يېزىلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتى زادى قانداق ئورۇن؟!
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-13 21:46يېزىلاردىكى مەدەنىيەت پونكىتى زادى قانداق ئورۇن؟!
بىرقانچە يىللار بۇرۇن بازىرىمىزدىكى «كىنوخانا» نى بۇزۇۋېتىپ، ئورنىغا بىر «مەدەنىيەت پونكىتى» قۇرۇلۇشى قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ يەردە مەخسۇس كۈتۈپخانا تەسىس قىلىپ، كىشىلەرنىڭ كىتاب- ماتېرىيال كۆرەلمەسلىك شارائىتىنى تۈپتىن ياخشىلايدىغانلىقىنى ئاڭلاپ، ھەر نېمە بولسا بۇ بەك ياخشى ئىش بوپتۇ دەپ خۇشال بولغان ئىدىم. چۈنكى، بۇ ئىش پۈتسە، بوش ۋاقىتلىرىمدا بۇ يەرگە كىرىپ ئانچە- مۇنچە ماتېرىيال كۆرەلەيتىم. مەن بۇ «مەدەنىيەت پونكىتى» نىڭ پۈتۈشىنى تۆت كۆزۈم بىلەن كۈتتۈم، قۇرۇلۇشمۇ پۈتتى، شۇ ۋاقىتلاردا مەن بازارلىق مەركىزى مەكتەپتە تەكلىپ بىلەن ئىشلەۋاتقان بولغاچقا خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن پات- پات بۇ يەرگە كىرىپمۇ تۇردۇم، رەڭگارەڭ كىتاب- ژورناللار ئازادە، يېپيېڭى خانىگە ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز ماسلاشقاندەك شۇنداق ماسلاشقان بولۇپ، مەزكۇر كۈتۈبخانىنىڭ بىرقىسىم خىزمەتلىرىگە ئۆزۈممۇ ئەينى چاغدا بىۋاسىتە قاتناشقان ئىدىم (ھەممىگە مەلۇمكى، مائارىپ ساھەسىدىكى «ئىككى ئاساسەن» كۆرسەتكۈچىنىڭ مۇھىم بىر قىسىمى بولغان «چوڭلار مائارىپى» تۈرىدە مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ تۈرلۈك ئارخىپ- ئىشلەكلىرى، سانلىق مەلۇماتلىرى مۇھىم ئورۇندا تۇراتتى). كۆپچىلىككە يەنە مەلۇم بولسا كېرەك، ئون نەچچە يىلدىن بويان يوقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ بىۋاسىتە رەھبەرلىكى، زور مالىيە خىراجىتى، شىتات تولۇقلىشى ۋە مۇناسىۋەتلىك سىياسەتلەردە ئېتىبار قىلىشى، ئاساسىي قاتلامدىكى ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلارنىڭ ماسلىشىشى، كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ قىزغىن ئاۋاز قوشۇشى نەتىجىسىدە رايونىمىز مىقىياسىدا مەكتەپ، ئىدارە- ئورگانلارنىڭ ئىش بېجىرىش، تۇرالغۇ مۇھىتى زور دەرىجىدە ياخشىلىنىپلا قالماي يەنە خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم بىر تەركىبى قىسىمى بولغان «مەدەنىيەت پونكىتى» قۇرۇلۇشىمۇ زور دەرىجىدە ئەمەلىيلىشىپ قۇرۇلدى. جۈملىدىن «ئىككى ئاساسەن» خىزمىتىنىڭ تۈرتكىسىدە ھەر بىر يېزا- بازار مەركىزىدە بىردىن مەدەنىيەت پونكىتى (مەدەنىي پائالىيەت ئېلىپ بارىدىغان سورۇن، كۈتۈپخانا)، ھەر بىر مەمۇرى كەنتتە بىردىن دېھقانلار كۈتۈپخانىسى بولۇش ئاساسىي جەھەتتىن ئىشقا ئاشتى. ئاددىيسى كۈتۈپخانا قۇرۇلۇشىغا ھۆكۈمىتىمىز نۇرغۇنلىغان مەبلەغ سېلىپلا قالماي يەنە جەمئىيەتتىن كەڭ كۆلەمدە ئىئانە يىغىلدى، بۇلارنىڭ ئارىسىدا نەق پۇل بولۇپلا قالماستىن يەنە ئەشۇ كۈتۈپخانىلارغا قويۇلىدىغان كىتاب- ماتېرىياللارمۇ ئاز بولمىدى.
