ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 00:59:45

روھلان ئەزالىق نامىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش پائالىيتى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك روھلانداشلار.
ئالدىنقى كۈنى مۇنبەردىكى نۇرئەلىجان مۇنبىرىمىزگە قارىتا بىر قانچە تەكلىپ بېرىپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئەزالارنىڭ ئىسمىنى ئۆزگەرتشكە قولايلىق يارىتىش ھەققىدە بىر تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قۇيۇپتكەن.
ئەسلىدە بىر مەسئۇلىيەتچان، ئەستايىدىل ئادەمگە نىسبەتەن،قىلغان ئىشىغا پۇشايمان قىلىپ ئىسىم ئۆزگەرتىش ئاقىلانىلىك بولمىسىمۇ، يەنىلا يېڭى ئۆگەنگۈچىلەرنى ۋە بىر قىسىم ئەزالارنىڭ ئېھتىياتسىزلىق بىلەن تىزىملىتىپ قالغانلىقىنى كۆزدە تۇتقان ئاساستا روھلان مۇنبىرىدە بىر قېتىملىق چوڭ تىپتىكى ھەقسىز ئىسىم ئۆزگەرتىپ بېرىش پائالىيتىنى يولغا قويماقچى.

ئىسىم ئۆزگەرتىشتىكى تەلەپلەر تۆۋەندىكىدەك:
1. سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىسىم چوقۇم مۇنبەردە باشقىلار تىزىملىتپ باقمىغان ئىسىم بولۇشى ياكى مۇنبەرگە تىزىملاتقان بولسىمۇ كىرمىگەن ۋاقتى 3 يىلدىن ئېشىپ كەتكەن ئەزالارنىڭ ئىسمى بولۇشى كېرەك.
بۇنى تەكشۈرۈشنىڭ ئۇسۇلى: سىز مۇنبەرنى ئېچىپ، ئەزالىق ھېساباتىڭىزدىن چېكىنگەندىن كېيىن، ئەزا بولۇڭ دېگەن ئۇلانمىنى چېكىپ، تىزىملىتىش بېتىگە كىرىپ، سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىسىمنى*نامىڭىز دېگەن كاتەكچىگە سىز ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىسىمنى يازىسىز، مائۇسنى بۇ كاتەكچىدىن ئاستىغا يۆتكىگەندە ئەگەر نامىڭىز دېگەن كاتەكچىنىڭ كەينىدە يېشىل رەڭلىك توغرا بەلگىسى كۆرۈنسە بۇ ئىسىمغا ئۆزگەرتەلەيسىز، ئەگەر باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان ياكى ھەرپ ئۇزۇنلۇقى ئېشىپ كەتتى دەپ قىزىل رەڭلىك ئۇچۇر چىقسا بۇ ئىسىمغا ئۆزگەرتەلمەيسىز.
توغرا بەلگىسى چىققان ئىسىمنى ئىنكاس شەكلىدە مۇشۇ تېما ئاستىغا قالدۇرسىڭىز بولىدۇ. قالدۇرۇش ئۇسۇلىنى سەل تۇرۇپ شەكلىنى قالدۇرىمەن، شۇ بۇيىچە قالدۇرۇپ قۇيۇڭ.
2. ئەگەر باشقىلار تىزىملىتىپ بولغان، ئەمما كىرمىگىلى 3 يىلدىن ئاشقان، مۇنبەردە ساقلاپ قېلىشقا تېگىشلىك تېما، ئىنكاسلىرى بولمىغان ئىسىم بولسىمۇ ئۆزگەرتىپ بېرىمىز، بۇنىڭ ئۈچۈن ئەسلىدىكى ئەزانى مۇنبەردىن ئۆچۈرىۋېتىمىز.
(بۇنىڭغا تەكشۈرۈپ دەلىللەش ئۈچۈن كۆپ ۋاقىت كېتىشى، ۋاقتىدا ئۆزگەرتىپ بېرەلمەسلىكىمىز مۇمكىن، ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسا ئىمكان بار بۇ تۈرگە ئىلتىماس قىلماڭ)

3. ئىسىم ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئەزا چوقۇم بۈگۈن (2014-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى) دىن بۇرۇن تىزىملاتقان بولۇشى، مۇنبەردە يوللىغان پايدىلىنىش قىممىتى بولغان بىردىن ئارتۇق تېمىسى بولۇشى، باش سۈرىتىنى روھلاننىڭ كۆڭۈلدىكى باش سۈرىتىدىن ئۆزىگە خاس چەكلەنمىگەن باش سۈرەتكە ئالماشتۇرغان بولۇشى كېرەك.

