مەكتەپ كىيىمى
مەكتەپ كىيىمى100كوي ساتتى بىزلەرگە،
مەكتەپ كىيىمى شياۋفۇنى.
ھەپتىدە ئىككى كۈن كەي دىدى،
مەكتەپ كىيىمى شىياۋفۇنى.
ھەپتىدە ئىككى كۈن كىيىپلا،
يۇساق پەقەت چىقمىدى،
كىيىپ كەلسەك مەكتەپكە،
پاكىز يۇيۇپ كەل دېدى.
كەيمەي كەلسەك مەكتەپكە،
بىزنى ئىتراپ قىلمىدى.
شۇڭا ئۇقىماي كەتتۇق بىز،
مەكتەپ كىيىمى ئۇقىسۇن دەپ.
ئۈچ يىل بۇرۇنقى كىيىمنى،
ھازىر كىيگىلى بولمىدى.
چاپىننىلا كىيسەك بىز،
يەنە ئىتراپ قىلمىدى.
شىياۋفۇلارنى ئوقىسۇن دەپ،
كەلمەي قويدۇق مەكتەپكە،
ھەپتە بارماي قويغانتۇق،
ئىزدەپ كەلدى مەللىگە.
ۋاقىت ئازلا قالغاندا،
نىمە قىلارمىز خاپلىشىپ.
ئىتراپ قىلسا بىزلەرنى،
شۇ كىيىمنى كىيمىسەك.
--- ۋولقانى
لوگىكا خاتالىقى ۋە ئىملا خاتالىقى بولسا تۈزىتىپ ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەزمۇنى ياخشى چىقىپتۇلىكىن سەل قالايمىقان بۇلۇپ قاپتۇسەل شىئىرگە چۇشۇرۇپ يازغان بولسىڭىزتېىخىمۇ ياخشى چىقاركەن داۋامىلىق تىرىشىڭ شىئېرگە ھىرىسمەنلىكىڭىز ياخشىكەن، بىراق قاپىيە، مەزمۇن دىگەنگە بىر ئاز ئىتىبار بىرىڭ.
«مەكتەپ كىيىمى شياۋفۇنى»دىگەن سۆزدىكى مەكتەپ كىيىمى- مەكتەپتە كىيىدىغان كىيىم دىگەن سۆز تۇرسا، يەنە ئاخىرغا ئۇنىڭ خەنزۇچە نامى شىياۋفۇنى قىتىپسىز.
ئاخىردا يەنە:
«ۋاقىت ئازلا قالغاندا،
نىمە قىلارمىز خاپلىشىپ.
ئىتراپ قىلسا بىزلەرنى،
شۇ كىيىمنى كىيمىسەك.»
دەپ ئاخىرلاشتۇرۇپسىز، بۇ دىگىنىڭىزدىن قارىغاندا مەكتەپ كىيىمىنىڭ ئادەتتىكى كىيىملەردىن قانداق پەرقى بارلىقىنى، رولىنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى تازا ھىس قىلالمىغاندەك تۇرىسىز. مەن مۇنداق ئويلايمەن.مۇشۇ مەكتەپ فورمىسى(校服)ئائىلىسىدە قىيىنچىلىقى بار سەۋەبلىك باشقا بالىلار قىممەت-قىممەت كىيىملەرنى كىيىسە،كىيەلمەي باشقىلارنىڭ كەمسىتىشىگە ھەم باشقىلارنىڭ مازاق قىلىشىغا ئۇچراۋاتقانلار،جۈملىدىن ھەممە ئوقۇغۇچىلارنى باراۋەر قىلىپ كۆرسىتىدىغان بىر خىل كىيىم دەپ قارايمەن. گىپىڭىز ئورۇنلۇق نۇر ئەلىجان،ئەمما 3يىل بۇرۇنقى كىيىمنى ھازىر قانداق كىيگىلى بولىدۇ ئادەمگە كىچىك كىلىپ،ئەزان بولسا يەنە بىرنى ئالساقمۇ بولاتتى،
ئەمما ئادەم چوڭ بوپ قالغاندا ئۆيدىكىلەرگە پۇل دىگىلى بولمىسا،ئىشلەيلى دىسەك ۋاقىت چىقىرالمىساق،بولۇپمۇ تۇلۇق 3-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىللىرى. ياخشى يىزىلىپتۇ
بەت:
[1]