ئۇنداقتا ھازىر ئەشۇ مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ ھال- ئەھۋالى قانداق بولۇۋاتىدۇ؟ جۈملىدىن كۈتۈپخانىلارنىڭچۇ؟ ئۇلارنىڭ رولى زادى تولۇق، ئەمەلىي جارىي قىلدۇرۇلۇپ، ئاۋام خەلققە ھەقىقىي مەنىۋى ئوزۇق بېرەلىدىمۇ- يوق؟
مەن بىر ئاددىي پۇقرا، يەنە كېلىپ ئەشۇ مەزگىللەردە مۇشۇ خىزمەتلەرنىڭ بىر قىسىمىغا قاتناشقان بىر كىشى، مۇشۇنداق ياخشى جايدىن مەنىۋى ئوزۇق ئېلىشتىن ھەقىقىي بەھىرلىنەلمىگەن بىر كىشى بولۇش سۈپىتىم بىلەن ئەپسۇسلۇق ئىچىدە باش چايقىماي تۇرالمايمەن! تېخى بۈگۈن ئەتىگەنلا مەن مائارىپ سېپىدە دەل مۇشۇ خىزمەتكە مەسئۇل بىرۆيلەن بىلەن بۇ توغرىسىدا ئەھۋاللىشىپ، مۇشۇ ئەھۋالنى دەپ ئۆتكەنمۇ بولدۇم، بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى بىرقانچە يىل مابەينىدىمۇ بۇ ئەھۋالغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ كېلىۋاتقان ئىدىم. ئەھۋالدىن قارىغاندا بۈگۈن بۇ يەردە كەڭ مۇنبەرداشلارغا دەردىمنى تۆكۈش ئارقىلىق بۇ ئىشلار ئۈستىدە بەس- مۇنازىرە قوزغاش نىسىپ بولغان ئوخشايدۇ.
ئۇنداقتا ئەمەلىي ئەھۋال زادى قانداق؟ تۆۋەندە مەن بايقىغان ئەھۋاللارنى كونكرېت قىلىپ ئوتتۇرغا قويۇپ ئۆتىمەن:
1. ئاتالمىش «مەدەنىيەت پونكىتلىرى» بىر قۇرۇق جاھازا خالاس.ھازىر شارائىت بۇرۇنقى يىللاردىكىدىن شۇنچە ياخشىلىنىپ، ئازادە- پاكىزە مۇھىت ئىچىدە كىتابلار رەتلىك تېزىپ قويۇلغىنى بىلەن ئەمەلىيەتتە ئۇ بىر كۆرگەزمە بويۇمىغا قىممىتى يوق ئاسار- ئەتىقىگە ئوخشاپ قالدى. يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇندىن تەكشۈرىدۇ دېگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان ھامان مۇشۇ ئىشقا بەلگىلەنگەن «مەخسۇس خادىم» لار پۇتى كۆيگەن توخۇدەك دىكىلدىشىپ ئىشقا كىرىشىدۇ، ۋاقتى كەلگەندە ئۆمۈچۈك تورى، چاڭ- توزانلار بىلەن قاپلانغان كۈتۈپخانىنى «مەكتەپ بالىلىرى» نى ئېلىپ چىقىپ تازىلاتقۇزىدۇ، سىرتلاردا ئالدىراش كېتىۋاتقان بىرقانچە كىشىنى ھاپىلا- شاپىلا ئەكىرىپ، «زېھىن بىلەن كىتاب- ماتېرىيال كۆرۈۋاتقان» قىلىپ يالغاندىن «سورۇن» ھازىرلايدۇ دە چاراسلىتىپ بىرقانچە پارچە سۈرەتكە تارتىۋالىدۇ؛ ئەشۇ بىرقىسىم «يوقۇرى دەرىجىلىك تەكشۈرۈش ئۆمىكى» مۇ بۇ ئىشلارغا كۆنۈكتەكلا، «بىر كۆزىنى قىسىپ» لا ئىشنى تۈگىتىپ قايتىپ كېتىدۇ، شۇنىڭ بىلەن يەنە ئىشلار ئۆز پېتىچىلا قېلىۋىرىدۇ.
