ئاجرىشىش ئىلتىماسى- (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا aysajan1972 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-7 01:03ئاجرىشىش ئىلتىماسى(بىر دوستۇمنىڭ تىلىدىن)
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
1
خۇددى لالما ئىت كەبى كەينىمدىن چاپقان خوتۇن،شۇنچە قاچسام قوغلىشىپ ئاخىرى تۇتقان خوتۇن.
توينى قىلدۇق راۋرۇس ئەل-جامائەت ئالدىدا،ۋە لىكىن تۆت كۈن ئۆتۈپ يۈرىكى قاتقان خوتۇن.
ياسىنىش ھەم يەپ ئىچىش بولغاچ ھاياتنىڭ بەلگىسى،قالمىدى ھەتتاكى ئۆيدە توخۇ ھەم توشقان خوتۇن.
ئەمگەك بىلەن قىممەت تېپىش ساڭا يات بولغاچقىمۇ،تاكى كۈن چۈش بولغىچە لالىيىپ ياتقان خوتۇن.
تەربىيە قىلسام چىرايىلىق ‹‹ئاپا مېنى ئۇردى ...›› دەپ،قېينئانامغا ئاشۇرۇپ، يىغلاپ تۇرۇپ چاققان خوتۇن.
يەتتە ئىقلىمدىن تېپىلماس سەندەك ھازازۇل بىر گۈزەل،يۈز- كۆزۈمدە ‹‹ئېرىق-ئۆستەڭ›› ھەركۈنى چاپقانخۇتۇن.
‹‹ماڭا بويسۇن›› دەپ ئۆزۈڭچە بىر مەن ئۈچۈن ‹‹قانۇن›› تۈزۈپ،دەردى يوق! دەپ دەرتلىرىمگە يەنە دەرت قوشقان خوتۇن.
2
بىلمەپتىمەن باشتا ئەجەپ نەس ئىكەنسەن ئەسلىدە،ئادەم ئەمەس ھايۋان كەبى پەس ئىكەنسەن ئەسلىدە.
نازلىرىڭدىن تەرلىنىپ، مەيلىمنى بەرسەم باشقىچە،قۇرتلىغان كۆلچەكتىكى لەش ئىكەنسەن ئەسلىدە.
ۋەدە بەرگەندە يېقىملىق مەيلىمنى بەرسەم مەن تېخى،ئوتنىڭ ھىچ دەپتى يوق مەش ئىكەنسەن ئەسلىدە.
باشتىغۇ بىلمەپتىمەن، ئەمدى كەلدى بۇ ئەقىل،تەگسە كىسىشكە تېگىشلىك پەش ئىكەنسەن ئەسلىدە.
كەشنىغۇ تاللاپ كېيەتتىم نەرقى قىممەت بولسىمۇ،ماڭا ناباپ يارىشىمسىز كەش ئىكەنسەن ئەسلىدە.
ئىلىم-پەندىن سۆز ئېچىش ساڭىغۇ ھاجەت ئەمەس،ياخشى ئادەم بولمىقىڭ تەس ئىكەنسەن ئەسلىدە.
نىمە قىلساڭ ئۆلمىدىمۇ بولمىدى ئاجراشمىسام،يۈرىكىمگە يۇشۇرۇنغان قەس ئىكەنسەن ئەسلىدە.
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسدىن
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقىئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.
شېئىرنىڭمەزمۇنى ياخشىچىقىپتۇ.ئەمما ، ‹ دەپتى › ، ‹ لالىيىپ ›دىگەنسۆزلەرتوغرىمۇئەمەسمۇ ،ئويلىنىپ ، لۇغەتكۆرۈپباققانبولسىڭىز . شىئىرىڭىز بەك ياخشى چىقىپتۇ ، مەزمۇنىمۇ چوڭقۇر ئىكەن ، رەھمەت سىزگە . راسلابەك نوچى چىقىپتۇ تېخىمۇ تىرىشىڭ ياخشىئەسەرلىرىڭىز ئۈزۇلمىگەي داۋاملىق يۇللاپ تۇرغايسىز قارام يىزىۋىتىپسىز يا./mobcent/reply/../app/data/phiz/default/23.png
来自安卓客户端 ناھايىتى يائى ياخشى ياخشى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىۋىتىپسىز، ھارمىغايسىز! ئالامەت شېئىر ئىكەن
بەت:
[1]