[شېئىر] قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)
قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەنئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ئەڭ قەدىمى ئۇيغۇر قىزىنىڭ،
ئەۋرىشكىسى ساقلانغان سەندە.
شەرمى –ھايا ئەخلاق نۇرلىرى،
ساقلانماقتا بىرگۈزەل تەندە.
ھەرقەدىمىڭ، ھەربىر تىنىقىڭ ،كېلىچەككە بەرمەكتە ۋەدە.ئېچىلىدۇ زۇلمەت گۈللىرى،لاياقەتلىك ئانا كەم يەردە.
‹‹قىزلىرىم›› دەپ تىترەيدۇ ئاتا،
قىزلار ئۈچۈن يىغلار مۇئەللىم.
ئۇچراپ قالسا قىرىق قاراقچى،
كۈلۈۋەتكىن بولمىغىن تەسلىم.
بۇ جاھاننىڭ چاقچاقلىرى كۆپ،ھەر بىركۈنۈڭ بولسۇن قەدىردان.ئەخلاق نۇرى كۆچمىسە دىلىدىن،ئىنسان بولۇپ قالىسەن ھامان.
رىقابەتكە ئاشىق بولمىساڭ،
ئاشىق بولماس ساڭا ھىچ كىشى.
زىننەتلەنسۇن بىلم-ئەخلاقتىن،
كەڭ قەلبىڭنىڭ ئىچى ۋە تېشى.
چاقىرمايدۇ بەخىت كوچىسى،بىرلەشمىسە روھىڭ بىلەن تەن.ئۆز ئۆزۈڭنى مۇنقەرز قىلما،قىزلىق دىگەن بىر بۈيۈك ۋەتەن.
مەنبە: ‹‹جۇڭگو مىللەتلىرى››دىن ئېلىندى
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىدىن
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقى ئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ مەنبەسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ. قىزلارنىڭ قىزلىقى ئۇلارنىڭ زور بايلىقى .بۇ شىئېرنى ھەقىقەتەن ياخشى يېزىپسىز،قولىڭىزغا دەرت بەرمىسۇن، قولىڭىزغا دەت كەمىسۇن.مۇنبەرگە ئاچچىق يازمىلىرى تۆكۈلۈپلا كىتىپتۇ غۇ ى
ماڭا ئورۇن يوقمۇ نىمەھى ھى ھى ھا ھا بەكلا ياخشى چىقىپتۇ تېخىمۇ تىرىشىڭ مەنىسى ئېسىل شېئىركەن. رەھمەت. مەنىسى ، مەزمۇنى بەڭ ياخشى ئىكەن ، قولىڭىزغا دەرد كەلمىگەي ، يېڭى يوللانمىڭىزغا تەشنامىز . ئۇ قىزلىرىمىزنىڭ يۇرىكى يۇرەك بۇزۇلسا جان بۇلىدۇ،شۇڭلاشقا ياخشى ساقلاش لازىم. بۇ شېئرنى ناھايتى ياخشى يېزپسىز ، قىزلىرىمىزنىڭ ئپپەت نۇمۇسنى ياخشى ساقلشىغا ئاز تۇلا بولسمۇ ياردىمى بۇلار. قوللىڭزغا دەرت كەلمىسۇن. شېئىرىمغا نەزىرىنى ئاغدۇرغان بارلىق تورداشلارغا كۆپ رەھمەت. شېئىرنى ئوقۇپ بەك ھۇزۇرلاندىم. قىزلارنىڭ ئالدىغا تاشلانغان ھەر بىر سۇئال، رېتورىك خىتابلار ئۇيغۇر قىزلىرىنىڭ روھىيەت ئىشىكىنى تاراسلىتىپ چېكىپ، دىل ھوجرىسىغا بۆسۈپ كىرىپ، قەلبىنى لەرزىگە سېلىپ، مەنىۋىيىتىنى نۇرلاندۇرىدىغان چاقىرىق بوپتۇ.قوللىرىڭىز ھارمىسۇن، قەلىمىڭىز توختاپ قالمىسۇن، سىزگە مىڭلارچە ئاپىرىن!...
بەت:
[1]
2