2. كۈتۈپخانىلاردىكى كىتاب- ماتېرىياللارنىڭ تەقدىرى- ؟ھازىر يېزا- بازار مەركەزلىرىدىكى مەدەنىيەت ئۆيلىرىدە، كەنتلەردە تەسىس قىلىنغان «ئاممىغا ئېچىۋېتىلگەن كۈتۈپخانا» لارنىڭ قۇرۇلغىنىغا 1998- يىلىنى ھېساب قىلغاندىمۇ ئالاھەزەل 16 يىل، بىرقەدەر مۇكەممەللەشكەن، قېلىپلاشقان، زامانىۋىيلاشقان ۋاقىت بويىچە 2006- يىلىنى ھېساب قىلغاندىمۇ سەككىز يىل بولدى. بۇ جەرياندا ھەر يىلى دېگۈدەك قەرەلسىز ھالدا مەزكۇر كۈتۈپخانىلارغا بايا ئېيتقىنىمىزدەك يوقۇرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە- ھەر كەسىپ كىشىلىرىنىڭ (ھەتتا مەرىپەتپەرۋەر دېھقانلارنىڭ) ئۆز ئىختىيارلىقى، سەمىمىي كۆڭلى سۈپىتىدە ئىئانە قىلغان كىتاب- ماتېرىياللىرى خېلىلا زور سالماقنى ئىگىلەيدۇ (ئەينى ۋاقىتتا مەنمۇ تەخمىنەن 10 نەچچە پارچە قىممەتلىك كىتاب- ماتېرىياللىرىمنى ئىئانە قىلغان ئىدىم). مىڭ ئەپسۇس! بىرقانچە يىلنىڭ ئالدىدا مەلۇم بىر كەنت كۈتۈپخانىسىغا مەسئۇل بىر «خادىم» نىڭ ئۆز ئېغىزى بىلەن دەپ بېرىشىچە، ئۇ شۇ كىتاب- ماتېرىياللاردىن بىر تاغار كىتابنى ئائىلىسىگە ئېلىپ كەتكەن، ئەشۇ ئېلىپ كەتكەن كىتابلارنىڭ يېزىلغان باھاسى بويىچە قىممىتى تەخمىنەن 2000 يۈەنگە يېتىپ قالىدىكەن! (ئەمەلىيەتتە بولسا شۇ «خادىم» شەھەرلەردىكى كىتابخانىنىڭ ئىشىكىنىڭ قايسى تەرەپكە قارايدىغانلىقىنىمۇ بىلمەيدۇ). بۇ تېخى بىر قېتىملىقى، يەنە كېلىپ بىر كەنتتىكى «دېھقانلار كۈتۈپخانىسى» نىڭ ئەمەلىي ئەھۋالى. تۈرلۈك سەۋەبلەر بىلەن كەنتلەرگە بېرىپ، شۇ «دېھقانلار كۈتۈپخانىسى» نى ئارىلاپ باقتىم، خېلىلا پايدىلىنىش قىممىتى بار ماتېرىياللار بار ئىكەن، بىرقانچە ماتېرىيالنى كېيىن ئارىيەت سوراپ پايدىلىنارمەن دەپ ئويلاپ قايتىپ كېتىپ، كېيىنكى بىر چاغلاردا بارسام قارىسىمۇ يوق، كىتاب- ماتېرىيال تىزىملىكىدىن ئىزدەپمۇ تاپالمىدىم، تىزىملىكتە بار بەزەنلىرىنى بولسا كىتاب جاھازىلىرىدىن تاپالمىدىم. مانا مۇشۇنداق ئىسىل كىتاب ماتېرىياللار ئەنە شۇنداق ئېچىنىشلىق ھالدا بەزىلىرى ئىشخانىلاردىكى ئۈستەللەرنىڭ ئاستىدا دەسسىلىپ- چەيلەنگەن، بەزىلىرى ھەتتا ھاجەتخانىلاردا تازىلىق قەغىزى ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن قويۇپ قويۇلغان (ياكى شۇنداق بىرتەرەپ قىلىنىپ بولغان). مانا بۇ ئاتالمىش «كۈتۈپخانا» لاردىكى ئەشۇ قىممەتلىك، خەلقنىڭ قان- تەرى بەدىلىگە كەلگەن، ھۆكۈمەتنىڭ زور مالىيە كۈچى سەرپ قىلىپ، ئاۋامنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ زور يۈرۈشلەشتۈرۈش قۇرۇلۇشى ئۈچۈن سالغان مەبلىغى ئارقىلىق سەپلەنگەن كىتاب- ماتېرىياللارنىڭ تەغدىرى، ئۇنىڭدىن باشقىسى ماڭا نامەلۇم.
