نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 10:00:26

ئاساسىي قانۇن ساۋاتلىرى(1) (تەرجىمە تېما)

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-18 09:58

1.ئاساسىي قانۇن دىگەن نىمە؟
ئاساسىي قانۇن-بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمى ۋە تۈپۋەزىپىسىنى بەلگىلەيدىغان،دۆلەتنىڭ ئەڭ ئالىي قانۇن كۈچىگە ئىگە تۈپ چوڭ قانۇنى.

2.ئاساسىي قانۇننىڭ رولى قايسىلار؟
(1)دۆلەت ھوقۇقىنىڭ ئۈنۈملۈك يۈرگۈزۈلىشىگە كاپالەتلىك قىلىش،دۆلەت ھوقۇقىنى قىلىپلاشتۇرۇش ۋە چەكلەش.
(2)پۇقرالارنىڭ ئاساسىي ھوقۇقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش.
(3)دۆلەتنىڭ ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي مۇناسىۋىتىنى تەڭشەش،جەمىيەتنىڭ مۇقىملىقى ۋە ئۇزاققىچە ئەمىن تېپىشىنى قوغداش.

3.پۇقرا دىگەن نىمە؟
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ تەۋەلىكىدە بولغانكى كىشى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقراسىدۇر.
پۇقرالار قانۇن ئالدىدا باراۋەر.

4.قانداق پۇقرالارنىڭ سايلاش سايلىنىش ھوقۇقى بولىدۇ؟
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ يىشى 18 گە تولغان پۇقرالارنىڭ ھەممىسى مىللىتى،ئىرقى،جىنسى،كەسپى،ئائىلە كىلىپ چىقىشى،دىني ئىتقادى،بىلىم دەرىجىسى،مال مۈلۈك ئەھۋالى ۋە ئولتۇراقلىشىش ۋاقتىغا قارىماي،سايلاش ھوقۇقى ۋە سايلىنىش ھوقۇقىغا ئىگە.
قانۇن بويىچە سىياسىي ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغانلار بۇنىڭ سىرتىدا.

5.دۆلىتىمىزنىڭ پۇقرالىرى قايسى ئاساسىي سىياسىي ئەركىنلىك ھوقۇقىغا ئىگە؟
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ پۇقرالىرى سۆز،مەتبۇئات،يىغىلىش ئۆتكۈزۈش،تەشكىلاتلارغا ئۇيۇشۇش،نامايىش قىلىش،كۈچ كۆرسىتىش ئەركىنلىكىگە ئىگە.

6.ئاساسى قانۇندا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ دېني ئىتقاد ئەركىنلىك ھوقۇقى قانداق بەلگىلەنگەن؟
پۇقرالار دېني ئىتقاد ئەركىنلىكىگە ئىگە.
ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى،ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە شەخسنىڭ پۇقرالارنى دىنغا ئىتقاد قىلىشقا ياكى ئىتقاد قىلماسلىقىغا زورلىشىغا،دىنغا ئىتقاد قىلدىغان پۇقرالارنىمۇ،ئىتقاد قىلمايدىغان پۇقرالارنىمۇ كەمسىتىشكە يول قويۇلمايدۇ.
دۆلەت نورمال دىني پائالىيەتنى قوغدايدۇ.ھەر قانداق كىشىنىڭ دىندىن پايدىلنىپ جەمىيەت تەرتىپىنى بۇزدىغان،پۇقرالارنىڭ سالامەتلىكىگە زىيان يەتكۈزدىغان،دۆلەتنىڭ مائارىپ تۈزۈمىگە دەخلى قىلىدىغان ھەرېكەتلەردە بولۇشىغا يول قويۇلمايدۇ.
دىني تەشكىلاتلار ۋە دىني ئىشلار چەت ئەل كۈچلىرىگە بىقىنمايدۇ.

7ئاساسىي قانۇندا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ جىسمانىي ئەركىنلىك ھوقۇقى قانداق بەلگىلەنگەن؟
ھەر قانداق پۇقرا خەلق تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى ياكى قارارىسىز ياكى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ قارارىسىز ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگىنىنىڭ ئىجراسىسىز قولغا ئىلېنمايدۇ.
8.ئاساسىي قانۇندا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززەت ھوقۇقى قانداق بەلگىلەنگەن؟
جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى پۇقرالىرىنىڭ ئىنسانىي ئىززىتىگە چىقىلىشقا بولمايدۇ.پۇقرالارغا ھەر قانداق يول بىلەن ھاقارەت كەلتۈرۈش،تۆھمەت قىلىش ۋە قارا چاپلاش،زىيانكەشلىك قىلىش مەنئىي قىلنىدۇ.

9.ئاساسىي قانۇندا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ تۇرالغۇ ھوقۇقى قانداق بەلگىلەنگەن؟
دۆلىتىمز پۇقرالىرىنىڭ تۇرالغۇسىغا چىقىلىشقا بولمايدۇ.پۇقرالارنىڭ تۇرالغۇسىنى قانۇنسىز ئاختۇرۇش ياكى ئۇلارنىڭ تۇرالغۇسىغا قانۇنسىز باستۇرۇپ كىرىش مەنئى قىلنىدۇ.

10.ئاساسىي قانۇندا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە خەۋەرلىشىش مەخپىيتى ھوقۇقى قانداق بەلگلەنگەن؟
پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكى ۋە مەخپىيتىنى قانۇن قوغدايدۇ.
دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىھتىياجى ياكى جىنايى ئىشلار جىنايىتىنى سۈرۈشتۈرۈش ئېھتىياجى بىلەن،جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى ياكى تەپتىش ئورگىنى خەۋەرلىشىش مەزمۇنىنى قانۇندا بەلگىلەنگەن تەرتىپ بويىچە تەكشۈرگەندىن.باشقا،ھەر قانداق تەشكىلات،ئورۇن ياكى شەخسنىڭ پۇقرالارنىڭ خەۋەرلىشىش ئەركىنلىكىگە ۋە مەخپىيتىگە ھەر قانداق باھانە سەۋەپ بىلەن چىقىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.

