sodigarbala يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 17:43:54

Cat باش بەت سامسۇڭ ئىنتېل 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلانگەن يانفوننى ئوتتۇرىغا


كورىيە تاراتقۇسى D Dailyنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا,سامسۇڭ بۇ يىل يىل ئاخىرىدا ئىنتېلMoorefield بىر تەرەپ قىلغۇچىسى سەپلەنگەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفوننى ئوتتۇرىغا چىقىرىشى مۇمكىن ئىكەن.
بۇ يىل ئىككىنچى ئايدىكى MWC دا ,ئىنتېل 64 بىتلىق كۆچمە بىر تەرەپ قىلغۇچMoorefield نى ئوتتۇرىغا چىقارغان ,بۇنىڭغا22nm تېخنىكىسى قوللىنىلغان بولۇپ ,تۆت يادرولۇق بىر تەرەپ قىلغۇچقا كىرىدۇ. Moorefieldنىڭ ئەڭ يۇقۇرى چاستوتىسى2.33 GHz غا يېتىدۇ 4GB LPDDR3 RAM نى قوللايدۇ. ئۇندىن باشقا بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچقا ئالما M7گە ئوخشاش ,تۆۋەن سەرپىياتلىق سىنزور كونترول قىلغۇچ ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
D Dailyنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا, سەرپىيات ۋە ئىسسىقلىقنىڭ تارقىلىشىنى كونترول قىلىش ئۈچۈن, سامسۇڭ Moorefieldنىڭ ئاساسى چاستوتىسىنى 1.7GHz نىڭ ئىچىدە كونتىرول قىلغان, بۇ بىر تەرەپ قىلغۇچنىڭ كۆچمە ئۈكۈنىلەر بازىرىدىكى ئىپادىسى تېخى جەزىملەشتۈرۈلمىگەچكە, نۆۋەتتە ئىسسىقلىق تارقىتىشى, ئاساسى چاستوتىسى, ئىقتىدارى قاتارلىق ئۈچ تەرەپتىكى كۆرسەتكۈچلىرىنى قايتا-قايتا تەڭشەپ يۇقىرى كۆتۈرۈشكە توغرا كېلىدىكەن, شۇڭا سامسۇڭ بۇ خىل بىر تەرەپ قىلغۇچنى ئالدىراپلا بايراقدار يانفونلارغا ئشلەتمەيدۇ.
بۇ تاراتقۇنىڭ دىيىشىچە, ئىنتېل سامسۇڭنى ئۆزىگە تارتىش ئۈچۈن ,ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ئۆزەكلەرنىڭ باھاسىنى ئەڭ تۆۋەن چەككە چۈشۈرگەن, ھەر بىر ئۆزەكنىڭ باھاسى پەقەت يەتتە دوللار بولۇپ, ئاساسەن تەننەرخىگە يېقىنلىشىپ قالغان.

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-20 23:48:32

بۇ    سامسۇڭنىڭمۇ   تەرەققىياتى خىلى تىز بۇلىۋاتىدۇجۇمۇ
بەت: [1]
: Cat باش بەت سامسۇڭ ئىنتېل 64 بىتلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ سەپلانگەن يانفوننى ئوتتۇرىغا