«ئارقا ئىشىك»تە پىراۋا ئالىدىغانلار زىيانغا پاتتى،ئۇلارنى ئالدىغ...
«ئارقا ئىشىك»تە پىراۋا ئالىدىغانلار زىيانغا پاتتى،ئۇلارنى ئالدىغانلار تۇرمىدە ياتتى.مەمتىمىن ئابلىز، ئەنۋەر ئىبراھىم (ھايلىۋاي)
كوچا،دوقمۇش،سورۇنلاردىكى قىززىق نۇقتىلىق پاراڭنىڭ بىرسى ئارقا ئىشىكتىن پىراۋا ئېلىش. ھەقىقى باھادىن ھەسسىلەپ ئېشىپ كەتكەن ئارقا ئىشىك باھاسى كىشىلەر ئاغزىدا مۇدا پاراڭغا ئايلىنىپ يېزا، شەھەرلەردە تارقىلىپ يۈرمەكتە. شۇنداق «قولىدىن ئىش كىلىدىغان» ئارقا ئىشىك بىدىكلىرىدىن ئىككىسى يېڭىشەھەر، يۇپۇرغا، پەيزىۋات، يەكەن،قەشقەر شەھىرىدە قاڭقىپ يۈرۈپ «خېرىدار» جەلۇپ قىلىپ، بىر يىلغا يەتمىگەن ۋاقىتتا 78 ئادەمدىن 442450يۈەننى ئالداپ ئېلىۋىلىپقانات قۇيرىقى راسا يىتىلگەندە يېڭىشەھەر ناھىيىسىدە قاپقانغا چۈشۈپ قەپەزگە سۇلاندى. ئەمدىئارقا ئىشىكتىن پىراۋا بىجىردىغان ساختا پاراڭنى ئاڭلىغاندا بۇ دېلودىكى ھەقىقىي پاكىت پارىڭى بىلەن ئۇنىڭ بىلىگە تېپىپ ئىجتىمائىي ئادىللىقنىڭ تەرغىباتچىسى سۈپىتىدە دادىل سۆزلەپ قۇيۇڭ
2011-يىلى 5-ئايدا يېزا دوقمۇشىدا شۇنداق پاراڭنىڭ ئۈستىگە كېلىپ قالغان يېڭىشەھەرلىك قادىر ئاڭلىغانسىرى ئىشەچىسى ئېشىپ پاراڭ سېلىۋاتقان پەيزىۋاتلىق ياقۇپنىڭئاغزى بىكار بولىشىنى ساقلاپ تۇرالماي تاقىتى تاق بولۇپ گەپنى بۆلۈپ ئۇنىڭدىن سورىدى
- پاراڭ سالغىنىڭغا يارىشا ئىش قىلالامسەن زادى؟
- قىلالمىسام سوزلىمەيتىم،پىراۋا لازىممۇ زادى؟
-پىرراۋامنىڭ دەرجىسىنى ئۆستۈرۈتتىم.
- قېنى ئاۋۋال 3000 يۈەن تاپشۇر،ئىش باشلانغاندىن كىيىن چالىسىنى تەدرىجى بەرسەڭمۇ بولىدۇ. نەچچە پۇل بىلەن پۈتىشىنى قاتناش ساقچى ئەترەتتىكى غۇجام بەلگىلەيدۇ. لىكىن 6000يۈەندىن ئاشمايدۇ.
- ھىساپ. مانا 3000يۈەن.
شۇنىڭدىن كىيىن بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى ئادەتتىكىدىن ھالقىپ يېقىن دوستلاردىن بوپ قالدى. ياقۇپ بېرىش كېلىش جەريانىدا قادىرنىڭ سىڭلىسى بىلەن تونۇشۇپ توي قىلدى. بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتى تېىىمۇ يېقىنلىشىپ قادىرمۇ كوچا،دوقمۇش سورۇنلاردا پىراۋا پارىڭى سالىدىغان بىدىككە ئايلىنىپ قالدى.
-ئىمتىھان بەرمەيشوپۇر بولغىڭلار بارمۇ؟ « شوپۇرلۇق پىراۋىسىنى ئىمتىھانسىز بىجىرمىز» ،« پىراۋىنىڭ دەرجىسىنى ئۆستۈرۈپ بېرىمىز»،« ئەمەلىيەت ئىمتىھانىدىن ئۆتكۈزۈپ قويىمىز»…
بۇ پاراڭلار شامالدەك تارقاپ ساددا كىشىلەرنى ماگنىتتەك تارتىپ ئۇلارنى ئىزلەيدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمىدى.
