زەپەرى يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 12:22:37

باشلىق بولساڭ بىجىرىم بول(سانائىل سۆز ئۇيۇنى)

باشلىق بولساڭ بىجىرىم بول(سانائىل سۆز ئويۇنى)
بىتىمىزدە باشلايدىغىنىمىز بەزى بىر بولومسىز باشلىقلارنىڭ باشلىق بۇلۇۋېلىپلا باشقىلارنى باپلاشنى باشلايدىغانلىقىدەك بولومسىزلىقىدۇر.بەزى بىر باشلىقلارنىڭ بىلىمى باربولغاچقا باشلىق بولالىغان.بەزى بىرباشلىقلار بولسا بىلىمى بولمىسىمۇ بانكىدىكى بايلىقلىرىنى باشلىقلارنى بىكىتىدىغان بۆلۈملەرگە بىرىپ،باشلىق بولوۋالغان.بىلىمى بار باشلىق بولامدۇ،بىلىمسىز باشلىق بولامدۇ بۇلار بەرىبىر.بىزنىڭ بىلىدىغىنىمىز بەزەن بولومسىز باشلىقلارنىڭ باشقىلارنىڭ بوزەكلىشىدۇر.
بولومسىز باشلىقلارنىبىتىمىزدە بەش باسقۇچقا بۆلۈشكە بولىدۇ.
بىرىنجىدىن: بەزبىر بۆلۈمدىكىلەر بىلىمى بولسۇن-بولمىسۇن باشلىق بولوپلا بىرىنجى بولۇپ باشلايدىغىنى بايلىقىنى بېيىتىشكەن. بىجىرەلمەيۋاتقان بىرەر بالاي-بەتتەرلىرىڭىز بولسا،بۇنداق باشلىقلار بىرەرباغلام بەرمىسىڭىز بۇقۇلداشلىرىڭىزغا بىپەرۋا بىجىرمەيدىكەن. باشقىلار باغلام-باغلام بايلىق بەرمىسىمۇ باشلىق بولغاندىكىن بىجىرسۋەتسە بولمامدىكىنە. بۇمۇ بىر بولومسىزلىق.
بۇنىڭدىن باشقا:-بەزى بىر باشلىقلار باشلىق بولوپلا باشلىقلارغا بولىدىغان بېسىملاردىن بوشىشىپ،بىجىرەلەيدىغانلىرىنىمۇ بىجىرۋەتمەي باستۇرۋىتىدىكەن.بۇنىڭ بىلەن بەزىبىر بىمەنلىكلەر بەربات بولماي،بولوپ بولغان بىمەنىلىكلەر،بولونماقچى بولغان بىمەنىلىكلەربولونىۋىرىدىكەن.بۇنى باشقىلار بىلگەچكە باشلىقنىڭ بۆلۈمچىسىگە بېرىپ، بىمەنلىكلەرنى باستۇرۇشنى بىلدۈرسىمۇ،باشلىقلار بىلسىمۇ بىلمەس بولوۋېلىپ،بىخودلىشىپ بىرەر باھانە بىلەن،بىر-بىرىنى بوزەكلەش،بىر-بىرىنىڭ بىساتلىرىنى بۇزۇۋىتىش، بۇلۇۋېلىش،بەزەن بىر بىلىشمەسلىكتىن بىر-بىرىنى بوغوشتەك بۇنداق باشبالتاقلىقلارنى بىلمەس بولوۋېلىپ ،بۆلۈمدىكى باشقىلارغا بىجىرىشىنى بۇيرۇپلا بىكىنىۋالىدىكەن. بىجىرىشكە بويرۇلغانلاربولسا باشلىق بولمىغاندىكىن بىجىرەلمەيكەن.باشلىقلاربىجىرمىسە بىزدەكلەر بۇنداق بىمەنىلىكلەرنى باستۇرالامدۇق؟باستۇرۇشقا بەلنى باغلىساق، بىلىپ- بىلمەي بىرەربەخىتسىزلىك بولىدىكەن.بۇنى باشلىقلاربىلمەمدىكىنە؟بۇنداق بولسا بولمايتى...
بۇنىڭدىن باشقا:- بەزىلەر بار.باشلىق بولوشتىن بۇرۇن،بېشىنى بايراققا بۇراپ،باشقىلار بىلەن بىردەك بۇلىدىغانلىقىنى،بىزلەرنى بېيىشقا،باياشاتلىققا باشلايدىغانلىقىنى،بەتنىيەتلەرنى باشقۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىكەن.بۇنىڭ بىلەن بىز بىلەتتكى «باشلىق بولسا بولىدۇ»بەلگىسىنى بۇيايدىكەنمىز.بىلەتلەرنىڭ بىرىكىشىدىن باشلىق بولوۋالغانلارباشلىق بولوشتىن بۇرۇنقى بايانلىرىنى بۇرمىلاپ،بىردىنلا بۇزغۇنچىلىقنى باشلايدىكەن.بىردەم بۇرادەرلىرى بىلەن،بىردەم بالىلىرى بىلەن،بىردەم بۆلۈمدىكىلەر بىلەن بەزمىخانىلاردا بادام،بوغۇرساق،بولكا،باقالى،باچكا،بەتتىلەرنى بۇلوشچە بۇيرۇپ، بۇزىدىكەن.بۇنداق باشلىقلار بارا-بارا بويۇنلىرى بۇقىنىڭ بوينىدەك بۆرتۈپ بوردىلىكەن.بىلسىڭىز بۇنداق باشلىقلارنى بورداۋاتقىنى باشلىقلارنىڭ بايلىقى بولماستىن، بىزنىڭ،بۆلۈمدىكىلەرنىڭ بىكارلىق بايلىقلىرى.بۇنداق بۇزغۇنچى باشلىقلار بۇزغانلىرىنى باشقىلارغا بىلىندۈرمەي،باڭنىڭ بەزى بىر بۇلۇڭلىرىنى بىردەم بۇندا،بىردەم بۇندا بوياپ،بورمىلاپ.بىرنى بۇيانغا،بىرنى بۇيانغا بىرىكتۈرۈپ،بىرىشى بولسا بەرمەيدىغانغا بىجىرۋالغاندىن باشقا بەلكى باشلىققا بىرىدىغانغا بىجىرۋالىدىكەن بىنۇمۇسلار..بۇنداق باشلىقلارنىڭ بولغىنىدىن بولمىغىنى بەكرەك بەلەنمىكىن...
