barhan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 16:32:33

ئىككى دانە سىمسىز روتېرنى بىر –بىرىگە ئۇلاش ئۇسۇلى

ئىككى دانە سىمسىز روتېرنى بىر –بىرىگە ئۇلاش ئۇسۇلى
ھازىر مەيلى خىزمەت ياكى ئائىلىدە بولسۇن ،كومپىيۇتېر ،ئەقلى تېلفۇن ،قول كومپىيۇتېرى قاتارلىقلاردىن پايدىلىنىپ سىمسز تورغا چىقىش بىزنىڭ كۈندىلىك تورمۇش ۋە خىزمىتىمزدىكى موھىم بىر خىل ئالاقىلىشىش ۋاستىسى بولۇپ قالدى ،مەيلى تېلگىراف ،كۆچمە خەۋەرلىشىش ،بىرلەشمە خەۋەرلىشىش ئابۇنىتلىرى بولۇپ ،ھازىرقى ئۇچۇر –ئالاقە دەۋىرىدە ،خىزمەتداشلار ،دوستلار،ساۋاغداشلار ۋە ئۇرۇق تۇققانلار سىمسىزتوردىن پايدىلىپ 陌陌،QQ ,微信 قاتارلىق تور ئالاقە قۇراللىرىدىن پايدىلىنىپ ئالاقە ئېلىپ بارغان، توردىن سۆرەتلىك ۋىدىئولارنى كۆرگەندە ياكى چۈشۈرگەن ۋاقتىڭىزداشۇ ئايلىق تور ئېقىم مىقدارىڭىز يېشىمەي ،سىمسىز روتېر(无线路由器)دىن پايدىلىنىپ تور ئېقىم مىقدارىڭىزنى تېجىشىڭىزگە توغرا كىلىدۇ.ئەگەر مەيلى خىزمەت ئورنىڭىزدا بولسۇن ياكى ئائىلىدە بولسۇن سىمسىز تور تارقاتقۇچى ئۈسكۈننىڭ ئارىلىقى يىراق بولۇپ ،سىگنال ياخشى بولمىغان ئەھۋال ئاسىدا ،يەنە بىر تال سىمسىز روتېر ئۇلاشقا توغرا كەلگەندە چوقۇم توغرا ئۇسۇلدا ئۇلانمىسا ،تور سىگىنالىدىن پايدىلىنالماسىقىڭىز مومكىن ،تۆۋەندە مەن سىلەرگە تونۇشتۇرماقچى بولغىنىم دەل ئىككى دانە سىمسىز روتېرنى ئۆز-ئارا ئۇلاش ئۇسۇلى .
بۇ مەشغۇلات جەريانى جەمئى8 باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بىرىلىدۇ .
1-        باسقۇچ :ئاۋال تور سىمىغا بىۋاستە ئۇلانغان سىمسىز روتېرنى تەڭشەش ئېلىپ بارىمىز .بىز بۇ روتېرنى B روتېر دەپ ئاتاپ تۇرايلى .(يەنى SSID نۇمۇرىنىڭ ئېچىدىكى روتېر نامىنىڭ ئارقسىغا رەسىمدە كۆرسىتىلگەندە B ھەرىپىنى قوشىۋالايلى ،بۇ بىزنىڭ كىيىنكى مەشغۇلاتىلىرىمىزدا قولايلىق ئېلىپ كىلىدۇ )
بۇ رەسىمدىكى بولسا بىز تورغا بىۋاستە ئۇلانغان سىمسىزروتېرنىڭ باشقۇرۇش تېزىملىكىگە تېزىملىتىپ كىرگەندىن كىينكى سىمسىز روتېرنىڭ سىمسىز ئۇچۇر تەڭشەش ئاساسى تېزىملىكى .









0http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/a19ec525/

1-رەسىم : سىمسىز روتېرنىڭ سىمسىز ئۇچۇر تەڭشەش ئاساسى تېزىملىكى كۆزنىكى
2-باسقۇچ :سىمسىز ئۇچۇرنى تەڭشەش تېزىملىكى ئىچىدىن ،سىمسىز ئۇچۇر بىخەتەر تەڭشىكىدىن سىمسىز ئۇچۇرغا مەخپى نۇمۇر بىكىتىمىز .بۇنى ئۆزىمىز ئەمەلى ئەھۋالغا قاراپ بىكىتسەك بولىدۇ.ئۆزىمىز ئەستە تۇتالايدىغان سان ،ھەرىپ ياكى سان ھەرىپ بىرلەشتۈرۈپ بىكىتسەك بولىدۇ .(ئاز بولغاندا 8 خانىدىن تۆۋەن بولماسلىق كىرەك .)

