تۈركىيەدىكى مەڭگۈ تاش تىل تەربىيەلەش مەركىزى ھەققىدە
تۈركىيەدىكى مەڭگۈ تاش تىل تەربىيەلەش مەركىزى ھەققىدە2013- يىلى 11-ئايدا، ئۇيغۇرلار تۈركىيەنىڭ پايتەختى ئەنقەرەنىڭ مەركىزى قىزىلئاي رايونىدا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ تەستىقى بىلەن مەڭگۈتاشتىل تەربىيىلەش مەركىزى ئېچىلدى.
http://bbs.bagdax.cn/forum.php?mod=attachment&aid=MTU0MDl8MWZjNzI1NTJ8MTQwMTAyMzM4MXwxMDE3OXwyNTEzOQ%3D%3D
مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە ئوتتۇرا شەرقتىنتۈركىيەگە ئوقۇشقا كەلگەن مۇسۇلمان چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە ئوقۇتۇشنى ئاساسقىلىش بىلەن بىرگە، تۈركىيەلىك ئوقۇغۇچىلارنىمۇ ئاساسلىق ئوقۇغۇچى مەنبەسى قىلىپ، ئېلېكترونلۇقئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى بىلەن تەربىيىلەش ئېلىپ بېرىلىدىغان 9 ۋە 13 كىشىلىكسىنىپلاردا تۈركچە، ئىنگلىزچە، ئۇيغۇرچە ۋە ئەرەبچە قاتارلىق بىر قانچە تىللارئۆگىتىلىمەكتە.
مەڭگۈتاشتا، ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي قوۋملاردىن كەلگەنئوقۇغۇچىلارغا تۈركچە ۋە تىل ئىمتىھانلىرىغا تەييارلىق كۇرسلىرى ئېچىلىش بىلەنبىرلىكتە، تۈركىيە ئوقۇش مۇكاپاتى ۋە تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە كىرىش ئۈچۈنمەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىش خىزمەتلىرىمۇ ئېلىپ بېرىلماقتا.
مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزى تۇۋەندىكىدەكئىككى تۈردە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار ۋە ئۇيغۇر زىيالىلار ئۈچۈن خالىس خىزمەت قىلىشقا باشلىدى.
1) مەڭگۈتاش چەتئەل ئوقۇش ئۇچۇرلىرى تورى
مەڭگۈتاش چەتئەل ئوقۇش ئۇچۇرلىرى تورىدا، ئويغۇرئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 36 دۆلەتنىڭ دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتلىرى تونۇشتۇرۇلۇش بىلەنبىرگە، دۇنيانىڭ ھەرقايسى دۆلەتلىرىدىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇش مۇكاپاتى بولۇپ120 دىن ئارتۇق ئوقۇش ئۇچۇرلىرى تەپسىلى تونۇشتۇرۇلغان.
مەڭگۈتاش چەتئەل ئوقۇش ئۇچۇرلىرى تور ئادرىسى : http://www.mengutas.com/chetel/
2) مەڭگۈتاش تور كۈتۈپخانىسى
مەڭگۈتاش تور كۈتۈپخانىسى تورىدا، ئويغۇرلارغامۇناسىۋەتلىك كىتاب ۋە ماقالىلار قويىلىدىغان بولۇپ، كەلگۈسىدە ۋەتەن ئىچى –سىرتىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ تور دۇنياسىدا پايدىلىنىشى ئۈچۈن تەييارلانغان توركۈتۈپخانىسى بولۇشنى نىشان قىلغان ھالدا كىتاب ۋە ماقالە توپلاش خىزمەتلىرىگەجىددى تۇتۇش قىلماقتا.
مەڭگۈتاش تور كۈتۈپخانىسى تور ئادىرىسى: http://www.mengutas.com/kutuphana/
«چەتئەل تىلىچەتئەللىكتىن ئۆگىنىلىدۇ» شوئارى بىلەن يولغا چىققان مەڭگۈتاشتىل تەربىيىلەش مەركىزى، يۇقارىقى خىزمەتلىرى سىرتىدا، ئۇيغۇرلارغا تۆۋەندىكى بىرقانچە نۇقتىدىن خىزمەت قىلماقتا.