بۇنىڭدىنمۇ باشقا- بەزى باشلىقلار بار.باشلىق بولغىندىن بەگزادىلەردەك بولوۋېلىپ،بىرەرباھانە بىلەن بۇزۇقچىلىقنى باشلايدۇ.بەزى بىر بىچارىلەرنىڭ بىرەر بىسەرەمجانلىقى بولسىلا بىجىرۋىتىش باھانىسى بىلەن باشقىلارنى بولغاۋاتىدۇ.بۇنداقمۇ بەتقىلىق باشلىق بولىدىكىنا؟....باشلىق بولسىمۇ بىر بەندىدە..بەندە بولغاندىكىن بەندىگە بويسۇنۇپ،باشلىق بولسا بولاتتىغۇ؟بۇنداق باشلىقلارنىڭ بولومسىزىلىقى باشقىچىرەك......
بەشىنجىدىن: بۇنداق باشلىقلارغا باشلىق بولوشقا بىلەت بەرگەن بىزدەكلەرمۇ، باشلىقلىققابىكىتكەن باش بۆلۈمدىكىلەرمۇ بىغەرەز. بۇنداق باشلىقلار بىرەر باھانە بىلەن باشلىق بولوۋالغان.بۇنداق باشلىقلار بىر بولسا باشقا بىرباشلىقنىڭ بالىسى،بالىسى بولمىسا بىرەر بۇرادىرىنىڭ بالىسى.بۇرادىرىنىڭمۇ بالىسى بولمىسا...بىلگىلى بولمىدى،،،بۇنى بىلمىدىم...باشلانغۇچتىكى بىلىمى بىلەنمۇ باشلىق بولالايدىكەن.بىلىمى باشلانغۇچتا بولغىنى بىلەن «باكلاۋورلۇق» بەلگىسىنى بايلىق بىلەن،بايلىق بىلەن بولمىسا بىر بويرۇق بىلەنلا بىجىرىپ باشلىق بولوۋىرىدىكەن..
يىتىمىزنى بەك بېيتىۋەتتۇق..بولدىلا بايانىمدىن بىلىۋالساڭلاربولىدۇ.بۇنداق بولمىغۇر باشلىقلارلا بولىدىكەن،بىزدەكلەر بىجىرىدىغاننى بىجىرەلمەي،بەخىتسىزلىك بۆشىكىگە بۆلىنىپ،بىچارلاشقىنىمىز بىچارىلاشقان.بۇنداق باشلىقلارنىڭ بارلىقىنى بىلىدىغان بۆلۈملەرمۇ باشقۇرمامدىكىنە؟ بۇنداق بوشاڭ .بۇزۇق،بىپەرۋا،بىنۇمۇس باشلىقلارنىڭ بولغانلىقىدىن بەزى بىر بۇرادەرلەرمۇ بىلىپ-بىلمەي بىر-بىرىنى بۇغۇۋاتىدۇ.بۇنداق بولوۋەرسە بولمايدۇ...باشلىقلارنى بىكىتىدىغان باش بۆلۈمدىكىلەر باشلىق بىكىتسەڭلار بىلىپ بىكىتىڭلار..بىلمگەن بولساڭلار باشقىلارنىڭ بايانىدىنغۇ بىلەرسىلەر؟بىلگەندىكىن باشقۇرمامسىلەر...بۇنداق بولومسىز باشلىقلار بىلەن بىرىكىۋالمىغانسىلەر؟بىلسەڭلار بىزگە بەلەن،بىجىرىم ،باشقىلارنى بېيىشقا باشلايدىغان،بىجىرىدىغاننى بىرمۇ-بىر بىجىرىدىغان باشلىق بولسا بولىدۇ..بولومسىز باشلىقلارمۇ بىلىۋېلىڭلار،باشلىق بولساڭلار بىجىرىم باشلىق بولۇڭلار..بىجىرىم باشلىق بولالمىساڭلار ،بۇنداق بەتقىلىق،بولۇمسىز باشلىق بولغاندىن، باشلىق بولماڭلاربولدى.....
ئاپتۇرى:كىرىمجان ياسىن(زەپەر)

تاتلېق يوللانغان ۋاقتى 2014-5-25 15:09:09

;P تازا قاملىشىپتۇياخشى چىقىپتۇ   :lol    :victory:

ئىدرسجان يوللانغان ۋاقتى 2014-5-26 01:30:24

ھەقىقەتەن نادىر ئەسەرلەرنى يىزىپسىز قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي

نەۋرۇز يوللانغان ۋاقتى 2014-5-28 11:49:11

سىز بۇ جەھەتتە ھەقىقەتەن تالانىتلىقكەنسىز جۇمۇ....مەتبۇئاتلارغىمۇ بەرسىڭىز بولغۇدەك
بەت: [1]
: باشلىق بولساڭ بىجىرىم بول(سانائىل سۆز ئۇيۇنى)