MTV يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 10:55:44

(ئايشەمگۈلنى ئالايمۇ) دىن تۇغۇلغان ھېسلار

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   MTV تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-12 12:14

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلانداشلار.
تىنىڭلار سالامەت،ئىشلىرىڭلار ئۇتۇغلۇق بولسۇن.
(كىمنى ئالسام بولاركىن) ۋە (كىمنى ئالسام بولاركىنگە جاۋاپ) ناملىق يازمىلارنى ئوقۇپ،يازما ئاپتورلىرىغا ھەقىقەتەن قايىل بولدۇم.تىلى راۋان،ئىخچام شىئىرلاركەن.قەلىمىڭلار ھارمىسۇن ھاجەر خانىم.

لىكىن،(ئايشەمگۈلنى ئالايمۇ)(دىگەن يازما گەرچە چاقچاق.تۈسىنى ئالغان بولسىمۇ،مەلۇم دەرجىدە ئىشىپ كەتكەن دەپ قارايمەن.
ئالايلۇق،بۇ مۇنبەردە ناۋادا بۇ ئەسەرنىڭ ئاپتورىنىڭ ئايالى بولغاندا،ياكى ھاجەر ھەدىمىزنىڭ يولدىشى بولغان بولسا بۇ شئىرغا رەنجىمەيدۇ دىگىلى بولمايدۇ ئەلۋەتتە.
ھازىر ئۈندىدار ياكى مۇنبەرلەردىكى بەزى ئورۇنسىز چاقچاق سەۋەپلىك ئاجراشقان ياكى يۈزسىزلىك قىلۋاتقان ئەر ئاياللار بۇنىڭ مىسالى.
مەن بۇنداق دەپ ئاپتور قەلىمىگە داغ تەگكۈزمەكچى ئەمەس.
قارىسام ئاپتورنىڭ باشقا يازمىلىرى شۇنداق ئىسىلكەن.شۇڭا مىنى ئەيىپلىمەس دەپ ئويلايمەن.
چاقچاق،ئىشىپ كەتسە جاقجاق دەيدىكەن كونىلار.
بەزى چاقچاقلار ئىشىپ كەتمىسىلا بولدى دە.

ئايشەمگۈل ھەدىمىزغۇ رەنجىمەي چاقچاقنى قايتۇرۇپتۇ.لىكىن تىما ئىگىسىنىڭ ئايالىغا مەن شۇنداق چاقچاق قىلسام،ماڭا ئاداۋەت تۇتمايدۇ دىگىلى بولمايدۇ.
كۆپ سۆزلەپ قويغان بولسام.كەچۈرۈڭلار.
مەن كىچىك بولغاچقا سىلەرگە يەتمەيمەن.

قەلەم ئىگىسىنىڭ قەلىمى سۇنمىغاي.ئىشلىرى ئوڭۇشلۇق بولغاي.

ھۆرمەت بىلەن......MTV

MTV يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 10:57:24

باشقىلارمۇ شەخسى پىكىرىنى دەپ باقسا؟؟

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 13:25:42

بۇ پىكىرڭىزنى مەن قوللىمايمەن. بۇ يازمىلار بىر جەھەتتىن مۇشائىرە تۈسىنى ئالدى ھەم روھلان ئەھلىنى شاتلاندۇردى. بۇ بىر ئىلمىي بولغان چاقچاق ئۇسۇلى. بۇنىڭغا ھاجەر نامىدىكى قېرىندىشىمىز ، توردىشىمىز ھەم دوستىمىز ئايشەمگۈلمۇ ناھايتى ئۇستاتلىق بىلەن ئىلمىي يۇسۇندا تېگىشلىك جاۋاپنى بەردى. بۇ مۇناسىۋەت بىلەن ئايشەمگۈلنىڭ ئەدەبى پەزىلىتىگە ئاپرىن ئوقۇيمەن.
ئەلۋەتتە سىز ئوتتۇرغا قويغان ئائىلە مەسلىسى بەك موھىم. ئايالنى كۈنلىمەيدىغان ئۇيغۇر ئەرلىرى ئەر ئەمەس. ھەم ئۇيغۇرغا لايىق ئەمەس. بۇ نوقتىغا سەزگۈرلۈك بىلەن قارىغىنىڭىزغا تەشەككۈر. ئەمما ئايشەمگۈلدەك پەزىلەتلىك ئايالنىڭ يولدىشى بۇنى چۇقۇم توغرا چۈشۈندۇ.

مىسكىن123 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 13:46:28

يۇقىرىدا ئېيتىلغان ئىنكاسلارغىمۇ مەنمۇ قۇشىلىمەن

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 14:30:15

ھەممە ئىشلار ئۆز لايىقىدا بولغىنى ياخشى.

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 14:47:23

نەۋرۇز ئەپەندىم قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈپتۇ. مەنمۇ قوشۇلىمەن.
تېما ئىگىسىنىڭ تەپەككۇرغا باي روھىدىن تەسىرلەندىم. روھلاندا سىزگە ئوخشاشئىزدىنىشكە باي قەلەم ئىگىسىنىڭ يەنىمۇ كۆپلەپ پەيدا بولىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

مەرىپەت يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 20:16:40

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەرىپەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-12 20:29

بۇغۇ مۇشائىرە تۈسىنى ئالغان شئېر ئىدى. توغرا چۈشەنگەنلەر توغرا چۈشەندى خاتا چۈشەنگەنلەر خاتا چۈشەندى.بۇ شئېرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى جاۋابىنى ئايشەمگۈل خانىم يېزىپ چىقىرىپمۇ بولغان ئىدى. بۇ سۇئال-جاۋاپلارنى ئۆزەڭلار تەپسىلىي كۆرۈپ بېقىڭلار.

/thread-30986-1-1.html

بۇنىڭ جاۋابى:

/thread-31414-1-1.html

بۇنىڭ جاۋابى:

/thread-31514-1-1.html

بۇنىڭ جاۋابى:

/thread-32266-1-1.html

    ئەڭ ئاخىرىدابۇلارغا يولىدا جاۋاپنىمۇ بەردى. ئەمدى ئۆزەڭلار ھۆكۈم قىلىپ بېقىڭلار.

دېھقان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 20:41:40

بىر ئۇبدان يىزىلغان شىئىرلار غۇ بۇ ،ئەمدى بۇنىڭدىن قۇسۇر تاپمىساقچۇ قىرىنداشلار.

نەپرەت يوللانغان ۋاقتى 2014-6-12 22:24:12

بۇنىڭغا نىم دىگۈلۈك ھەي......ا

تۈرگۈن يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 00:47:57

شېئىرغا شېئىرغا مۇئامىلە قىلغاندەك مۇمامىلىدە بولساق خاتا چۈشىنىش چىقمايدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇمەۋھۇم دۇنيا،رېئاللىققا ئوخشىمايدۇ. بىز بۇ شېئىرلارنىڭ شېئىرىي تىلىدىن ۋە بەئىيلىكىدىن زوق ئالالىساق شۇ كۇپايە.مىنىڭچە زۇرلاپ كۈنلەشكە ئاپىرىشنىڭ ھاجىتى يوق.
بەت: [1] 2
: (ئايشەمگۈلنى ئالايمۇ) دىن تۇغۇلغان ھېسلار