yolbax يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 01:18:10

نۇرلان كومپيۇتېر تېخنىكا تورى قۇرۇلدى

ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
نۇرلان كومپيۇتېر تېخنىكا تورى رەسمى ھالدا ئېچىۋىتىلدى،تور بىكتىمىز ئاساسلىقى كومپيۇتېرتۈرلۈك يۇمشاق دىتاللىرىنى ئېچىش تەرجىمە قىلىش، ،تۈرلۈك سۈرەت بىر تەرەپ قىلىش بىلىملىرى توغرىسدا پىكىر ئالماشتۇردىغان كۆڭۈلدىكدەك سورۇن،كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىكتىمىزنىڭ تەرەققىياتى ۋە ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال تەرەققىياتى ئۈچۈن بىكتىمىزدە ھەمسۆھپەت بولىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

بىكتىمىزنىڭ ئاساسلىق نىشانى ئۇيغۇرچە ھەقلىق يۇمشاق دىتاللارىنى قوللاش ، ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىنى زور كۈچ بىلەن قوللاش شۇنداقلا ئۇيغۇرچە يۇمشاق دىتال تەرەققىياتنى ئېلگىرى سۈرۈش.

سىزنىڭ بىكتىمىز ئارقىلىق كومپيۇتېر يۇمشاق دىتال بىلىملىرى ئېگىللىشىڭىزنى قىزغىن قارشى ئالىمىز،بىكتىمىز تۈرلۈك كومپيۇتېر بىلىملىرى توغرىسىدا پىكىر ئالماشتۇردىغان كەڭ بىلىم سورۇنى،كەڭ كومپيۇتېر ھەۋەسكارلىرىنىڭ بىكتىمىزگە ئەزا بولىشىنى ۋە ئۆزى يولۇققان مەسلىلەرنى ھەل قىلىشىنى قىزغىن قارشى ئالىمىز.

بىكتىمىز روھلان مۇنبىرى بىلەن ئۇزۇن مەزگىل ھەمكارلىق ئورنىتىشنى خالايدۇ،ۋە دوستانە ئۇلىنىشقا قۇشۇۋالىدۇ.

بىكتىمىز كەڭ ئۇيغۇر يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىنى كۈچلۈك قوللاش ئۈچۈن چوڭ ئېلان تاختىسى تەسىسس قىلدى. ئېلان تاختىسىغا ھەرقانداق شىركەت شەخىسلەر ئۈچۈن مەڭگۈھەقسىز ئېلان قۇيۇپ بىرىلىدۇ(پەقەت كومپيۇتېر يۇمشاق دىتاللىرى ئۈچۈن)،يۇمشاق دىتال شىركەتلىرىنىڭ بىزنىڭ ئېلخەت ساندۇقىمىزغا ئېلان رەسىمىنى ئەۋەتىپ بەرسە بولىدۇ,بىكتىمىز ھەرقانداق شەخىسنىڭ ھەقلىق كومپيۇتېر بىلىملىرىنى تەشۋىق قىلىپ بىرىدۇ،ئېلان ئۆلچىمىنى بىكتىمىز ئېلان تاختا ئۇچۇرىدىن كۈرۈڭ.

بىكتىمىز بارلىق مۇنبەر ئاتامانلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدۇ،بىكتىمىزنىڭ ئۇلانما تۇغ ئادرىسى:http://www.nurlansoft.com/bizlog.gif

ھۆرمەت بىلەن:نۇرلان كومپيۇتېر تېخنىكا تورى

تور بەت ئادرىسىمىز:www.nurlansoft.com

نۇرلان يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 13:50:31

ھەر نىمە بولسا مېنىڭ روھلاندىكى تور ئىسمىم بىلەن ئوخشاشكەنتور بېكىتىڭىزنىڭ نامى. ;P
بېكىتىڭلارنىڭ روناق تېپىشىغا تىلەكداشمەن.

rabbiy يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 13:50:48

ياخشى تېخىمۇ تىرىشىڭلا، ئەجەپ ھېچكىم ئىنكاس يازماپتا، ئۇزۇن ھەمكارلىق دېسىمۇ،

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 20:16:35

تور بېتىڭلارنىڭ ئۇيغۇر تورچىلىقىدا ئىسمى- جىسمىغا لايىق نۇرلىنىپ قۇدرەت تېپىشىغا تېلەكداشمەن.

جام يوللانغان ۋاقتى 2014-5-29 20:18:53

نۇرلان يوللىغان ۋاقتى2014-5-29 13:50
ھەر نىمە بولسا مېنىڭ روھلاندىكى تور ئىسمىم بىلەن ئوخشا ...

نېمىدىگەن قىزىقارلىق توغرا كېلىپ قېلىش بۇ، ئۇنداقتا ئاكتىپلىق بىلەن بۇ مۇنبەرگىمۇ قاتنىشىپ تۇرسىڭىز بولغۇدەك، «مۇنبەردىكى ئوبراز ئەلچىسى» بولۇپ كېتەمسىز تېخى بۇ نام بىلەن {:6_276:}
بەت: [1]
: نۇرلان كومپيۇتېر تېخنىكا تورى قۇرۇلدى