ئۈندىدار(微信)بىزگە نىمىلەرنى ئىلىپ كەلدى؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئونسۇ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-25 20:121.كۆزنەك
دۈشەنبە كۈنى،ئىشتىن چۈشۈپ قۇرۇلۇش ئورنىدىن ئۆتۈپ كىتۋاتاتتىم،خىيال بىلەن ماڭغاچقىمۇ پولات مىخقا دەسسىۋاپتىمەن.ئۆيدىكىلەرگە تىلپۇن قىلىپ،دوختۇرخانىغا بىرۋالدىم.
مىخ خىلى چوڭقۇر كىرىپ كەتكەچكە،ياتاقتا يىتىش توغرا كەلدى.ئۆيدىكىلەر ئالدىراش بولغاچقا ئىشلارنى بىر قۇر ئورۇنلاشتۇرۇپ بوپ يىزىغا چىكەتتى.
ماڭا تاماق ئەكىرىش،ھالىمدىن خەۋەر ئىلىشقا 30 ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق بىر دوختۇر مەسئۇل بولدى.
تۈنۈگۈن تىلپۇندا ئويۇن ئويناۋاتسام بۇ خان كىرىپ چۇڭۇلداپ سۆزلەپلا كەتتى:
ۋوي يىگىت،شوخلۇقنى ئاز قىلماي پۇتىڭىزنى يارىدار قىۋاپسىزغۇ،ھە بىر تونۇشتۇرڭا ئوزىڭىزنى؟
-ھە،ئەرافات،20 ياشقا كىردىم..تونۇشۋالاي دەپسىزدە مەندەك ئوماق بالا بىلەن،ھاھاھاھ!
-ۋاي دەپ قاپسىز،مىنىڭ يولدىشىم با جۇمۇ قوزام!
-ھە .
-كۈندە تىلپۇنغا قاراپلا كەتتىڭىز،تور ئىشلىرىغا خىلى پىششىق ئوخشىمامسىز؟
ئۆزۈمنى بىر داڭلىۋالايچۇ ۋاقتى كەلگەندە دەپ ئويلاپ پو دىگەننى ئىتۋەتتىم:
-ۋاي ئالامەت،بىر نەچچە تورغا باشلىق بوپتىمەن،ئەسەر يازىمەن تىخى،نەپرەت دېسەم كۆپ باللا تونۇيدۇ دەڭا!
ئۆزۈممۇ كۈلۈپ كەتتىم پو گەپلىرىمگە.
-ھە قوزام،كەچتە گىپىم بار ئىدى،كەچتە كۆرېشلى!
ئۇف ھەر نىم بوسا چىقىپ كەتتى.
مانا كەچمۇ بولدى.ئۇ خانمۇ گىرىم بىلەنلا كىرىپتۇ.
-ھەي يىگىت،بىر ئىشنى سوراي.لىكىن خىجىل بوپ قالدىم؟
-ھە دەۋېرىڭ خان ئاچا؟ پۇل سورامتىڭىز يا؟؟
-ياقەي،شۇسىرىق تور ياكى رەسىم............
توۋا خۇدايىم،تىنىم بىر خىل شۈركىنىپ قالدى.
-ساقتۇ ھەي،سىز دوختۇرمۇ يائائائا؟
-..............
-خۇدايىم ئىنساپ بەرسۇن سىزگە،يولدىشىم بار دەيسىز،يولدىشىڭىز ئىگە بولمىدىمۇ سىزگە؟
-شۇ خىزمىتى ئالدېراش،ئۆيگە كۆپ كەمەيدۇ.......
-ھە مۇنداق دەڭ،خوش،ماڭا نىمشقا سەت گەپ قىلسىز؟
-شۇ زېرىككەندە ۋېيشىن ئىچىپ شۇندا نەرسىنى قوبۇل قىپ ساپتىمەن،شۇ..................
ئەمدى خان ئاچا دىگىلى ھالىم قالمىدى.
ئاقساپ يۈرۈپ كەچلىك بازارغا چىكەتتىم.