1) تۈركىيەدە ئۇيغۇرلارنىسودىگەر مىللەت دەپ تونۇيدىغان تۈركلەرگە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىلىم-پەنگە ھېرىسمەن،مەرىپەتپەرۋەر بىر مىللەت ئىكەنلىكىنى تونۇتۇشتا بەلگىلىك ئىجابىي رول ئويناۋاتىدۇ.
2) ئەنقەرەدە ئىشلەۋاتقانۋە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە ئۇيغۇر ئانا تىلى سىنىپى ئېچىپ بېرىلىپ،ئۇلارنىڭ ئانا تىلىنى ياخشى ئۆگىنىشىدە مۇھىم تۈرتكىلىك رول ئويناۋاتىدۇ.
3) ئەنقەرەدىكى تۈركئوقۇغۇچىلار، تۈركولوگلار ۋە چەتئەللىك تەتقىقاتچىلارغا ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچەدەرسى بېرىلىش بىلەن بىرگە، ئۇيغۇر مەدەنىيىتى ۋە ئۇيغۇرلار ھەققىدە تەپسىلىيمەلۇماتلار بېرىلىمەكتە.
4) ئەنقەرەدىكى ئۇيغۇرئوقۇغۇچى ۋە ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ قەرەللىك ھالدا يىغىلىپ ئىلمىي سۆھبەت ۋەلېكسىيە بېرىش پائالىيەتلىرى ئۈچۈن ئەۋزەل شەرت-شارائىت يارىتىپ بېرىلمەكتە.
مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزى تۈركچەئوقۇتۇشى جەھەتتە تۈركىيەدە تۇنجى قېتىم تۆۋەندىكىدەك ئىككى يېڭى ئوقۇتۇشئۇسلۇبىنى ئەمەلىلەشتۈرمەكتە.
1)مەڭگۈتاشئالىي مەكتەپ تۈركچە تەييارلىق كۇرسى
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارئۈچۈن تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرەدە مەڭگۈتاش ئالىي مەكتەپ تۈركچە تەييارلىق كۇرسى (Türkçe + YÖS/ALES)
تۈركىيە پايتەختى ئەنقەرە ئوقۇغۇچىلار ۋەدۆلەت كادىرلىرى شەھىرى دەپ نام ئالغان بولۇپ، ئوقۇش مۇھىتى جەھەتتە تۈركىيەدە ئەڭياخشى شەھەرلەرنىڭ بىرى ھىساپلىنىدۇ. مەڭگۈتاش چەتئەل تىلى تەربىيىلەش مەركىزىئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەنقەرەدە ئوقۇشىنى ئالاھىدە تەۋسىيە قىلىدۇ.
مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزىدە تۈركچە ۋە چەتئەللىكئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانى تەييارلىقى دەرسلىرى ئوقۇتۇش سۈپىتى جەھەتتە تۈركىيەدىكىباشقا تىل مەكتەپلىرىدىن پەرقلىق بولۇپ، تۈرك قەۋىملىرى ئوقۇغۇچىلىرى بىلەن باشقاچەتئەللىكلەرنى ئايرىپ يېتىشتۈرۈشنى ئاساس قىلماقتا. يەنى، ئۇيغۇر، ئۆزبەك، قازاق،قىرغىز، تاتار، تۈركمەن ۋە ئەزەرى قاتارلىق تۈرك قەۋىملىرىدىن كەلگەنئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشى ھەم تىز ھەم قولاي بولۇپ، باشقا تۈرك بولمىغانچەتئەللىكلەردىن ئايرىپ تۈركچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلغاندا ئۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرىبولماقتا. بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھازىر مەڭگۈتاش تىل تەربىيىلەش مەركىزىدەئەمەلىلەشتۈرۈلمەكتە.
مەڭگۈتاش تۈركچە ئوقۇتقۇچىلىرى تۈرك تىلى – ئەدەبىياتى بۆلۈمىدىنئوقۇش پۈتتۈرگەن ياش ۋە تالانتلىق تۈرك ئوقۇتقۇچىلار بولۇپ، قىسقا ۋاقىتئىچىدە تۈركچىنى ئەڭ ياخشى ئۆگىتىشنى ۋە مەڭگۈتاش تۈركچە تەييارلىقتىكىئوقۇغۇچىلارنىڭ تۈركىيە ئالىي مەكتەپلىرىگە كىرىشىگە يىتەكچىلىك ۋە ياردەم قىلىشنى نىشان قىلغان ئوقۇتۇش ئۇسۇلىنى ئەمەلىلەشتۈرمەكتە.
