易语言دە ئۇيغۇرچىنى كىم نورمال چىقىرالايدۇ؟
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا جام تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-9 18:12ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم روھلان مۇنبىرىدىكى بارلىق ئۇستازلار، ھەرقايسىڭلارنىڭ ھازىرقى ۋاقتى خەيىرلىك بولسۇن!
نەق گەپكە كەلسەم، مەن 易语言دىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرچە يۇمشاق دېتال ياسىغانتىم، ئەمما بۇ ئۇيغۇرچە خەت باشقىلارنىڭ ئۇيغۇرچە فونت يوق كومپيوتېرلىرىدا نورمال كۆرۈنمەيدىكەن، شۇنىڭ ئۈچۈن قانداق قىلغاندا ئۇيغۇرچە خەتنى نورمال تونۇتقىلى بولىدۇ؟ بىلدىغان ئۇستازلارنىڭ تەلىم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ناۋادا ئۇيغۇرچە چىقىرىش مۇۋىپىقىيەتلىك بولغان بولسا روھلان مۇنبىرىگە ئۆزىمىزنىڭ تىلىدىن ياسالغان ئىسىل يۇمشاق دېتاللارنى يوللىغان بولاتتىم.
易语言 دېگەن قانداق دېتال ئەمدې ؟ئۇنىڭدا دېتال ياساش ئۈچۈن كومپىيوتېرداقانداق مۇھىت كېرەك بولىدۇ؟ بىرەپروگرامما تىلىنى بىلىش تەلەپ قىلىنامدۇ؟مەنھازىر جاۋا ئۆگۈنۈۋاتقان ،،،ئاڭلاپ باقماپتىكەنمەن بۇ 易语言دېگەن گەپنى قېزىقىپ قېلىۋاتىمەن ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئۇستاز. سالامەت تۇرغانسىز؟ مەن بۇ易语言 دىتالىغا بەك قىزىقىمەن، ئەمما بۇ دىتال بىلەن تۇنۇشۇپمۇ باقمىدىم. راستىن ئېيتسام 易语言 نى ئىشلىتىش توغرىسىدائەتىراپلىق ئىشلەنگەن دەرىسلىككە بەكمۇ ئىھتىياجلىق ئىدىم. بۇ يەردە سىزدىن ئۈمۈدىم، ئاۋازىنى ئۇچۇق قىلىپ ھەم سۆرەتكە سۈزۈك ئېلىپ بىر دەرىسلىك ئىشلىگەن بولسىڭىز، پۇلغا سېتىۋالساممۇ مەيلى ئىدى. 易语言توغرىسىدا تەپسىلىي مەلۇماتقا ئىگە بولغان بولساق دېگەن ئۈمىتتىمەن . سىز خىيال كىرگۈزگۈچنى قاچىلىسىڭىز ئۇيغۇرچە يازغىلى بولىدۇ.خىيالدا ئۇيغۇرچە يېزىپ كونتروللارغا بىۋاستە چاپلىسڭىز بولىدۇ.
易语言 دا ئۇيغۇرچىنى نورمال قوللايدۇ سىز ئاشۇ تەرجىمە قىلغاندا ئىشلەتكەن خەت نۇسخىسىنى قاچىلاش پىروگراممىسىغا قوشىۋەتسىڭىز باشقا كومپيۇتېرلاردىمۇ نورمال چىقىدۇ.:P
قاچىلاش پىروگىراممىسىغا قانداق قوشىمىزئۇقىدىغان قېرىنداشلار ئۇستازلار ماڭائۆگىتىپ قويىڭلار چ چ :1394129917 قانداق قاچىلاش پىروگىراممىغاقوشىمىزخاپا بولماي تەپسىلى ئۆگىتىپ قويغان بولسىڭىز بۇ تىمىنى كۆرگەندىن كىيىن توردىن دەرھال ئىزدەپ كۆردۈم بۇ vbغا ئوخشاش قوللۇنۇشچان پىروگىرامما يازىدىغان دىتالكەن . ھەممە يېرى خەنزۇچىكەن . خۇددى wpsيەنى offceنى خەنزۇلا يەرلىكلەشتۈرۈپ ئىشلىۋالغاندەك . ھازىر مەن دەرسىنى كۆرىۋاتىمەن . ئۆزلەشتۈرۈپ بولغاندىن كىيىن ئۇيغۇرچە دەرسلىكىنى ئىشلەپ بېرەي . ئالدىرغانلار بۇ يەردىن خەنزۇچە دەرسىنى كۆرگەچ تۇرۇڭلار سىز شۇ ياسىغان دىتالىڭىزنى ، قاچىلايدىغان قىلىپ ياساپ ، شۇ دىتالنى قاچىلىغان ۋاقىتتا ، خەت نۇسقىسىنىمۇ بىللە قاچىلىۋەتسۇن شۇندا بولغاندا نورمال بۇلىدۇ !
بەت:
[1]