[يۇمۇر]لايىق ئىزدەش ئېلانى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Tursun007 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-27 14:57بويتاقلىق ئېشەكنىڭ ھەلەپ يييىشىدىنمۇ ، تەس بولغاچقا ئۇشبۇ ئىلان چىقىرىلىدى .....
كەمىنە تۇشۇك قازان كەنىتى ، چۇۋۇق چويلا مەھەلىسىدىن . كىچىكىمدىن ئەقىللىق قەيسەر چوڭ بولغاچقا ، ئۇزۇمنىڭ ئۇيىنى تاپالماي قوشنىلارنىڭ ئۇيىگە كىرگەنلىكىم ئۇچۇن قوشنىلار «ھاماقەت كىچىك قاپ يۇرەك » دەپ ئىسىم قۇيۇپ قويدى ، مەنمۇ كۆڭلىنى قايتۇرمىدۇم .......
بوي ئىگىزلىكىم 2 گەز ياكى 3 گەز ، تەرقى تۇرقۇم قاملاشقان ، چىشىمنىڭ توتى ئالدىغا توتى كەينىگە چىقىپ تۇردۇ ، يېشىم كېچە بىلەن كۇندۇزنىمۇ ھىسابلىسام 38 ياش ، تەمبەل ، كۈچلۈك كەلگەن ئىككى پۇتۇمدا يەردە مەزمۇت تۇرالايمەن . ، يېرىم مەۋسۈم مەكتەپتە ئۇقۇغان ، يۇقۇردا دىگەندەك ئەقىللىق بولغاچقا مۇئەللىم مەن بىلەن «كۈچ ئېلىشىپ» بولالماي ، يا ئۇ يوقالسۇن يا مەن قالاي دەپ مەكتەپ مۇدىرغا دات ئېتقاچقا ، مىنىڭ تالانتىمنى بايقىغان مۇدىر مەكتەپتىن چىكىندۈرۋەتتى ، شۇ كۇندىن بۇيان ئۇزۇمنىڭ ئەقىللىق ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلدىم ..........
لايىقىمغا قويدىغان تەلىپىم : جىنسى چۇقۇم ئايال بۇلۇشى ، ئاق ، سېرىق ، قارا تەنلىك بولماسلىقى ، ئوبامانىڭ قىزىدەك ئابرويلۇق ئائىلىدەچوڭ بولغان بۇلۇشى كېرەك .يېشى چەكلەنمەيدۇ ، ھاياتىدا ئەرلەرنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلاپ باقمىغان بۇلۇشى ، دۇكتۇرلۇقتىن يۇقۇرى ئۇقۇش تارىخى بۇلۇشى ، تاماقنى چىۋىندەك ئاز يىيىشى ، تاماقنى ئىسىراپ قىلىپ چوڭ-كىچىك تەرەت قىلماسىلىقى كېرەك . ئەگەر پۇتۇشۇپ قالساق ، زەمبىلگە سېلىپ يۇتكەپ كىلىشتىن سىرىت ، پۇتۇن ئۆمۆرۇمدە تېزەك تىرىپ ئۇتۇشىگە 100% كاپالەتلىك قىلىمەن ، گىپىم گەپ ، لەۋزىمدىن يېنۋالمايمەن ھەرگىز ، بۇ ئۆلچەمگە سىزىپ قۇيغاندەك چۇشۇدىغانلار مەن بىلەن ئالاقىلىشىڭلار باشقلارنىڭ ئاۋارە قىلماسىقىنى ئۈمۈت قىلىمەن 70****15599
ئەگەر بۇ يۇمۇرغا كۇلمىگەنلەر مۇنبەردىن يۇمۇر ئىزدىمەي ئاستا بېرىپ ئۇزۇڭلارنى تەكشۇرتۇپ بېقىڭلار :lol مەنبەسى «بوۋام» دىن بۇيۇمۇرنىبوۋىڭىزسىزگەسۆزلەپبەرگەنمىدى؟ (چاخچاق ) ھا ھا ھا تازا كۈلۈپتىمەن ماۋۇ تېمىغا/mobcent/reply/../app/data/phiz/default/04.png/mobcent/reply/../app/data/phiz/default/04.png
来自安卓客户端 مەن تېخى تىما ئىسمىغا قاراپراست ئېلان ئوخشايدۇ دەپ ئويلاپ كىتىپتىمەن .. بۇلۇدىغان يۇمۇركەن . يۇمۇردەكلا يۇمۇركەن جۇمۇ؟ ما يۇمۇرغا ئارتۇقچە سۆزلىگىلى بولمىدى:lol بۇ يازمىنى ئاخىرىدا zaker219 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى2014-5-27 10:57
يۇمۇر نىڭ كىشلەرنى قىزىق تۇرۇش كۈچىمۇ كۆرنەرلىك بوپتۇ. قۇيۇلغان شەرتىڭىزگە قارىغاندا بويتاق قېلىشىڭىز ھەقگەن. ئەمما يەنىلا ئۈمىد باركەن چۈنكى ياش چەكلىمىسى يوقكەن ئەمەسمۇ. سىزگە ئامەت تىلايمەن. ئەگەر مۇۋاپىق بىرەسى چىقىپ قالسا تويغا بىزنىمۇ ئېيتىشنى ئۇنۇتماڭ، ھىچ بولمىغاندا بىر ھاسسا بولسىمۇ ئالغاچ بارىمىز. سىزگە ئامەت، تۇرمۇشىڭىزغا بەخت تىلەيمەن. zaker219 يوللىغان ۋاقتى2014-5-27 10:54
يۇمۇر نىڭ كىشلەرنى قىزىق تۇرۇش كۈچىمۇ كۆرنەرلىك بوپتۇ. ...
توغرىكەن كۈلمىگەنلەر نورمال ئەمەس
بەت:
[1]
2