aysajan1972 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 15:53:26

ياشلىقنى ئىزدەش - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)

ياشلىقنى ئىزدەش
ئەيساجان تۇردى ئاچچىق
ئوماق سىڭلىم!سەن بۈگۈن ياشلىق باھارىڭنىڭ بىرىنچى پەلەمپىيىگە قەدەم ئېلىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىسەن.بۈگۈن سىېنىڭ 18ياشقا تولغان كۈنۈڭ!مۇستەقىل ،چىن ئادەم بولغان كۈنۈڭ!ھاياتقا مەزمۇت قەدەم باسقان كۈنۈڭ! بوينۇڭغا تىل تۇمار ئاسقان كۈنۈڭ! دۇنياغا باشقىچە نەزەر سالغان كۈنۈڭ! رىقابەتلىك ھايات رېتىمىگە ھەيران قالغان كۈنۈڭ! تۇرمۇش قايناملىرىغا ئاجايىپ يېڭى سۇئاللارنى قويغان كۈنۈڭ!
ئەمدى سېنىڭغەمسىز، بىپەرۋا... ئۆتكەن كۈنلىرىڭگە خاتىمە بېرىلدى. ھەدىسىلا خالىغانچە كۈلىدىغان خالىغانچە يىغلايدىغان، بۇ دۇنيانى ئالقىنىڭغائېلىۋېلىپ، خالىغانچە چۇۋۇپ تاشلايدىغان... گۈزەل بالىلىقىڭ قۇشقا ئايلىنىپ ئاشۇ چەكسىز ئورمانلىققا ئۇچۇپ كەتتى.
ئەمدى سېنىڭ ‹‹ھۇقۇق››لىرىڭ ‹‹مەسئۇلىيەت››كە ئايلىنىشقا باشلىدى.
تەلەپچان داداڭنىڭ بەرىكەتلىك قولى، مىھرىبان ئاناڭنىڭ ئوتلۇق باغرى... سېنى ئەڭ گۈزەل ھايات پەسلىڭ بولغان ياشلىق دەۋرىڭگە باشلاپ كىردى. ئەمدى سەن ئىچكەن ھەر بىر يۇتۇم سۈيۈڭنىڭ، باسقان ھەر بىر قەدەم يولۇڭنىڭ، تىنغان ھەر بىر تىنىقىڭنىڭ، قىلغان ھەر بىرقىلىڭلىرىڭنىڭ... جاۋاپكارى بولىسەن. تەپەككۇرقىلىدىغان ياشلار ئۈچۈن بۇ دۇنيا لىقمۇ-لىق ھىكمەتكە تولغان. تۇغۇلۇشنىڭ ئۆزى بىر ھىكمەت، ئۆلۈممۇ بىر ھىكمەت. ھەر بىر ھايات دوقمۇشلىرىدىكى ھىكمەتنى پەرق ئېتەلمىسەڭ قىسمەتكە دۇچار بولىسەن. ئەتراپتىكى ھەر بىر شەيئى سېنى پىكىر قىلىشقا، ئىجتىھات قىلىشقا، جۈرئەتلىك بولۇشقا، تىرىشچان بولۇشقا ئۈندەيدۇ.
      بەزىدە سەن بىر نەرسەڭ كەمدەك بولۇپ ئاللىنىمىلەرگىدۇ مۇھتاج بولىسەن. مۇھتاجلىق ياشلىق باھارىڭنى، كۈچ-قۇدرىتىڭنى، غەيرەت-جاسارىتىڭنى ئۇرغۇتىدۇ. بەخت قەلئەسى كۈندىن-كۈنگە سېنى جەلىپ قىلىشقا باشلايدۇ. مەكتەپ قوينىدىن چىقىپ كەتسەڭ ‹‹تۈرمە››دەرۋازىسى ئالدىغا بېرىشقا مەجبۇربولىسەن. سۈزۈك ۋە تاتلىق سۇلۇق ‹‹پاكلىنىش كۆلى››دە يۇيۇنۇشنى خالىمىساڭ، يۇقىرى گىرادۇسلۇق‹‹ئوت دېڭىزى››غا سەكرىمەسلىككە چارەڭ يوق. بىر كۆزۈڭدىن شەرم-ھايا، بىر كۆزۈڭدىن ئەقىل-پاراسەت بۇلدۇقلاپ تۇرسا كىممۇ ساڭا يامان كۆزىدە قارىيالىسۇن؟! تەقدىر سېنى قانداقمۇ بوزارغان دوقمۇشلىرىدا خار قىلالىسۇن؟! سۆزۈڭ سۆزۈڭگە ئوخشىمىسا، كۆزۈڭ-كۆزۈڭگە ئوخشىمىسا، يۈزۈڭ-يۈزۈڭگە ئوخشىمىسا... ھاياتلىق سەپىرىدە قانداقمۇ ئۆزۈڭنى تاپالايسەن؟!
قويۇۋالغان قاشلىقىڭ ياشلىقىڭنىڭ بىردىنبىر بەلگىسى ئەمەس!؟پاكىز، يارىشىملىق، چىرايلىق، يۈرۈش زۈرۈر، ئەلۋەتتە!...