3. يېزا- بازارلاردا بار بولغان مەدەنىيەت پونكىتلىرىنىڭ رولىدىن قىمارخانا- قاۋاقخانا، رېستۇرانلارنىڭ رولى كۆپ!!!بىرقانچە يىللاردىن بېرى تۇرۇپ- تۇرۇپلا قېشىمغا بىرقىسىم ياشلار كىرىپ: «بازىرىمىزغا بىر كىتابخانا ئاچاي دەپ ئويلىغان ئىدىم، قانداق رەسمىيەت كېتەر، كۆپ پايدىسى بولمىسىمۇ مەيلىدى...» دەپ مەسلىھەت سورايدۇ. مەن ئۇلارغا جاۋابەن: «سىز كىتابخانا قۇرماي ئەڭ ياخشىسى قاۋاقخانا، رېستۇران، ‹دىبا› قۇرۇسىڭىز شۇنىڭ پايدىسى كۆپرەك» دەپ كىنايە ئارىلاش جاۋاب بەردىم. بۇنداق دېيىشىمنىڭ سەۋەبىنى كۆپچىلىككە دېمىسەممۇ ھېس قىلغانسىلەر ھەقاچان. دەر ھەقىقەت بازىرىمىز (يېزىمىز) دا مۇشۇ قىسقىغىنە 10 يىل ئىچىدە ئۈچ ئورۇندا رېستۇران، ئىككى ئورۇندا «دىبا» (مەن ئەزەلدىن بۇنداق يەرگە كىرىپ باقمىغانلىقىم ئۈچۈن بۇ يەرلەرنى ئۆز تىلىمىزدا توغرا ئاتاشقىمۇ بىزار بولغاچقا ئۇدۇللۇق مۇشۇنداق ئاتاۋەردىم، توغرا چۈشەنگەيسىلەر)، يەنە بىرقانچە ئورۇندا قانۇنلۇق ياكى قانۇنسىز بولۇپ ‹بىرنېمە با› لار قۇرۇلدى، قاۋاقخانا دېگەنغۇ تولا گەپقۇ. دوقمۇش- دوقمۇشلاردا، بىرقىسىم ئاساسىي تىجارىتىنىڭ نېمىلىكىنى بىلىپ بولغىلى بولمايدىغان نامەلۇم دۇكانلاردا قارت- شاھمات ئويناۋاتقانلارنى ئۇچرىتىش بۈگۈنكى كۈندە تەس ئەمەس، ئەشۇ رېستۇران- ‹دىبا› لاردا رەڭگارەڭ، ھەرخىل سالاھىيەتتىكى كىشىلەرنىڭ يېرىم كېچىگىچە جاغىل ئۆچكىدەك ئالا- تاغىل چىقىرىشىپ، گۈلدۇر- گوپپاڭ قىلىشقانلىرى ئادەمنىڭ قولاق- مېڭىسىنى يەپلا كېتىدۇ. بۇلارغا نە ھەيران قالغۇلۇق؟ چۈنكى، قۇرۇق سۆلەت گىدىيىپ- بىزىرىپ تۇرغان ئاتالمىش «كۈتۈپخانا»، «مەدەنىيەت ئۆيلىرى» نىڭ ھالى شۇ تۇرسا يەنە ئەھۋال قانداق بولماقچىدى؟! بىرقانچە يىل بولدى، شەھەرلەردە بېنا ئۆي ئېلىش دولقۇنىدا يېزا بازىرىمىزدىكى ھەرقايسى ئىدارە- جەمئىيەت، ئورگانلاردىكى كۆپلىگەن خىزمەتچىلەر ئىشتىن چۈشۈپلا ئۇدۇل شەھەردىكى ئۆيلىرىگە ئالدىراش چېپىشىدۇ، شۇنداقتىمۇ ئۆيلىرى ھېلىھەم يېزا مەركىزىدە بارلار ياكى شۇ يەردىكى يەرلىك، پېنىسىيىگە چىققان پىشقەدەملەر، ئىش- ئەمگەك، تىجارەتلىرىدىن ئارىسالدى بولغان باشقا كىشىلەر ئارىلاپ دېگۈدەك بازارلاردا ئايلىنىپ يۈرۈيدۇ، ئايلىنىپ- ئايلىنىپ يا بىرەر يەرگە بېرىپ توپ- توپ بولۇشۇپ قەرت ئوينىشىدۇ ياكى بولمىسا بىر يەرلەرنى تېپىشىپ بىرقانچە كىشى بىر بولۇپ سوغۇق ئىچىملىك، ھەتتاكى پىۋا، ئاق ھاراق ئارقىلىق ئىچ پۇشىقىنى چىقىرىشىدۇ ۋە ياكى ئاستاغىنە ئۆيلىرىگە كىرىپ «جاھاننامە ئەينكى» دىكى ئاخىرى چىقماس كۆپ قىسىملىق فىلىملەرنى كۆرۈش بىلەن ۋاقىت ئۆتكۈزىدۇ.
