زەپەرى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 14:43:25

تۆلەم توختامى (سانائىل سۆز ئۇيۇنى)

تۆلەم توختامى (سانائىل سۆز ئۇيۇنى)
توختام تۈزگۈچى: تاشتۇپا تەۋەسىدىن: تۇرغۇن تاڭجاڭ. تۆۋەندە تۆلەم تۆلىگۈچى.
توختام تۈزگۈچى: تىم تەۋەسدىن: تۇرسۇنگۈل تاش. تۆۋەندە تۆلەم تەلەپكارى.
توپىلىق تەپتىش تارماقلىرى تىم تەۋەسىدىكى تۇرسۇنگۈل تاشنىڭ تۇرغۇن تاڭجاڭدىن تۆلەم تۆلىتىش توغرسىدىكى تەپتىشكە تۇتقان تەلىۋى توغرىسىدا تەپسىلى توختىلىپ، تەرەپلەرنىڭ توغرا تېپىشىدا توختاملاشقۇچىلارنى تەپتىشكە تەقلەپ، تالانىتلىق تەپتىشلەرنى تەينلەپ، تۆۋەندىكىدەك تۆلەم توختامنامىسى تۈزۈلدى.
توختام تەلەپلىرى:
1.        تۆلەم تەلەپكارى ،تىملىق تۇرسۇنگۈل تاش تاشتۇپىلىق تۇرغۇن تاڭجاڭنىڭ تەلىۋىدە تۇرغۇن تاڭجاڭغا تويلاشقان. تۇرسۇنگۈلنىڭ تويلىقى تۆتمىڭ توققۇز يۈز توقسان تىزىغا توختىغان. تۇرسۇنگۈل تاش تۇرغۇن تاڭجاڭدىن تولۇمدەكتومىلاق تەلئەتجاننى توغقان. تەلئەتجان تۇغۇلغاندىن تارتىپ، تۇرغۇن تاڭجاڭ تۇيۇقسىز تەرسالىشىپ، تاماقخانىسىدىكى تازلىقچى تۇل تۇجەنگۈلنى تېپىۋېلىپ، تۇرالغۇسىدا تۇرمىغان. تۇرسۇنگۈل توشىيالماي، تۇرغۇن تاڭجاڭدىن تالاقلىشىشتەك تەلىۋىنى تەپتىشكە تۇتقان.
2.        تەپتىش تۇرسۇنگۈل تاشنىڭ تەلىۋىنى تەستىقلاپ، تۇرسۇنگۈل تاش، تۇرغۇن تاڭجاڭلارنى تويلاشقانلارتىزىملىكىدىن تازلاشنى تەسىتقلىدى.
3.        تۇرغۇن تاڭجاڭ تۇرسۇنگۈلنى تالاقلىغاندىن تاشقىرى تۇرسۇنگۈل تاشقا تۆتمىڭ تىزا تۆلەم تۆلەيدۇ.
4.       تۇرسۇنگۈلنىڭ تەلىۋىگە تايىنىپ، تۇرالغۇسىدىكى توڭلاتقۇ، تېلېۋىزۇر، تېلېفۇن، توكسىكلىت، تومپۇچكا، تۆت تۇياق توپاق، توقسان تۈپ تىرەك، تۆت تاڭكىس-توپلەيلىرى تۇرسۇنگۈل تاشقا تەۋە.
5.       تۇرغۇن تاڭجاڭغا تۇرالغۇسى، توڭلاتقۇدىكى تۆت تال تۇخۇم، تۆت توغماس توخۇ، تۆت تۈپ تىرەك، توكۇر تەخەي، تۆت تاغار تېرىق تەئەللۇقاتلىرى تىگىدۇ.
6.        تەلئەتجان تۇرسۇنگۈل تاشنىڭ تەربىيلىشىگە تاپشۇرۇلىدۇ. تۇرغۇن تاڭجاڭ تەلئەتجان توققۇزغا توشقىچە تەربىيلەش تۆلىمى تۆلىسۇن.
7.       توختامدىكى تۆتىنجى تىپ، تۇرغۇن تاڭجاڭنىڭ تاماقخانىسىدا تاماق توشۇيدىغان تىلىۋالدىدۇر. تىلىۋالدى تۇرغۇن تاڭجاڭغا تازلىقچى تۇل تۈجەنگۈلنى تېپىشتۇرۇپ، تۇرسۇنگۈل تاش، تۇرغۇن تاڭجاڭلارنىڭ تۇرالغۇسىنى تەرتىپسىزلەشتۈرگەن. تەخسىكەش تىلىۋالدىغا توقسان تاياق تېتىتىپ، تىزدىن تۇرپان تۈرمىسىگە تاشلانسۇن.
8.       توختامدىكى تەرتىپلەرنى تەرەپلەر تولۇق تەكشۈرۈپ تەستىقلىدى.
توختام تۈزگۈچى: تۇرسۇنگۈل تاش.
توختام تۈزگۈچى:تۇرغۇن تاڭجاڭ.
توختامنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىغۇچى تەپتىش:تاياجى.
2014.4.9

ئاپتۇرى :كىرىمجان ياسن (زەپەر)

فارۇق7 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 20:18:14

ۋاي ۋۇي دەھشەت يىزىۋىتىپسىزيامانىئىنەم ئىنەم. يارايسىز قارىغاندا سىزئۇقۇتقۇچى ئوخشايسىز.
来自安卓客户端

مۇشتاق يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 21:32:15

سۆز ئويۇنلىرىڭىز بارغانسىرى ياخشى چىقىۋاتىدۇ . ئەمما مەن مۇشۇ سانائىل دىگەن سۆزنىڭ مەنىسىنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم. ئۇيغۇرچە ئىزاھاتلىق لوغىتىگە قارىساممۇ بۇنداق سۆز يوقتەك . بۇ ئۇيغۇرچە ئاتالغۇمۇ ياكى باشقا تىلدىن كىرگەن ئاتالغۇمۇ؟مەنىسى نىمە؟مۇشۇ ھەقتە بىر چۈشەنچە بەرگەن بولسىڭىز ...

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 09:13:08

ياخشى يىزىپسىز تىخمۇ تىرشىڭ .

زەپەرى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 11:33:22

"سانائىل" دىگەن سۆز-يېزىقچىلىقتا كۆپ قوللىنىلىدۇ.يەنى-باشتىن-ئاخىر بىرخىللا ھەرىپتە دىگەن سۆز.يەنى باشقا ھەرىپلەرنى ئارلاشتۇرماي تۇلۇق بىر ئۇقۇمنى،باشتا باشلىغان ھەرىپ شەكلى بىلەن ئاخىرلاشتۇرىمىز.

ئارال317 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-13 11:52:14

قالتىس بوپتۇ، قېرىنداشلار، كۆپرەك تىما يوللايلى، تىلىمىز ۋە يېزىقىمىز غېرىپسىنىپ قالمىسۇن!
بەت: [1]
: تۆلەم توختامى (سانائىل سۆز ئۇيۇنى)