ئويلاپ قالدىم،توۋا ھە،مىللىتىمىزنىڭ ئانىلىرى مۇشۇ ھالغا كەلدىمۇ،بۇلار بۇنداق تۇرسا كەلگۈسى پەرزەنىتلەر نىم بوپ قالار،ئەجىبا 22.ئەسىر كەلگۈچە ئۇيغۇر يوقىلىپ كىتەرمۇ؟
مۇنبەردە قايسى بىر شائىر يازغان〖ئۈندىدارغا چىقمىغان ئايال〗ۋە 〖توردا بۇزۇلغان ئايال〗قاتارلىق ئەسەرلەردىكى مەزمۇنلار غۇۋا ئىسىمگە كەلدى.
ئۈندىدار ئىسلام دىنىدا دىيىلگەن شەيتان بولدىمۇ؟
بۇ نەرسىدىن پايدىلانغان ئۇيغۇر مىللىتىم زادى قانچىلىك؟
ئەلۋەتتە مەن مىللىتىمىزنى سۆكمەكچى ئەمەس،بىز مىللىتىمىزنى تىللىساق،باشقا مىللەت ھەرگىز ماختاپ بەرمەيدۇ.
نەچچە يىل مەكتەپ تەربىيەسى كۆرگەن ئادەمنىڭ توردىن بۇنداق ناچار دەرجىدە پايدىلىنىشى ھەقىقەتەن مەندە زور ئويلىنىش قوزغىدى.
ئۆز ئاچا سېڭىل،ھەدىلىرىمىزگە مەسئۇل بولايلى ئەركەكلەر.مىللىتىمىز يوقالمىسۇن،ئاللاھ ئىنساپ بەرسۇن ھەممەيلەنگە.
2.كۆزنەك
مەن بىلەن تەڭ دىمەتلىك بىر تونۇشۇم بار ئىدى.بۈگۈن تاسادىپىي كۆرۈشۈپ قىلىپ بىللە تاماق يىگەچ پاراڭلاشتۇق،بىردەمدىن كىيىن ئۇ،ۋېيشىننى ئىچۋېلىپ،بىر قىزدىن پۇل سورىدى،قىزدىن ئۇچۇر كەلمىگەندىن كىيىن،ئۇ تاماقخاندىلا ئاغزىنى بۇزۇپ قىزنى تىللاپ ئۇچۇر يوللىۋەتتى.بىللە ئولتۇرۇشقا چىدېماي پۇلنى تۆلەپلا چىكەتتىم.
توۋا بۇ قەيەر،بۇ ئۇيغۇر بالسى كىمنى تىللاۋاتىدۇ..ۋېيشىن دىگەن قەرز ئىلىش سۇپىسى ياكى تىللاش رايونى ئەمەستۇ..ئۇيغۇرلارنىڭ باللىرى مۇشتا پايدېلاندىمۇ بۇ نەرسېدىن.كۆپ سۆزلىسەم رومان بوپ كەتكۈدەك،ئەقلىڭنى ئاچ زەيپانە ئوغۇللار.
بۇ ھەممە ئادەمنى بىر تاياقتا ھايدىگەن گەپ ئەمەس.ھەربىر ئاتا ئانا پەرزەنىت تەربىيەسىگە ئالاھىدە ئىتىبار بېرىشىنى ئۈمىد قىلمىز.
3.كۆزنەك
ئۆيگە قايتىش يولىدا،تاكسىدا كىتۋاتىمىز.
شوپۇر بىر قولىدا رولنى تۇتۇپ،بىر قولىدا تىلپۇننى تۇتۇپ بىرىگە گەپ قىلىپ كىتۋاتاتتى.
توۋا،خۇدايىم.بىزگە بىر كۆز بەگەن بوسا بۇ شوپۇر قانداق قىلاتتىكى تاڭ،بىر كۆزى يولدا بىر كۆزى ۋېيشىندا.
ئاچچىقىم كىلىپ دېدىم؟
-ئۇستام،ۋېيشىننى كەچتە ئويناپ ھازىر ماشىنىنى راۋۇرۇس ھەيدېسلىي.
