ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 23:17:23

تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكىسىنى كۆرۈپ باقايلى ......

تاماكا چېكىش سالامەتلىككە زىيانلىق تۆۋەندە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكىسىنى كۆرۈپ باقايلى ...

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/639dcc87/

تېڭشۈن تورى 1- ئىيۇن خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى، دۆلىتىمىز تاماكا ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئىستىمال قىلىشتىكى چوڭ دۆلەت، يىللىق تاماكا ئىستىمالى پۈتۈن دۇنيا تاماكا ئىستىمالىنىڭ ئۈچتىن بىرىدىن كۆپرەكىنى ئىگەللەيدۇ. جۇڭگودا تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئومۇمىي سانى 300 مىليوندىن ئاشىدۇ. دۆلىتىمىز ئالدىنى ئېلىش مېدىتسىناسى ئىلىم-پەن جەمىيىتىنىڭ مۆلچەرلىشىچە، يەنە تەخمىنەن 400 مىليون ئادەم تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن. دېمەك دۆلىتىمىزدىكى 700 مىليون نوپۇش بىۋاستە ياكى ۋاستىلىك ھالدا تاماكىنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرايدىكەن.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/c1331062/

تاماكا ئىسى تەركىبىنىڭ 92% ئى كاربون چالا ئوكسىد قاتارلىق گازلار بولۇپ 8% ئى دانچىسىمان ماددىلار. بۇ دانچىسىمان ماددىلار كوكس مېيى دېيىلىدۇ، تەركىبىدە نىكوتىن، كۆپ ھالقىلىق ئاروماتىك كاربون ھىدرىد قاتارلىق خىمىيىلىك ماددىلار بار بولۇپ ھازىرغىچە ئىسپاتلانغان راك پەيدا قىلغۇچى ماددىلاردىن 40 خىلدىن ئارتۇقى بار.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/83df5372/

تاماكا نۇرغۇنلىغان راك كىسەللىكلىرىنى پەيدا قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن باشقا يەنە يۈرەك قان-تومۇر كىسەلللىكلىرى، نەپەسلىنىش سىستېمىسى ۋە ھەزىم قىلىش سىستېمىسى كىسەللىكلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ بالدۇر ئۆلۈشىگە سەۋەب بولىدۇ.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/d32818cb/

ئەنگلىيىدىكى بىر 40 يىللىق تەجرىبىدىن مەلۇم بولىشىچە، ئوتتۇرا ياش مەزگىلىدە تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆلۈش نىسبىتى تاماكا چەكمەيدىغانلارنىڭكىدىن ئۈچ ھەسسە يۇقىرى بولىدىكەن.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/6da3fcc1/

تاماكا چېكىشنىڭ سالامەتلىككە بولغان خەتىرى ئىنتايى چوڭ، بىراق تاماك تاشلىغاندىن كىيىن تاماكىنىڭ زەھەرلىك تەسىرى بارغانسېرى ئازلايدۇ ھەمدە كۆپ قىسىم كېسەللەر ئوخشىمىغان دەرىجىدە تەتۈر يۆنىلىشكە يۈزلىنىپ كېسەللىك ئەھۋالىدا ياخشىلىنىش بولىدۇ.

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/e635f504/

تاماكىنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمۈرگە بولغان تەسىرى، بىر دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، تاماكا چېكىدىغان ۋە چەكمەيدىغانلارنى سېلىشتۇرغاندا، چېكىدىغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆمرى 10 يىل ئازلاپ كېتىدىكەن.

ھاياتنى قادىرلەپ تاماكا دېگەن نىجىستىن يىراق تۇرايلى !!!

مەنبە: نۇر تورى

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 23:27:48

توغرا، تاماكىنى قەتئىي چەكلەش كېرەك.
بۈگۈن كەچتىكى تېلېۋىزىيە خەۋىرىگە قارىغاندا برازىلىيە سەھىيە ئورگىنى تۆنۈگۈندىن تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىتىلغان جازالاش تەدبىرىنى ئوتتۇرغا قويغان بولۇپ، بۇ يىل 8- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ رەسمىي ئىجرا قىلىنىدىكەن. خەۋەردە كۆرسىتىلىشىچە: برازىلىيە ھۆكۈمىتى تاماكا چەكلەش قانۇنىنى 2010- يىلى تۈزۈپ چىققان بولسىمۇ بىراق ئېنىق ۋە كەسكىن بولغان جازالاش تەدبىرى بولمىغانلىقتىن، مەزكۇر تاماكا چەكلەش قانۇنىنى ئىجرا قىلىش كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان، بۇ قېتىمقى تاماكا چەككۈچىلەرگە قارىتىلغان جازالاش تەدبىرىنىڭ ئوتتۇرغا قويۇلۇشى مۇھىم رىئال ئەھمىيەتكە ئىگە دەپ قارالدى.