شەھەر تۇرمۇشى شۇنچە مەدەنىي- گۈزەل. بۇ قايسى جەھەتتىن؟ ئىگىز- ئىگىز بېنالىرى، رەتلىك كوچىلىرى، ساپ ھاۋالىق باغچە- سارايلىرى (كۆپچىلىككە مەلۇم ھازىر مۇھىت بۇنچە تەرىپلەپ كەتكۈدەك ئەمەس)، كىتابخانىلىرى، مەدەنىيەت مەيدانلىرى بىلەن ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىدۇ، بىزگە ئوخشاش يېراق يېزا- كەنتلەردىن، سەھرا- قىشلاقلاردىن تۈرلۈك ئىشلار بىلەن شەھەرگە كىرگەن پۇقراغا نىسبەتەن بۇ يېڭىلىق، كىتابخانىغا كىرىپ بىرقانچە- پارچە كىتاب سېتىۋېلىش بۇ تېخى بىر يېڭىلىق ياكى زور بىر بايراملىق. بىراق، شەھەر تۇرمۇشىنىڭ باشقا تەرەپلىرىغۇ مەيلى ئەشۇ كىتابخانا- مەدەنىيەت سورۇنلىرىنى ھازىرلاشقا يېزىلاردا مۇمكىن بولماسمۇ؟ شۇ خىل مەدەنىيەتنىڭ بىرەر يېرىم بۈرجىكى بولسىمۇ يېزىدا ئەمەلىيلەشمەسمۇ؟ ئەلۋەتتە ئەمەلىيلىشىدۇ، شۇڭا دانا ھۆكۈمىتىمىز ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 80- يىللىرى خەلقنىڭ قۇرسىقى توق، كېيىمى پۈتۈن بولۇش مەسىلىسىنى ئاساسىي جەھەتتىن ھەل قىلغاندىن كېيىن، 90- يىللارنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى بېيىتىش قۇرۇلۇشىنى زور ماددىي كۈچ، مالىيە كۈچى سەرپ قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئەگرى- توقايلىق مۇرەككەپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرۇپ ئەمەلىيلەشتۈرۋاتىدۇ. بىراق ئەمەلىي ئەھۋال مانا يوقۇرقىدەك بولماقتا.
ئۆز گېپىمىزگە قايتىپ كەلسەك، باشقىسىنى قويۇپ تۇرمايلا قوياي، ئەشۇ كىچىككىنە بىر ‹دىبا› ئاشقان مەلۇم بىرسىنىڭ مەلۇم بىر ئايلىق ساپ پايدىسى 15000 يۈەن (ئون بەش مىڭ يۈەن) بولغان! بۇ ماقالىنى تەييارلاشتىن خېلى بۇرۇنلا مەن كەنت- مەھەللىلەردىكى، ئىدارە- ئورگانلار، مەكتەپلەردىكى تونۇش- بىلىشلىرىم بىلەن بۇ ھەقتە پىكىر ئالماشتۇردۇم، ئۇلارنىڭ بۇ ئىشلارغا بولغان كۆز قارشىمۇ ماڭا ئوخشاش ئەپسۇسلىنىش ئىچىدە تۇرۋېتىپتۇ، تېخى بىرەر سائەتنىڭ ئالدى- كەينىدە تۇرۇشلۇق يۇرتتىكى ئوتتۇرا مەكتەپتىن پېنسىيىگە چىقىش ئالدىدا تۇرغان بىر پىشقەدەم ئوقۇتقۇچىمۇ بۇ ماقالىنى تەييارلاۋاتقانلىقىمنى بىلىپ ماڭا: «دېمىسىمۇ شۇ ئەمەسمۇ، بىكار يېتىپ، قەرت ئوينىغاننىڭ ئورنىدا بوش ۋاقىتلىرىمىزدا ئەشۇ كۈتۈپخانىلارغا كىرسەك، ئانچە- مۇنچە مەدەنىي تۇرمۇش بىلەن شوغۇللانساق نېمىشقا بولمىغۇدەك، قېنى يېزىپ بېقىڭە ئۆزىڭىزنىڭ ئويلىغانلىرىنى» دەپ يازماقچى بولغان مەزكۇر تېمامغا ئىلھام بەردى.