4. ئۆزگەرتىشكە ئىلتىماس قىلىش شەكلى تۆۋەندىكىدەك بولىدۇ:
ئەسلىدىكى ئەزالىق نامىم: ئادىل
ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئەزالىق نامىم: adil
ئۆزگەرتىش سەۋەبىم: ئۇيغۇرچە بولسا يانفۇندا كىرەلمەيدىكەنمەن



5.ئىلتىماسنى پەقەت بىرلا قېتىم يوللىشى، تەكرار يوللىماسلىقى كېرەك، تەكرار يوللىغۇچىلارنىڭمۇ ئوخشاشلا ئۆزگەرتىپ بېرىلمەيدۇ.

6. ئەزالىق نامىڭىز ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، ئەسلىدىكى ئەزالىق نامىڭىزدا مۇنبەرگە كىرەلمەيسىز، لېكىن بىز سىز ئىكاس قايتۇرغان ھامان ئۆزگەرتىپمۇ قويالمايمىز، شۇڭا مۇنبەرگە كىرگەندە ئاۋال مۇشۇ تېمىغا كىرىپ، ئىنكاسىڭىز ئاستىدا مېنىڭ ئۆزگەرتىلدى دەپ يوللغان باھا سۆزۈمنىڭ بار يوقلىقىغا قاراڭ، ئۆزگەرتىلدى دەپ باھا قايتۇرۇلغان بولسا ئىسمىڭىز ئۆزگىرىدۇ، شۇ نامدا كىرسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر باھا يېزىلمىغان بولسا سەۋىرچانلىق بىلەن ئۆزگەرتىلىشىنى ياكى جاۋاب قايتۇرلۇشنى ساقلاڭ.

7. بىز پەقەت ئىسىمنىلا ئۆزگەرتىمىز، مەخپى نۇمۇرغا چېقىلمايمىز ھەم مەخپى نۇمۇرنى كۆرەلمەيمىز، ئىنكاس قالدۇرغاندىمۇ مەخپى نۇمۇرىڭىزنى قالدۇرۇپ قويماڭ، ئەگەر قالدۇرۇپ قۇيۇپ، ھېساباتىڭىزنىڭ بىخەتەرلىكىدىن مەسىلە چىقسا مەن ئېگە ئەمەس.

8. يۇقارقى مەزمۇنلارنى ئۇيغۇرچە يېزىقتا تەپسىلىي چۈشەندۈرۈپ يېزىپ قويساممۇ تولۇق ئوقۇماي، شەرتى چۈشمىسىمۇ ئىلتىماس قىلغان ياكى شەرتى چۈشسىمۇ ئىلتىماس قىلىش شەكلىگە ئەھمىيەت بەرمىگەنلەرنىڭ ئەزالىق نامى ئۆزگەرتىپ بېرىلمەيدۇ.

9. پائالىيەت ۋاقتى: 2014-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 2014-يىل 9-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە

روھلان تور بېكتى



ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 01:11:11

مىنىڭ تەلىپىم ئاددى، ئىسمىمنىڭ كەينىدىكى 2 دىگەن ساننى يوق قىلىۋەتسىڭىزلا بولاتتى{:6_277:}

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 02:00:20

ئالمىچى2 يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 01:11
مىنىڭ تەلىپىم ئاددى، ئىسمىمنىڭ كەينىدىكى 2 دىگەن ساننى ...

8-تۈرنىڭ خەت نۇمۇرىنى ئەڭ چوڭ قىلىپ تەڭشەپ قويدۇم.

rabbiy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 02:15:46

ئەسلى ئىسمىم:rabbiy
ئۆزمەرتمەكچى بولغىنىم:Rabbiy
ئۆزگەرتىش سەۋەبىم:باش ھەرىپى چوڭ بولسا كىرىشكە قولايلىق ۋە باشقا پايدىلىرىمۇ باركە، بېشىدا تىزىملاتقاندا باش ھەرىپىنى چوڭ قىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمە، مەن تۇغۇلۇپئىشلەتكەن بارلىق ھېساباتلىرىمدىكى ئىسمىم :Rabbiy تى شۇڭا.

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 02:36:38

rabbiy يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 02:15
ئەسلى ئىسمىم:rabbiy
ئۆزمەرتمەكچى بولغىنىم:Rabbiy
ئۆزگەرتىش ...

ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
该用户名已经存在,请返回尝试使用其他用户名。
سىزنى بار دەپ چىقىۋالىدۇ.

