زەپەرى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 11:45:16

ئابلاجاننىڭ ئالدىنىشى (سانائىل ھەرىپلىك سۆز ئويۇنى)

   ئابلاجاننىڭ ئالدىنىشى سۆز ئۇيۇنى

ئالدامچىلار ئاجايىپ ئالۋاستىلاردۇر، ئالدامچىلار ئادەملەرنى ئاسانلا ئالدىيالايدۇ. ئالدىنئالا ئالدانماسلىقنى ئاقىللارچە ئارزۇلايسىزيۇ ئاخىرىدا ئالدامچىلارنىڭ ئالدىدا ئامالسىز ئالدىنىپ ئازاپلىنىسىز...
ئابلاجان ئاشۇ ئالدامچىلارغا ئالدانغان ئاساسلىق ئادەم.
ئابلاجان ئادەتتە ئاتۇشتا ئالما ئالاتتى. ئالغان ئالمىلىرىنى ئالمۇتاغا ئاتلاندۇراتتى. ئالمۇتادىكى ئالمىچىلارمۇ ئابلاجاننىڭ ئالمىلىرىنى ئاتۇشتا ئالغىنىدىن ئاشۇرۇپ ئالاتتى. ئايمۇ-ئاي ئالمىلارنى ئالمۇتاغا ئاپارغاچقا ئابلاجان ئاخىرى ئالتۇن-ئاقچىلىرى ئاجايىپ ئاۋۇپ، ئالامەت ئادەملەرگە ئايلاندى. ئابلاجان ئاقچىلىرى ئاۋۇغانسىرى ئادىمىيلىكتىن ئادىشىپ، ئاۋال ئاتۇشتا ئالغان ئايالى ئاسىگۈلنى ئالداپ، ئادەتتىكى ئايال ئاتاپ، ئارىغا ئالماي، ئالمۇتادىكى ئاجايىپ، ئاق، ئازغۇن ئاياللارغا ئالدىنىپ، ئاشۇنداق ئاللىقانداق ئاياللاردىن، ئارقا-ئارقىدىن ئالتىنى ئالدى. ئايالى ئاسىگۈل ئارامسىزلىنىپ، ئابلاجانغا ئازغۇن ئاياللارغا ئالدانماسلىقنى، ئاماللاپ ئاتۇشتىكى ئاران ئالتىنجى ئايغا ئاتلىغان ئامرىقى ئادىلجاننى ئاسرىشىنى، ئازاپ ئارلاش ئاگاھلاندۇردى. ئابلاجان ئاسىگۈلنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشلىرىن ئاڭلىماي، ئاسىگۈل، ئادىلجانلارنى ئاخىرى ئاتۇشقا ئاپارغۇزىۋەتتى. ئاسىگۈلنىڭ ئاچچىقلىنىشى ئاقمىدى. ئابلاجان ئاتۇشنى ، ئاسىگۈللارنى ئانچە ئارلىماي، ئالتە ئايالىنى ئاجايىپ، ئايۋان، ئارامگاھلاردائايلاندۇرۇپ،ئاياللىرىنىڭ ئاغزىدا ئاتىغانلىرىغا ئاقچىلىرىنى ئاتاۋەردى. ئاياللارمۇ ئابلاجاننىڭ ئالدىدا ئارتىسەك ئايلىنپ، ئابلاجانغا ئامراقلىقىنى ئايانلاپ، ئاماللاپ، ئارقا-ئارقىدىن ئابلاجانغا ئاياغ، ئاسىدىغانغا ئالتۇنلارنى ئالغۇزىۋەردى. ئابلاجان ئاياللىرىنىڭ ئارسىدا ئاجايپ ئالقىشلىنىۋاتقاندا ئالمۇتالىق ئالمىچىلار ئابلاجاننىڭ ئالمىلىرىنى ئالماي، ئابلاجاننىڭ ئالمىچىلىقى ئاقمىدى. ئاساسلىقى ئابلاجاننىڭ ئالمىلىرىغا ئالا، ئاجاق ئالمىلار ئارلاشقاچقا، ئالمۇتالىق ئالمىچىلار ئابلاجاننى ئالدامچى ئاتاپ، ئارىنى ئايرىپ، ئابلاجانى ئارسىغا ئالمىدى. ئابلاجان ئامباردىكى ئالمىلارنى ئاقچىغا ئايلاندۇرالماي، ئازاپلاندى. ئابلاجاننىڭ ئاياللىرىمۇ ئابلاجانغا ئالىيىپ، ئابلاجاننىڭ ئالى ئايۋان، ئارامخانىلىرىنى ئالارمەنلەرگە ئاستىرىتتىن ئالدىنئالا ئاقچىغا ئالماشتۇرۇپ، ئابلاجاندىن ئاسانلا ئايرىلىپ ، ئاللىقاياقلارغا ئاتلاندى. ئابلاجان ئالتە ئايالىغا، ئاللىكىملەرنىڭ ئالدامچىلىقىدىن ئازاپلىنىپ، ئاخىرەتنى ئارزۇلاۋاتقاندا ئاتۇشتىكى ئايالى ئاسىگۈل ئابلاجاننىڭ ئالدانغانلىقىدىن ئالەمچە ئازابلىنپ، ئابلاجاننىڭ ئاتۇشتىكى ئارلاشقان ئاغىينلىرى ئارقىلىق ئابلاجاننى ئالمۇتادىن ئاتۇشقا ئاتلاندۇردى. ئابلاجان ئايالى ئاسىگۈل، ئامرىقى ئادىلجاننىڭ ئالدىدا، ئالەمچە ئاھانەت ئازابىدا ئارسالدىلاشتى. ئاسىگۈلمۇ ئابلاجاننى ئاۋالقىدەكلا ئاياپ، ئاياللارنىڭ ئالىيجاناپلىقىنى ئاشكارلىدى.
ئابلاجاندەك ئانچىكىم ئارزۇدا، ئازغۇن ئاياللار، ئاڭسىز ئالدامچىلارغا ئالدىنىۋاتقانلار، ئابلاجاننىڭ ئالدانغانلىقىغا ئاساسلىنىپ، ئاسانلىقچە ئالدامچىلارنىڭئالدىشىدىن ئاگاھلىنىڭلار... ئاقچىلىرىڭلارغا ئاشىقلىنىپ، ئالدى-ئارقاڭلاردا ئايلىنىۋاتقان ئازغۇن، ئالۋاسىت ئاياللارغا ئالدانماي، ئائىلەڭلارنى ئاسراڭلار.....
                      ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر).

ADiL يوللانغان ۋاقتى 2014-6-3 21:37:09

ياخشى يېزىپ كېلىۋاتىسىز، مەن تۆنۈگۈنكى ئىنكاسىمدا دېگەندەك تىنىش بەلگىسى (چېكىت، پەش، ئۈندەش، سۇئال،...) لاردىن كېيىن بىر دانە بوشلۇق قۇيۇشقا ئادەتلىنىڭ، بولمىسا سۆز جۈملىلەر بىر-بىرىگە ئۇلىنىپ، ئوقۇغان ئادەمگە قىستاڭچىلىق بولۇپ كەتكەندەك تۇيغۇ بېرىپ قويىدىكەن.

757186521 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-5 08:46:35

ئەجرىڭىزگە كۆپ رەھمەت
بەت: [1]
: ئابلاجاننىڭ ئالدىنىشى (سانائىل ھەرىپلىك سۆز ئويۇنى)