-مەن ئۇزۇن يىللىق شوپۇر ھى ھى ھى.قوقماڭ، ئورمانلىققا كىرىپ كەتمەيمىز.
-شۇندا بوسىمۇ ئۆزىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن.....
شوپۇر گىپىمنى ئۈزۋەتتى:
-قويە ئۇكام،ئاخشىمى ئايالىم ۋېيشىنغا چىقارمايدۇ .......
ئۇف.نىم بولدى بۇ كىشىلەرگە.
ئۆز بىخەتەرلىكىدىن ۋېيشىننى مۇھىم بىر خۇداسى بىلەمدىغاندۇ؟
ئايالى تۇرۇپ،باشقا چوكانلار بىلەن پاراڭلىشىغا نىم دىگۈلۈك ھە.
تاسادېپىي ۋەقەگە ئۇچراپ قالماي دەپ،ماشىنىدىن چۈشۋالدىم.
مەيلى كىم بولسۇن،ۋېيشىندىن ياخشى ئىشقا پايدىلىنايلى قىرېنداشلار.
ۋېيشىن جان ئالغۇچى،شەيتان،جىدەل ماجىرا پادىشاھى بولمىسۇن. ئەسلىدە خىلى جىق تەپەككۇر مەزمۇنى بار ئىدى،خەت كۆپ بوپ قىلىپ تىلفۇن قىتۋالدى.
ۋېيشىندىن ياخشى ئىشلارغا پايدىلىنايلى.
ۋېيشىن ئازدۇرغۇچى شەيتان بوپ قالمىسۇن.
مەن ۋېيشىنغا چىققان ئادەمنىڭ ھەممىنى ناچار دىمەكچى ئەمەس،خاتا چۈشەنمەڭلار
ھەقىقەتەن بەزى مەسىلىلەر ئويلىنىشقا تىگىشلىك. ئۈندىدار بزگە نىمىلەرنى ئىلىپ كەلدى؟
جاۋاپ: ئۈندىدار دوسلار ئارا، ئۇرۇق تۇققانلار
ئارا ئارلىقىمىز تىخىمۇ يىقىن قىلدى ھەم يىراق
قىلدى، بىزگە نۇرغۇن قۇلايلىقلارنى ئىلىپ كەلدى
ھەم نۇرغۇن ئاۋارىچىلىقلارنى ئىلىپ كەلدى.
نۇرغۇنلىرىمىزنى نۇرغۇن قىممەتلىك نەرسىلىرىمىزدىن ئايرىۋەتتى يەنە،،،،،،،
来自安卓客户端 ۋېيشىننى ياخشى تەرىپىگە ئىشلەتسە ياخشى تەرەپكە ، يامان تەرپىگە ئىشلەتسە يامان تەرەپكە ماڭىدۇ ، مەسىلە بىزنىڭ قانداق ئۇسۇللارغا ئىشلىتىشىمىزدە 4-كۆزنەك كەتتى
ئۆزۇم ئومرۇمدە ئەڭ ھۆرمەتلەيدىغان ھەتتا يولدا ماڭساممۇ ئۇنىغا قاراشتىن ئەيمىنىپ ماڭدىغان بىر قىز مىنى بەكلا ئۇمۇتسىزلەندۇرۋەتتى
مەن ئۇنىڭ ئاغزىدىنشۇ دىبا جۇبالاردىن چىقمايدىغان قىزلارمى دىمەيدىغان گەپلەرنىڭ چىقۋاتقالنىلىقنى ئاڭلاپ ئۆز قۇلۇقۇمغا
ئىشىنەلمەيلا قالدىمشۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ ئەس ھۇشۇمنى يوقۇتۇپ قويدۇم مەن تونىيدىغان قىز بۇ شۇمۇدۇ ياكى باشقىلار شۇنەىڭ سىياقىغا كىرۋالغاندۇمۇ دەپبەكلا گاڭگىراپ قاپتىمە ئاغزىدىن چىققان ئەڭ ئاخىرقى بىرئىغىز گىپى مىنى بەكلا ئويلاندۇرۇپ قويدى