       سەن بىر كۆزىگە‹‹پۇل›› دىگەن خەتنى، يەنە بىر كۆزىگە ‹‹ئىشرەت›› دىگەن خەتنى يېزىۋالغان نادان قىزلارغا ئەسلا ئوخشىمايسەن.بەزى قىزلار بەختنى ھاراق رۇمكىسىدىن، تاماكىنىڭ كۆكۈش ئىسىدىن ئىزدىمەكتە. يەنە بەزى قىزلار بولسا، تۈرلۈك ‹‹خانا››لاردا ياشلىق باھارىنى يۈتتۈرۈپ قويۇشماقتا. ئۇلارمۇ كەلگۈسىدە ئانا بولۇپ ‹‹بىر قولىدا بۆشۈكنى، يەنە بىر قولىدا دۇنيانى تەۋرەتمەكچى›› ئىدىغۇ؟! بىراق ئۇلار ‹‹ئانا›› بولماي تۇرۇپلا‹‹موماي›› بولۇپ كەتتى.
       ئەتراپىڭغا سىنچىلاپ قارىساڭ تىرىشچان قىزلارنى، ھايالىق قىزلارنى، ۋاپادار قىزلارنى، قەيسەر قىزلارنى... ناھايىتى كۆپ ئۇچرىتالايسەن. ئۇلارنىڭ قەلىپ دۇنياسىدىكى بەخت باشقىچە بولسا كېرەك. ئۇلار جاپالىق ئىزدىنىشتىنمۇ، گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ، ئەل سۆيگۈسىدىنمۇ...مەست بولالايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى ۋەتەننىڭ، يۇرتنىڭ، ئەلنىڭ غۇرۇرى ھىساپلايدۇ. ئۇلار ئۆزىنىڭ بۇ دۇنياغا كېلىش ۋە كەتمىشىنى ئويۇن-تاماشا، يەپ-ئىچىش ئەمەس بەلكى، شان-شەرەپ، ئار-نۇمۇس، ئىجاد قىلىش دەپ چۈشۈنىدۇ. ئۇلارنىڭ ئىلىم ئېلىش سەپىرىدىكى تىرىشچانلىقى ۋە ئەخلاق-پەزىلىتى كىشىنى ھەقىقەتەن تەسىرلەندۈرىدۇ. كەلگۈسىدە ئۇلار ئەڭ مۇنەۋۋەر،ئەڭ ئۇلۇغ ئانا بولالايدۇ.
   سېنىڭ كۆزۈڭ قارا، قېشىڭ قارا، چېچىڭمۇ قارا...بىراق كۆڭلۈڭ قارا ئەمەس، يۈزۈڭ قارا ئەمەس، يولۇڭ قارا ئەمەس... ئازات زامان ۋە يېڭى دەۋر ساڭا داغدام يوللارنى ھەدىيە قىلدى. جاھالەت قاپلىغان ئاشۇ يىراق دەۋرلەردە‹‹يارىتىلىشتىنلا ئوغۇللار ئەزىر، قىزلار خار يارىتىلغان›› دەپ قارىلىپ، ساناقسىز قىزلار خارلانغان ئىدى. ‹‹قىزلار مەكتەپتە ئوقۇسا يامان بولىدۇ›› دەپ قارىلىپ نۇرغۇن قىزلار ساۋاتسىز قالدۇرۇلغان ئىدى. ‹‹قىزلار پىشكەللىكنىڭ مەنبەسى ››دەپ قارىلىپ، نۇرغۇن قىز بوۋاقلار تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن ئىدى. تارىخ ئاشۇ قىزلارنىڭ قان-ياشلىق قىسمەتلىرىنى مەڭگۈ ئۇنتۇپ قالمايدۇ.
       ئوماق سىڭلىم! بۈگۈنكى دەۋر ھەرگىز ئۇنداق قارىمايدۇ. قىزلارنى ‹‹كائىناتنىڭ جۇلاسى، ھاياتلىقنىڭ مەنبەسى، دۇنيانىڭ ئېگىسى››دەپ تەرىپلەيدۇ. ئەمدى گەپ سەندە قالدى. سەن ياشلىقىڭنى قانداق ئىزدىمەكچى؟! قانداق بېزىمەكچى بولىۋاتىسەن؟! نۇرلۇق قۇياش بولالمىساڭ، تۈندە چاقنىغان چولپان بولساڭمۇ مەيلى! گىگانت قارىغاي بولالمىساڭ، بىر تۈپ ياۋا ئەتىرگۈل بولساڭمۇ مەيلى! سەنمۇ چوقۇم دوكتۇر بولالايسەن! دىرىكتور بولالايسەن! مەيلى نىمە بول چىن ئادەم بولۇشنى، ئەڭ مۇنەۋۋەر ئانا بولۇشنى ھەرگىز ئۇنتۇپ قالما؟!
