تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىغا توغرا تىزىملاڭلار(سۆز ئۇيۇنى)
تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىغا توغرا تىزىملاڭلار(سۆز ئۇيۇنى)تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىنى تۇنۇشۇمچە،تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىغا،تۇرمۇشى تۆۋەن، تىرىك،تىمەن تۇرۇپمۇ،تېرىقچىلىققا،تىجارەتكە توشىمايدىغان،تىنى تۇغۇلىشىدىنلا تازا تۈزۈك تۈرەلمىگەن،تىلى تۇتۇق،تۇرمۇش تەجرىبىسى تۆۋەنلەر ،تايانچىسىزلارتىزىملىناتتى.تەۋەيىمدە تۆۋەن تۇرمۇشقا تىزىملانغانلارنىڭ تىزىملىكىنى تەكشۈرگىنىمدە تولىمۇ تەشۋىشلەندىم. تىزىملىككە تايانىچسىزلار تىزىملانماستىن، تەمىناتى تولۇق،تەجرىبىلىك تىجارەتچى، تېخى تەشكىلاتتىكىلەرمۇ تىزىملىنىۋاپتۇ. توۋا،تەشكىلاتتىكىلەر تىزىملانغاندىنتاشقىرى،تىزىملانغانلارنىڭ تەڭدىن تولىسى تەشكىلاتتىكىلەرنىڭ تۇققانلىرىكەن.تۇرالغۇسىدا تۆتى تۇرۇپ،توققۇزى تىزىملىنىۋاپتۇ. تېخى تۇغۇلمىغانلارمۇ تىزىملاندىمۇ تېخى.
تەشكىلاتقا تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىنى توختىتىشنى تەكىتلەيمەن.تارقاتساتۈزۈك تارقاتسا...توغرا تارقىتالمىسا تارقاتمىسىكەن...تۇرمۇشى تۆۋەنلەرغۇ تۇۋەن تۇرمۇش تەمىناتىنىڭتەمىنىتېتىدى.تۇرمۇشى تۆۋەنلەرگە تارقىتىلغان تەمىنات تولىمو توغرا.توغرىلاشمىغىنى،تىمەن،تۇرمۇشتىكى تەمىناتلىرى تولۇق،تېخى تەشكىلاتتا تۇرۇپمۇ تىزىملىنىۋالغانلارنىڭ تولىلىقىدىن،تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتى تاقىتىلىشقا تىگىشلىكلەر تىزىملىنالماي،تۇرمۇشىدىن تەشۋىشلىنىۋاتىدۇ.تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىنى تۇرمۇشى تۆۋەنلەردىن تارتىۋېلىش تۈپتىن تېتىقسىزلىقتۇر.تۈرلۈك-تۈمەن تەييارتاپلارمۇ تەشكىلاتتىكى تۇققانلىرىغا تايىنىپ،تىزىملىنىۋېلىپ،تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىدىن تېخىمۇ تەييارتاپلىشىپ،تىرىشماي،تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىغىلا تاينىۋېلىۋاتىدۇ. تۆۋەندىكىلەرنى تەكشۈرىدىغان تەپتىشلەرمۇ تەكشۈرۈشكە تەييارلىنىپ، تەكشۈرىدىكەنۇ، تۈزۈك،تەپسىلى تەكشۈرمەي،تەرەپبازلاتەكشۈرۈپ،تىزىملىككە تىزىملانغانلارنىڭ تەكتىنى تولۇق تەكشۈرمەيدىكەن.تىزىملانغانلار توغرىمۇ؟ تىزىملانغانلارغا تەمىنات تىگىۋاتامدۇ؟ تەگسىمۇ تولۇق تارقىتىلدىمۇ؟تىزىملىك تەرتىۋى توغرىمۇ؟ تىزىملىكتىكىلەر تۈپتىن تۇرمۇشى تۆۋەنلەرمۇ؟.... تاڭەي...تەپتىشتىكىلەرمۇ تەكتىدىن تۈجۈبىلەپ تەكشۈرمەيدىكەن....
تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتى توغرۇلۇق توختىتىلىپ تەكىتلەيمەنكى: تەۋەيىمدىكى تەشكىلاتتىكىلەر،تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتى تىگىدىغانلار تىزىملىكىگەتىزىملاتمىساممۇ تەمنات تىگىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ تىزىملىۋالدى. تەكشۈرسەم تەمىنات تەگمەيدۇ.تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىنى تارقىتىدىغان تەشكلگە تىزىملىكىم تىگىۋىرىدىكەن.تىزىملىكىم تەۋەيىمدىكى تەشكىلاتتا تۇرسىمۇ، تەمىنات تەگمەيدۇ..تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىغىغۇ تىزىملاتمىغانمەن.تەشكىل تىزىملىۋالدى. تىزىملىغاندىكىن تەمىنات تىگىشى توغراتەمىنات تەگمەيۋاتىدا؟.تىزىملىكتە تۇرۇپ، تەمىناتنىڭ تەگمىگىنى تۇلىمۇ تېتىقسىزلىق تە.... تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىدىنغۇ تۈپتىن تاماسىزمەن..تىجارەتتىن تەمىناتىمنى تولۇق تاپالايمەن. تەئەججۈپلىنىدىغىم، تىزىملايدىغان تەشكىلاتنىڭتەرتىپسزلىكى..... تىزىملىكىنىڭ تەڭسىزلىكى.....
تەشكىلاتتىكىلەر تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىغا تىزىملىساڭلار تىزىملايدىغانلارنى توغرا تەرتىپتە تىزىملاڭلار...توغراتىزىملىيالماي تەرتىپسىزلەشتۈرسەڭلار تىزىملىماڭلار.... تۈرلۈك تەشكىلاتتىكىلەرنى تەكشۈرىدىغان تەپتىشلەرمۇ تەكشۈرسەڭلار تۈزۈك تەكشۈرۈڭلار......تۈزۈك تەكشۈرمىسەڭلار....تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتىنى تۈپتىدىن توختىتىۋىتىپ...تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتى تارقاتماڭلار...تۆۋەن تۇرمۇش تەمىناتى تىگىۋاتقانلار تىرىلمەككە تۈگۈل تېخىمۇ تەييارتاپلىشىۋاتىدۇ....تارقىتىلىدىغىنى تەكىتلىگىنىمدەك،تۈپتىدىن تۇرمۇشى تۆۋەنلەردۇر..........
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)
ھەممە يەردە ئوخشاش با ئوخشايدۇ ھە، تۇرمۇشى تۆۋەنلەر بىر يەردە قېلىۋاتقان بەرىبىر...
ئېسىل سۆز ئويۇنى بولۇپتۇ. ھازىر تۆۋەن تۇرمۇش پۇلى ئالىدىغانلارغا بىسىم، ھاشار تەييار{:6_276:} ياخشى چىقىپتۇھارمىغايسىز توۋەن تۇرمۇش پۇلى تارقىتىدىغان كادىرلارمۇ كۆرۇپ باقسا بولغۇدەك جايدا گەپ بوپتۇ ،ياخشى يىزىپسىز. بۇ خىلدىكى ئەسەرلىرىڭىزنى مەتبۇئاتقىمۇ بېرىپ باقسىڭىز بولاتتىكەن. بەك ياخشى يازىدىكەنسىز بۇنداق ئەسەرنى
بەت:
[1]