خۇلاسە كالام
مەن يوقۇردا قەيت قىلىپ ئۆتكەن يوقۇرقى ئىشلارنىڭ ھەممىسى راست- ئەمەلىي ئىشلار، شۇنداقتىمۇ ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىغا سالغان ئۇل- ئەسلىھەلىرى، قىلغان خىزمەتلىرىنىڭ ھەممىسى، ئېلىپ بېرىلغان ئەمەلىي خىزمەتلەر ئىزچىل مۇشۇنداق ساختىلىق بىلەن تولغان، ھەقىقىي ئەمەلىيلەشمىگەن دېمەكچىمۇ ئەمەسمەن. ئەمەلىيلەشكەن، ئىشلەنگەن خىزمەتلەرمۇ خېلى بار. شۇنداقتىمۇ يوقۇرقى نوقسانلاردىن خالىي بولالمىغانلى ئېنىق.
مىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يۇرتىمىزدىكى ھەر مىللەت- ھەر ساھە ئامما مەنىۋى تۇرمۇشقا، ھەقىقىي بولغان مەنىۋى تۇرمۇشقا مۇھتاج، ئىلگىرى بىرقىسىم شارائىتلار يوق ئىدى، چۈنكى، دۆلىتىمىزدە مالىيە قىيىنچىلىقى كۆپ، ئاساسىي قاتلامدىكى بىرقىسىم شارائىتلار يار بەرمەيدۇ، مانا ئەمدىچۇ؟ يەنە قانداق شارائىت بولسا بولار؟! مانا مانا مۇشۇنداق تۆۋەن يوقۇرىنى ئالداپ، يوقۇرى تۆۋەننى بەزلەپلا ئۆتىدىغان ئىشمۇ؟ بۇنداق ئالداش- بەزلەش، يالغانچىلىق زادى قاچانغىچە داۋام قىلىدۇ- قاچان ئاخىرلىشىدۇ؟ ئاۋام خەلققە پەقەت ماددىي تۇرمۇش بولسىلا كۇپايىلەنمەيدۇ، پۈتكۈل يەر شارى بۈگۈنكى ئۇچۇرلاشقان دەۋردە كىچىككىنە بىر كەنتكە ئايلىنىپ، مىللەتلەر- رايونلار ئالاقىسى راۋانلاشقان بۇ دەۋردە بىزمۇ باشقا ئەل- باشقا مىللەت كىشىلىرىدەك زامانىۋىي، مەدەنىي تۇرمۇشقا مۇھتاج، باشقىسىنى دېمەيلى، شەھەرلىكلەردەك كۈتۈپخانىلارغا كىرىپ ئېھتىياجىمىز بويىچە كىتاب- ماتېرىيال كۆرۈشكە مۇھتاجمىز!
شى جىنپىڭ باش شۇجى رەھبەرلىكىدە مەركەز يېقىندا ئىككىنچى قېتىملىق شىنجاڭ خىزمىتى سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا ھەممىگە مەلۇم بولغىنىدەك، رايونىمىزدىكى پۈتكۈل خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى يەنىمۇ بېيىتىش توغرىسىدا يېڭى يوليۇرۇق- سىياسەتلەر پىلانغا ئېلىنىپ، ئىجرا قىلىنىشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە رايونىمىزدا ئۈچ يىللىق پىلان بويىچە 200 مىڭ كىشىلىك ئەل رايىنى بىلىش خىزمەت گورۇپپىلىرى جاي- جايلاردا مۇناسىپ خىزمەتلەرنى قانات يايدۇرماقتا. ئۆتكەنگە سالاۋات، ئۆتكەن ئىش ئۆتتى، مەن يوقۇرى دەرىجىلىك ئورۇنلارنىڭ، مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلەرنىڭ ھەر دەرىجىلىك فونكىسىيىلىك تارماقلارنىڭ بۇنداق ئىشلارغا ھەقىقىي كۆڭۈل بۆلەلەيدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن ۋە شۇنداق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇ تېمىنى يوللاشتىكى مەقسىدىم: يېزىلاردىكى كەڭ ئاۋامنىڭ مەنىۋى تۇرمۇش سورۇنىنىڭ مۇھىم تەركىبى قىسىمى بولغان «ھەر بىر يېزا- بازار مەركىزىدە بىردىن مەدەنىيەت ئۆيى، ھەر بىر مەمۇرىي كەنتلەردە بىردىن دېھقانلار كۈتۈپخانىسى بولۇش قۇرۇلۇشى» غا سالغان زور كۆلەمدىكى ھۆكۈمەت مەبلىغى، سەرپ قىلىنغان ماددىي كۈچ، خادىم كۈچىنىڭ دەل جايىغا ئەمەلىيلىشىپ، خەلقنىڭ مەنىۋى تۇرمۇشىنى ھەقىقىي بېيىتىپ، ئىناق، مەدەنىي بولغان يۇرت- ماكان قۇرۇپ چىقىشقا بىر ئازراق بولسىمۇ تۈرتكە بولار دەپ ئويلىدىم.
