تائام تورىغا سىزمۇ قوشۇلۇڭ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا muradilsoft تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-6-2 19:05ئەسسالام تورداشلار، سىلەرنىڭ ئېسىل ھەم قولايلىق بولغان غىزالىنىشىڭلارئۈچۈن شىركىتىمىز يېڭى بىر مەھسۇلاتنى بازارغا سالدۇق، ئۇ بولسىمۇ سىزنىڭ تاماق كاتىپىڭىز —مۇرادىلسوفت تائام تورى.
تور بېكىتىمىز دۇنيادىكى بارلىق ئۇيغۇر ئاشخانىلىرىنى كىرگۈزۈشنى نىشان قىلغان بولۇپ، ئۇيغۇر تائاملىرىنى سۆيىدىغان ھەر مىللەت خەلقىگە خىزمەت قىلىدۇ، ئەگەر سىز ئىچكىر ئۆلكىلەرگە سودا ياكى ئۆگىنىش دېگەندەك ئىشلار ئۈچۈن بېرىپ ئاشخانا تاپالماي يۈرگەن بولسىڭىز ئەمىسە تائام تورىغا بىر چىقىپ ئىزدەپ بېقىڭ. ئەگەر شىنجاڭ ئىچىدە بولسىڭىز، سىرتتا غىزالانماقچى بولۇپ قايسى ئاشخانىغا بېرىشنى بىلەلمەي قالغاندىمۇ تائام تورىغا چىقسىڭىز بولىدۇ، تائام تورى تورمۇشىڭىزدىكى تائام كاتىپىڭىزغا ئايلانغۇسى.
تور بېكىتىمىز ئېلان قىلىنغان بۇ بىر ئاي ئىچىدە ئىچكىردىكى كۆپ ئاشخانىلارنى كىرگۈزدۇق، شىنجاڭ ئىچىدىكى ئاشخانىلارنىڭ ئۇچۇرلىرىنى ئاشخانا ئىگىلىرى ياكى تورداشلىرىمىزنىڭ بىزگە تەمىنلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئاشخانا خوجايىنلىرى بىز بىلەن ئالاقىلىشىپ ئۆز ئاشخانىسىنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇرلىرىنى بىزگە تەمىنلەپ بەرسە بولىدۇ، ئۇزۇنغا قالماي تائام تورى بىلەن شىركىتىمىزنىڭ ئاشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى باغلىنىدۇ، تائام تورىدا ئۆز ئاشخانىڭىزنىڭ تاماق تىزىملىكىنى چىقىرالايسىز ۋە توردا تاماق بۇيرۇتۇش قاتارلىق ئىقتىدارلار يولغا قويىلىدۇ.
ھە ، ئەمدى ئەڭ ئىسىل گەپتىن بىرنى قىلاي، ئاشخانا باشقۇرۇش يۇمشاق دېتالى مىللىتىمىزنىڭ ۋە رايونىمىزنىڭ تەرەقىياتى ئۈچۈن ئەسلىدىكى نەچچە مىڭ ھەتتە ئون نەچچە مىڭ يۈئەندىن پەقەت بىر كومپىيۇتېرىڭىز ۋە ئاشخانا پىرىنتىرىڭىز ۋە تېلىفونىڭىز بولسىلا ئەڭ ئىسىل يۇمشاق دېتالنى كۈنلۈك ھەق تۆلەپلا ئىشلىتەلەيسىز ئۇندىن باشقا ئايلىق ھەقسىز سىناقتا ئىشلىتىش پۇرسىتى ئاشخانا ئىگىلىرىنى كۈتمەكتە.
تور بېكىتىمىزنىڭ ئۈندىدار سۇپىسىمۇ بار بولۇپ، تور بېكەتنىڭ تېلىفون نۇسقىسى قوشۇلغان تېلىفوندا تەكشۈرۈش تېخىمۇ ئاسان.
تۆۋەندە تور بېكىتىمىزنىڭ بىر قىسىم رەسىملىرىنى كۆرسىتىپ ئۆتەي:
http://muradilsoft.com/munber/data/attachment/forum/201406/02/183439vvr7a3z7fffn6597.png
http://muradilsoft.com/munber/data/attachment/forum/201406/02/18344176iu6pk6e6ui633u.png
http://muradilsoft.com/munber/data/attachment/forum/201406/02/183443vxxa0ap0brijaxv7.png
http://muradilsoft.com/munber/data/attachment/forum/201406/02/183618ngqs9qlnn5nizspo.png
http://muradilsoft.com/munber/data/attachment/forum/201406/02/183621dl6ncp6pwsh0622l.png
http://muradilsoft.com/munber/data/attachment/forum/201406/02/190124sdbstaarsbxtsxfv.png
قورسىقىڭىز كوركىراپ كەتكەندۇ؟ قېنى تائام تورىغا مەرھەمەت
تائام تورى
تور بېكىتىمىزگە قوشۇلماقچى بولسىڭىز مۇشۇ تېما ئاستىغا ئىنكاش يازسىڭىز ياكى مەنبە تېمىنى چېكىپ كىرىپ ئىنكاس يازسىڭىز ياكى سۆز قالدۇرسىڭىز بولىدۇ.
ئالاقىلىشىڭ:
تائام تورى مەھسۇلات دېرىكتورى : ياقۇپجان ئەنۋەرئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
QQ:568644084
مەن يەنى شىركەت قۇرغۇچىسى : مۇرادىلجان ئەختەم ئالاقىلىشىش ئۇسۇلى
QQ:1509921978
تېخىمۇ كۆپ ئالاقىلىشىش ئۇسۇللىرىنى شىركەت بېتىدىن كۆرۈڭ
شىركەت ئالاقىلىشىش بېتى
مەنبە:
مۇرادىلسوفت مۇنبىرىدىكى تېما:
تائام تورى تۇمۇشىمىزنىڭ بىر قىسمىغا ئايلانغۇسى
-مۇرادىلسوفت بۇ تور دۇنياسىدىكى ھەقىقىي بىر يېڭىلىق ۋە پايدىلىق بېكەت بولۇپتۇ، بۇ خەلقىمىز ئۈچۈن ياخشى پايدىلىنىش بولغۇدەك، ئاپىرىن سىلەرگە. ئۇيغۇر تائاملىرىنىڭ يېڭىچە يۈزلىنىشكە باشلانغانلىقىنى كۆرۈپ يەتتىم. رەھمەت سىلەرگە. ADiL يوللىغان ۋاقتى2014-6-3 00:43
بۇ تور دۇنياسىدىكى ھەقىقىي بىر يېڭىلىق ۋە پايدىلىق بېك ...
پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن تىرىشىمىز، قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت!
بەت:
[1]