چاقنار يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 02:48:58

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 02:36
ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
该用户名已经存在,请返回尝试使用其他用户名。
سىزنى...

ئادىل ئەپەندى،،،،مېنىڭ ئىنكاسىمقاچان تەستىقسىز چىقىدىغان بولىدۇ؟    ياكى ھەممە ئەزالارنىڭ مۇشۇنداق تەستىقلىنىدىغان گەپمۇ؟

rabbiy يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 03:12:21

ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 02:36
ئۆزگەرتكىلى بولمايدۇ.
该用户名已经存在,请返回尝试使用其他用户名。
سىزنى...

مەيلى ئەمسە، مۇشۇنىڭدا تۇرىۋەرسۇن

Ayshemgul يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 08:23:26

ئەسلى ئىسمىم:Ayshemgvl
ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىسمىم:ئايشەمگۈل
سەۋەبى:ئەسلىدىمۇ ئۇيغۇرچە يېزىلىشى بىلەن تىزىملاتماقچى ئىدىم.بىراق ئەزا نامى ئون بەش ھەرىپتىن ئېشىپ كەتتى دەپ ئۇچۇر چىقىۋىلىپ ئۇنداق تىزىملىتالمىغان.ئۇيغۇرچە يېزىلسا بىر ھەرپ ئىككىگە تەڭ بولۇپ كېتەمدۇ يا بىلمىدىم.لاتىنچە يېزىپ كىرمەك سەل قولايسىزكەن.ئىسىم يازىدىغان كاتەكچىگە ئەكەلسە بىۋاستىلا ئۇيغۇرچە ھەرپ چىقىدىكەن ئەمەسمۇ.ئەگەر ئۇنداق ئۆزگەرتىشكە ئىمكان بولمىسا ھاجەر دەپ ئۆزگەرتىپ بەرسىڭىزمۇ بولاتتى.سەۋەبى ھاجەر ئانىمىزنىڭ قىسىسىنى بەك ياقتۇرىمەن.
来自安卓客户端

سارسان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 09:19:12

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   سارسان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-8 09:28

مەن ئىسىم ئۆزگەرتمىسەممۇبۇلىدۇ   ئىسىم ئۇزگەرتىدىغانلارغا ياخشى پۇرسەتبۇپتۇتىزدىن تۇتۇش قىلىڭلار

ئىسىمنى ئۇيغۇرچە قۇيۇپ ئۇيغۇرچە بۇلمىغان تىلفۇنلارداتۇرغا چىقىشتا قىينىلىپ قالغانلارغا تۇرغا چىقىشنىڭ ئامالىنى دەپ بىرەي   بىز رۇھلانغا تىزىملاتقانداھەربىر ئەزاغا بىردىن idنۇمۇربىرىلدۇبۇنۇمۇرىنى ئارخىپىڭىزدىن كۆرەلەيسىز يەنە تىمىدىكى ئىنكاس تىمىلىرىڭىزدىكى باش رەسمىڭىزگە مائۇسنى يىقىن ئەكەلسىڭىزمۇكۆرگىلى بۇلىدۇ   بۇ   id نۇمۇرىنى ئىسىم ئۇرنىغا بىۋاستە يىزىپ تۇرغا كىرىگىلىبۇلىدۇيەنەچ چغا باغلاپ قۇيساڭلارمۇچ چئارقىلىقمۇ كىرگىلىبۇلىدۇسىناپ باققايسىلەر

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 09:47:40

Ayshemgvl يوللىغان ۋاقتى2014-6-8 08:23
ئەسلى ئىسمىم:Ayshemgvl
ئۆزگەرتمەكچى بولغان ئىسمىم:ئايشەمگ ...

مەنمۇ مۇشۇ لاتىنچە نام بىلەن كىرىشكە بەكلا بىزار، ئانا تىلىم- زەر تىلىم، ئۆز يېزىقىمنى ھەر كۆرسەم يايراپ كېتەر جان- تېنىم! {:6_269:}
بۇرۇندىنلا شۇ ئارزۇدا بولساممۇ بىراق دەل شۇ نامدا بىرسى بولغانلىقتىن ئۇيغۇرچە يېزىشقا ئىمكان بولمىغان ئىدى، ئادىل ئاتامان بىلەن بىر كۆرۈشۈپ باقاي قېنى، مۇشۇ باھانىدە مۇمكىن بولۇپ قالسا تېخى ياخشى.
بەت: [1] 2 3 4 5 6 7 8 9 10
: روھلان ئەزالىق نامىنى ئۆزگەرتىپ بېرىش پائالىيتى