-مەن كىچىك ماشىنا شوپۇرلۇق پىراۋىسى بىجىرەتتىم، ماۋۇ 6000 يۈەن، كىلەر ئايدا يەنە 5000يۈەن بىرىمەن.
- مەن يۈك ماشىنىسىنىڭ پىراۋىسىنى ئالىمەن، ماۋۇ ھازىرچە 8000يۈەن، كىلەر ھەپتە قالغان 4000يۈەننى بىرىمەن.
-مەن موتوسىكىلت پىراۋىسى بىجىرەتتىم، ماۋۇ 700يۈەن
-مەن پىراۋامنىڭ دەرجىسىنى ئۆستۈرىمەن، ماۋۇ 6000يۈەن
پىراۋا بىجىردىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزىلمەي يېڭىشەھەر، پەيزىۋات، يەكەن، قەشقەر شەھىرىدىنھەر كۈنى نەچچە ئادەم كىلىپ پۇلنى تاپشۇرۇپ كىتىۋەردى. شۇنداق قىلىپ 2011-يىلى 5-ئايدىن 2012-يىلى 2-ئايغىچە ياقۇپ 38 ئادەمدىن 243900يۈەن يىغدى. قادىر 43ئادەمدىن 199550يۈەن يىغدى. قادىر ئۆزى يىققان پۇلدىن 74000يۈەننى ياقۇپقا ئۆتكۈزدى. لىكىن ياقۇپ پىراۋا بىجىرىشكە قارىتا ھېچقانداق ئەمىلى ھەركەت قىلمىدى، لىكىن قادىرغا پىراۋا بىجىرلىۋاتىدۇ دەپ ئۆزىگە ئىشەندۈرۈپ تۇراتتى. ئۇلارنىڭ باشقىلارنى ئۆزىگە ئىشەندۈرۈشتىكى مۇھىم كۇزىرى ئالدىن بەرگەننى ئېلىش،ئالغان پۇلغا ھۆججەت يېزىپ بىرىش ، ۋەدە بېرىشتىن ئىبارەت بولۇپ كىشىلەردە ئىش ئاقمىسا پۇلىمىزنى ئېلىۋالىمىزغۇ دېگەن ئىشەچ تۇيغۇسى بولغاچقا ئىككىلەنمەي پۇل بىرىۋىرەتتى. ئەپسۇس پۇلنى بىرىپ ئالتە ئاي ئۆتكەندىمۇ بىرمۇ پىراۋا چىقمىدى. چىرايلىق ۋەدە،ھەيۋەتلىك ھۆججەتلەرنىڭ يۈز خاتىرە قىلغۇدەك يىرى قالمىغاندا كىشىلەر پۇلنى سۈيلەپ ئۆزى بىر قېتىمدا بەرگەن پۇلنىڭ كەينىدىن نەچچە ئون قېتىملاپ سوكۇلداشقا باشلىدى. پەقەت قۇتۇلۇش مۇمكىن بولمىغاندا ياقۇپ 13 ئادەمگە 60000 يۈەن ئەتراپىدا، قادىر11ئادەمگە 28000 يۈەن ئەتراپىدا پۇل قايتتۇرۇپ بەردى. قادىر ئۆزىنىڭ كىنىشكىسىمۇ چىقمىغاندىن كىيىن ياقۇپتىن گۇمانلىنىپ قالدى. پۇلنى سۈرۈشتۇرۇپ كىلىدىغانلارنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەي بۇ ئىككىسىگە زادى ئارام بەرمىدى.
قادىر بۇ ئىشنىڭ ئاسان تۈگىمەيدىغانلىقىنى ئويلاپ ئاخىرىدا ئەقلىنى تېپىپ 2012-يىلى3-ئاينىڭ 6- كۈنى يېڭىشەھەر ناھىيىلك ج خ ئىدارىسى جىنايى ئىشلار ئەترىتىنىڭ ئىشىكىنى چەكتى؛
-ياقۇپ سىڭلىمنىڭ بولدىشى بولسىمۇ مەن ئۇنى ئۆزەم بىلەن قوشۇپ پاش قىلىمەن. مەن پىراۋامنىڭ دەرجىسىنى ئۆستۈرۈپ بىرىشى ئۈچۈن ياقۇپقا 3000 يۈەن بەرگەندىن باشلاپ 78ئادەم ئىككىىمىزگە پىراۋا بىجىرىشنى ھاۋالە قىلىپ پۇل تاپشۇردى. ياقۇپ ھازىرغىچە بىرمۇ پىراۋىنى بىجىرىپ بىرەلمىدى. مەن ئۇنىڭدىن گۇمانلىنىپ قالدىم تەكشۈرۈپ قانۇن بويىچە بىر تەرەپ قىلىشىڭلارنى سورايمەن.