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/3f604763/














2-        رەسىم :سىمسىز ئۇچۇر بىخەتەرلىك تەڭشىكى كۆزنىكى
سىمسىز روتېرنىڭ سىمسىز ئۇچۇر تەڭشەش ئاساسى تېزىملىكىدىكى SSID نۇمۇرىنى ۋە سىمسىز ئۇچۇر بىخەتەرلىكى تەڭشىكىدىكى PSK مەخپى نۇمۇرىنى چوقۇم ئەستە تۇتىشىمىز كىرەك ،چۈنكى بۇ ئۇچۇرلار ئىككىنجى سىمسىز روتېرنى تەڭشەشتە ئىنتايىن موھىم .
3-        باسقۇچ :ئىككىنجى سىمسىز روتېرنى تەڭشەش ،ئالدى بىلەن ئىككىنجى سىمسىز روتېرنىڭ باشقۇرۇش تېزىملىكىگە تېزىملىتىپ كىرگەندىن كىيىن بىرىنجى باسقۇچتىكى مەشغۇلات بويىچە SSID نۇمۇرىنىڭ ئاخىرىدىكى روتېر نامىنىنڭ ئاخىرىغا A ھەرىپىنى قوشۇپ قويىمىز .(چۈشەندۈرۈشكە قولايلىق بولۇش ئۈچۈن بىز بۇ ئىككىنجى سىمسىز روتېرنى A روتېر دەپ ئاتاپ تۇرايلى .)
بىز A روتېرىنىڭ باشقۇرۇش تېزىملىكىگە تېزىملىتىپ كىرگەندىن كېيىن ،(网络参数)تور پارامىتېرى تېزىملىكىگە كىرىپ ئۇنىڭ ئېچىدىكى (LAN口设置)غا كىرىپLAN ئىغىزىنىڭ    IPئادىرىسىنى ئۆزگەرتىمىز ،بولمىسا B ۋە A روتېرنىڭ IPئادىرىسى ئۆز-ئارا توقۇنۇشۇپ قالىدۇ.(مەسىلەن :192.168.1.2)ئۆزگەرتىپ بولغاندىن كېيىن ساقلاش(保存)كونۇپكىسىنى بېسىپ ساقلايمىز ،بۇ چاغدا روتېر قايتا قوزغىلىدۇ.قوزغىلىپ بولغىچە باشقا مەشغۇلات ئېلىپ بارماي ساقلاپ تۇرىمىز .


http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/6f48eac6/


3-رەسىم : (LAN口设置) LAN ئېغىزىنىڭ تەڭشەش كۆزنىكى
4-باسقۇچ :روتېر قايتا قوزغىلىپ بولغاندىن كېيىن ،باشقۇرۇش تېزىملىكىگە قايتا كىرىپ ،سىمسىز تور ئاساسى تەڭشىكى كۆزنىكىنى ئېچىپ开启WDS تۈرىنى تاللاپ ساقلاش (保存) كونۇپكىسىنى باسىمىز .
http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/e01eccda/










4 -رەسىم : ،سىمسىز تور ئاساسى تەڭشىكى كۆزنىكىنى
5-باسقۇچ :WDS تەڭشىكى ئېچدىن سىكاننېرلاش (扫描 ) دىگەن كونۇپكىنى بسىپ ،ئەتىراپتىكى سىمسىز سىگنالنى ئىزدەپ تاپىمىز .




http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/11fc4012/







5-رەسىم :WDS تەڭشىكى كۆزنىكى
6-باسقۇچ : ئىزدەپ تاپقان سىمسىز تور سىگىنالى ئېچىدىن B روتېرنى SSID نۇمۇرىنى تېىپ ئۇلاش (连接) دىگەن تالاش تۈرىنى باسىمىز .


http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/3df5c660/

6-رەسىم :ئىزدەپ تاپقان تور سىگىنالىنى تاللاش كۆزنىكى
7-باسقۇچ :تاپقان سىمسىز تور سىگىنالىنى ئۇلاپ بولغاندىن كېيىن ،سىگىنال يولى (信道)نى B روتېرنىڭكى سىگنال يولى بىلەن ئوخشاش قىلىپ تاللايمىز ھەمدە مەخپى نۇمۇرنى B روتېرنىڭكى بىلەن ئوخشاش قىلىپ بېكىتىپ ،ساقلاش كونۇپكىسىنى باسىمىز .
.http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/db43ba08/





