بىزنىڭ يىزانىڭمۇ شۇنداق.ھىچنىمىگە رولى يوق..ئادەممۇ يوق.چۆل جەزىرىرىنىڭ ئۆزى ئۇ قارىغاندا ھەممىلا يەردە ئوخشاشمۇ نېمە؟ بىزنىڭ يىزىدىمۇ ئوخشاش نورۇز ئۇبۇ پالىيەتتە يىلدا بىر ياكى ئىككى قېتىم ئادەم كۆرىمىز بولمىسا ھىچ كىم يوق نىمە قىلدىغان يەر ئۇنىمۇ بىلمەيمىز بۇ يازمىنى ئاخىرىدا سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-14 01:06
بىزنىڭيىزىدا كۇندە تاقاق تۇرغىنىتۇرغان .دىمىسمۇھازىر كىتابخانىلارداكىتاپ ئۇقۇۋاتقان تۇزۇك ئادەمنىڭ تايىنى يۇق شۇڭا كىتاپخانىمۇ يۇقىلىپ كىتىش گىردابىغا بىرىپ قالدى لىكىن ئۇيۇن تاماشا قىلدىغان ئادەملارمۇ ئاشۇنداق قاۋاقخانا، دىسكۇخانا، رىستۇران، شەكلى ئۆزگەرگەن مىھمانخانا › بىليارتخاناۋە ئۇنىڭدىن باشقا ھەرخىل كۆڭۇل ئىچىشئۇرۇنلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە كۇپىيىپ كىتىپ بارىدۇ. بىلىم ئىگەللەش يۇق ئىسراپخۇرلۇق،بەتخەجلىك،بىر بىرىنى ئالداش دىگەندەك ئىشلار كۆپىيىپ بىر بىرىگە ياردەم بىرىش، غەمخۇرلۇق قىلىش، كۆيۇنۇش ئىشلىرى يۇقاپ كىتىپ بارىدۇ تۇي تۇكۈنلەرمۇبىر بىرىدىن بەسلىشىش، شۇھرەتپەرەسلىك ئىشلىرىمۇكۇندىن كۇنگە ئىغىرلىشىپتۇي تۇكۇن قىلىشمۇ،تۇيغا مىھماندارچىلىقبىرىشمۇتەسلىشىپ كىتىپ بارىدۇ بەزىلەر قەزىزىگە بۇغۇلۇپ ھەشەمەتلىك تۇي تۇكۇن مۇراسىم ئۇتكۆزۇش ،يەنە بەزىلەريانچۇق تۇلدۇرۇش ئۇچۇن كۆپلەپتۇي تۇكۇن ھەرخىل مۇراسىملارنى ئۆتكۆزۋاتىدۇ. ھەيبۇجاھاننىڭ ئىشلىرى قاچانمۇتۇزۇلەر.......... دىمىسىمۇ راسبىزنىڭيېزىدىمۇشۇنداق .ئارىغاندا ھەممە يەردەشۇنداق ئوخشايدۇ. ھەي ......... بىزنىڭ يېزىنىڭ مەدەنىيەت پونكىتىنىڭ باشلىقى - ئۆزىنىڭ ئىسمىنى يازالمايدىغان بىردۇرەك ، قارا ساۋات ئىدى . ئەمما ئۇنىڭ يۈزى ۋە پۇلى چوڭ ... ئەمگەك نەمۇنىچىسى ۋاھاكازالار ...
