قىزلارنى قوغدايلى(سانائىل سۆز ئۇيۇنلىرى)
قىزلارنىقوغدايلى(سانائىل سۆز ئويۇنى)قېنى قېرىنداشلار! «قىزلارنى قوغدايلى»قامۇسىغا قاراڭلار..قىزلارغا قەلبىمىز قېتىدىن قارساق:قىزلىرىمىز قەدىمدىنلا قاشلىرى قاپقارا،قاراقۇمچاقتەك قىزلاردىنكەن.قىزلار قەۋمىگە قارساق.قىزلىرىمىز قەددى –قامەتلىك،قانائەتلىك،قالايمىقان قىلىقلارنى قىلمايدىغان قىزلاردىندۇر.قىزلىرىمىزغۇ قەلبىدىن قايناپ قالايمىقان قىلىقلارنى قىلمايدۇ.قالايمىقان قىلىقلارنى قىلىشقا قىستايدىغىنى،قەدىردان قىران قېرىنداشلىرىمىز.قەدئىيلىكتە قەيىت قىلىمىزكى؛قىزلىرىمىزنى قوغدايدىغانلىرىمىزمۇ قەرىرلىك قەددى-قامەتلىك قىرانلىرىمىز.قاراڭ قېرىنداشلىرىم؛قايسىدۇر قىرانلىرىمىز قەلبىنى قامال قىلىۋالغان قىزلارنى،قىزلارنىڭ قوۋمى-قېرىنداشلىرى قېتىپ قويمىسا قېچىشىدىكەن.قاچقان قىزلارنى قەدىرسىزلىكتە قارارلاپ،قالايمىقان قىياسلارنى قىلىدىكەنمىز،قىزلار قانداق قىلماقچى؟قىزلار قاچقانغا قەدىرسىزمىكەن؟قېچىشقا قىزلارنى قىستىمىسا قىزلار قىرانلىرىمىزنى قاماللاپ قاچالامدىكەن؟قاچالمايدۇ.قېچىشقۇ قارىماققا قىلىقسىزلىقتەك قىلسىمۇ،قېچىشىش قەدىمدىنلا قىلىنىۋاتقان قائىدە.قىزنىڭ قېرىنداشلىرى قوشولسا قىرانلىرىمىزنىڭ قوشولمايدىكەن،قىرانلىرىمىزنىڭ قوشولسا قىزلارنىڭ قوشولمايدىكەن.قوشولمىسا قاچماي قانداق قانداق قىلاتتى؟قاچسىغۇ قاچتى.قىرانلىرىمىزمۇ قىزلارنىڭ قەۋمىنىڭ قاغاشلىرىغا قارىماي قاچقىنىغا قارىتا قىرانلىرىمىز قىزلارنىڭ قەدرىنى قىلسا قىلدى.قېچىپ قويۇپلا قانداقتۇر قىسمەتلىرىدىن قايمۇقۇپ،قىزلارنى قاقشىتىپ قارىمايدۇ.قىزلار قاچقانغا قان قۇسسۇنمۇ؟قىزلارمۇ قىرانلىرىمىزنى «قەدرىمىزنى قىلارمىكىن»نى قىياس قىلمىسا قوشولۇپ قاچامتى.قەلبى قاتماللاشقان،قاغدالما،قائىدىسىز قىرانلىرىمىز قېچىشنى قېچىپ قۇيۇپ،قەدرىنى قىلمىسا،قورسىقىدا قالدۇرۇپ قۇيۇپلا قۇيۇۋەتسە قاملىشامدۇ؟قاملاشمايدۇ.قېنى قىياس قىلىڭقىزلارنىڭ قەدرىنى قىلماي قۇيۇۋەتسەك قويۇۋىتىلگەن قىزلار قەدەمدە قىلىقسىزلىقلارغاقوشولۇپ قېلىۋاتىدۇ.قەلبىنىڭ قېتىدىن قىلىقسىزلارغا قوشولىۋالغان قىزلارغۇ قەلبىدىن قىلغاندىكىن،قانداق قىلسا قىلار،قىساسى قىيامەتكە قالىدۇ.قەرغىشكە قالىدۇ.