خوتۇن ئالماق تەس - [ئەيساجان تۇردى ئاچچىق]
خوتۇن ئالماق تەس( ئۇستاز، شائىر مەرھۇم روزى سايىتقا تەقلىد )
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
/bizak/2.gif
روزىكام ئېيتقانتى‹‹ دېھقان بولماق تەس ››،ئۇ چىن سۆز، ھەقىقەت، ھېچ يالغان ئەمەس،بەزىلەر دىيشسە ‹‹شوپۇر بولماق تەس››،بەزىلەر غىڭششتى ‹‹خوتۇن بولماق تەس››،تەس ئىشنى ئېغىزدىن چىقارماقمۇ تەس،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gifقىزلارغا سالام خەت يازمىغان كىم بار؟ كېچىسى دېرىزە چەكمىگەن كىم بار؟ئۇيقۇلۇق تاتلىق چۈش كۆرمىگەن كىم بار؟ھەم ئۇندا ئىسسىق ياش تۆكمىگەن كىم بار؟ھىجراننىڭ پەيزىنى سۈرمىگەن كىم بار؟جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
مۇھاببەت كوچىسى ئۇزۇندۇر قەۋەت،بۇ يولدا كۆپلىگەن چېكىسەن ھەسرەت،سۆيۈشۈش بىردەملىك بولسمۇ پەقەت،يۈرەكتە ساقلىنىپ قالىدۇ ئەبەت،ئىنسانغا شۇ مىنۇت ھەممىدىن قىممەت،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
دوقمۇشتا تەلمۈرۈپ ساقلاپ تۇرىسەن،چىقمىسا ئۆزۈڭگە سوئال قويىسەن،تىت-تىت بولۇپ سائەتكە رەت-رەت قارايسەن،ئاخىرى ئۆيىگە بېرىپ باقىسەن،ئاكسى چىقسا گەر بەدەر قاچىسەن،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
يۈرمىسەڭ بولمايدۇ ئەسلا،مەھبۇبەڭ چىقمايدۇ قاش ئاتقانغىلا،باشلىماق بەك زۆرۈر رېستۇرانغىلا،ئىشىنەربوپ قالدى قىزلار پۇلغىلا،خەجلەيسەن بىر تۈمەن توي بولماستىلا،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
چاي بىلەن ئۆتىدۇ كۈننىڭ تولىسى،بەزىدە قۇدىنىڭ تەگمەس چولىسى،تولمىسا ئاناڭنىڭ گۆشتە كورىسى،يۈرەككە كۆچىدۇ قاشنىڭ قارىسى، بېشىڭنى ئاغرىتار چاينىڭ يارىسى،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
ئون دەيدۇ ئۇ چۇقۇم كېيەر كەشنى،ئازدەيدۇ،چاپاننىڭ قىشلىق بەشىنى،ياسايسەن ئۆيۈڭنىڭ ئىچ ۋە تېشىنى،بولمىسا قېينئاناڭ قاقار پېشنى،سۈرتۈشكە چولاڭ يوق ئاناڭ يېشىنى،جاھاندا ھەممدىنى خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
بانكىغا يوللايسەن قەرز ھۆججەتنى،ئون مڭىغا ئالىسەن زىبۇ-زىننەتنى،پۇل بىلەن ئۆلچەيسەن قەدىر-قىممەتنى،بۇزۇشقا ئامال يوق،بۇ ۋەزىيەتنى،بىلمەيسەن داداڭغا چۈشكەن قىسمەتنى،جاھانداھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
پەتىچى ئۆيگە بارمىساڭ تېخى،موللامغا قوش تەزىم قىلمىساڭ تېخى،ماشىنا،سىن ئالغۇ...قىلمىساڭ تېخى،چىن دوستقا بىرپاقلان سويمىساڭ تېخى،كەچ ئۇخلاپ ئەڭ بالدۇر قوپمىساڭ تېخى،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
رېستۇران پۇل دەيدۇ،كۆڭنەكلەرمۇ پۇل،ھاراقلارپۇل دەيدۇ،گۆش-سەيلەرمۇ پۇل،بەڭگىلەر پۇل دەيدۇ، يەڭگىلەرمۇ پۇل،پۇلسىزھىچ ئىش قىلىشقا قويۇلمايدۇ يول، شۇ سەۋەپ ئاخىرى قىسقىرايدۇ قول،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
بانكىغا ئاز-تولا قەرز بولغانغا،پۇشايمان قىلمايمەن خوتۇن ئالغانغا،بەزىدە ئەر تۇرۇپ يوتقان سالغانغا،چىرايىم سارغىيىپ سامان بولغانغا،ۋە لىكىن دەيمەن سىلەر دوستلارغا،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gif
دېمەڭلار مېنىمۇ قورقۇنچاق ‹‹سايىم››،ئۆزۈمنى ئەر چاغلاپ يۈرۈيمەن دائىم،بولمايدۇ ئالدىراپ قىيامەت قايىم،ھەممنى سۆزلەشكە بارمىدى رايىم،شەپقەتنى قىزلارغا بەرگىن خۇدايىم،جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.