7-رەسىم :سىگىنال قانىلى ۋە سىمسىز تور مەخپى نۇمۇرىنى بېكىتىش كۆزنىكى
8-باسقۇچ :DHCP مۇلازىمىتىرنى تاقاش .يەنى DHCP مۇلازىمىتى تەڭشىكىنىڭ ئېچىدىن قوزغاتماسلىق (不启动) تۈرىنى تاللاپ ،ساقلاش كونۇپكىسىنى بېسىپ ،روتېرنى قايتا قوزغىتىمىز .


http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/0c51bc40/

8-رەسىم :DHCP مۇلازىمىتىرنىڭ تەڭشەش كۆزنىكى
بۇ مەشغۇلاتلار تۈگىگەندىن كېيىن بۇ ئىككى سىمسىز روتېر تولۇق ئۇلانغان بولۇپ ،سىز سىمسىز تور سىگىنالىدىن تولۇپ پايدىلىنىش ئېلىپ بارالايسىز .


توغراق520 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 20:44:58

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   توغراق520 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-26 20:46

رەھمەت -جاپا تارتىپسىز قېرىندىشىم، سىزدىن بىر ئىشنى سوراپ باقسام،مەن سىمسىز روتىردىن بىرنى ئالغان لىكىن ئاران 20 مىتىر ئارلىققا تارقىتالىدى،ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسىلا سىگنال يوقاپ كىتىدۇ. سىگنالنى 30 مىتىر ئارلىققا ئاپارغىلى بۇلامۇ، ئانتېنا سىمىغا سىم ئۇلاپ سىرتقا ئاچىقىپ دىگەندەك. مىنىڭ كۆپ ۋاقىتلاردا ئىشلىتىدىغان ئورنۇم 30 مىتىر جايدا ئىدى.

barhan يوللانغان ۋاقتى 2014-6-26 21:56:45

توغراق520 يوللىغان ۋاقتى2014-6-26 20:44
رەھمەت -جاپا تارتىپسىز قېرىندىشىم، سىزدىن بىر ئىشنى سو ...

ئەگەر روتېر سىرىتتا بولسا ،روتېرنىڭ ئانتىناسىنىڭ ئۇچىغا جىيەنلىباۋ ئېچىملىكىنىڭ (ئالىيۇمىن قۇتىسى )قۇتىسىنى تاقاپ بېقىپ ،ئالىيۇمىننىڭ سىگنال كۈچەيتىش رولى بار ،بەلكىم ئۈنۈم بېرىپ قىلىشى مومكىن ،بۇنىڭغا بولمىسا ئەڭ ياخشىشى سىمسىز روتېرنىڭ ئۆزىنى ئالماشتۇرۇڭ .

murat5 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 10:47:41

رەھمەت بىلىۋىلىشقا تىگىشلىك

مۇشتاق يوللانغان ۋاقتى 2014-6-27 19:53:44

بىلىۋالدىم ، رەھمەت سىزگە !
بىر ئىشنى سوراپ باقسام ، بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق ئۇلانغا سىمسىز روتىرنى سىم ئارقىلىق باشقا كومپىيوتىرغا چېتىپ نۇرمال تورغا چىققىلى بولامدۇ؟

131TANHA يوللانغان ۋاقتى 2014-6-29 18:31:16

ياخشى بىلمنى يوللاپسىز ، ناھايتى ئۇچۇق ، چۈشۈنۈشلۈك بوپتۇ ، جاپا تارتىپسىز .

دىل0908 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-30 15:36:47

توغراق520 يوللىغان ۋاقتى2014-6-26 20:44
رەھمەت -جاپا تارتىپسىز قېرىندىشىم، سىزدىن بىر ئىشنى سو ...

مەنمۇ توردىن مۇشۇ توغرۇلۇق ئىزدەنگەن ،نەچچە يۈز يۈئەن خەجلەپ ئانتىنادىن بىرنى سېتىۋىلىپ ئورناتساق بولىدىكەن،مەنغۇ تېخى سېناپ باقمىدىم.
بەت: [1]
: ئىككى دانە سىمسىز روتېرنى بىر –بىرىگە ئۇلاش ئۇسۇلى