باشقىلارنىڭ بەختى ۋە خوشاللىقى ئۈچۈن ياشاڭ .
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم . مۇنبەرداشلار ! گەرچە روھلان مۇنبىرىنى سىرتتىن زىيارەت قىلىۋاتقىنىمغا خېلى بولغان بولسىمۇ ، بەزى سەۋەپلەر تۈپەيلى بۈگۈن يۈز كۆرۈشۈش نىسىپ بوپتۇ . قۇرۇق كەلمەي ‹ سالام › ناملىق فىلىمنىڭ ئاخىرىدىكى تەربىيىۋى قىممىتى يۇقىرى بولغان بۇ كەلىمىلەرنى ئالغاچ كەلدىم .بۇندىن كېيىن ئورتاق ئىزدىنىش ، ئىلگىرلەش يولىدا ھەمكارلاردىن بولىشىمىزنى ئۈمىد قىلىمەن .ئاداۋەت ۋە نەپرەت ھېچكىمگە خوشاللىق ئېلىپ كېلەلمەيدۇ .
ياكى سىزگە ياكى قارشى تەرەپكە .
سىزگە ھەقىقى بەخىت ئېلىپ كېلىدىغان نەرسىنى ئېيتىپ بېرەيمۇ ؟
باشقىلارنىڭ بەختى ۋە خوشاللىقى ئۈچۈن ياشاڭ .
رەھمەت ۋە باشقا نەرسە تاما قىلماستىن پەقەتلا باشقىلارنىڭ خوشاللىقى ئۈچۈن ...
ئاز بولسىمۇ كىچىك بولسىمۇ بىر ئىش قىلىڭ .
سىلەرمۇ سىناپ بېقىڭلار !
ئاراڭلاردا سالامنى ئومۇملاشتۇرۇشنى سىناپ بېقىڭلار!
شۇ چاغدا ئائىلەڭلارغا ، مەكتىپىڭلارغا ، مەھەللەڭلارغا ، يۇرتۇڭلارغا نەزەر تاشلاپ بېقىڭلار . زەررىچە كۆڭۈلسىزلىك قالامدىكەن؟ يەر يۈزىدە ئۇرۇش - تالاش قالامدىكەن؟ شۇ چاغدا قاراپ بېقىڭلار ! ئادەملەر ئۆز - ئارا بىر - بىرىنى ئۆلتۈرۈشەمدىكەن ؟
شۇنداق كىشىلەرنى تونۇيمەن . خىيالىغا بىز خىيال قىلىشقا پېتىنالمايدىغان نۇرغۇن گۈزەللىكلەرنى پاتۇرالىغان .
شۇنداق كىشىلەرنى تونۇيمەن . خىياللار ئەمەلگە ئاشسۇن دەپ كېچە - كۈندۈز كىرپىك قاقمىغان.
كىشىلەر تىنىچ ھالدا ياشىسۇن دەپئانىلار بالىلىرىدىن ، بالىلار ئانىلىرىدىن ئايرىلمىسۇن دەپ ئۆمۈر بويى ئۆزى بەخىتسىز ياشاشقا رازى بولىدىغان.
يەر يۈزىدە ئېقىۋاتقان قاننىڭ بىر تامچىسى بولسمۇ توختايدىغان ئىش بولسا ، بۇنىڭ ئۈچۈن كۈتكەنلىرىدىن ، ئارزۇلىرىدىن ، ياخشى كۆرگەنلىرىدىن ، خوتۇن ، بالا -چاقىلىرىدىن ، ئاتا - ئانىسىدىن ، ۋەتىنىدىن ،زىمىنىدىن ئۆزى ئىگە بولغان ۋە بولىدىغان بارلىق نەرسىلىرىدىن ۋاز كېچەلەيدىغان بىر تۈركۈم كىشىلەرنى تونۇيمەن .
شۇنداق كىشىلەرنى تونۇيمەن ؛ چېچىڭلارنىڭ بىر تېلى ئۈچۈن كۆزىنى مىت قىلماي ئۆلۈشكە رازى بولىدىغان ...
مەن ئۇنداق قىلالمىدىم ، ئەمما ئۇلار سىلەرنىڭ مۇئەللىملىرىڭلار . بەزىسى بوسنىيەدە ، بەزىسى ئافغانىستاندا ، بەزىسى سىنگالدا ، بەزىسى ئىسمىنىمۇ بىلمەيدىغان دۇنيانىڭ ھەرقايس جايلىرىدا...
ئەگەر ئۇلار ئۈچۈن بىر خوشاللىق بار دېيىلسە ، ئۇ بولسىمۇ« سالام » نى ئاڭلاپ تۇرۇشتۇر .
ئۇلارنىڭ بايرىمىدەل سىلەرنى خوشاللىقىڭلار.
[ سالام ]ناملىق فىلىمدىن ...
ياخشى يازما ياخشى ھىكمەت ئىكەن كوپ رەھمەت سىزگە. تۇنجى يازمىڭىز بۇيەردىمىتى؟بەك ياخشى ھە ئۇ كىنو.تىلى بەك گۈزەل تۈرۈكچە كىنولارنىڭ.ئۆزلىرىنىڭ ئەسەرلىرىدىنمۇ يوللىماملا مۇنبەرگە؟
来自安卓客户端 Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى2014-6-18 00:50
تۇنجى يازمىڭىز بۇيەردىمىتى؟بەك ياخشى ھە ئۇ كىنو.تىلى ب ...
بۇياق تۈرك مىللىتىدىنمۇ ھەدە؟
تېمىلىرى تۈرك توغۇرلۇقكەنيا ؟ نەپرەت发表于2014-06-18 01:22:57 static/image/common/back.gif
بۇياق تۈرك مىللىتىدىنمۇ ھەدە؟
تېمىلىرى تۈرك توغۇرلۇقكەنيا ؟
/mobcent/reply/../app/data/phiz/default/03.pngياق.ئۇيغۇر مىللىتىدىن.كۆپ تىللىق.بىلىم ئىگىسى.شائىر.يوللىغان بۇ سۆزلەرنى گۈزەل ھېس قىلمىدىڭىزمۇ؟
来自安卓客户端 Ayshemgul يوللىغان ۋاقتى2014-6-18 00:50
تۇنجى يازمىڭىز بۇيەردىمىتى؟بەك ياخشى ھە ئۇ كىنو.تىلى ب ...
ھە ... ئۇزاققا قالماي يوللاشنى باشلايمەن ... ماقۇل،ئاندىن باشقىلارمۇ مېنىڭ خۇشاللقىم ئۈچۈن ياشاپ كەتسە;P
بەت:
[1]