dulani يوللانغان ۋاقتى 2014-6-4 01:22:57

جىددى غەيرى O-RH قان تىپى لازىم.

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم قېرىنداشلار.
قېرىندىشىمىز تۇرسۇنگۈل مەمەت ئۈچەي ئۆسمىسى كېسىلى بىلەن داۋالىنىۋاتقىلى 2 يىلدىن ئاشقان بولسىمۇ كېسىلىدە ياخشىلىنىش بولمىدى. ئەكسىچە بۇ قېتىم ئۆسمە قان تومۇرىغا ئۆتۈپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن قان بېرىشكە جىددى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدى. لېكىن قېرىندىشىمىزنىڭ قېنى ئاز كۆرىلىدىغان غەيرى O-RH قان تىپى بولغانلىقى ئۈچۈن، مۇشۇ خىلدىكى قان تىپىغا جىددى ئېھتىياجلىق بولۇپ قالدۇق. مۇشۇ خىلدىكى قان تىپى بار قېرىنداشلارنىڭ ياردەم قىلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز. سىزنىڭ كىچىككىنە قېنىڭىز بىر ھاياتلىقنى قۇتۇلدۇرۇپ قالالايدۇ، بەلكىم سىزنىڭ قېنىڭىز ماس كەلمەسلىكى مۈمكىن لېكىن مۇشۇ ئۇچۇرنى باشقا قېرىنداشلارغا يوللاش يولى ئارقىلىق ياردەم قولىڭىزنى سۇنسىڭىزمۇ ئالەمچە خوشال بولىمىز. بۇ دۇنيا مېھرى-مۇھەببەتكە تولغان!
بىمار ھازىر ئاقسۇ ۋىلايەتلىك 1-خەلق دوختۇرخانىسى ئىككىنچى كېسەللىكلەر رايۇنى ( پويىز ئىستانسىسى يېنىدىكى تارماق دوختۇرخانا) ئۆسمە كېسەللىك ئىچكى بۆلۈم 22 -ياتاق 4 - كارۋاتتا يېتىپ داۋالىنىۋاتىدۇ.
ئالاقىلىشىش تېلىفۇنى: 13369975868
                            18997664057

بېرىپ ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈش ئىمكانىيىتى بار دوستلارنىڭ كۆرۈپ كېلىپ تېخىمۇ تەپسىلى ئۇچۇرلارنى قالدۇرۇپ قويىشىنى، باشقا تور بېكەتلەرگە يوللاپ ياردەم قولىنى سۇنۇشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.

مەنبە: ئۈندىدار سالۇنى

Tursunniyaz يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 00:52:45

مۇشۇ خىلدىكى قان تېپىنى تاپماق ھەقىقەتەن تەس جۇما.

izden يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 19:04:09

بىزنىڭ مەكتەپتە ئىككى ئوقۇتقۇچىنىڭ قان تىپى شۇنداق، ئالدىنقى قېتىم ئاقسۇغا بېرىپ ھەر بىرسى بىردىن ئادەمگە ياردەم بىرىپ قۇتقۇزۇپ كەلگەن.
ئېھتىمال يەنە ياردەم قىلىپ قېلىشى مۇمكىن.... 18096941815. 13579109653

ئونسۇ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-6 14:46:14

مەنغۇ oتىپلىق لىكىن ئاۋۇ دىيلىگىننى قانداق تەكشۈرتمىز؟
بەت: [1]
: جىددى غەيرى O-RH قان تىپى لازىم.