ساقچىلار ئەھۋالنىڭ جىددىلىكىنى بايقاپ دەرھال كۈچ تەشكىللەپ ياقۇپنى تۇتۇشقا ئاتلاندى. دېلو پاش بولۇپ گۇماندارلارنى تۇتۇش ئاسان بولغان بولسىمۇ زىيانلانغۇچىلارنىڭ كۆپ بولىشى بىلەن تەھقىلەشكە ئۇزۇن ۋاقىت كەتتى. يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق تەپتىش مەھكىمىسى 2012-يىلى 11-ئاينىڭ 22-كۈنى گۇماندار ياقۇپ بىلەن قادىرنى ئېقىپ يۈرۈپ ئالدامچىلق قىلىش جىنايىتى بىلەن ئەيىپلەپ سوتقا يوللىدى.
يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەكىمىسى بۇ دېلوغا 2012-يىلى 12-ئاينىڭ22-كۈنى قانۇن بويىچە ئوچۇق سوت ئېچىپ قاراپ چىقتى. پۇلىنى پەقەت قايتتۇرۇپ ئالالمىغان،تۇلۇق ئالالمىغان 61 نەپەر زىيانلانغۇچى سوتتا قۇشۇمچە ھەقتەلەپ دەۋاسى قىلدى.سوت ئىككى كۈن داۋام قىلدى.سوت شىرىك جاۋاپكارلارنىڭ ئالدامچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزۈشتىكى رولى،ئۆزىنى مەلۇم قىلىش، جىنايىتىنى تاپشۇرۇش ، زىياننى قايتتۇرۇش جەھەتتىكى پوزىتسىيىسى قاتارلىقلارنى پەرقلەندۈرۈپ « جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار قانۇنى» نىڭ 266- ، 25- ، 52- ، 64-67-ماددىلىرى، ئالى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ « ئالدامچىلىق جىنايى دىلولىرىنى سوت قىلىشتا قانۇننى كونكىرىتنى تەدبىقلاشقا ئائىت بەزى مەسىللەر توغرىسىدىكى ئىزاھاتى» نىڭ 1- 3- 9-ماددىلىرىنىڭ بەلگىلمىسىگە ئاساسەن تۆۋەندىكىچە ھۆكۈم قىلدى.)
1.جاۋاپكار ياقۇپقا ئالدامچىلىق جىنايىتى بىكىتىپ مۇددەتلىك ئون يىللىق قاماق جازاسى بىرىشكە ، قوشۇمچە 80000 يۇەن جەرىمانە تۆلەشكە32نەپەر زىيانلانغۇچىغا196400 يۈەن قايتتۇرۇشقا ھۆكۈم قىلىندى.
2. جاۋاپكار قادىرغا ئالدامچىلىق جىنايىتىنى بىكىتىپ مۇددەتلىك بەش يىل ئالتە ئايلىق قاماق جازاسى بىرىشكە ، قوشۇمچە 50000 يۇەن جەرىمانە تۆلەشكە،29نەپەر زىيانلانغۇچىغا119200 يۈەن قايتتۇرۇشقا ھۆكۇم قىلىندى. يېقىندا ھۆكۈم كۈچكە ئىگە بولۇپ جىنايەتچىلەر تۈرمىگە يوتكەلدى.
