رەھمەت يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 11:35:07

ئاتا ئانىلارغا يىزىلغان بىر پارچە خەت

xxx يىزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئۇقۇغۇچىلار ئاتا-ئانىلىرىغا يىزىلغان بىر پارچە ئوچۇق خېتى
ھۆرمەتلىك ئاتا-ئانىلار:
ياخشىمۇ سىلەر!
يازلىق تەتىل كىلەيلا دەپ قالدى. پەرزەنتلىرىمىزگە بىر كۆڭۈللۈك، مول، بىخەتەر ۋە ئەھمىيەتلىك تەتىلنى ئۆتكۈزۈش پۈرسىتى يارىتىپ بېرىش ئۈچۈن، بىز پەرزەنتىلىرىمىزنى نەزەردە تۇتۇپ، بارلىق ئىشلىرىمىزنىڭ ئائىلىگە ۋە جەمىئىيەتكە پايدىلىق بولۇش ئىسىتىگىدىن چىقىپ، سىلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشىڭلار ۋە زىچ ماسلىشىشىڭلار بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنىڭ جىسمانى ساغلاملىقىغا پايدىلىق بولغان تەتىل تۇرمۇشىنى ئورتاق يارتىپ بېرەلەيمىز.
تەتىل مەزگىلىدە بالىلار مەكتەپتىن ئايرىلىپ تۇرىدۇ، ئاتا-ئانىلار بولسا بالىلارنىڭ ئاساسلىق ھامىيسى . مۇشۇ ۋاقىتلاردا، بىز سىلەرنىڭ كۈچلۈك قوللىشىڭىزلارغا ۋە ماسلىشىشىڭىزلارغا بەكمۇ ئىھتىياجلىق. بالىلارغا جەمىئىيەتكە كۆڭۈل بۆلىدىغان، چوڭلارنى ھۆرمەتلەپ، كىچىكلەرنى ئىززەتلەيدىغان، تازىلىققا رىئايە قىلىپ، مۇھىتنى ئاسرايدىغان، بايلىق تىجەيدىغان تەربىينى بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىجتىمائى ئومۇمى ئەخلاق ئېڭىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، ئۈچ تەرەپ بىخەتەرلىك تەربىيە تەشۋىقات تەربىيسىنى كۈچەيتىپ، ئۇلاردا بىخەتەرلىك قوغدۇنۇش ئېڭىنى تۇرغۇزۇپ ، توك، سۇ، قاتناش ۋە ئوتتىن مۇداپىئەلىنىش ، ئالاقىلىشىش ئەسلىھەلىرى قاتارلىق بىخەتەرلىك ئامىللىرىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىپ، زۆرۈرسىز زىيانلارنىڭ كىلىپ چىقىشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز.
بالىلارنىڭ بىر مەۋسۇملۇق جىددى ئۆگۈنۈشى ئاخىرلاشقاندىن كىيىن تەتىل قويۇپ بېرىلگەنىكەن، ئەلۋەتتە بالىلاردا بوشۇشۇش ، مەشغۇلات ۋاقتى رىتىمسىزلىنىش، غىزالىنىشى مۇۋاپىق بولماسلىقتەك ئامىللار كۆرۈلۈشى مۈمكىن.شۇڭا، سىلەرگە شۇنى ئەسكەرتىمىزكى، بالىلارنىنورمال تۇرمۇش رېتىمىنى ساقلاشقا يىتەكلەپ، زىيادە ئويناپ ئۆز ئىختىيارىغا قويۇۋىتىشنى تىزگىنلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز؛ بالىلارنى بىر قىسىم ئىجتىمائى ئاممىۋى پاراۋانلىق، مەدىنىيەت-ساياھەت پائالىيەتلىرىگە قاتناشتۇرۇپ، بەلگىلەنگەن ئۆگۈنۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇنلىشىغا كاپالەتلىك قىلغاندىن سىرىت، بالىلارنى كىتاپنى كۆپ ئوقۇشقا ۋەياخشى ئوقۇشقا يىتەكلەپ، ئۇلارنىڭ نەزەر دائىرىسىنى كىڭەيتىشكە يىتەكلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمىز؛ يىتەرلىك ۋاقىتنى بالىلارنىڭ ماسلىشىشىغا قالدۇرۇپ، ئۇلارنىڭ قۇربى يىتىدىغان ئائىلە ئىشلىرىنى، ئېتىز-ئېرىق، يېزا-ئىگىلىك تىخنىكا بىلىمىلىرىنى ئىگەللەشكە يىتەكلەپ، پايدىلىق بولغان ئىجتىمائى پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، بالىلارنىڭ ئىجتىمائى ئەمىليەتئىقتىدارىنى يىتىلدۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىشىڭلارنى تەلەپ قىلىمىز.
شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرى تەتىل مەزگىلىدىن پايدىلنىپ ئۈگەنگەن بىلىملىرىنى تەكرارقىلىشى ئۈچۈن يازلىق تەتىل تاپشۇرۇقىنى سىتىۋىلىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز. يۇقرى دەرىجىلىك تارماقلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە سىتىۋالماقچى بولغان ئىككى خىل تاپشۇرۇقنڭ ئومومى باھاسىنىڭ %50نى مەكتەپ ئومومى ئىشلار خىراجىتىدىن چىقىم قىلىدۇ، %50نى سىلەر ئۈستىڭلەرگە ئالىسىلەر .پەرزەنتىڭلارنىڭ ئىككى ئاي ئىچىدە قايتا تەكرار قىلىشى ئۇچۇن ئون يۇۋەنگىمۇ يەتمەيدىغان پۇلنى چىقرىشنى خالايسىلەر ھەقىچان.

سىتىۋىلىشقا قوشۇلىمەن:(ئائىلە باشلىقى)__________________
                         (ئوقۇغۇچى ئىسمى)_________________
ئاتا-ئانىلارنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئوڭۇشلۇق بولىشىنى، ئائىلسىنىڭ بەختلىك بولىشىنى ئۈمۈت قىلىمىز!

xxx يىزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپ
2014-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى

Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-21 12:36:51

روھلاندا سىزنىڭ تېمىلىرىڭىزنى كۆرمىگىلى خىلى ئۇزۇن بوپتىكەن.
مانا بۈگۈنمۇ ياخشى تېمىدىن بىرنى ئىلىپ كەپسىز مانا!
بەت: [1]
: ئاتا ئانىلارغا يىزىلغان بىر پارچە خەت