مۇڭتار يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 20:43:30

ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر كۈنى- تۆھپىكار باغۋەنلەرگە بېغىشلايمىز

مىكرو فىلىم
ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى پەقەت ئوقۇتقۇچى بولغان كىشىلەر بىلەلەيدۇ. بەزىلەر ھازىر نىمە بولماق تەس دىيىشىۋاتىدۇ، مىنىڭچە لاياقەتلىك ئوقۇتقۇچى بولماق ھەقىقەتەن تەس.
مائارىپنى چۈشىنىدىغان، مائارىپنى قوللايدىغان، ئوقۇتقۇچىنى ھۆرمەتلەيدىغان نۇرغۇن كىشىلىرىمىز ئوقۇتقۇچىنى شامغا، باغۋەنگە ئوخشاتسا، ئاز ساندىكى جەمئىيەتنىڭ داشقاللىرى بولسا ئوقۇتقۇچىنى پىخسىق، ئۇششاق گەپ ساتقۇچى، قىلنى قىرىق يارغۇچى، سېسىق توققۇزىنچى دەيدىغان كىشىلىرىمىزمۇ بار. بۇلارنىڭ چۇقۇم ئېڭى يىتىلمىگەن، ئەقلىگە كۈيە چۈشۈپ كەتكەن، تىلى كەمتۇك كىشىلەردۇر.
تۆۋەندىكى بۇ مىكرو فىلىمدە ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر كۈنلۈك خىزمەت جەريانى تەسۋىرلەنگەن، بۇ فىلىمدە ئۆزىنىڭ غېمىنى ئەمەس، بالىلارنىڭ گۈزەل ئەتىسى ئۈچۈن ئوت بولۇپ كۆيىۋاتقان، ئۆزىنىڭ ھوزۇر ھالاۋىتىنى بالىلارغا بىلىم بىرىشتىن ئىزدەۋاتقان جاپاكەش باغۋەنلەرگە بېغىشلايمىز.
بۇ فىلىمنى ئىشلەش ئۈچۈن ئەجىر سىڭدۈرگەن ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 7-ئوتتۇرا مەكتەپتىكى ئوقۇتقۇچىلارغا ئالاھىدە رەھمەت ئېيتىمىز.

بۇ فىلىم تور بەت مەنبەسى ئەسكەرتىلمەي كەڭ تارقىتىلسا بولىدۇ.

فىلىمنى بىۋاستە كۆرۈش:

http://player.youku.com/player.php/sid/XNzIzMDczMTY4/v.swf

نورمال قۇيۇلمىسا بۇ يەردىن كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ: مەرھەمەت
فىلىمنىڭ سۈزۈك نۇسخىسىنى چۈشۈرۈش:
oqutquchining bir kuni 教师的一天.flv

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 23:42:24

ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ئىش بولۇپتۇ.ئەجرىڭىزگە رەھمەت.

arkinjuma يوللانغان ۋاقتى 2014-6-7 23:56:25

ياخشى ئىشلەنگەن فىلىمكەن،دېمىسىمۇ ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىنى ئوقۇتقۇچى بۇپ باققانلارلا بىلىدۇ.

شار يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 01:59:19

رەھمەت سىزگە ناسايتى ئەھمىيەتلىك تېما يوللاپسىز.بۇندىن كىيىنمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ,ئوقۇتقۇچى باش تېما قىلىنغان فىلىم ياكى باشقا ئەسەرلەرنىڭ كۆپرەك يوللىنىپ تۇرىشىنى ئۈمۈد قىلىمەن.
来自安卓客户端

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 12:09:35

ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسى تەسۋىرلەنگەن ياخشى فىلىمكەن، يېزا- بازار مەكتەپلىرىدىكى ئوقۇتقۇچىلارنىڭ جاپاسى بۇنىڭدىنمۇ ئېغىر.
كىچىك ۋاقتىمدا مەن دادامنىڭ جاپاسى ئاپامدىن يەڭگىل دەپ قارايتىم (چۈنكى دادام ئوقۇتقۇچى ئاپام دېھقان ئىدى)، ھەتتاكى ھەرقانداق كەسىپتىن ئوقۇتقۇچى راھەتتە دەپ قارايتىم، بىراق كېيىنكى مەزگىللەردە مەن ئوقۇتقۇچى بولۇپ ئىشلىگەن مىنۇتتىن باشلاپ شۇنى ھېس قىلدىمكىن- دۇنيادا ئوقۇتقۇچىنىڭ جاپاسىدىن ئارتۇق جاپالىق خىزمەت يوق ئىكەن، بولۇپمۇ بىر مەسئۇلىيەتچان ئوقۇتقۇچىغا نىسبەتەن شۇنداق ئىكەن.

koktugh يوللانغان ۋاقتى 2014-6-8 18:33:32

ياخشى سىن فىلىم خاتىرىسى بۇلۇپتۇ ...تېخىمۇ ئەقىل ئىشلىتىپ ،ئىجادى بولغان ،تەپەككۇرنى ئويغىتىدىغان،توغرا قاراش، ئاكتىپ كەيپىياتنى جارى قىلدۇرىدىغان،ئۇقۇتۇش تەلىم تەربىيە ئىشلىرىمىزنىياخشىلاشقا ئەلالاشتۇرشقاياردىمى بۇلىدىغان سىن فىلىمىنى ئىشلىشىڭىزلارغا تىلەكداشمەن
/thread-31950-1-1.html

Izqiman يوللانغان ۋاقتى 2014-6-9 01:05:30

ياخشى فىلىم بوپتۇ .يەنە نۇرغۇن ئىشلار تەسۋىرلەنمەپتۇ تېخى.
بەت: [1]
: ئوقۇتقۇچىنىڭ بىر كۈنى- تۆھپىكار باغۋەنلەرگە بېغىشلايمىز