تەخمىنەن 20 يىللار بۇرۇن كونا مەدەنىيەت پونكىتى بار ۋاقىتتا ، رەھمەتلىك دادام ھەپتىدە ئىككى قېتىم مېنى يېتىلەپ مەدەنىيەت پونكىتىغا بېرىپ كىتاپ كۆرۈپ كېلەتتى ، ماڭا ئۆسمۈرلەر گېزىتى ، رەسىملىك كىتاپ دېگەندەك ئىسىل ماتىرياللارنى ئالدىمغا دۆۋىلەپ قۇياتتى ، شۇ ۋاقىتتىكى مەدەنىيەت پونكىتى باشلىقىمۇ بىزگە ئامراق بولۇپ ئوقۇپ بولالمىساق ئۆيگە ئېلىپ كېتىدىغانغا بېرەتتى . (كېنىشكىمىز بارتى كىتاپ ئارىيەت ئالىدىغان ) ئوقۇپ بولۇپ قايتۇرۇپ ئەكەپ بېرەتتۇق .... يا ھەق ئالمايتى يا باشقا پاراڭ يوق ئىدى ، پەقەت كىتاپنى ئەسكى قىلىۋەتمىسەكلا ھېچ ئىش يوق ئىدى ....
ئەنە شۇ كونا باشلىق 10 ~20 يىل ئەجىر قىلىپ مەدەنىيەت پونكىتىدىن ئىبارەت بۇ ئىككى ئېغىزلىق ئۆي ۋە شۇ ئورۇننى ، شۇ ئۇقۇمنى ساقلاپ كېلىپ جاھان بىر ئۆرۈلۈپلا تەرەققىي قىلغاندا پۇلى كۆپ بىر قارا قورساق ھۆددىگە ئېلىۋالدىمۇ قانداق بولدى باشلىق بولۇپ قالدى .
بىرەرمو كېلىدىغان يەرگە مەدەنىيەت پونكىتى نامىدا ئۆي ، بىنا سالغۇزدى .
ئىككىنجى قەۋەت ئادەم كىرمەس ، كىرسىمۇ ئېچىلماس ئاتاقتىكى كۈتۈپخانا ۋە ئۆزلىرىنىڭ ئىشخانىسى .
ئاستىنقى قەۋەت ھاراق دۇكىنى - قاۋاقخانا ... ئويۇنخانا ....
ھويلا ئىچىدىكى نەچچە زال - بېليارتخانا - ماجاڭخانا ....
كېيىن قىمار ئەۋىج ئېلىپ كېتىپ قىمارخانا ، ماجاڭخانا ، ئۇيۇنخانا تاقالغاندەك قىلغان ....
خىزمەت بىلەن يۇرتتىن چىقىپ كەتكىلىمۇ 10 يىللارچە بولۇپ قاپتۇ ، ھازىر قانداق بولۇپ كەتتى بۇنىسى نامەلۇم ماڭا ... ھەقاچان يېڭى باشلىق ئىسمىنى يېزىشنى ئۆگەندى ئەتىمالىم ....
ئەمما نۇرغۇن يىل ئەجىر قىلغان كونا باشلىق خېلى يىللارغىچە ئۈچ چاق موتودا كىرا قىلىپ ، ئايالى دۇفۇ سېتىپ جاھاندارچىلىق قىلىۋاتىتى ...
قايسى بىر چاغدا يۇرتقا بارغاندا قارىسام چەت بىر يەرگە 3~~4 قەۋەت بىنا سالدۇرۇپ مەدەنىيەت پونكىتىنى يۆتكىۋاپتۇمىش ...
بايرام ، باشقا پائالىيەتلەر بولسا كەنت - كەنت لەردىن دېھقانلارنى مەجبۇرى يىغىپ كېلىپ مەشرەپ قىلۇرمىش ......
توۋا دېمىسەبېكارجۇمۇ ......
مەدەنىيەت پونكىتى ئۆزىنىڭ ئەسلى خۇسۇسىيىتى ۋە خاسلىقى بىلەن خەلق ئاممىسىغا خىزمەت قىلىشى كېرەك ئىدى ئەسلى ...... بىزنىڭ يېزىدىكى مەدەنىيەت پونكىتى ھازىر قىمار ئوينايدىغان بىرىليارت ئوينايدىغان يەر بولوپ قالدى. تىمسى ياخشى باشلانغانكەن ئەسلى ماقالىنىڭ مەركىزى ئىددىيسىنى گەۋدىلەندۈرمەپسىز ،داۋامىنى چۈشۈرمەپسىزغۇ؟ يىلدا بىر نەچچە قېتىم ئانچە مۇنچە پائالىيەت ئورۇنلاشتۇرۇپ، كۇتۇپخانىلاغا ئادەم يىغىپ تىلىۋۇزۇرغا ئېلىپ تەشۋىق قىلىۋېلىپلا قالغان ۋاقتتا ئىششىككە قۇلپىنى مەھكەم سېپ قويىدىغان ئورۇن.
بەت:
[1]
2