەۋىيەسىنى ئومۇمىيۈزلۈك يۇقۇرى كۆتىرىش ئۈچۈن تىرىشىش لازىم .
رەھبەرلىك گۇرۇپىسى قۇرۇلدى :
مەكتەپ پارتىيە ياچىيكىسى
2014-يىلى 6- ئاينىڭ 30-كۈنى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا saedi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-26 19:41
كەسپداشلار سىلەرمۇ بەلكىم ھېرىپ چارچىغاندا ئۆگىنىشنى باشلىغانسىلەر ، ئاددى بولسىمۇ پايدىلىنىشقا بولار دەپ يوللاپ قيدۇم .كەم يەرلەرنى قوشوپ ئىشلىتەيلى .:P
بۈگۈن بۇ ماتىرىيالدىن ياخشى پايدىلاندىم، 5 مىنۇتتا مەكتتەپنىڭ يازلىق تەتىللىك سىياسىي ئۆگىنىش پىلانى پۈتتى.
ھەممىمىز مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ماتىرىياللارنى ئاددى دېمەي يوللاپ قويساق ئەسقاتىدۇ ئەمەسمۇ مانا. سىز بىلەن قانداڭ ئالاقىلىشىمەن رھمەت مەنمۇ پايدىلاندىم قەشقەركوناشەھەردەبۇئۈگىنىش15 كۈن .
بەت:
[1]