دېھقان يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 23:32:47

ئادەمنى قورقۇتۇپلا قويدىڭىزغۇ.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-1 23:46:49

تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بار ئادەملەردىكى ئۈچ چوڭ خەتەر-يۇقىرى قان بېسىم، قاندىكى ماي تەركىبى يۇقىرى بولۇش ۋە تاماكا چېكىشتىن ئىبارەت. تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى ياكى يوشۇرۇن ھالىتىدىكى تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بولۇپ، دىئاگنوزى ئېنىقلانغان كۆپلىگەن ئادەملەر كۆپ مىقداردا تاماكا چەككەندىن كېيىن ئۆلۈپ كەتكەن. ئۇلارنىڭ ئۆلۈشىگە ئۆتكۈر يۈرەك ئىنفاركىتى سەۋەب بولغان.
ئادەم ئۆلتۈرىدىغان قاتىل-نىكوتىل. نىكوتىل قان تومۇرنى سىپازما قىلىپ، يۈرەك ھەرىكىتىنى تېزلىتىدۇ. قان بېسىمىنى ئۆرلىتىدۇ. ھەر قېتىم يۈرەك قىسقارغاندا سىقىپ چىقىرىدىغان قان مىقدارىنى تۆۋەنلىتىدۇ ھەمدە يۈرەك نېرۋىسىنىڭ ئۆتكۈزگۈچى رولىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ.
نىكوتىن خولېستىرولنى ئاشۇرىدۇ ھەم قان تومۇر دىۋارىنىڭ ئۆتكۈزۈشچانلىقى ئۆزگەرتىپ، خولېستىرولنى قىزىل قان تومۇرىنىڭ دىۋارىغا چۆكتۈرۈپ، قىزىل قان تومۇرىنىڭ قېتىشىشىنى پەيدا بولىدۇ.
تاماكا چېكىش قان تەركىۋىدە كاربون تۆت ئوكسېدنى كۆپەيتىپ، ئوكسېگىننىڭ تەركىۋىنى ئازايتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن تەن توقۇلمىلىرىدا ئوكسېگىن يېتىشمەي، يۈرەكنىڭ ئۆزىگە كېرەكلىك قان مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئېشىپ، يۈرەكنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرىدۇ.
ئەگەر يۈرەكنى قان بىلەن تەمىنلەيدىغان تاجىسىمان قان تومۇرى قىسقىرىۋالسا ۋە قىزىل قان تومۇرى قېتىشسا، يۈرەك يېتەرلىك <ئېنىرگىيە> گە ئىگە بولالماي، يۈرەك سانجىغى ياكى يۈرەك ئىنفارتىكى پەيدا بولىدۇ.
شۇ نەرسە ئىسپاتلاندىكى، ھەر كۈنى 20 تال تاماكا چېكىدىغانلاردا تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بولۇش خەۋىپى تۇغۇلىدۇ ۋە خولېستىرول كۆپىيىپ قاندا %400mg گە يېتىپ بارىدۇ ياكى قان بېسىمىنىڭ يۇقۇرى بېسىمى 250 مىللىمېتىر سىماب تۇۋرۇركىگە يېتىش ئەھۋالى كۆپرەك ئۇچرايدۇ. تاماكا چېكىدىغانلاردا تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بولىدىغانلارنىڭ نىسبىتى 3~2 ھەسسە ئارتۇق بولىدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن تاجىسىمان قىزىل تومۇرلۇق يۈرەك كېسىلى بىلەن ئاغرىغانلار يۈرەكنى ۋە سالامەتلىكنى ئاسراش ئۈچۈن ھەرگىز تاماكا چەكمەسلىك لازىم.

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 00:15:05

خەپ بىرەسىڭلار ئاخسالىق قىلىپ، ئۈستىدىكى بىرىنجى رەسىمنى باش سۈرىتى قىلىۋالماڭلا جۇمۇ:lol

غىلاپ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 00:31:36

ئالمىچى2 يوللىغان ۋاقتى2014-6-2 00:15
خەپ بىرەسىڭلار ئاخسالىق قىلىپ، ئۈستىدىكى بىرىنجى رەسى ...

قايسىرېسىمنىدەۋاتىسىز ؟رېسىمچىقىدىغانيەردەقوشسىترىلكاپىلىلداپچۆرگىلەيدۇ ، رەسىميوق ! رەسىمكۆرىنىدىغانقىلىپيوللاپبەرگەنبولسىڭىز ، بىركۆرۈۋالغانبولسام ؟

ئالمىچى يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 00:48:37

غىلاپ يوللىغان ۋاقتى2014-6-2 00:31
قايسىرېسىمنىدەۋاتىسىز ؟رېسىمچىقىدىغانيەردەق ...

مۇشۇ رەسىمنى، پەقەت كۆرەلمىسىڭىز تور كۆرگۈچتە ئىچىپ كۆرۈڭ

http://pic2.qnpic.com/doimg/adilahtam/8773b20f/

غىلاپ يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 01:11:27

كەچۈرۈڭ ، مۇشۇرەسىمدىگىنىڭىزقايسىرەسىم ( مېنىڭكومپىيۇتېرىمدارەسىمكۆرۈنمىدى ) ، تور كۆرگۈچتە رەسىمنىقانداقئاچىدۇ ، بۇلارنىبىلمەيمەن . لېكىن   سىزنىيەنەئاۋارەقىلغۇم يوق .

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 16:48:12

تاماكا ، ھاراق قاتارلىقلار ئىنسانلار ئۈچۈن ئەڭ چوڭ ئاپەت .

شاھيار88 يوللانغان ۋاقتى 2014-6-2 17:55:41

مەن مۇشۇ تاماكا دىگەن نەرسىنى تاشلىغىلى 5 يىل بولدى. ئۆپكەم ئەسلىگە كەلگەنمىدۇ؟:lol
بەت: [1] 2 3
: تاماكا چەككۈچىلەرنىڭ ئۆپكىسىنى كۆرۈپ باقايلى ......