دەششەت يۇمۇرلار يەنە كەتتى
يۇمۇرلار1. پور سېمىز:قانداق قىلسا ئۈنۈملۈك ئۇرۇقلىغىلى بولىدۇ
دوختۇر:باش چايقىسا.
پور سېمىز:قانداق چاغدا
دوختۇر:باشقىلار تاماققا زورلىغاندا.
2.ماگزىندا ئادەم كۆپ ئىكەن، بىر ئەر بىر قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ:
-ئىككىمىز بىر ئاز پاراڭلىشايلى،
-نىمە دېمەكچىتىڭىز
-نېمىلا دېسەم بولىۋېرىدۇ، خوتۇنۇم يوقاپ كەتتى.بىراق مەن قىزلار بىلەن پاراڭلاشسام ئۇ ھازىرلا پەيدا بولاتتى.
3.
-بۈگۈن مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ، ماڭا قانداق سوۋغات ئالدىڭىز -دەپ سورىدى خوتۇنى.
-ئاۋۇ قىزىل رەڭلىك پىكاپنى كۆردىڭىزمۇ
-كۆردۈم !-دېدى خوتۇنى خۇشاللىقىدا.
-مەن سىزگە ئاتاپ ئوخشاش رەڭدىكى چىش چوتكىسىدىن بىرنى سېتىۋالدىم.
4.قىز:بىز ئايرىلىپ كېتەيلى.
يىگىت:نېمىىشقا
قىز:ئىمتاھان بىرىپ بولدۇق ،ئەمدى سىزنىڭ كۈتۈپخانىدا ئورۇن تالىشىشىڭىزنىڭ ھاجىتى قالمىدى.
يىگىت:ئەمما مەندە ئىككى دانە پويىز بېلىتى بار ئىدى.
قىز:ئەسكى ،ئەسلىدە ،مەن سىزگە چاقچاق قىلىپ قويغان.
5.بىر ئايال ئۆز نەۋرىسىنى《دىپلوم》دەپ چاقىراتتى.
بىرەيلەن ئەجەپلىنىپ سورىدى:
-نەۋرىڭىزنى نېمىشقا 《دىپلوم》دەپ ئاتايسىز
-قىزىمنى ئالىي مەكتەپكە ئوقۇشقا ئەۋەتسەم ،ئوقۇش پۈتكۈزگەندە ،مۇشۇ نەۋرەمنى كۆتۈرۈپ كەپتۇ ئەمەسمۇ.
6.بىر ئايال مېھمان چاقىرىپتۇ.مېھمانلار كەلگەندە ئايال قىزىغا مېھمانلارنى قارشى ئالىدىغان بىر نەچچە سۆزقىلىشنى
بۇيرۇپتۇ.بىراق ،قىزى نېمە دىيىشىنى بىلەلمەي تۇرغاندا، مېھمانلاردىن بىرى ئۇنى ئىلھاملاندۇرۇپ:
-جىددىلەشمەڭ ،ئاپىڭىز ئادەتتە نېمە دېگەن بولسا،سىزمۇ شۇنداق دېسىڭىزلا بولىدۇ،-دەپتۇ.شۇنىڭ بىلەن قىز مۇنداق دەپتۇ:
-خۇدايىم،نېمىدەپمۇ مېھمان چاقىرغان بولغىيتتىم،بۇ ئايلىق مائاشىم تۈگەيدىغان بولدى-دە.
7.ئوقۇتقۇچى بىر ئوقۇغۇچىدىن سوراپتۇ:
-سىز قايسى كۈنى تۇغۇلغان
-3-ئاينىڭ10-كۈنى.
-قايسى يىلى
-ھەر يىلى.
رەھمەت بۇرادەر.2.يومۇر بەك قىزىقكەن تېخى{:6_263:} 2.ماگزىندا ئادەم كۆپ ئىكەن، بىر ئەر بىر قىزنىڭ يېنىغا كېلىپ:
-ئىككىمىز بىر ئاز پاراڭلىشايلى،
-نىمە دېمەكچىتىڭىز
-نېمىلا دېسەم بولىۋېرىدۇ، خوتۇنۇم يوقاپ كەتتى.بىراق مەن قىزلار بىلەن پاراڭلاشسام ئۇ ھازىرلا پەيدا بولاتتى.
نەدىنمۇ تاپقانسىز ماۋۇ يۇمۇرنى...;P;P;P;P
6 - يۇمۇرغا كۈلۈپ كىتىپتىمەن ...............{:6_263:} راستىنلا مەن ئىلگىرى كۆرۈپ باقمىغان "دەھشەت "يۇمۇرلاركەن.ئىجادىي يۇمۇر ئوخشىمامدۇ بۇ!!؟مۇشۇنداق يېڭى-يېڭى يۇمۇرلارنى داۋاملىق يوللاپ تۇرارسىز! يىگىت: ئاخشام چۈشۈمدە ئالۋاستىنى كۆردۈم.
قىز: قانداق دەيسىز؟
يىگىت: چۈشۈمدە چىرايى سىزگە ئوخشايدىغان بىرى بىلەن بىللە يۈرگىدەكمەن. سىلەر خۇش بول بولساڭلار مەنمۇ خۇش. تورداشلارنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن چۇقۇم تىرىشىمەن. ئىسىل يۇمۇرلار ئىكەن ،قەلەملىرىڭىز ئۆكسىمىگەي ! ئېسىل يۇمۇرلاركەن
بەت:
[1]
2