11.ئاساسىي قانۇندا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ نازارەتچىلىك ھوقۇقى قانداق بەلگىلەنگەن؟
پۇقرالار ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىمىغا تەنقىد ۋە تەكلىپ بىرىش ھوقۇقىغا ئىگە.ھەر قانداق دۆلەت ئورگىنى ياكى دۆلەت خادىمىنىڭ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىپ ۋەزىپىسىنى ئادا قىلماسلىق قىلمىشىنى دۆلەت ئورگانلىرىغا ئەرز قىلىش،شىكايەت قىلىش،پاش قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.
لىكىن پاكىت ئويدۇرۇش.پاكىتنى بۇرملىلاپ قارا چاپلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا يول قويۇلمايدۇ.
مۇناسىۋەتلىك دۆلەت ئورگانلىرى پۇقرالار ئەرز قىلغان،شىكايەت قىلغان ياكى پاش قىلغان ئىشلارنى ئىنىقلاپ بىر تەرەپ قىلىشقا مەسئۇل.بولۇشى شەرت.ھەر قانداق كىشىنىڭ ئەرزنى باستۇرۇپ قويۇشىغا ۋە ئۆچ ئىلىشىغا يول قويۇلمايدۇ.
پۇقرالىق ھوقۇقى دۆلەت ئورگىنى ۋە دۆلەت خادىملىرىنىڭ چىقىلىشى بىلەن زىيانغا ئۇچرېغانلار تۆلەم ئىلىش ھوقۇقىغا ئىگە.

12.ئاساسىي قانۇندا دۆلىتىمىز پۇقرالىرىنىڭ ئەمگەك ھوقۇقى قانداق بەلگىلەنگەن؟
دۆلەت تۈرلۈك يوللار بىلەن ئىشقا ئورۇنلىشىش شارائىتىنى يارىتىپ بىرىدۇ.ئەمگەك مۇھاپىزىتىنى كۈچەيتىدۇ.ئەمگەك شارايىتىنى ياخشىلايدۇ.ئىشلەپچىقىرىشنى راۋاجلاندۇرۇش ئاساسىدا،ئەمگەك ھەققىنى ۋە پاراۋانلىق تەمىناتىنى ئۆستۈرىدۇ.
ئەمگەك قىلىش-ئەمگەك ئىقتىدارىغا ئىگە پۇقرالارنىڭ شەرەپلىك بۇرچى.


تەرجىمە قىلغۇچى   نەپرەت
مەنبە法律知识

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 12:53:19

بولسا، مىللى تىرىتورىيلىك ئاپتۇنومىيە
قانۇنىنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز
来自安卓客户端

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 10:02:40

ئەسكەرتىش:ئۆزىڭىز ۋە باشقىلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن قانۇن نىزاملار تىمىسىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىدىغان ئىنكاس يازماڭ
بۇ يازما ھوقۇقىڭىزنى بىلۋېلىش ئۈچۈن يوللاندى


داۋامى بار.

ئەپ. يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 12:20:51

قانۇن ھەقىقەتەن بىزنىڭ قوغدىنىش قورالىمىز،

13239983181 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 13:00:50

قانۇن ئۆگىنىشكە ئەھمىيەت بىرىپ، ئۆزىمىزنىڭ ھوقوق-مەنپەتىمىزنى قانۇن ئارقىلىق قوغدايلى!

13239983181 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 13:02:06

ھەممە ئىشلارئاساسىي قانۇن بويىچە بولغان بولسا جەمئىيىتىمىز تىخىمۇ ئىناق بولاتتى!

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 13:21:21

ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى2014-6-17 12:53
بولسا، مىللى تىرىتورىيلىك ئاپتۇنومىيە
قانۇنىنىمۇ يول ...

مەنمۇ دەل مۇشۇ نەرسىنى كۆرۈپ باقاي دەۋاتقان ئىدىم، بولسا يوللاپ قويسىڭىز.

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 14:40:09

جام يوللىغان ۋاقتى2014-6-17 13:21
مەنمۇ دەل مۇشۇ نەرسىنى كۆرۈپ باقاي دەۋاتقان ئىدىم، بو ...

بولىدۇ..تەرجىمە قىلىپ بولساملا بۇ توغۇرلۇق يوللايمەن ئەلۋەتتە...

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-6-17 14:41:00

ئالمىچى يوللىغان ۋاقتى2014-6-17 12:53
بولسا، مىللى تىرىتورىيلىك ئاپتۇنومىيە
قانۇنىنىمۇ يول ...

بولىدۇ..تەرجىمە قىلىپ بولساملا بۇ توغۇرلۇق يوللايمەن ئەلۋەتتە...

Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-18 09:29:05

نەپرەت يوللىغان ۋاقتى2014-6-17 14:40
بولىدۇ..تەرجىمە قىلىپ بولساملا بۇ توغۇرلۇق يوللايمەن...

قانۇن نىزاملار تەرجىمىسى- ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى قانۇن – نىزاملارنىڭ تەرجىمىسىنى بېكىتىش گۇرۇپپىسى تەرىپىدىنبېكىتىلىدۇ.
بەت: [1] 2
: ئاساسىي قانۇن ساۋاتلىرى(1) (تەرجىمە تېما)