مەڭگۈتاش تۈركچە تەييارلىق ئوقۇتۇشى تەپسىلاتى ئالاھىدىلىكى تۆۋەندىكىچە:
تۈركچە تەييارلىق ئوقۇتۇشى: ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپتە باكلاۋۇرلۇق،ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇق ئوقۇشقا كەلگەن تۈرك قەۋىملىرى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈنمەڭگۈتاش تۈركچە تەييارلىق كۇرسى
1) ئوقۇشۋىزىسى: تۈركىيەدە ئالىي مەكتەپلەردە باكلاۋۇرلۇق، ماگىستىرلىق ۋە دوكتۇرلۇقئوقۇشنى خالىغان ئوقۇغۇچىلارغا مەڭگۈتاش ئوقۇغۇچىلىق چاقىرىقى ئەۋەتىلىدۇ ۋەتۈركىيە ئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش ۋىزىسى ئېلىشقا ياردەم قىلىنىدۇ.
2) مەڭگۈتاشچاقىرقى بىلەن تۈركىيەگە كەلگەن ئوقۇغۇچىلار ئىستانبۇل ئايرۇدۇرۇمدىن قارشىئېلىنىپ، ئەنقەرەگە يولغا سېلىنىپ ۋە ئەنقەرەدە مەڭگۈتاش تەرىپىدىن كۈتىۋېلىشمۇلازىمىتى
3) مەڭگۈتاشتاتۈركچە تەييارلىقتا ئوقۇماقچى بولغان ئوقۇغۇچىلارنى بىر يىللىق ياتاق ۋە ئوقۇغۇچىئۆيلىرىگە ئورۇنلاشتۇرۇش خىزمىتى
4) مەڭگۈتاشتاتۈركچە تەييارلىق كۇرسى ۋە ھەقسىز ئوقۇش مەسلىھەتى مۇلازىمىتى
8ئايلىق تۈركچە تەييارلىق ئوقۇتۇشتا ئالدى بىلەن4 ئاي تۈركچە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا سەۋىيە ئوقۇتۇلۇپ، كېيىنكى 4 ئايدا تۈركچەيۈكسەك سەۋىيە ۋە چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار ئىمتىھانىغا تەييارلىق قىلىنىدۇ.ئارىلىقتا مەخسۇس بىر ئاي مەڭگۈتاش تۈركچە بۆلۈمى ئوقۇغۇچىلىرى ئۈچۈن تۈركىيەدۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتى، تۈرك جەمىئىيەتلەر ئوقۇش ياردەم پۇلى ۋە ئالىيمەكتەپلەرگە ئىلتىماس قىلىش ھەققىدە ھەقسىز مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىلىدۇ.
تۈركچە كۇرسى تۈگكەندىن كېيىن مەڭگۈتاش ۋە تۈركىيە مائارىپمېنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈركچە يۇقىرى دەرىجە دىپلۇمىسى بېرىلىدۇ.
ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلار مەڭگۈتاشقا تىزىملاتقان ۋاقىتتا ئوقۇغۇچىلارنىڭئوقۇش تارىخى تەپسىلى كۆزدىن كەچۈرۈلۈش ئارقىلىق، ئوقۇغۇچىلارنى يۇقارىدىكى 8ئايلىق ئالىي مەكتەپ تۈركچە تەييارلىق سىنىپىغا كىرگۈزۈپ ئالىي مەكتەپكە كىرىشىگەياردەمدە بولۇش ياكى 3 ئايلىق نورمال تۈركچە كۇرسى سىنىپىغا كىرگۈزۈپ، تۈركچەئۆگىنىۋالغاندىن كېيىن، داۋاملىق ئۆرلەپ ئوقۇش ئەمەس، بەلكى ئوقۇغۇچىنىڭ تۈركچەئۆگىنىپ تۈركىيەدە ئىش تېپىشىغا مەسلىھەت ۋە ياردەمدە بولىدۇ.
5) چەتئەللىكئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رۇخسىتى (ئوقۇغۇچى ئىقامىتى)مەڭگۈتاش تۈركچە تەييارلىق كۇرسىغا تىزىملاتقان ئۇيغۇرئوقۇغۇچىلارغا مەڭگۇتاش بىر يىللىق ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى بىرىدۇ ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلىقئىسپاتى بىلەن ئەنقەرە ساقچى ئىدارىسى چەتئەللىكلەر شۆبىسىدىن بىر يىللىقتۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسەتنامىسى (ئىقامەت) بىرىلىدۇ.
مەڭگۈتاش تۈركچە كۇرسى ئوقۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلىشى:
مەڭگۈتاش تۈركچە كۇرسى سەۋىيەلىرى ۋە كېتىدىغان ۋاقىت
تۈركچە باشلانغۇچ سەۋىيە: 2 ئاي
تۈركچە ئوتتۇرا سەۋىيە: 2 ئاي
تۈركچە يۈكسەك سەۋىيە: 2 ئاي
تۈركچە دەرسلەر سائەت سانى ۋە كۈنلىرى
تۈركچە تەييارلىق سىنىپى ئايلىق دەرس سائىتى: ھەپتىدە 4 كۈن، كۈندە4 سائەت ۋە ئايدا جەمىئي 64 سائەت
مەڭگۈتاش سىنىپلىرى 9 ۋە 13 كىشىلىك بولۇپ، مەڭگۈتاشتا كومپىيوتېرۋە پىروژىكتۇر بىلەن ئېلكترونلۇق ئوقۇتۇشى ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئەنقەرەدە مەڭگۈتاش تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى
(ئۇيغۇر ساياھەتچىلەر ۋە تۈركچە ئۆگىنىپ تۈركىيەدە ئىشلەيدىغانلارئۇيغۇرلار ئۈچۈن)
ئوتتۇرا ئاسىيادىن تۈركىيەگە ساياھەت ۋە ئىشلەش ئۈچۈن كەلگەن تۈركقەۋىملىرىنىڭ، بۇلۇپمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ تۈركچە ئۆگىنىشى ھەم تىز ھەم قولاي بولۇپ،باشقا تۈرك بولمىغان چەتئەللىكلەردىن ئايرىپ تۈركچە ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلغاندائۈنۈمى ئالاھىدە يۇقىرى بولماقتا. بۇ ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ھازىر مەڭگۈتاش تىلتەربىيىلەش مەركىزىدە ئەمەلىلەشتۈرۈلمەكتە.
ئۆز خىراجىتى بىلەن تۈركىيەدە تۈركچە ئۆگىنىپ،تۈركىيەدە ۋە ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەشنى مەقسەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن مەڭگۈتاش ئوقۇتۇشئۇسۇلى مەڭگۈتاشتا.
مەڭگۈتاش تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى تەپسىلاتىتۆۋەندىكىچە:
تۈركچە تىز تەربىيىلەش ئۈچۈن كېتىدىغان ۋاقىت: تۈرك قەۋىملىرىدىنكەلگەنلەر ئۈچۈن 3 ئاي، چەتئەللىكلەر ئوقۇغۇچىلار ئۈچۈن 6 ئاي.
1) تۈركىيەدە ئۆز ئىمكانى بىلەن تۈركچە ئۆگىنىپ، تۈركىيەدە ۋە ئۆز دۆلىتىدەئىشلەشنى مەقسەت قىلغۇچىلار ئۈچۈن تۈركچە ئوقۇش چاقىرىقى ۋە ئوقۇش ۋىزىسى
ئوقۇش چاقىرىقى ۋە ۋىزا: تۈركىيەدە تۈركچە ئۆگىنىشنى خالىغۇچىلارغامەڭگۈتاش تۈركچە كۇرسى چاقىرىقى ياكى ساياھەت چاقىرىقى ئەۋەتىلىدۇ ۋە تۈركىيەئەلچىخانىسىدىن ئوقۇش ۋىزىسى ياكى ساياھەت ۋىزىسى ئېلىشىغا مەسلىھەت ۋە ياردەمقىلىنىدۇ.