بۇرۇن مۇھەببىتىم باتتى ئۇچاغلاردا پاراڭلىشىش ئۇسكۇنلىرىگە قىزىقمايتىم ھازىر مۇھەببىتىم يوق مۇشۇ نەرسىلەرنى ئوينىماينىمىش قىلمەقىرىندىشىم مۇشۇ بىرئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىنىڭ ئاغزىدىن چىقىدىغان گەپمۇ ئۇلارنىڭ مەدىنيەت سەۋيەسى باشقىلارنىڭكىدىن يۇقىرى تۇرۇپمۇشۇنداق
گەپلەرنى قىلۋاتسا باشقا قىزلىرىمىزنىمىشلارنىمۇ قىلىپ كىتە مۇشۇنداقكىتىۋەرسەبىزنىڭ ئاشۇ ئۇلۇغ ئانىلىرىمزنىڭ ئىزلىرىنى كىممۇ باسا مۇشۇنداق قىزلارنى باشقۇرۇپ قويدىغان بىزىنىڭ يىگىتلىرىمىز يوقمىدۇمۇشۇلارنىڭ ئاشۇ ۋاقىتلىرىنى ئىسراپ قىلۋاتقان بىزنىڭ ئاشۇجەسۇر ئەزمەتلىرىمىز
قىرىندىشىم مەيلى نىمىلا ئىش قىلماڭ ھەرقانداق ئىشنى ئويلىشىپ قىلىڭ سىز بىرقىز يەنى كەلگۇسىدىكى بىر ئانا يەنى بىزنىڭ مىللىتىمىزنىڭ ئانىسى سىزبۇنداق ئۆزىڭزنىڭ بوينىغا ئۆزىڭز كىشەن سالماڭ بىر نەرسىدىن قانداق پايدىلىنىش --- شۇ ئادەمنىڭ ئۇنۋېرسال ساپاسى ياكى كۆرگەن تەربىيىسىگە باغلىق . ياخشى ئادەملەر ياخشى ئىشقا ، ناچار ئادەملەر يامان ئىشقا ئىشلىتىشى مۇمكىن . شۇڭا ئېنتىرنىت تورى ، كوت-كوت ياكى ئۈندىدار ......... قاتارلىقلاردىن نورمال پايدىلىنالماي خۇددى ‹‹ ئوسۇرغاققا ئارپا نېنى باھانە بوپتۇ ›› - دىگەندەك يامان ئىشلارغا ئىشلىتىپ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغاندا ئۇنىڭ-بۇنىڭدىن يامانلىغاننىڭ قىلچە پايدىسى يوق ! ئوكيان يوللىغان ۋاقتى2014-6-25 20:54
بىر نەرسىدىن قانداق پايدىلىنىش --- شۇ ئادەمنىڭ ئۇنۋېرسا ...
بۇ تەلىم تەربىيەنىڭ قانداق بىرېلگەنلىكى بىلەنمۇ مۇناسىۋەتلىك دەپ قارايمەن...ئالى مەكتەپ تەربىيەسى ئىلىپ كىيىن توردا ناچار ئىش قىلغانلارمۇ ئاز ئەمەسكەن...
بۇنىڭغا مەكتەپ ۋە ئاتا ئانا سەل قارىماسلىقى كىرەك. ھازىر بىر ئاپەت بولدىبۇنەرسە،ئىشلەتمگەن تۈزۇك دەپقارايمەن، بىر ئاي بوپتۇ مۇشۇ ئۈندىدار، چ چ دىگەنلەر بىلەن ھەپىلەشمىگىلى. خىلى قۇلىقىم تىنچىپ قالدى مىنىڭ. يانفۇنۇمنىڭ توكىمۇ خىلى ئۇزۇن يىتىدۇ.يەنە جىق ئىشلاردا پايدىسى بولدى ماڭا.(خوتەندە تاقىۋەتتى بۇلارنى) مەنمۇ ئۈندىدارنى تىلىفۇنمىدىن يۇيۇپ تاشلىدىم دادام ئوينىما دەپ تىللاپ كەتتى مىنى
بەت:
[1]
2