       بۇ دۇنياغا ساناقسىز ئۈنچە-مارجانلار چېچىلغان. ئاشۇ ئۈنچە- مارجانلاردا سېنىڭمۇ نېسىۋەڭ بار، ئەلۋەتتە! ئەڭ مۇھىمى ‹‹ئۆزۈڭنىڭمۇ ئەڭ گۈزەل گۈل ئىكەنلىگىڭنى،ئۆزۈڭدىمۇ ساناقسىز ئۈنچە-مارجانلارنىڭ بارلىقىنى››ھىس قىلالىشىڭ،تۇنۇپ يېتەلىشىڭ كېرەك.
      ياشلىقىنى تاپالمىغان ئادەم بۇ دۇنيادا ھىچنىمىنى تاپالمايدۇ.يوقاتقان نەرسىلىرى ھامان كۆپ بولىدۇ.قېرىغان چاغلىرىدا پۇشايمان قاچىلىرى توشۇپ قالىدۇ.ئۆلۈم ئالدىدا ئۇلار قانداقمۇ ئۆز ھاياتىدىن سۆيىنەلىسۇن؟!قانداقمۇ ئۆزىنى ئاقلاشقا جۈرئەت قىلالىسۇن؟!
       ئوماق سىڭلىم! ئەنە گۈزەل ياشلىق، گۈزەل كېلەچەك،رىقابەتلىك تۇرمۇش،قايناق ھايات، بىپايان دۇنيا سېنى چاقىرماقتا! ساڭا قول سىلكىمەكتە! بۇ دۇنيادا سەن قىلغۇدەك ھالال خىزمەت، سەن قىلغۇدەك ياخشى ئىش ناھايىتى كۆپ. يۈر! ياشلىقىڭنى ئىزدە!گۈزەللىكنى سۆي! ئۆزۈڭنى چۈشەن!
      مەن سېنىڭ ۋە سېنىڭ قۇرداش دوستلىرىڭنىڭ ياشلىق پەسلىگە كىرگەنلىگىڭلارنى چىن دىلىمدىن تەبرىكلەيمەن! چۈشكۈنلۈك زەنجىرلىرى قولۇڭلاردىكى ئۈمىد قۇشلىرىنىڭ پەرلىرى بىلەن ئۈزۈلگەي!مۇھەببەتلىك قاراشلىرىڭلاردىن دۇنيا گۈل-چېچەككە پۈرگەنگەي! سېلەرگە يامان كۆزىدە قارىماقچى بولغانلارنىڭ كۆزلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن تۇتۇلغاي! ياخشىلىق مەڭگۈ سىلەرگە يار بولغاي! ياشلىق سىلەردە ئۆز ئىپادىسىنى تاپقاي!كېلىچىگىڭلار سىلەر كۆرگەن ئەڭ شىرىن چۈشۈڭلاردىنمۇ بەكرەك گۈزەل بولغاي! ياشلىقىڭلارنى ئىزدەش سەپىرىڭلار ئامان-ئېسەنلىك، ئاسايىشلىق، بەرىكەتلىك ۋە ھەمكارلىق ئاساسىدا داۋام قىلغاي!!!..
ئەسكەرتىش: روھلان تورىدا ئېلان قىلغان ئەسەرلىرىمنى باشقا تورلاردا ئېلان قىلماقچى بولسىڭىز بېكەت باشلىقى ئادىلجاننىڭ رۇخسىتىنى ئالغاندىن كېيىن،روھلان تورى ۋە ئەسەرلىرىمنىڭ ئادرىسىنى ئەسكەرتىپ ئېلان قىلىڭ.
ئاپتۇر: كەلپىن ناھىيەلىك ئەدەبىيات-سەنئەتچىلەربىرلەشمىسىدىن

ئەزھەر36 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 16:15:45

ئەيساجان تۇردىنىڭ يەنە بىر نادىر ئەسىرىنى ئوقۇپ بەك سۆيۈندۈم ، نادىر ئەسەرلىرىڭىز ئۈزۈلۈپ قالمىغاي .

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 20:51:47

نادىر ئەسەرلىڭىز ئۇزۇلۇپ قالمىسۇن يەنمۇ تىرشىڭ.

13899720018 يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 21:43:22

راس دەيدۇ .ياخشى مەزمۇن ئىكەن .{:1_1:}

دىلىغۇل يوللانغان ۋاقتى 2014-5-30 23:51:09

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دىلىغۇل تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-30 23:53

ماچىرايئىپادىللىرىنىڭ ئارىسىدا خو دىگەننىڭ بەلگىسى يوقكەنغۇ .بىرنەچچىنى بىرۋىتەي دىسەم .ئىسىل جۇمۇ ئەسەرلىرىڭىز.
بەت: [1]
: ياشلىقنى ئىزدەش - (ئەيساجان تۇردى ئاچچىق)