2) مەڭگۈتاش چاقىرقى بىلەن تۈركىيەگە تۈركچە ئۆگىنىش ئۈچۈنكەلگەنلەر ئىستانبۇل ئايرۇدۇرۇمدىن قارشى ئېلىنىپ، ئەنقەرەگە يولغا سېلىنىپ ۋەئەنقەرەدە مەڭگۈتاش تەرىپىدىن كۈتىۋېلىش مۇلازىمىتى.
3) مەڭگۈتاشتا تۈركچە ئوقۇماقچى بولغانلار مەڭگۇتاش تەرىپىدىنياتاق ۋە ئۆيلەرگە ئورۇنلاشتۇرش خىزمىتى.
4) مەڭگۈتاش تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ۋە ئىش تېپىش ھەقسىزمەسلىھەت مۇلازىمىتى
3 ئايلىق ئوقۇتۇشتا تۈركچە باشلانغۇچ ،ئوتتۇرا ۋە يۈكسەك سەۋىيەلەرنىڭ ھەر بىرى ئۈچۈن 1 ئايدىن ۋاقىت كېتىدۇ. تۈركچەكۇرسى تۈگكەندىن كېيىن مەڭگۈتاش ۋە تۈركىيە مائارىپ مېنىستىرلىكى تەرىپىدىن تۈركچەيۇقىرى دەرىجە دىپلۇمىسى بېرىلىدۇ. ئوقۇش پۈتتۈرگەنلەر ئۈچۈن تۈركىيەدە ئىش تېپىشھەققىدە ھەقسىز مەسلىھەت ۋە ياردەم بېرىلىدۇ.
5) چەتئەللىك ئوقۇغۇچىلار تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رۇخسىتى (ئوقۇغۇچىئىقامىتى) ۋە ساياھەتچىلار 6 ئاي تۈركىيەدە تۇرۇشلۇق رۇخسىتى
مەڭگۈتاش تۈركچە كۇرسىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلارغا مەڭگۇتاش بىريىللىق ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى بىرىدۇ ۋە بۇ ئوقۇغۇچىلىق ئىسپاتى بىلەن ئەنقەرە ساقچىئىدارىسى چەتئەللىكلەر شۆبىسىدىن بىر يىللىق تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسەتنامىسى(ئىقامەت) بىرىلىدۇ.
مەڭگۈتاش تۈركچە كۇرسىغا تىزىملاتقان ساياھەتچىلەرگە مەڭگۇتاشقۇرغۇچىلىرى كاپالەتنامە بېرىدۇ ۋەبۇ كاپالەتنامە بىلەن ئەنقەرە ساقچىئىدارىسى چەتئەللىكلەر شۆبىسىدىن 6 ئايلىق تۈركىيەدە تۇرۇش رۇخسەتنامىسى (ساياھەتئىقامىتى) بىرىلىدۇ.
مەڭگۈتاش تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى ئوقۇتۇشئورۇنلاشتۇرۇلىشى:
مەڭگۈتاش تۈركچە تىز تەربىيىلەش كۇرسى سەۋىيەلىرىۋە كېتىدىغان ۋاقىت
تۈركچە باشلانغۇچ سەۋىيە: 1 ئاي
تۈركچە ئوتتۇرا سەۋىيە: 1 ئاي
تۈركچە يۈكسەك سەۋىيە: 1 ئاي
تۈركچە دەرسلەر سائەت سانى ۋە كۈنلىرى
تۈركچە كۇرسى سىنىپى ئايلىق دەرس سائىتى: ھەپتىدە 4 كۈن، كۈندە 3سائەت ۋە ئايدا جەمىئي 48 سائەت
قوشۇمچە: مەڭگۈتاش ئالاقە ئۇچۇرلىرى
Web: http://www.mengutas.com/uy/
http://www.mengutas.com/
E-mail: bilgikut@gmail.com
Tel: 0090 312 231 67 57
Mobile: 0090 530 038 6737
Skype: mengutas
Facebook: www.facebook.com/mengutasdil
Adres: GMK Bulvarı. Sümer 2Sokak.No: 32/1, Kızılay, Ankara / TURKEY
مەنبە: باغداش تورى ناھايىتىياىشىكەن. ناھايىتى پايدىلىق ئۇچۇركەن رەھمەت سىزگە .
بەت:
[1]