ئەخلەت يېمەكلىكلەر ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ
ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ بەدەننى زىلۋا ساقلاشقا پايدىسىز ئىكەنلىكى ھەممە ئادەم بىلىدىغان ئەمەلىيەت. ئەمما يېقىنقى بىر تۈرلۈك يېڭى تەتقىقاتتا بايقىلىشىچە، ئەخلەت يېمەكلىكلەر يالغۇز ياغنىڭ بەدەنگە يىغىلىپ قېلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە بىزنىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىمىزنىمۇ زىيانغا ئۇچرىتىدىكەن.ئاۋسترالىيەلىك تەتقىقاتچىلارنىڭ بايقىشىچە، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى قىسقا ۋاقىت ئىستېمال قىلغان تەقدىردىمۇ، چوڭ مېڭىنىڭ بىلىش ئىقتىدارىغا زىيانلىق ئىكەن. يېڭى جەنۇبىي ۋەيلىس ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئالىملىرى ياغ تەركىبى ۋە قەنت تەركىبى يۇقىرى يېمەكلىكلەر بىلەن بىر ھەپتە بېقىلغان چاشقاننىڭ ئەستە تۇتۇش ئىقتىدارىنىڭ كۆرۈنەرلىك چېكىنگەنلىكىنى، ئۇنىڭدىن باشقا ساغلام يېمەكلىكلەر بىلەن بېقىلغان لېكىن، شېكەر قىيامى بېرىلگەن چاشقانلاردىمۇ ئوخشاش ئەھۋال كۆرۈلگەنلىكىنى بايقىغان تۇنجى قېتىم تەجرىبە قىلغان بۇ ھايۋانلار ئەخلەت يېمەكلىكنى يېگەندىن كېيىن، ئالاھىدە جايلارنى پەرق ئېتىش ياكى بىر جىسىم باشقا يېڭى بىر يەرگە يۆتكەلگەندە ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشى بەك تەسكە توختىغان. شۇنداقلا بۇ چاشقانلارنىڭ چوڭ مېڭىسىنىڭ سەقەنقۇر قىسمى ياللۇغلانغان بولۇپ، بۇ قىسمى بوشلۇقتىكى خاتىرىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.
يېڭى جەنۇبىي ۋەيلېس ئۇنىۋېرسىتېتى تېبابەت پەنلىرىنىڭ پىروفېسسورى مارگىرىت مورىس خانىم بۇ تەتقىقاتنىڭ ھەمكارلاشما ئىلمىي ماقالىسىنىڭ يازغۇچىسى بولۇپ، ئۇ:«بىز سېمىزلىكنىڭ بەدەن ئىچىدە ياللۇغلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى ياخشى بىلىمىز، ئەممابىزنىڭ ئۇنىڭ چوڭ مېڭىنىڭ ئۆزگىرىشىنىمۇ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغانلىقىنى مانا ھازىر بىلدۇق» دېدى. دېمىسىمۇ، ئەخلەت يېمەكلىكلەرنىڭ بۇنداق تېز سۈرئەتتە ئادەمنىڭ ئەقلىي قابىلىيىتىنى چېكىندۈرۈشى بۇ تەتقىقاتتىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان بىر نۇقتا بولۇپ قالدى.
بىلىم كۈچ ژۇرنىلىنىڭ 2014-يىللىق 4-سانىدىن ئېلىندى.
بەت:
[1]