قاملاشمىغان قىسمەتلىرىدىن قايمۇققان قىزلىرىمىز قانداق قىلسۇن؟قانداقلا قىياس قىلمايلى قەلبى قاراقىرانلىرىمىزنىڭ قاملاشمىغان قىلىقلىرىدىن قايمۇققان قىزلار،قارىغۇچىسىز قۇرسىقىنى قامدىيالماي،قىلسىمۇ قىلىپ قالغاندۇ.قالايمىقان قەدەملەرگە قەدەم قويغان،قالايمىقان قەدەملەردە قاتراۋاتقان قىزلارغا قارساق قىسمەنلىرىنى قاتارغاقوشمىغاندا،قالغانلىرىنىڭ قىسمەتلىرى قورقونۇشلۇق.قەدەممۇ –قەدەم قىياس قىلسا،قايسىدۇر قىلىقسىزنىڭ قىلتىقىدىن قىزلىق قىممىتىنى قوغدىيالماي قالايمىقان قەدەملەرگە قەدەم قويغاندۇ،قايسىدۇر قىز قوغدايدىغان قوغدىغۇچىسى،قارىغۇچىسى قوغدىيالمىغاچقا قالايمىقان قىلىقلارنى قىلىپ قالغاندۇ،قايسىدۇر قىز قانداقتۇر قىسمەتلىرىدىن قىينىلىپ قېلىپ قىلغاندۇ..قانداقلا قارىمايلى قېرىنداشلىرىمىز قايمۇققان قىزلارنى قۇتقۇزۋالايلى... قايمۇقۇشقا قارارقىلىۋاتقان قىزلارنىمۇ قايمۇقۇشتىن،قالايمىقان قەدەملەردىن قايتۇرۋالايلى!قاراڭ قەدىرلىك قىزلىرىمىزنى قوغدىماي قارلىساق،قالايمىقان قىيناپ،قاش-قاپاقلىرىنى قاناتساق قاملاشماس؟قىزلىرىمىزنى قايسدۇر قىتغور،قاراقورساقلار،قاپقان قۇرۇپ،قەدىرىنى قۇرۇتىۋەتسە قېنىمىز قىززىماسمۇ؟قىزارماسمىزمۇ؟قىزىرىمىز،قېنى قىزلىرىمىزنى قەدىرلەشتىلا قالماي،قىزلارنى قاراقىسمەتلەرنىڭ قورقۇتۇشىدىن،قايمۇقتۇرشىدىن قۇتقۇزۋالايلى!قېنى قەدىرلىك قىزلىرىمىزمۇ قەدرىڭىزنى قىلىڭ،قەلبىڭىزدىن قايناپ،قالايمىقان قىلىقلارنى قىلىپ قىرانلىرىمىزنى،قوۋمى-قېرىنداشلىرىڭىزنى قىزارتماڭ....
ئاپتۇر:كىرىمجان ياسن(زەپەر)
مۇنبەرگە بۈگۈن تىزىملىتىپلا سۆز ئويۇنلىرىڭىزنى تۈكۈپلا تاشلاپسىزغۇ؟ كېيىن يەنە يوللايدىغانغا ئېلىپ قويۇڭ دەيمەن، بولمىسا باشقىلار سىزنى يوقاپ كېتىپتۇ دەپ قالىدۇ :lol زەپەرى ئۇستازنىڭ روھلانغا قەدەم بىسىشى روھلانى تىخمۇ روھلاندۇردۇ.ئەزالارنى بولسا جانلاندۇردۇ.تىخمۇ تىرشىپ روھلانىڭ ئەتسى ئۇچۇن ھەممىزبىرلىكتە تىرشايلى. ياخشى يېزىلغان سۆز ئويۇنلىرى ئىكەن. زەپەر ئەپەندىمنىڭ قەلىمىگە ئۇتۇق يار بولغاي. ياخشى تېىمنى تاللاپ بەك ياخشى يېزىپسىز. قەلەم تۇلپارىڭىز ھارمىغاي. قىز ئاياللىرىمىز بىزنىڭ كۈيۈنىشىمىزگە ھەم قوغدىشىمىزغا موھتاج. رەھمەت سىزگە
بەت:
[1]