جاۋاپكارلارنىڭ خاتىرگە چۈشمىگەن گەپلىرى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ قىسقا مۇلاھىزە قىلىپ باقايلى: ئارقا ئىشىكتىن پىراۋا ئېلىش نىمە ئۈچۈن شۇنداق كۆلەملىك ئەۋجى ئېلىپ كىتىدۇ؟ قاتناش ھادىسسىنىڭ كۆپىيىشى پىراۋا بىجىرىشن ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. پىراۋا ئېلىشنىڭ تەسلىكى ناپاك ئىش بىجىرگۈچى بىلەن ئىمتىغاندىن ئۆتۈشكە كۆزى يەتمەيدىغان، كومپىيوتىر بىلمەيدىغان، خەت تۇنىمايدىغان ئەمما ماشىنا ئېلىش پىلانى بار ساۋاتسىز پىراۋا ئالىدىغانلار ئوتتۇرىسىدا قاراڭغۇ بازار ھاسىل قىلغان.سەھرادا بۇنداق پىراۋىدىن بىرنى كىم بىجىرگەن بولسا قالغانلار ئۇنى ئەۋلىيا بىلىپ ئىشنى شۇنىڭغا تاپشۇرۇپ پۇلنى تۇتقۇزۇپ نىمە دېسە ئىشىنىپ كۈتۈپ تۇرغان. بۇ دېلودىكىدىنباشقا بەزىلەرنىڭ ئىشى ئېقىپ قالغان بىلەن كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ ئاقماي ئاخىردا مۇشۇنداق ئاقىۋەت كىلىپ چىققان.بۇ دېلو ئارقا ئىشىكتىن پىراۋا ئالىدىغانلار ئۈچۈن قىممەتلىك ساۋاق بولۇپ ئالدانماسلىق بىلەن چەكلەنمەي شۇنداق ئارقا ئىشىك بىدىكلىرىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاش قىلىشىمىزقا ئەرزىيدۇ.
(جاۋاپكارلارنىڭ ئىسمى ئۆزگەرتىلدى)
( ئاپتۇرلار قەشقەر يېڭىشەھەر ناھىيىلىك خەلق سوت مەھكىمىسىدە)
مەنبە : پاك يۇرت قانۇنچىلىق تورى
مەن 2012-يىلى 2-ئايدا تىزىملىتىپ 7-ئايدا قۇلۇمغا ئالغان، ئوقۇش پۇلى، خەجلەش ھەممىسىگە جەمئىي 4000 مىڭ يۈەن كەتكەن، مەشىقتىن تاتىپ ئىمتاھانغىچە 15 كۈندەك بارغان مەكتەپكە. نەچچە ئونمىڭلاپ بىدىككە بەرگىچە مۇنتىزىم مەكتەپكە تىزىملىتىپ ئوقۇسا، قانداقلا بولمىسۇن ئۆزىمۇ ئانچە-مۇنچە قائىدىلىرىنى ئۆگۈنىۋالالايدۇ، قايسى تۈردىن ئۆتەلمىسە ئاندىن شۇنىڭغىلا پۇل تۆلىسىمۇ بۇلىدۇ ئەمەسمۇ، ئاڭلىسام c1 پىراۋىغا 16000 يۈەن تۆلىگەنلەرمۇ بار ئوخشايدۇ.ھازىر يول ۋە يول بەلگىلىرى مۇرەككەپلىشىپ كەتتى، شۇڭا پىراۋىنى چۇقۇم ئوقۇپ ئېلىشنى تەۋسىيە قىلىمەن. شۇنداقتەسئوخشىمامدۇشىنجاڭدا،مەنمۇجىنەندە تىزىملاتقان 3 -ئايداتىزىملىتىپ بىرىنچىئىككىنچىتۈردىنئۆتۈپبولدۇم،خۇدابۇيرۇسا 7.19 كنەئۈچىنچىتۈرنى 7.21كۈنى تۆتىنچىتۈرنىبىرىپئۆتسەم ئالىمەن كىنىشكىنى .س2گە 4100 نىخەجلىدىم. ئالدامچىلار ناھايىتى جىقلاپ كەتتى،پىراۋا ئالدىغانقىرىنداشلارمۇنتىزىم مەكتەپكە بىرىپ تىزىملىتىپ ئىلىڭلار، .ئوقۇپ ئالغانغا يەتمەيدۇ، مەنمۇ 3ئايدا ئىلىپ بولدۇمc1 پىراۋىنى قەشقەرنىڭ ئىمتىھانى سىلەر دىگەندەك ئۇنداق ئاسان ئۆتكىلى بولىدىغان ھەم ئۇنداق تىز ئالغىلى بولىدىغان ئىمتىھان ھەم كىنشكە ئەمەس ......... بۇ ئالدامچىلار نىمىشقا كۆپ؟ ھەممە ئىشنىڭ سەۋەبى بار ..................! ئۆزى ئوقوسلا ئالمامدۇ ، شۇ پۇل بەرگەنلەرمۇ تازا بىر دۆت ئەبلەخلەر مەنمۇ ئالدامچىلارغا ئىشەنمەيئۆزۈمئوقۇپ3 ئايداب 1پىراۋىنىئالدىمبىرتۇنۇشۇمئالدامچىلارغا7000سومبېرىپ ئالالمايئۆزىئوقۇپ ئالدى
بەت:
[1]