/bizak/7.gifمەنبە:‹‹ كىروران ›› ژورنىلىدىن ئېلىندى1998.10.04 ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ. ئېلىۋالغانلارغۇ مەيلى، ما ئالمىغانلار.....:lol ماۋۇ مىسرا بەك-بەك قاملىشىپتۇ،ماڭا ياقتى.
<<دېمەڭلار مېنىمۇ قورقۇنچاق ‹‹سايىم››،
ئۆزۈمنى ئەر چاغلاپ يۈرۈيمەن دائىم،
بولمايدۇ ئالدىراپ قىيامەت قايىم،
ھەممنى سۆزلەشكە بارمىدى رايىم،
شەپقەتنى قىزلارغا بەرگىن خۇدايىم،
جاھاندا ھەممىدىن خوتۇن ئالماق تەس.>> ئەمدى بىر ئالاي دەپ تۇرسام قورقۇتىۋەتتىڭىزغۇ مېنى . ئۇنداق دېمەي تۇرۇڭ ھە ... بەك ياخشى چىقىپتۇ ، مىنىڭچە دۇنيادا ھەممىدىن ئادەم بولماق تەسمىكى.... ۋۇييۇئانچە تەسمۇ ئەمەسقۇ...ياشلار قورقۇپ كىتېدىغان بولدى دە ھاھاھاھىھىھىھىې بۇ يازمىنى ئاخىرىدا yamanbala تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-22 21:11
شىئىر ياخشى چىقىپتۇ، لېكىن ياراتمىدى، ئۆزى قانچىلىق يازالايتىكىندەپ قالماڭ، راست گەپ قىلمىساق بولمايدۇ، سىز شىئىر يازغاندا بۇغۇم، رىتىم،ئۇرغۇلىرىغا ئانچە دىققەت قىلىپ كەتمەيدىكەنسىز، مەسىلەن:
دوقمۇشتا تەلمۈرۈپ ساقلاپ تۇرىسەن،
چىقمىسا ئۆزۈڭگە سوئال قويىسەن،
تىت-تىت بولۇپ سائەتكە رەت-رەت قارايسەن،
ئاخىرى ئۆيىگە بېرىپ باقىسەن،
ئاكسى چىقسا گەر بەدەر قاچىسەن،
جاھاندا خوتۇن ئالماق تەس.
ئەگەر مۇشۇ يەرلىرىگە دىققەت قىلسىڭىز داڭلىق شائىر بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىڭىزدا گەپ يوق! خوتۇن ئىلىش راس تەسىلىشىپ كەتتى جۇما yamanbala يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 21:07
شىئىر ياخشى چىقىپتۇ، لېكىن ياراتمىدى، ئۆزى قانچىلىق ي ...
سىزدىن سوراپ باقسام، تېما ئىگىسىنى بىلەرسىزمىكىن؟ yamanbala يوللىغان ۋاقتى2014-6-22 21:07
شىئىر ياخشى چىقىپتۇ، لېكىن ياراتمىدى، ئۆزى قانچىلىق ي ...
مىنىڭچە سىز بۇ باھانى شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ بىرىپ قالدىڭىز - ھە؟